ئۇيغۇرلاردا "رىۋايەت "بارمۇ يوق؟
ئاپتورى:پەرھات ئەمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى، شۇڭلاشقا يازغان تېملىرىم سەبىيلىكتىن خالى ئەمەس، لىكىن نېمشقىدۇر ئويلىغانلىرىمنى يېزىۋەتمسەم خۇدددى بەڭگى تاماكسىنىڭ ئاخىرىنى كۈچەپ ئىككى تارتىۋەتمىسە ھادىقى چىقمىغاندەك ئىككى ئېغىز سۆزنى بولسمۇ يېزىۋالمسام تۇرالماي قالىمەن.ئەمدى ماقالىگە كېلەيلى:
بۇماقالىنى يېزىشىمغا مۇنداق ئىككى ئىش سەۋەب بولدى، بىرىنچىسى، ئادەتتە دائىم ئۆيدە بىكار بولساملا بىر بولسا كىتاب ئوقۇيمەن، بىر بولسا تېلىۋوزور كۆرىمەن.شۇ قاتارىدا كارتون فىلىملەرنىمۇ بەك كۆرۋىتىمەن ،مۇشۇ يېقىندا خەنزۇلارنىڭ ‹ئىدىيۇملار ھەققىدە ھىكايەتلەر›دەپمۇ ئىشقىلىپ ئىسمى يادىمدا تازا قالماپتۇ، بىر كارتون پەيدا بولدى. بۇنىڭ خەنزۇچىسنى خېلى قىزىقىپ كۆرگەن ئىدىم، كېينچە ئۇنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىمۇ دىققەت قىلدى بولغاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانا تىلىنىڭ ھوزورىدا بۇ كارتوننى ئىز قوغلاپ كۆرىدىغان بولدۇم.
خەنزۇلارنىڭ تىلىنى دېگەندەك بىلىپ كەتمەيمەن .لىكىن ئۇلارنىڭ تىل بايلىقى كۈچلۈك ئىكەنلكىنى ،نۇرغۇن ماقال تەمسىل ۋە ئىدىيۇملار بولۇپ بۇلارنىڭ ھەر بىرنىڭ كېلىش مەنبەسى بارلىقنى بىلىمەن.مەن ئاشۇ كارتوننى كۆرۇش داۋامىدا ئۆز ۋاقتىدىكى سۇلالىلەر ۋە ھەرقايسى يىراق دەۋرلەرگە خاس رىۋايەتلەرنى بىر ئۇستاز رولىغا چىققان كارتوننىڭ بالىلارغا ھىكايەت قىلىپ سۆزلەپ بېرىشكە زەڭ سېلىپ ئۇ رىۋايەتلىرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەندەك بولىمەن. قەدىم رىۋايەتلەرنىڭ ياكى سۆز بىرىكىمسى بولغان ئىدىيۇم، ماقال تەمسىللەرنىڭ كارتون ئارقىلىق كۆرستىلىشى ئادەمنى تولىمۇ جەلىپ قىلىپ ئاشۇ ئىدىيۇمنىڭ چوڭقۇر مەنسىنى ھېس قىلدۇراتتى.
ئىككىنچىىسى، بىر كۈنى مەن ئۇيغۇرچە تەڭرىتاغ مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئۈستى تەرەپتە ‹ئۆزىمىزنىڭ رىۋايەت تور ئويۇنى،،چۈشۈرۋىلىڭ!!›دېگەن مەزمۇندىكى فىلەشلىك ئېلاننى كۆرۇپ قالدىم. مەن بۇنى كۆرۇپ شۇ ھامان ناھايىتى قىزىقىپ ئېلاننى چەكتىم، لىكىن بۇنىڭ خەنزۇچە رىۋايەت تور ئويۇنىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى، خەنزۇلارنىڭ رىۋايەت تور ئويۇنلىرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئەينى ھالىتى ئىكەنلىكنى كۆرۇپ بايىقى قىزىقىشىم سەل سۇسلاپ قالدى.
مەن ئادەتتەئويۇن ئويناپ كەتمەيمەن. رېۋايەت تور ئويۇنلىىرنى بولسا تېخى ئويناپ باقمىدىم.مەن پەقەت ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ھەرخىل تارىخى ۋەقەلەر،رىۋايەتلەرنى كارتونلاشتۇرۇپ ئۇنى كارتون ئويۇنى ئىشلەپ چىققان بولسا كېرەك دەپ ئالدىراپ ئاچقان ئىدىم.نەتىجىدە ئويۇننى چۇشۇرۇشتىن رايىم قايتىپ باشقا تېملارنى كۆرۇشكە باشلىدىم.
مەن تا ھازىرغىچە بۇ مەسلىنى ئويلاۋاتىمەن، بىزنىڭ تارىخىمىز ئۇزۇن ،مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكمىز راست، قىزىلملار يەرلەدىن كولىنىپ چىققاندا ھەرخىل داستان ،ئىپوسلار چىقىپتۇ.بىزدە ئەڭ دەسلەپكى دەۋىرلەرگە خاس بولغان چۆچەك ھەرخىل رىۋايەتلەر بارمۇ،بىزدىمۇ نۇرغۇن پادىشاھلىقلار،سۇلالىلەر ئۆتكەن ئۇنداقتا شۇ دەۋرلەردە بىزگە ھىكايەت قىلغۇدەك نەرسلەر يوقىمىدۇ؟ تارىخ پەقەت ئۇرۇش جىدەل ،گۈلدۇرلىگەن ئاتلارنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا گۇپۇرلەشلىرى بىلەن قانداقتۇر ئوردىدىن چىقماي خان سارايلاردا توقال كىنزەكلەرنىڭ سۇيقەسىت قىلىشلىرى بىلەن تولغان تارىخمۇ ياكى ئۇنىڭدا ئادەمنى ئويلاندۇردىغان ،ھېكمەتلەرگە باي ھەرخىل ھىكايەتلىك ۋەقەلىكلەر،چىن ،راست بولۇپ ئۆتكەن ئۇششاق تەپسىلاتلار،قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەرمۇ بولغانمۇ ؟
بىزنىڭ ماقال تەمسىللەرگە ناھايىتى باي ئىكەنلىكىمىز ھەقىقەت، ھەتتا چوڭلارنىڭ" يامان بولىدۇ"لىرىدىمۇ بىر چوڭ سەۋەب بار،ئۇلاردا ھىكايەت قىلغۇدەك ۋەقەلىكلەر چوقۇم تېپلىدۇ دەپ ئويلايمەن.لىكىن بىزنىڭ ماقال تەمسىللەرگە بەرگەن ئېنقىلىما چۈشەندۇرۇشلىرىمىز قانداق ئاددى بولسا ئۇ ھەقتە ئىزدىنشلىرىمىزمۇ شۇنچلىك ئاددى ئىكەنلىكى ھېس قىلماقتىمەن.مەسىلەن :بىز ئادەتتە مەيلى ماقال تەمسىللەر ۋە ھەرخىل ھېكمەتلىك سۆزلەر بولسۇن بۇلارنى خەلقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەجرىبە ساۋاقلىرنىڭ مەھسۇلى. دېدۇق ،خوش ،ئۇنداق بولسا بۇ زادى قانداق تەجرىبە ساۋاقلار ئىدى؟دېمەك تەپسلاتىغا كەلگەندە گەپنىڭ ئايىقى ئۇزۇلۇپ قالغان،لىكىن خەنزۇچە ماقال ئىدىيوملارنىڭ ئاخىرى ،يېشىمى بارئىكەن. دېمەك بۇلارنى چوقۇم بىرەيلەن مەسلەن بىر موللام بار دەپ ئويلاپ تۇرايلى ئۇ چوقۇم بۇلارنى خاتىرلەپ قويغان بولۇشى مۇمكىن بولمسا يالغاننى توقۇشمۇ ئۇنچىلا ئاسان ئەمەستە! بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن بىزنىڭ ماقال تەمسىللىرىمىز بىر قارىماققا شېئىر قوشاقلارغا ئوخشايدۇ،بىر ئىشقا دۇچ كەلسەك خۇددى ئا .ئابلىزنىڭ ھېلىقى ھەۋەسكارنىڭ يېڭى ھەۋىسىدىكى ئېتوتتا:بىر شېئىر ئوقۇۋىتىمەن بىر شېئىر دەپ شېئىر ئوقۇغاندەك بىر ماقال تەمسلىنى دەپ قويىمىز. لىكىن مۇشۇ ماقال تەمسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۇنۇشنى بولسا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
دېمەك مەن يۇقارىقى ئىككى جەھەتتىن مەن ئۇيغۇرلاردا رېۋايەت بارمۇ يوق دېگەن شۈبھىلىك سوئالنى سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم.ئەگەر بولسا ئۇنداقتا نېمشقا بىزدە بۇ ھەقتە يازما ماتىرياللار كۆرۇنمەيدۇ؟ نېمشقا ئۆزىمىزنىڭ رىۋايەت تور ئويۇنى دېگەندە ئۇيغۇرچىلاشقان خەنزۇچە رېۋايەت ۋارىيانلىرى پەيدا بولىدۇ؟
مېنىڭچە بۇلارنىڭ نەشىر قىلىنىش قىلىنماسلىق مەسلىسى بولسا باشقا مەسىلە بولۇپ زادى بار يوقلىقىغا جاۋاب تېپىىش نۆۋەتتە مەن بىلىشكە ئەڭ مۇھتاج بولىۋاتقان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.
شۇڭلاشقا ئەگەر بولسا ئۇنداقتا ئۇنى بىر ئۇيغۇر كارتون بۇۋاي ياكى ئوتتۇرا ياش بىر كارتون بالىلارغا سۆزلەپ بېرىدىغان قىلىپ ئىشلەپ باقساق بىزمۇ ئۆز رىۋايەتلىرىمىزنى تىلىۋوزۇردىن ئىبارەت جاھاننەمە ئەينىكىدە بىر كۆرۇپ باقساق دېمەكچىمەن.
20148.4 يېزىلدى.
سۆيگۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-4 11:16 PM