Bilim-humar يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 01:16 PM
سۆيۈندۈم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تاشپولات قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مۇنىرە خانىم،قىزىڭىز،ئوغلىڭىز ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ ساق - سالامەت ئامىرىكىغا بېرىۋالدىڭىزمۇ؟ ۋاختىدا ئەھۋال سورىيالمىدىم . سىز بىلەن كورۇشۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتتا بىر مەزگىل يۇرۇپ قالدىم،بۇگۇن ئىشقا چۇشۇپلا سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى تور بېتىدىن ئىزدەپ كورۇپ ئولتۇرۇپتىمەن .ئالدى بىلەن سىزگە ،تۇرسۇنجانغا،شۆھرەت مۇتەللىپكە ۋە باشقا مۇبارەك ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنمىغان بارلىق جاپاكەش،مېھنەتكەش،ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزغا سېغىنىپ سالام يوللاش بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،ئۆمرۇڭلارنىڭ ئۇزۇن،ئائىلەڭلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىنى شۇنداقلا ئىلىم ئۇچۇن تۆكۇۋاتقان ھەربىر تامچە تەرىڭلارنىڭ بىلىم ئېلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بارلىق ياشلارنىڭ يولىنى ماياك كەبى يورۇتۇشىنى چىن دىلىمدىن تېلايمەن.