tura-ogli يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 01:23 PM
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى 500 دول ...
ياق، كەم يېزىلىپ قالماپتۇ. مەن ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى دەل 500 دوللار. ئادەتتە ئىلمىي يىغىنلاردا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى بەك كۆپ بولمايدۇ. بۇ يىغىندا بىر قىسىم پىروفىسورلار ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى دېگەندەك كاتتا مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشتى، ئەمما ئۇلار پۇل بىلەن مۇكاپاتلانمىدى بەلكى بىر كىنىشكا، مېدال ۋە لەۋھە بىلەنلا مۇكاپاتلاندى. بۇ يەردە كىشىلەر بەكرەك ئېتىبار بېرىدىغىنى مۇكاپات سوممىسى ئەمەس، بەلكى شۇ مۇكاپاتنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدۇر.
دەرۋەقە، مەن ئېرىشكەن بۇ مۇكاپاتنى ھەرگىزمۇ چوڭ مۇكاپات دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ مۇكاپاتنىڭ تاللاش تەلىپىدە دېيلگەندەك، بۇ مۇكاپات شۇ يىلى شۇ كەسىپ ساھەسىدىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەر ئىچىدە ئەڭ ياخشى تەتقىق قىلىنغان ۋە ئەڭ ياخشى يېزىلغان ماقالىلەرگە بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ بىزدەك ياش تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىلھاملاندۇرۇش بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىكنىڭ بەلگىىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن ئەلۋەتتە مۇكاپات سوممىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭراق بولۇشىنى خالايتتىم، ھاھاھ.. ئەمما مۇكاپات سوممىسى ئاز بولسىمۇ، يەنىلا بۇ مۇكاپاتتىن شەرەپ ھېس قىلدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-22 10:22 AM