ئىككىنچى قىسىم
سايرام
سايرام ئۇزاق تارىخىقا ئىگە ، يېقىنقى زاماندا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك سىياسى، ئىجتمائى داۋالغۇشىلاردا مۇھىم سىياسى- جۇغراپىيلىك ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن قەدىمى يۇرتلارنىڭ بىرى.
‹‹ سايرام ›› دېگەن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى ھەققىدە تۈرلۈك قىياس ۋە پەرەزلەر مەۋجۈت.
‹‹ باي ناھىيسنىڭ تەزكىرسىگە ئاساسىلانغاندا ‹‹ سايرام ›› سۆزى تۈرۈكچە سۆز بۇلۇپ ‹‹ بەخىت-سائادەت تىلەش ›› دىگەن مەندە چۈشەندۈرۈلدۇ.
(باي تەزكىرسى خەنزۇچە نەشىرى 54-بەت).
دۇنياۋى ئېنسىكىلوپىد ئالىم، تېلشۇناس مەخمۇت قەشىقىرى ئۇلۇغ شاھانە ئەسىرى ‹‹ تۈركى تىلىلار دىۋانى ›› دا : ‹‹ سايرام ›› - سىرىم ،تېيىز، سىرىم سۇ،تېيىز سۇ،‹‹سۇ يىغىلىپ ئاقىدىغان جاي››دىگەن مەندە چۈشەندۈرۈلىدۇ.
‹‹ سايرام›› سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە يۇرتىمىزدىن چىققان ئاتاقلىق ئالىم ،تارىخىچى موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا سايرامى مەشھۇر ئەسىرى‹‹ تارىخى ئەمىنىيە ›› ۋە ‹‹ تارىخىى ھەمىدىيە ›› دە مۇنداق ئۇچۇر بېردۇ:
‹‹ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 200 يىل ئىلىگىرى ئىلىدا قۇنتەيجى ئىسىملىك بىر قالماق بۇ مۇغۇلستان يۇرتىلىرىغا باش بۇلۇپ خانىلىق تەخىتتە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم سۈرگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيتى شەرقتىە قۇمۇل،غەرىپ تەرەپتە تاشىكەنىت،سايرام ،جەنۇپ تەرەپتە لوپ ۋە چەرچەنگىچە جارى بولغانكەن.
شۇ زامانلاردا قۇنتەيجى لەشىكەر تارتىپ تاشىكەنت ۋە سايراملارنى ( ئۆزبىكستان پايتەختى تاشىكەنىت ئەترپىدىكى سايرام ) نى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپتۇ......
قايتىپ كېلىشىدە سايرامدىكى ئۈچ ئۇرۇقنىڭ ئېسىلىزادە كاتتىلىردىن 20 ئۆيلۈكتىن جەمئى 60 ئۆيلۈك كىشنى بالا- چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق- ئەۋلادى بىلەن قۇشۇپ سۈرگۈن قىلىپ پايتەختى ئىلغا ئەكەپتۇ........
بۇلار ئىلىدا بىر يىل تۇرۇپتۇ، ئاندىن ئۇلارنى تۇرپانغا ئەۋەتپىپتۇ. بۇ چاغدا قۇنتەيجى ئۆلۈپتۇ. خاقانى چىن لەشىكەرلىرى ئىلى بىلەن بۇ يەتتە شەھەرگە يىتىپ كەپتۇ. بۇ ئەھۋاللار بولغاندىن كېيىن ئەمدى ئۆز تۇرتىمىزغا كۆچۈپ كەتسەك بولغۇدەك دەپ بۇ 60 ئۆيلۈك كىشى ئۆز يۇرتىغا كىتشنى ئارزۇ قىلىپ تۇرپاندىن چىقىپ ئىلى ئارقىلىق مۇز داۋانغا كەلگەندە مەنچىڭ چىرىكىلىرىگە ئۇچراپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ‹‹ يوللار پاراكەندە ،يوللار خاتىرجەم بۇلۇپ بۇ يۇرتلاردا تىنچ-ئامانلىق بولغۇچە دېھقانچىلىق قىلىپ كۈن كەچۈرۈڭلار ›› دەپ ياقېرىق يېزىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئۇ يەرلەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن كۆنەلمەي بايىغا بېرىپ ئۇرۇنلىشپتۇ. بايدىمۇ تۇرالماي ‹‹ تاغ باغرى كەڭرى يەر ئىكەن›› دەپ مۇشۇ سايرامدا ئۇرۇنلىشىپ توختاپ قاپتۇ.
بۇلار ئەسىلى كونا سايرامدىن كەلگەنلىگى ئۈچۈن بۇ يەرنىمۇ سايرام دەپ ئاتاپتۇ. سايرام خەلقنى ئۆزلىرىگە رام قىلىپ، ئۆزلىرىگە پۇقرا قىلىش ئۈچۈن......ئەمىر ئۇرىغىدىن بولغان بىر كىشىگە ئاقىسۇ ۋە كۇچانىڭ ئۈچنىچى دەرىجلىك ھاكىمى بىلەن تەڭ مەنىسەپ بىرپتۇ. شۇ سەۋەپتىن سايرامنىڭ ھاكىمنىڭ دەرىجە مەرتىۋىسى ئاقىسۇ، كۇچانىڭ ھاكىمى بىلەن باراۋەر بولىسمۇ، پۇقرالىرى ئاز ئىدى ›› دەپ يازىدۇ.
يۇقارىقى مەلۇماتلاردا سايرامنىڭ ئەھۋالى ھەقىقىدە مۇنداق ئىككى ئۇچۇرغا ئېرىشىكىلى بۇلدۇ.
بىرى‹‹سايرام››نامنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسى. بۇ توغرىسدايۇقارىقى باياننىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى قانچىلىك ؟ بۇنى داۋامىلىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يەنە بېرى ‹‹ سايرام ›› نىڭ يېقنىقى زاماندكى تارىخى –سىياسى ئورنى مەسىلىسى:- بۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈشىكە بۇلىدۇ. چۈنكى چىڭ سۇللالسنىڭ تارىخىغا دائىر ماتىرىياللاردىمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق بايانلار بار. شۇنىڭغا ئاساسىلانغاندا باي ناھىيسى ناھىيە بۇلۇپ قۇرۇلىشتىن ئىلىگىرى سايرامنىڭ باشقۇرۇش دائىرسى دەرىجىسى يۇقىرى ،بەزىدە ھەتتا بايدنمۇ يۇقىرى بولغان.
بۇ ھەقتىكى بايانلار تۆۋەندىكىچە:
چىيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى ( 1760-يىلى) سايرامدا 3-4-5-6-دەرىجىلىك بەگدىن بىر نەپەر، 7-دەرىجلىك بەگدىن بىر نەپەر بولغان.
ياقۇپبەگ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلغان ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ( 1863-1877-يىللاردا ) جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەردىن قالسىلا مۇھىم ئسىتراتىگيىلىك ئۇرۇنغا ئىگە بۇلۇپ ‹‹ شەھەر ›› دەرىجىسىدە مۇئامىلە قىلنغان.
گۇاڭشۈنىڭ 8-يىلى ( 1882-يىلى ) باي بىلەن قۇشۇلۇپ باي ناھىيسى بۇلۇپ قۇرۇلغان.
مىنگو دەۋىردە سايرام رايۇنى(2-رايۇن ) بۇلۇپ قۇرۇلۇپ تەۋەلىكىدە سەككىز باۋ بولغان.
1949-يىلى سايرام رايۇننى‹‹مېھىرى–شەپقەت يېزىسى››غا ئۆزگەرتىلىگەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى قۇرۇلغاندىن كېيىن دەسىلەپتە سايرام رايۇنى ( 3-رايۇن ) دەپ ئاتىلىپ تەۋەلىكىدە 9 يېزا تەسىس قىلنغان.
1953-يىلى سايرام يېزسنىڭ نامى يەنە ‹‹ يېڭباغ يېزسسى ›› دەپ ئۆزگەرتىلىگەن.
1958-يىلى قىزىل يېزىسى قاتارلىق 5 يېزا بىلەن بىرلىشىپ سايرام گۇڭىشسى بۇلۇپ قۇرۇلغان.
1984-يىلى 10-ئايدا سايرام خەلق گۇڭىشسى ‹‹ سايرام يېزىسغا ›› غا ئۆزگەرتىلىگەن.
2001-يىلى سايرام يېزىسى ‹‹سايرام بازىرى ›› غا ئۆزگەرتىلىگەن.
[
مۇزات دەرياسىنىڭ بىر قىسىمى _قىزىل سۇ ئامبىرى ئەتراپى
چۆل تاغ
يىراقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دۇنياغا مەشھۇر قىزىل مىڭ ئۆيلەر
قىزىل مىڭۆي ئەتراپتىكى خىلۋەتلىك دەل_دەرەخلىك ،مۇزات دەرياسىنىڭ بىر قىسىم بۆلىكى
چىغىر يول
قۇغۇنلۇق
سۇ ئىلىكتىر ئىستانىسى
چۆلتاغ
سايرام بازىرى
سايرام بازىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم رەسىملەر
سايرام بازاردىكى چوڭ مەسچىت_ سايرام خانىقا مەسچىتى
كارۋان ئۈندىدار سۇپىسى