كۇچادىكى تۇر تېمى—— تۇر سېپىلى ،شەھەر سېپىلىمۇ دەپ ئاتىلىشى بار ئىكەن! چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاشقى كۈچتىن دۈشمەندىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ياسال ئۆزىنى قوغداش تۇسىنى ئالغان شەھەر چىگراسى سۈپتىدە ساقلىنىپ قالغا ن كۈسەندىكى قەدىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرسى! ئىگىزلىكى تەخمىنەن 3مىتىر دىن 5مىتىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان قىسمى 5مېتىر تەبىئى ۋە ھەرخىل شارائىتلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى بىلەن بەزى جايلىرى3مىتىر. قېلىنلىقى 3يېرىم مېتىردىن 1يېرىم مىتىرغىچە .—— ئاڭلىشىمچە زامانىسىدىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى قەھىرمانلارنىڭ شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زالىم چىڭ ھۆكىمىتى كۇچا خەلقىنى زۇلۇم زورلۇق بىلەن سېپىل سېلىشقا قىستاپ مەجبىۇرى سالغۇزغان.تۇرغۇن ،تۇرسۇن،تۇردى،تۇراخۇن،……قاتارلىق تۇر ئىسىمى بېشىغا كەلگەن كىشىلەرنى سېپىلنىڭ مۇستەھكەم تۇرىشى ئۈچۈن دېگەن باھانە بىلەن سېپىلغا بىللە سوققان.شۇ سەۋەپتىن بۇ شەھەر سېپىلىنىڭ ئىسمى تۇر تېمى دەپ ئاتالغان.قالغىنىنى تۇلۇقىنى ئۆز بېشى بىلەن كەچۈرگەن كۇچا خەلىقى بىلىدۇ!