تىلىمىزدا يات تىللاردىن كىرگەن ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى تىلىمىزنىڭ ئەۋرىشىم ،يۇمشاقىلىقىغا ئارتقانلىق ئاتالمىسا ئوقىدىن چىچالمىسا پوقىدىن كۆرۈشنىڭ نەق ئۆزى .
تېلۋۇزۇرنى ،بانكىنى ،تانكىنى ....بىز كەشىپ قىلمىغان ، بالىغا تاپقان ئاتىسى ئىسم قويغاندەك كىملەر كەشىپ قىلغان بولسا شۇنىڭ زەبانى بويىچە ئىسم قويلدىغان گەپ . لېكىن خۇددى بىزدەكلا باشقىلار كەشىپ قىلغان ئىخىتىرالاردىن بەھرىمەن بولىۋاتقان نۇرغۇن مىلەتلە ر جۇملىدىن خەنزۇلارمۇ شۇ كەشپىياتلارنى ئىشلىتىلىشى ،خۇسۇسىيتى ،ماھىيتى بوىچە تەھلىل قىلىپ ئۆزتىلىغا تەرجىمە قىلىپ قوللىنۋاتىدۇ ،شۇڭا تىلىدا بۇزۇلۇش ئاز .
ھەرخل سەۋەبلەرگە كۆرە ،بىزنىڭ تىلشۇناسلىرمىزنىڭ ،تىلماچلىرمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى خزمەتلىر ى تازا يىتەرلىك ئەمەس ،ھەممىدىن يامىنى مائۇسنى «چاشقىنەك » يوۋكۇڭنى «تىزگىنەك » ،كومپىيۇتىرنى «كەمپۈتەر » دەپ شۇنچە مانالىق ،ئوبرازلىق تەرجىمە قىلىپ بەرسىمۇ ،يەنىلا ئۆزىمىز بىلگەنچە ئاتاۋەردۇققۇ ؟
ئەمدى كېلىپ گۇناھنى تىلىمزنىڭ يۇمشاقىلقىغا ئارتىپ قويۇش مەنتىقىغە ئۇيغۇن گەپمۇ ؟ھويلا تېمىنى ئېگىز سالماي ،ئوغرى كىرسەسەۋەبنى قۇراجايىدىن كۆرىدىغانلار س تىغا چۈشۈپ بېقىڭلار ،باش سۆڭەكنىڭ ئىچىدە چوڭ مىڭە بارمىكىن يوقمىكىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-21 12:40 AM