xahzada100 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 01:28 PM
ھەي...........
مېنىڭچە باشقىلارنىڭ تىمىسىغا ياخشى تىلەكلەرنى، ياخشى كۆڭۈللەرنى بىلدۈرۈش ھەرگىزمۇ خۇشامەتچىلىك ئەمەس. ئادەم بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ مۇنبەرگە ئەسەر بىرىۋاتقانلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرى يازغۇچى- شائىر بولامماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن يۈرىكىمىزدىكى ئەدەبىياتنىڭ ئوتى ئاتالغان قەلەمكەشلەر بىلەن ئوخشاش. يازغۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز، شىئېرغا بولغان سۆيگۈمىز ئۈچۈن بەزىدە تەلەپكە لايىق بولمىغان ئەسەرلەرنى ماختاپ سالغاندىمىز، لېكىن ئۇ ھەرگىز خۇشامەتتىن ئەمەس.
بۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقانلاردا ئورتاق بىر ئىشتىياق بار، ئۇ بولسىمۇ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ ئىشتىياقىدا پۇچىلىنىۋاتقان ھەم تىرىشىۋاتقانلا، شۇڭا باشقىلارنىڭ تىمىسى يارىمىسا مەسخىرە قىلمىساق. ياختۇرمىغان تىمىغا جاپا چېكىپ ئىنكاس قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ.
تەربىيە كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ شان شەرىپىگە چىقىلمايدۇ، غۇرىرىغا تەگمەيدۇ، ئەمگىكىنى مەسخىرە قىلمايدۇ.