ھۆ-تاڭ يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 06:21 PM
مەخمۇت قەشقىرى قىرغىزىستاندا قىرغىز،قازاقىساندا قازا ...
راس بىزنىڭ قان سىستىمىمىز ھەرخىل، پەقەت تىلىمىز بىر، شۇ تىلىمىز بىزنى بىر مىللەت قىلغان. بىزنىڭ يۇتنىڭ بۈلىمە، دىۋانەم دەپ يەرلىرى بار، بۇ جايلاردا چىڭگىزخاننىڭ قوغلانغان تۇققانلىرى ئولتۇراقلاشقان دىيلىدۇ، ھەتتا ئالدىنقى ئەسىرگىچە مەخپى تىل دەيدىغان تىلى بارتى ( بەلكىم مۇڭغۇلچىدۇ) ھازىر بىز ئىكىسپىلاتسىيە قىلۋەتتۇق. ھازىر چىراي سەل غەلىتىلىرى بار، تىلىمۇ سەل قەيرىگلىك ، ئەمما ھەممىسى بىز ئۇيغۇر دەيدۇ. مەن كورلىدىمۇ چىرايى، قېشى، مەڭزى غەلىتە ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن. يەھۇدىلارنىڭمۇ سېرىق تەنلىكى، ئاق، قارا تەنلىكلىرى باركەن. ئەمما ئۇلار چالا يەھۇدى، بىز بولساق بىرمۇنچە اندىن تەشكىل تاپقان تىلى بىر، دىنى بىر خەلىق. ھىندىستان پادىشاھى بابۇر مۇ چاغاتاي تىلىدا كىتاپ يېزىپتىكەن. بۇرۇنقى پادىشاھلار ئۇرشۇپ قامماسلىق ئۈچۈن قۇدىلاشقانكەن. ئىشقىلىپ ساپ قان يوق. ساپ قان ئىستىسەك ھەممىمىزـ ئادەم ئاتا قېنىدىن. نوھنىڭ كىمىسىگە چىققانلاردىن. مەھمۇد قەدىمكى تۈرۈكلەرنىڭ سەردارى، قىرغىز، قازاق، ئۆزبەك، ئۇيغۇر، تۈرۈكمەن، تۈرۈك ھەممىسى بىر چوڭ مىللەت، ۋە قەبىلىلىرى. تۈركى تىللار دىۋانىدىن تۈرۈكلەرنىڭ 12 قەبىلە ئىكەنلىكىنى، 12 قەبىلە بىرسىدىن بىرىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن تىلىدىكى ئىككى ھەرىپنى ئالماشتۇرۇشقانلىقىنى سۆزلەيدۇ. مەسلەن پالتا، بالتا ، مالتا، رالتا دىگەندەك بىر ھەرىپنى ئالماشتۇرشىدۇ. ۋە ئۇنىڭ سۈزىدىن قايسى قەبىلە ئىكەنلىكىنى ئايرىشىدۇ. بۈگۈن بۇ پەرىق قەبىلىنى ئايرىماي مىللەتنى ئايرىۋەتتى.