YAZR يوللىغان ۋاقتى 2014-8-24 08:26 PM
مىنىڭ مۈجمەل دىگىنىم ، قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرغۇ ...
ئۇنداق ئەمەس ، قىرغىزلارنى تەشكىل قىلغان ئاساسلىق قەبىلىلەر توپى بولسا ، ياغمالار قاراخانىيلار قاغانلىقىنى قۇرغاندا تېخى ئوتتۇرا ئاسىياغا تولۇق كېلىپ بولالمىغان .
ئۆزبەككە كەلسەك ، ئۆزىنى ئۆزبەكخان دەپ ئاتىغان كىشى تۈرك قېنىدىن ئەمەس بەلكى موڭغۇل قېنىدىن ، ئۇ موڭغۇل ئىستېلاسىدىن ئازغىنە كەم 200 يىل كېيىن ئاندىن دۇنياغا كەلگەن ، بۇ خەلق شۇندىن كېيىن بارا-بارا ئۆزبەك دېگەن نامغا ئۆزلەشكەن . مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان دەۋردە ئۆزبەك دەپ مىللەت يوق ئىدى . قارلۇققا قارايدىغان بولساق ، گەرچە ئۇيغۇرنىڭ ئىچكى تەركىبىدىن بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئەڭ ئىناق ھالەتتە تۇرۇپ بىرلىكتە دۆلەت قۇرغان ئىتتىپاقداش بولىدۇ . لېكىن قىتان يۈرۈشلىرى تۈرتكىسىدە قارلۇقلار پامىرنىڭ غەربىدىن تارتىپ كېسىپ ئالدى ۋە قىتانقا قارام بولدى ، ياغمالار پامىرنىڭ شەرقى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا ئىگە بولدى . قارلۇقلار ئۆزبەكتە بولۇپمۇ فەرغانە ئۆزبەكلىرىدە بىۋاسىتە ئەجداد سانىلىدۇ . ماھمۇد قەشقەرى بۇغراخان ئوردىسىدا ۋە قەشقەردە كۆتۈرۈلگەن چولپان ، يۈسۈف خاس ھاجىپ بولسا سىياسىئون ۋە يۇقىرى ئەمەلدار ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر خان جەمەتى ، پەقەت بولمىغاندىمۇ ئاقسۆڭەك تۆرە جەمەتلىرىدىن ئىكەنلىكى شەجەرىسىدىن ۋە تارىخىدىن ئېنىق ، دېمەك ئىلىمدارلارغا نىسبەتەن بۇ دەتالاشسىز رىئاللىق .
لېكىن ئۇ ۋاقىتتىكى تارىخ ھازىرقىغا ئوخشىمايدۇ ، ئۇ چاغدىكى قەدىمىي قەبىلىلەر تېخى ھازىرقى مەنىدىكى مىللەتنى شەكىللەندۈرمىگەن ، شۇڭا ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئۇيغۇر دەۋالساق تۈپتىن خاتالىشىمىز . ماھمۇد قەشقەرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلار ئىدىقۇت قۇچۇ خەلقلىرىنى كۆرسەتكەن . قانداشلىق جەھەتتىن بىر مىللەت بولسىمۇ ، سىياسىي جەھەتتىن ئىككى مەملىكەتنىڭ خەلقى بولغاچقا ، شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتى شۇنداق بەلگىلىگەن . شۇڭا ماھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دەپ ئاتاش باشقا گەپ بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئىتمۇ بۆرىنىڭ ئەۋلادى ئىكەن ، لېكىن ئىتنى بۆرە دېگىلى ياكى بۆرىنى ئىت دېگىلى بولامدۇ ؟
قىرغىز رەڭۋازلىرى دەل مۇشۇ يەردىكى مۈجمەلچىلىكتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ . لېكىن ئۇلارنىڭ پايدىلىنالمايدىغىنى ، قاراخانىيلار ، قەشقەر ، ياغما دېگەن ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان تارىخىي ئۇقۇملار . مانا مۇشۇ يېتەرلىك ئىسپاتلار .