sidam يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 08:37 PM
خرىستىيانلارنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئاللاھىمىز بىزنىڭ ئ ...
ئورۇنلۇق پىكر .
يەھۇدىي دىنىدىكى خۇدا يەھۋە ،خىرستىيانلار سېغىنىدىغان پەرۋەردىگار دەل شۇ بىز «ئاللاھ »دەپ ئاتاۋاتقان بىردىنبىر ياراتقۇچى دەل ئۆزى،بۇمەسىلىدە بۇ ئۈچ دىن مۇىتلىرى ئۆزئارا ئىتراپ قىلىشىپ بولغان .ئۈچ دىن بىر مەنبەدىن چىققان بولغاچقا قۇرئاندىمۇ يەھۇدىي ۋە خىرستىيانلارنى ئالاھنى ئتىراپ قىلىدغان،كىتاب بېرىلىگەن ئەھلى كىتاپ دەپ دىنسىزلار ۋە مۇشرىك ،بۇددىستلاردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ . بۇ ئۈچ دىن ئارىسىدكى ماجرا 1.زادى كىمنىڭ كىتابى ئاللادىن چۈشكىنى بويىچە ساقلاندى كىمنىڭ ئۆزگەرتلىدى 2.ئەيسا ئەلەيھىسلام ،مۇسا ئەلەيھىسلام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسلامنىڭ ئورنى مەسلىسى ۋە ھەزرتى مەريەمنىڭ سالاھىتى مەسلىسدىن كېلىپ چىققان ئىختلاپلاردۇر ،ئەگەر كىتاب ببېرىلگەن بۇ ئۈچ گورۇھ ھەقىقەت ئۈستىدە بىرلىككە كېلەلمىسىمۇ ،بىر-بىرىنڭ ئېتقادىنى ھۆرمەتلەپ ،بۇ چوڭ ھەق -ناھەق مەسلىسىنى مەھشەردە پەرۋەردىگارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا قالدۇرغان بولسا ئىنسانىيەت تارىخى نىسبەتەن تېىچراق ئۆتكەن بولاتتى .بىراق دەل ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان رەزىل مۇرىتلىرى سەۋەبىلىك بۇلار سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالماي كەلدى .
بۇتپەرەسلىك نوھ زامانىدىن تارتىپ بار ئىدى ، ساكيا قەبىلىسنىڭ شاھزادسى گائوتاما سىدخارتا دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى ھەققىدە ئىزلىنىپ ، ئاخىرىدا بۇددزىمنى ياراتتى ۋە بۇددستلار تەرىپىدىن بۇددا ئاتالدى . لېكىن بۇددىستلارمۇ دۇنيانى ساكيامۇنى ياراتقان دىمەيدۇ ، بەزىلىرمىز پەرەز قىلغاندەك جانىسز ھەيكەللەر دۇنيانى كونتىرول قىلدىمۇ دىمەيدۇ ،بەلكى «دۇنيانى بىر باش ئىلاھ ياراتقان ،باشقاچوڭ -كىچىك ئىلاھلار ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئالەمنى كونتىرۇل قىلىدۇ ،بۇ بۇتلار شۇلارنىڭ سىمۋۇلى ،بۇنىڭغا باش ئۇرساق ئەرشتىكى ئىلاھلارغا تېۋىنغانغا ئوخشاش بولۇپ ،تىلىكىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ »دەپ قارايدۇ . ئەگەر شۇنداق بولمىغاندا نوقۇل تاش بۇتنىلا مەبۇد دەيدىغان سەپسەتىگە مىلياردقا يېقىن ئىنسان ئىشنەرمىدى ؟ گەپنىڭ نېگىزى بۇددستلارمۇ بىر ئەڭ ئالىي ئىلاھنىڭ بارلقىنى ئىتراپ قىلىدۇ .خۇددى يۇنان ئەپسانىلىردىكى زېۋىس باشچىلىقىدكى ئولىمپىس تېغىدىكى ئىلاھلار توپىدەك .....
خۇلاسە :پۈتۈن ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ مەيلى بىرخۇدالىق ياكى كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئىتقاد قىلسۇن ،ھەمممسى شۇنداق بىر قۇدرەتلىك ئىلاھنىڭ بۇدۇنيانى ياراتقانلقىنى ئىتراپ قىلىدۇ ،پەرق ھەرمىللەت ،ھەرقەۋم ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇ ئىلاھنى ھەرخىل نامدا ئاتىغان خالاس .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-21 11:00 PM