ئۇمۇن يوللىغان ۋاقتى 2014-8-23 04:35 PM
تەپەككۇرىڭىز خىلى چوڭقۇر ئىدى.1-2 يىل ئاۋۋالقى مۇنازىر ...
ئىپار ئاي كىشىنى پادىشاھلارنىڭ ئالدىكى نۆۋكەرلەردەك قىلىپ قويدىكەن . ئەسما بولسا ئادەمنى ئەسەببىي ساراڭ ياكى ئەسەببىي قاتىل قىلىپ قويدىكەن . ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاسمىلاتسىيە قىلدىغان ئۇسۇلى باركەن . مەنچە بۇ ئۇلاردىكى تۇغما تالانىت بولسا كىرەك .
مۇنداقچە ئىيتقاندا ئىپار ئاي پادىشاھنى قۇل ، ئەسما بولسا قۇلنى يىتىلگەن بىر جەڭچى قىلىپ قويدىكەن .
بۇرۇن تورغا كۆپ ھاللاردا تورخاندىن چىقاتتىم . بۇ ئەھۋالدا دىققىتىم چىچىلمايىتتى . تورخانا تىنىچ ،مۇلازىمەت ياخشى ئىدى . بىراق ۋەزىيەت دالغۇپ تۇغاچقا مەن تۇرغان يەردە ئاز سانىلق مىللەتكە ئاساسەن جىزا ئاچمايدۇ . ئامالسىز ياتاقتىن چىقىمەن . بىراق ياتاقداشلىرىم دىققىتىمنى چىچىپ ، بىرەر كۆز-قاراشلىرىمنى خاتىرجەم يازالمايمەن .
مەن بىراۋنىڭ بىر خاتالىقدىن ئۇ كىشنىڭ ھەممە ئىشىنى خاتا كۆرمەيمەن . بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈشتىن ئارتۇق جىنايەت بولمىسا كىرەك . بولسا پاراڭداشلاردىن بولۇپ قالغۇم بار يوقاپ كەتمەڭلار ، سىللەرنىڭ تەپەككۇرۇڭلاردىن ماڭا يىڭى-يىڭى تەپەككۇرغا ئىلھام تۇغۇلىدۇ . مەن خاتالىق ئىچىدىن توغىرنى ئىزدىگۈچى . شۇڭلاشقا مىنىڭ نەزىرىمدە بىر كىشى ئەقىل-ئىدىراكتىن ۋە ھاياتلىقىدىن ئايرىلىپ قالمسىا ئۇ كىشى ئەسكى ئەمەس . ئەسكىلىكى بولسا شۇ ئەسكىلىك قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۆزىدۇر . ئالدنىقى بەتتىكى ئىنكاسىڭلار ماڭا نىسپەتەن ياقتى . كىينىكى ئىنكاسقا قارىتا قايىللىق تەرەپتارى ئەمەسمەن . مىسرانىمدىكى باشقۇرغۇچىلار ناچار ئەمەس ،بەلىكىم دىننى تېمىلاردا مۇنازىرە بىر ياخشى كىتىۋاتقاندا زاڭدىن سۆڭەك چىققاندەك بىر قىسىم ئاشقۇنلار پالتا-پىچاق كۆتۈرۈپ چىقىپ ئسىيان چىقىرشىدىن ئەنسىرەپ تېمىنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .
سىللەرنىڭ قانداق كەسپىتىكى ئادەم ، قايسى دىندىكى ئادەم بولۇشۇڭلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، ئەگەر ئىككىمىز باشقا-باشقا ئادەم بولساقمۇ ھەم شۇنداق . يا سىللەر مىنى تارتيىپ كىتىسىلەر . ياكى مەن سىللەرنى تارتىپ كىتىمەن . بىراق ئەقىل جەھەتتە سىللىگە قارىغاندا پۇرچىغىم بىر ئاز خامكەن . قارىغاندا تارتىلىپ كىتىش خەۋىپىم باردەك تۇردۇ . شۇنداقتىمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتا تۇتدىغان يولۇم بار ئۇ بولسىمۇ ئۆچكىگە ئوخشاش تىرەجەپ تۇرۋىلىشتىن ئىبارەت ھې ھې ھې
مەن بىر ۋاقىتتا مەن ئاتا-بوۋىللىرىمنىڭ گىپىگە كىرىپ ئىسلام دىنىنى توغرا دەپ ئىشىنىپ ئاخىردا ئۆلۈپ كىتىپ ئۇ ئالەمگە بارغاندا ئىتقات قىلغان دىنىم توغرا چىقماي قىلىپ ئەسلىدە توغرا دىن باشقا دىن بولۇپ قالسا پۇشمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەي دوزاققا كىرىپ كەتمەي دەپ ئۆزۈمچە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نوچى دىنلاردىن ئىككى ياكى ئۈچ ھەتتا تۆت دىننى تەڭ تۇتۇپ ماڭاي مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ ئالەمگە بارغاندا بىرسى خاتا بولسا يەنە بىرىسى توغرا چىقىپ قىلىشى مۈمكىن دىگەن خىيالىمۇ بولغان . نىمىشقا بۇنداق خىيالغا كەلگەن بۇ سەۋەپلەرنى ئاللاھ خالىسا كىيىنچە ئىنكاسلىرىمدا قالدۇرۇپ قويارمەن . سىللەرنىڭ بۇ ھەقتە پىكىرىڭلارنى ئاڭلاپ باققۇم بار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-23 09:52 PM