Xaparang يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 03:21 PM
ئۈزۈمتال ئەپەندىنىڭ مېنى توغرا چۈشەنگەنلىكىگە كوپ رە ...
ئەسلىدىن مۇشۇنداق بولۇشى كىرەك .
مەن سىزنىڭ بايانلىرىنى ئوقۇۋىتىپ غەلىتە بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم ، ئىسلامدا رامزان ھەر يىلى مەلۇم بىر ۋاقىت ئالدىغا قاراپ سۈرۈلۈپ تەخمىنەن 30 يىلچە بولغاندا تولۇق بىر دەۋىرلىنىدىغان قاراش بار .
نىمىشكە مۇنداق بولدىغانلىقىنى بىلمەيمەن . بىراق مىنىڭ پەرىزىمچە بۇنداق بولىشى . ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش جەرياندا تولۇق سائەتكە توشمايدىغان بىر نەچچە منۇت كام ۋاقىتى بولدىغان ئىش كۆرۈلدىغان ئوخشايدۇ . بىراق بۇ پۇت دەسسەپ تۇرالماسىلىقى مۈمكىن .
مەن يۇقارقى ئاساس بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسنى قوشۇپ چوقۇم مۇشۇ تۆت ئىشتىن بىرسىدە مۇشۇ خىل ھەركەت كۆرۈلىدۇ دەپ قاردىم .
2- يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش جەرياندا ئەڭ ئاخىرقى تولۇق بىر سائەتكە بىر نەچچە ياكى 10 نەچچە مېنۇت كام قالدىغان ياكى ئارتىپ كىتىدىغان ھالەت بولۇشى مۈمكىن . لىكىن ئارتىپ كىتىشى نەزەردىن ساقىت قىلىندى .چۈنكى ئارىتىپ كەتسە سانلىق مەلۇماتتا تىخىمۇ ور پەرىق چىقىدۇ .
3- ھازىرقى فىزىكا بىلىمى بىلەن يەشكىلى بولمايدىغان ۋاقتىنىڭ قىسقىراش ياكى ئۇزۇراش ھادىسسى ئىتىبارغا ئىلىنغان بولۇشىمۇ ھەم مۈمكىن . بۇ مەسللەر كۆپۈنچە ئۇنچە روشەن ھىس قىلىنمايدۇ .
4- بۇنى تەھلىل قىلغان ئادەم دىقەتسىزلكتىن چوقۇم بەزى تەرەپلەرگە سەل قارىغان بولۇشىمۇ ھەم مۈمكىن .
ئەگەر بۇ بايقاشقا 3- گۇمان پۇت دەسسەپ تۇرالىسا . ماقالدىكى خاتالىق خىلى ئۇزۇن زامان تۇرۇپ قالىدۇ . ئەگەر 2- خاتالىق پۇت دەسسەپ تۇرالىسا سانلىق مەلۇماتتىكى نەتىجە كىچكلىشى مۈمكىن بىراق تۇرقلىق قىممەتكە توغرا كەلمەيدۇ.
بۇ ھالدا يەنىلام بۇ ھىساپلاپ چىقىلغان سانلىق قىممەت گۇمان پىتى قىلىۋىرىدۇ . چۈنكى بۇ ئىككى نۇقتىنى ھازىرقى زامان ماتېماتىكا ۋە فېزىكا ئىلمىنى ئاساس قىلغان ئۇسۇل بىلەن يىشىلىشنى ئەڭ ئاساسى ھۆكۈم دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن .
لىكىن بۇ رىئالىزملىق دۇنيادىكى فېزىكا ئىلمىي بىلەن ماتېماتىكا ئىلمى بىلەن بۇ ئىلىمغا يىقىن كەلمەيدىغان غەيرى بىر ئىلىم دۇنياسىدىكى ھەركەت قانۇنىيتىنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىلغان نەتىجىدىن مۇشۇنداق پەرىقلىق ئىشمۇ كىلىپ چىقىشىمۇ ھەم مۈمكىن .
بۇنداق دىسەم خاتا چۈشىنۋالمىسڭىز شەپەرەڭ بۇداردەر . قارىسام سىزگە نىسپەتەن بەزى بىر تەجىربىلەرنى ئىشلەشكە لايىق ئۈسكۈنلەر ئاسانلا تىپىلىشى مۈمكىن ياكى ھازىرنىڭ ئۆزىىدىمۇ بولۇشىمۇ ھەم مۈمكىن . بولسا ئالاھىيدە ۋاقىت چىقىرىپ يۈرمەي . مۇنداق بىر قىزىقىشڭىز قوزغالغاندا شۇ ئىشنى بىر تەجىربىلەپ كۆرۈپ باققان بولسىڭىز . بۇ تەجىربە ئالاھىيدە ئۈسكىنىمۇ ياكى نەچچە مىڭ يۈۋەن مەبلەغمۇ تەلەپ قىلمايدۇ . پەقەت ئىنچىكە كۈزۈتۈش ، توغرا ئانالىز قىلىش ، ئىنچىكە قايتا-قايتا ھىساپلاش . ئاخىردا بۇ نەتىجىنىڭ تىخمۇ ئىشەنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن . باشقا-باشقا دۆلەتلەررنىڭ جۇغراپلىيىك ئورنىدا تۇرۇپ تەجربە قىلىش ئىقتىسات ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ شۇڭلاشقا . مۇشۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىككى -ئۈچ رايۇنىنى ئاساس قىلىپ ئىشلەپ باققان بولسىڭىزمۇ دىمەكچى . بۇ بىر ئاز كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدىغان بىر نازۇك ئىش . شۇنداقتىمۇ مۇشۇ تەرەپلەرگىمۇ دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-27 03:54 PM