nurjula يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 11:10 AM
پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن!
قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتل ...
ئاللاھ ! ئاللاھ ! قارىغاندا توي قىپسىز ھە ؟! بۇنداق سېستملىق چوڭقۇر پىكىرلىك ئىلمىي قاراشلار تۇرمۇشتا ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان بىر قىسمىنىڭ تولۇققان ۋاقتىدىلا ئاندىن مۇشۇنداق بۇلاقتەك ئۇخچۇملاپ چىقىدۇ .
كۆز تەگمىسۇن جۇمۇ ئالتۇن بويلىرىڭىزغا ۋە ئىللىق ئائىلىڭىزگە !
ئەسكەرتىش ۋە تۈزتۈش بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت !
... سىزنىڭ نۇر تېزلىكى توغۇرسىدا ئىيتقىنىڭىز ھەقىقەت توغرا . ھازىرقى نۇر تىزلىكىمۇ ئەڭ تۇراقلىق سۈرئەت بىلەن ئىلگىرلەيدىغان نەرسىمۇ ئەمەس . بەلىم كەلگۈسىدە ھازىرقى نۇرنىڭ ئۈستىدىن تىخىمۇ نازۇك تخىمۇ ئىنچىكە تەتقىقاتلار ئىلىپ بىرىلىپ ھازىرقى نۇر زەرچىللىرنىڭ ھازىرقى خۇسىسىيەتلىرىدىنمۇ تىخىمۇ ئالاھىيدە بولغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىنىقلاپ چىقىىش مۈمكىن .
... ھازىر ئىنسانلارغا نىسپەتەن تېزلىكى نۇردىنمۇ نەچچە مىلىيۇن ھەسسە تىز ھەركەت قىلدىغان بىزلەرەە نىسپەتەن ئەڭ يىقىن ۋە ھەركەت ئۇسۇلىنى ھەركەت تەسىرنى بىلگىلى بولدىغان جانلىقتىن پەقەت جىن-ئالۋاستىلار بار . بۇلارنىڭ ھەركىتىن تېزلىكىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چىكى قانچىلىك ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولمىسمۇ بىراق سەۋپ-نەتىجە مۇناىسۋىتىدىن نۇردىن نەچچە مىلىيون ھەسسە تېز ئىكەنلىگى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە مەخپى ئەمەس .
نەچچە 10 يىل ئالدىدا قۇرئاننىڭ ئاخىرقى پارىسىنىڭ تەرجىمىسى چىققان شۇ تەرجىمىدە قايسى بىر سۈردىكى بۇرۇج يەنى يۇلتۇزلار توغۇرسىدىكى ئىزھقا بىرىلگەن چۈشەنچىدە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقان پىلانىتلارنى تەرتىپ بويۇنچە يەتتە ئاسمان دەپ ناھايتىمۇ تەنتەكلىك قىلىنغان . ۋاھالەنكى سىز ئيتقانداق مۇنۇ تېلىسكوپ ئارقىلىق كۈزىتىلىۋاتقان نەچچە يۇز مىلىيون ھەتتە نەچچە مىلىيارىت گالاسكى توپىنىڭ ھەممىسى بىرىنجى ئاسمانغا تەۋەدۇر .
....بۇ ھەقتە قۇرئاندا بۇنداق دىيىلىدۇ - بىز بىرىنجى ئاسماننى ھەقىقەتەن يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇ .
بىرىنجى ئاسماندا ھازىرغا قەدەر يەر شارىغا ئەڭ يىراق دەپ قارالغان جايدىن بايقالغان پېلانتا بىلەن يەر شارى بىلەن وبلغان ئارلىقى تەخمىنەن 30 نەچچە مىليارىت نۇر يىلى دەپ كۆرەەندەك قىلغان بىر ماتىريالدا . مەنچە بۇمۇ بىرىنجى ئاسماننىڭ چىگىرسى بولماسلىقىمۇ مۈمكىن . بەلىكم بۇ پېلانتادىن تىخىمۇ يىراق پېلانتا بولۇشىمۇ مۈمكىن كىچىكلىگىدىن تىلىسكوپقا چۈشمىگەن ياكى كەلگۈسىدىكى تخىمۇ ئلغار بولغان تىلىسكوپتا بايقىلىشى مۈمكىن ۋە ياكى ئاخىرقى چەك مۇشۇ نۇقتا بولۇشىمۇ مۈمكىن .
.. سىزنىڭ ئوتترۇغا قويغان ئاساسلىرىڭىزنى يىپ ئۈچى قىلىپ تۇرۇپ بىرىنجى ئاسماننى ئىككىنجى ئاسمانغا سىلىشتۇرساق بەلكىم بىرىنجى ئاسمان ئىككىنجى ئاسماننىڭ ئالدىدا خۇددى چەكسىز كەتكەن سايلىقتىكى بىر دانە چۈمىلە چوڭلۇقىدا كۆرنۈشى مۈمكىن . ئىككىنجى ئاسمان ئۈچۈنجى ئاسماننىڭ ئالدا يەنى بىر چەكسىز سايلىقتىكى بىر دانە چۈمىلە چوڭلۇقىدا كۆرۈنىشى مۈمكىن .....قالغان تۆتىنجى ،بەشىنجى ئالتىنجى ...ئاسمانلارمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلدا كۆرنىشى مۈمكىن .
بىلىمخۇمار ئاكىمزىنىڭ كۆپ قاتلاملىق كائىنات پەرەزلىرى دىگەن تېمىسىدا ، ھەزىرتى مالىك دىگەن دوزاققا مۇئەككەل پەرىشتە روسۇللاھ بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەندە ، نەدىن كەلدىڭ ؟ دىگەن سۇئالغا مەن ساڭا ئوخشاش ناھايتى يىراق جايدىن كەلدىم دىگەن سۆزىدىن بۇ يەتتە قەۋەت ئاسمانلار بىر-بىرىنىڭ ئىىچگە خۇددى پىيازنىڭ پوستەكلىرىدەك بىر-بىرىنى ئوراپ تۇرۇشى مۈمكىن ، ھەر ئىككى پوستەك ئارلىقى ھازىر سىز مەن ۋە باشقا كىىشلەر تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىدەك ئىككى ئاسماننىڭ ئارلىقى بولۇشى مۈمكىن. مەن بۇنى ناھايتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى سىىزپ چىققان بىر پارچە رەسىمدە ئىپادىلەپ چىققان . چ چ بوشلىقىمدا بولسدا كىرەك . مۇشۇ تەرتىپ بىلەن بىزلەر ئاللاھنىڭ سەلتەنىتى ۋە ھوزۇرى بولغان ئەرىش دەپ قارپا كىلىۋاتقان ئاللاھنىڭ كۇرسى ئىچىدىكى ئالتىنجى ئاسماننىڭ سىرىتدا ئىچىدىكى بارلىق ئاسمانلارنى خۇددى بىر مىھرىبان ئانا بوۋىقىنى پەرىش قىلغاندەك باشقا غەيرى كائىناتتىكى بىزلەر بىلىپ بولمايدىغان سانسىز مەۋھۇم زىيانلىق زەرچىلەردىن قوغداپ ، ئىدرە قىلىپ ، نىھمەت رىزىق بىرىۋاتقان بولۇشىمۇ ھەم مۈمكىن .
بۇ يەتتە ئاسمان ئىچىىدىكى ئالتە ئاسمان بىر-بىرىگە قارشى ياكى ئوخشاش يۆلىنشىتە ۋە ياكى بەزىسى تۇراقلىق بەزىسى ھەركەتتە بولۇشى مۈمكىن . بۇ كۆپ قىرلىق كائىناتنىڭ ئەڭ ئۈستى بولغان ئەرىشتىن ۋەزىپە تاپشۇرۋالغان پەرىشتىلەردە يۇقارقى كۆپ قىرلىق كۆپ ساندىكى ھەركىتى ، مۇساپىسى ، جۇغراپىيلىك ئورنى ، يەككە خاسلىقى ...قاتارلىق مۇرەككەپ بىر مۇھىيتا ئاللاھنىڭ ھېكىمەتلىك قۇدۇرتى بىلەن سىز ئىيتقاندەك مۇشۇ غايەت زور چوڭلۇقتىكى كائىناتتىن ئىبارەت شارىكنىڭ خالىغان نۇقتىسىدىن خالىغان جايغا يىتىپ بىرىشى ۋاقىت. مۇساپە ، تېزلىك ...قاتارلىقلارغا بىقىنمايدۇ دەپ كىسىپ ئىيتىشقا بولىدۇ . بىراق ئاللاھ قۇرئاندا بۇ جانلىقلارنىڭ ھەركەتكە ، ۋاقىتقا ، تېزلىككە ....ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىيتىپ ئۆتىۋاتىدۇ .
... بىزدىكى نۇر تۇرقلىق ماددا تۇراقلىق زەرچە . تۇراقلىق ئېلىكتىرون دىگەندەك ئۈسكىندىن چىقىدۇ . بىراق جىنلار بولسا قاتتىق يەنى ھىس -تۇيغۇسى يوق نەرسە بولماستىن بەلىكم جانلىق بىر ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن جانلىقتۇر . ئۇمۇ ئىنسانلار بىر-بىرىدىن يۈگۈرشى ، ھەركەت قىلىشى پەرىقلىق بولغاندەك ئەلۋەتتە بىر-بىرىدىن پەرىقلىق بولىدۇ .
.... ئەگەر جىنلارنىڭ ھەركىتى ئاستا بولمىسا ئىدى . ئاللاھ تۆتىنجى ئاسمانغا ئورۇغلۇقچە ئاسمان خەۋەرلىرىنى تىڭشاشقا چىققان جىنلارنى يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇر بىلەن ئىتىپ تاشلىمغان بولاتتى . يەنى نۇر ئۆزىدىن تىز جىسىمنىڭ كەينىدىن يىتىشىەلمىگەن بولاتتى .
ئەگەر جىنلارنىڭ سۈرئىتى نۇردىن نەچچە مىليۇن ھەتتە مىلىيارىت ھەسسە تېز بولمىسا ئىدى ئاسمان خەۋەرلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تۆتىنجى ئاسمانغا ئەمەس بىرىنجى ئاسماننىڭ چىگىرسىغا بىرىپ بولغۇچە ئېنىرگيسى يىتىشمەي ئۆلگەن بولاتتى . جىنلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئىنساندىن نەچچە مىلىيون ھەسسە تېز بولۇپ ئەگەر دۇنياۋى چوڭ ھەجىملىك قامۇسنى يادقا ئىلىشقا توغرا كەلسە تەخمىنەن ئوقۇشقا يىرىم سائەتچە ، ئەستە چىڭ تۇتۇشقا تەخمىنەن ئۈچ-تۆت سائەتلەرچە ۋاقىت كىتىدىكەن . مانا بۇمۇ بىر خىل چەكتىن ئاشقان بىزلەر بەزىدە ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلەپ قويدىغان ئەڭ ئەسەببىي تېزلىك .
..... بۇلارنىڭ سۈرئىتىمۇ ھىلىقى شارىك مىسالغا يىقىنلىشپ كىتىدۇ . بىزلەردەك مىڭسى چەكلىك ئىنسانلارغا نىسپەتەن نىسپەتەن ۋاقىت يوق ، بىراق مۇشۇ خىل جانلىقلارغا نىسپەتەن ۋاقىت بار .
ئەگەر سىزگە يىتەرلىك مىقتاردا كۈچ ۋە قولىڭىزغا 1000 كىلومېتىرلىق بىر دانە تاياق بىرىپ 1000 كىلومېىتر يىراقلىتىكى بىر ئۇكىڭىزنى گىپڭىڭزنى ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەدەپلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپ يۈرمەستىن ھىلىقى تاياق بىلەن جايىڭزىدا تۈرۈپ نوقۇسىڭىز سىزگە نىسپتەن ۋاقىت بولغان بولىدۇ ئەگەر خالىمسىڭىز ۋاقىتنى يوق دىسىڭىزمۇ بولىدۇ . بىراق ھىلىقى ئۇكىڭىزغا نىسپەتەن ۋاقىت مۇتلەق يوق . ھەتتا بار دىسىمۇ ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدۇ . چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا خاتالىق سادىر قىلغاندا سىزنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىن تېز قاتناشقا ئولتۇرۇپ ئۈچ سائەتتىن كىيىن كىلىپ جازالايدىغنالىقىڭىزنى ئەمەس بەلكى ھىلىقى سىزنىڭ ئىقتىدارلىق ‹‹ تەزىر ›› تايىقىزنىڭ ۋاقىت ، تېزلىك ، سۈرئەت...قاتارلىق ئامىللاردىن خالى ھالدا دەل ۋاقىتدا كىچىكتۈرمەستىن جازانى يەنى خىزمەتنى ئىجىرا قىلدىغانلىقىغا ئىشىندۇ . بۇ ئىشىنىش ئۇكىڭىزنىڭ قەلبىدە ھېكىمەتلىرىنى چۈشۈنۈپ بولغىلىي بولمايدىغان مەڭگۈلۈك بىر تالانىت ئىگىسى .
ئاللاھ دىن ئىبارەت بۇ زاتى بۈيۈك ئۇلۇغ ئىگىمىزنىڭ ھەر بىر ئىشقا تۇتقان يولى ، قائىيدىسى ، بىكىتكەن بەلگۈلمىسى .....قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدىغان مەڭگۈلۈك بىر سىرلىق تېما. ئاللاھ بىزلەرنى بۇ ئىشنىڭ مەلۇم قىسمىنى چۈشىنشىكە تەكلىپ قىلدى . بۇ ھەقتە مەن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ھەزىرتى داۋىت پەيغەمبەرگە ئىيتقان مۇنۇ سۆزىنى يەنە بىر قىتىم ئىيىتىپ ئكتۈشنى لايىق تاپتىم .
-مەن يوشۇرۇپ قويۇلغان بىباھا گۆھەرگە ئوخشايمەن . ئىنسانلارنىڭ مىنى بىلىشىنى ياقتۇرمەن .
كىمكى ئاللاھنى چۈشىنەي دىسە بىرەر مادىي مەقسەتنى ياكى يۈز تىپىشنى ياكى قۇسۇر ئېزدەشنى مەقسەت قىلماي ھەقىقى رەۋىشتە ئۇنىڭ ئاللاھلىق سۈپىتىنى نىگىزى بىلەن چۈشۈنىپ يىتىشنى ئىرادە قىلسا ئاللاھ چوقۇم مۇرات-مەقسەتلىرىگە يەتكۈزىدۇ . مانا بۇ پۇل سەرىپ قىلماي ، كۆپ بەدەل تۆلىمەي ئاللاھنىڭ كائىناتتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل-سەنئەت ئەسسرىنى ھەقسىز ساياھەت قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۇك قۇدىرەت ئىگىسىنىڭ يۈكسەك تالانتىنى چۈشىنۋىلىشتا يەتمەك ئەڭ ئاسان بولغان بىر نۇرلۇق يول .