پىدائىيلار ئەترىتى يۈرۈشلۈك فېلىملىرى ۋوللىيۋودنىڭ داڭلىق چولپانى سىيلىۋېستېر سىتاللۇن باشچىلىقىدىكى گىكانىت چولپانلار رول ئالغان ھەركەتلىك فېلىمدۇر . ئەڭ دەسلەپكى قۇيۇلغان پىدائىيلار ئەترىتى 1 فېلىمىدىن باشلاپ مەزكۇر فىلىمىنىڭ قاتناشقان چولپانلارنىڭ كۆپلىكى ۋەقەلىكىنىڭ جىددىيلىكى بىلەن ھەركەتلىك فىلىم مەستانىللىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۈرۈشىگە شۇنداقلا تاقەتسىزلىنىپ كۈتۈشىگە ئىگە فىلىملەردىن بۇلۇپ قالدى تەرجىمە جەھەتتىكى تەييارلىقلارنىڭ شۇنداقلا بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى چوڭ قۇرۇقلۇقتا قۇيۇش كىچىكتۈرۈلۈپ كەلگەن پىدائىيلار ئەترىرى 3 فېلىمى ئاخىرى 2014 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا قۇيۇلدى . ئىلگېركىگە ئوخشىمايدىغان يىرى پىدائىيلار ئەترىتى ئۈچ فېلىمىگە بۇ قېتىم يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى بىر تۈركۈم پىشقەدەم چولپانلار قاتناشقان بۇلۇپ . تۈۋەندە بىز بۇ چولپانلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى .
1 - سىيلىۋېستىر سىتاللۇن : روككىي يۈرۈشلۈك فېلىملىرى شۇنداقلا بىرنجى تامچە قان يۈرۈشلۈك فېلىملىرى بىلەن 70 - يىللىرىدىن باشلاپ 80 - يىللىرېىنىڭ ئاخېرغىچە ۋوللىيۋود ھەركەتلىك كىنو ساھەسىنى مونىپول قىلغان . 90 يىللاردا چىكىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى داپ قارالغان بۇ پىشقەدەم چولپان 2000 - يىللاردا يەنە قايتىدىن ئۈزىنى نامايەن قىلىپ ي6اش كىنو چولپانلىرىغا كۈچلۈك جەڭ ئىلان قىلغان
.
2 - جېسىن سىتەتمەن : ئەسلى كەسپىي سۇغا سەكرەش تەنھەركەتچىسى . كىيىن ئۈزىنىڭ قاملاشقان جىراي تۇرقى شۇنداقلا مۇكەممەل پەدەن قىياپىتىگە تايىنىپ كەسىپ ئۆزگەرتىپ كىنوچىلىق يۇلىغا كىرگەن ئادەم سودىگىرى ناملىق فىلىمى بىلەن ئاجايىپ ئۇتۇق قازانغان
3 - ئارنودو شىۋاشېنگېر : دۇنيا مۇسكۇل ئەپەندىسى . 90 - يىللىرىنىڭ بېشىدا يەرشارىدىكى ئەڭ ساغلام ئادەم دىگەن نامغا ئىرىەشكەن ياۋايى ئادەم كوننان دىگەن فېلىمى بىلەن تۇنۇلغان . ئاخېرلاشتۇرغۇچى يۈرۈشلۈك فېلىمى بىلەن بىراقلا گىگانىت چولپانغا ئايلانغان . كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سابىق شىتات باشلىقى .
4 - مېل گىېفسون : دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان شۇنداقلا رىجىسور . ئۇ باش رول ئالغان قەيسەر يۈرەك . ۋە ۋەتەنپەرۋەر قاتارلىق فېلىملار ھازېرغىچە ھېچكىمنىڭ يادىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق. بۇ قېتىم ئۇ پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ ئىلگىركى ئەزاسى بىراق سەپتىن چىكىنىپ قانۇنسىز سودا قىلغان ئەتكەسچىگە ئايلىنىدۇ شۇنداقلا پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى سۈپىتىدە ئەترەتكە دەھشەتلىك قاتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ .
5 - ئانتونىيو باندېراس : قىساسكار چايان . ۋە زورو رىۋايىتى فېلىمى بىلەن تۇنۇلغان . ئىلگىرى سىيلىۋېستېر سىتاللۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن پارتلىتىش مۇتەخەسسىسى فېلىمى . ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . ئۇ بۇ قېتىم . پىدائىيلار ئەترىتىدە خۇددى ساراڭلاردەك تۇلا گەپ قىلىدىغان . لىكېن قورۇقماس باتۇر رۇلىنى ئويناپ چىقتى .
6 - ۋېسلىېي : ئۇنىڭ ئاجايىپ ئۇتۇق قازانغان شەمشەرۋاز يۈرۈشلۈك فېلىملىرى . ھازېرقى قان ئىچەر فېلىملىرىنىڭ يول باشچىسى بولسا كىرەك . ئۇ بۇ قېتىم فىلىمدە قالتىس تالانتىنى نامايەن قىلدى
7 - خارېسون فورد : ھاۋا ئارمىيە 1 - نۇمۇر . ۋە گۈھەر ئىزدىگۈچى ئەزمەت يۇرۇشلۇك فېلىملىرى . ئۈزى ئەزەلدىن كىنو كۈرۈشنى ياختۇرمايدىغان . بىراق ئۈزى كىنو ئارتىسى بولغان بۇ چولپاننى ھازېرغىچە بايلىق بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە .
8 - كېللان لوتىز : گۇگۇمدىكى شەھەر ناملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ نام چىقارغان . مۇشۇ يىللاردا ئۇنىڭمۇ تەلىيۇ ئوڭدىن كىلىۋاتىدۇ . ئۇ باش رول ئالغان يەنىبىر چيىڭى چوڭ فېلىممۇ بار .
9 - تېررېي : مۇسكۇللۇق بەدەن قىياپىتىگە ئىگە چولپان نۇرغۇنلىغان چوڭ تىپتىكى فېلىملەردە قۇشۇمچە روللارغا چىققان . پىدائىيلار ئەترىتى فېلىمىنىڭ كونا ئەزاسى .
10 - راندىي : ئۈنۋېرسال مۇشلىشىش ساھەسىنىڭ ئىلگېركى ئاتامانى . دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چىمپىيۇنىي بەلۋېغىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغان . جايان پادىشاھ 2 قاتارلىق فېلىملەردەا رول ئالغان . مەزكۇر فېلىمنىڭ كونا ئەزاسى .
11 - روندا روسسىي : ئۈنۋېرسال مۇشلاش ساھەسىنىڭ ئايال مۇشلاشچىسى . بۇندىن بۇرۇن سۈرئەت ۋە قايناق ھىسيات . 6 فېلىمىدە رول ئالغان .
12 - روبېري جون : ھۈر مەتكە سازاۋەر پىشقەدەم ئارتىس
13 - لىلەنجې : چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ داڭلىق چولپانى . شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى فېلىمى بىلەن تۇنۇلغان .
ئاخېرقى 6 نەپەر ئارتىسقا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قىستۇرما سۈرەت قۇشۇلمىدى . زۇرۇر دەپ قارالسا ئىنكاس سۈپىتىدە قۇشۇپ قۇيارمەن .
ئاستىدىكى بولسا { ئورانگۇتان پىلانىتىنىڭ باش كۈتۈرۈشى } ناملىق فېلىمنىڭ قىستۇرما سۈرىتى
ئۇندىن باشقا 2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قۇيۇلغان يەنە بىر چوڭ فېلىم { ئورانگىتانلار پىلانىتىنىڭ باش كۈتۈرۈشى 2 } فېلىمى چوڭ قۇرۇقلۇقتا 3 كۈن ئىچىدە 3 يۈز مىلىيۇن غا يېقىن بىلەن كىرىمى ياراتقان بۇلۇپ مەزكۇر فېلىمنىڭ ھەركەت ئۈنۈم كۈرۈنۈشلىرى ھەقىقەتەن كىشىدە چوڭقۇر تەسېر قالدۇرىدۇ .
2 - بۈلىمىدە قەيسەر ئىسىملىك ئۇرانگۇتان باشچىلىقىدىكى ئۇرانگۇتانلار يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ھالەك بۇلۇپ كەتكەن دۇنيادىكى ئەڭ
ئاخېرقى ئىنسانلار بىلەن كىلىشىم تۈزىدۇ. شۇنداقلا ئىچىدىكى خائىن ئورانگۇتان بىلەن ئىنسانلارنى قوغداش ئۈچۈن ھايات ماماتلىق جەڭ قىلىدۇ .
مەنبە : مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار