مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ankux

ناتونۇش قىزنىڭ ھىكايىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107274
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2014-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 06:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كۇندە كىرۋاتىمەن داۋامى يوققۇ ؟؟؟؟

HATALIK OTKUZUX INSANNIG SUPITIDUR HATALIKNIG AH YAHXISI TAWBA BILAN BIRKA BOLKAN HATALIKTUR .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105604
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 06:43:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىزىپ بولۇپ بىرە قىتىم تەكشۇرىۋەتمەيلا يوللايدىغان ئوخشىمامسىز،سىز باشقۇرغۇچىلاردىنمۇ بەك ئالدىراشما ؟
ئىملا خاتالىقى ،چىكىت -پەشلىرى ،ھەي ...

ئارقامغا ياكى ئالدىمغا قارىغۇم يوق. چۇنكى ئارقامدا غەمكىن ئۆتمۇشۇم ، ئالدىمدا تەشۋىشلىك كەلگۇسۇم بار ! يەنىلا ئۇستىگە قاراشنى لايىق تاپتىم،چۇنكى ئۇيەردە ماڭا ھەقىقى بەخىت ۋە خۇشاللىق بىرىدىغان ئۇلۇغ رەببىم بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1343 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 07:38:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى يازمامسىز؟

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109663
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 400
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 08:15:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بۇلسا بىشىنى باشلىغان ئىكەنسىز . داۋامىنى ۋاقتى ۋاقتىدا يۇللاپ تۇرغان بۇلسىڭىز . باشقىلارنى بەك ساقلىتىۋىتىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس . ئەسەرگە بۇلغان قىزىقىشىمىزنى سۇسلاشتۇرۋەتمەڭ يەنە

دەرت ئېيتما '  دۇئا ئېيىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107097
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:33:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچ كۈندىن  بۇيان  ئۇ   سىسىق  ياتاقتا  ,ئىنسان كۆرسىمۇ  بىشغا  ئاز  كىلىدىغان ئىشلارغا ئۇچىراپ , سىسىقچىلىتقا كۆنۈپ  كەتكەن  بولسام كىرەك 。باراتنىڭ  تاپشۇرقى  بىلەن ئادەملىرى  مىنى  مەكتەپكە  ئىلىپ  ماڭغاندا  ,ماشىننىڭ  كەينى ئورۇندىقىدا بەللىرىمنىڭ  ئاغرىشىغا  قارماي ,ئۈرۈمچىنىڭ  بۇ  ساپ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلىنىپ نەپەس  ئىلىۋاتاتتىم  。بىر  چاغ  بولغاندا , ماشىنا توختاپ مەن ئولتۇرغان ئورۇننىڭ   ئىشىكى ئىچىلدى  دە ,كۈچلۈك  بىر  قول  مىنى  قاتتىق  سىكىپ ،
-چۈشە  قانجۇق ،دىگىنىچە  بىر  رىدە   دەرخنىڭ تۈۋىگىلا ،خۇددى قەغەز تاشلىغاندەك ياقامدىن تۇتۇپ ماشىنىدىن  يەرگە تاشلىۋەتتتى .
يولدىن ئۆتكەن  كىشىلەر  خۇددى باشقا  بىر  نەرسىگە قاراشقاندەك  مەندىن  سەسكىنىپ نىرى  مىڭىشاتتى .مەن خۇددى باشقا  بىر  ھايۋاندەك  ،بەزەنلىرى  تىخى  سىنچىلاپ  قارىشىپ  كىتەتتى . مەن يىغلاپ ئۇ رىدە  دەرخىگە يۆلۈنۈپ  بۇ  قىياپىتىم   بىلەن مەكتەپكە  شۇنداقلا  ياتاققا قانداق  كىرشنىڭ  غىمىدە يىغلاپ  ئاھ  ئۇرۇپ  ئولتۇراتتىم. ئۈچ  كۈندىن  بىرى  بىشىمغا  كەلگەن  قىسمىتىمگە توختىماي  يىغلىغاچقىمۇ، باشلىرىم ئاغىرىپ قاپاق  بولۇپ  كەتكەنىدى  .چاچلىرىممۇ  چۇۋۇق  ۋە  مەينەت  تۈززك تاماقمۇ    يىمگەچكە  ماغدۇرسىزلىنىپ ،رىدە  دەرخى تۈۋىدە سوزۇلۇپ  ھىچنىمدىن  پەرۋاسىز يىغلاپ  ئولتۇراتتىم ،تۇيۇقسىز  بىرى مىنىڭ بىلىكىمگە ئىسىلدى .
-رەھىمە ئەمدى  كەپسەنغۇ ئاداش سىنى  ئىزدىمىگن يىرىم  قالمىدى
بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەندىكىپ  كەتتىم .بىشىمنى  كۆتۈرۈپ  قارسام ساۋاقدىشىم ماھىرە  ئىكەن.
مەن  نىمە  دىيشىمنى  بىلەلمەي تۇرۇشۇمغا  .
ماھىرە  يەنە  
-بىلىمەن  ئاداش ، يۈر  ئاۋال خالى  بىر  يەرگە بارايلى.  تاماق  يىدىڭمۇ  قورسۇقىڭ  قانداق ؟دەپ  سوردى،
مەن  بىىشمنى  چايقىدىم،  ئۇ  ماڭا  
-سەل  توختاپ  تۇر  ئاداش  مەن  بىرىپلا  كىلەي  دىگىنىچە  مىنى تاشلاپ  يولنىڭ  ئۇ  قىتىغا  يۈگۈرگىنىچە ئۆتۈپ  كەتتى .
ماھىرەنىڭ  مىنىڭ  بۇ  يەردە  بۇ ھالىتىم  بىلەن  ئولتۇرغانلىقىمنى  كۆرۈپ  قالغانلقىدىن  قاتتىق  نومۇس  قىلدىم  دە ،ئۆزۈمگە ‹‹ياخشى ئىت ئۆلىگىنى  كۆرسەمەپتۇ ››دەيدىغان گەپ دىدىم دە ،ئۇنۇڭدىن قىچىش خىيالىدا، تەستە  ئورنۇمدىن  تۇرۇپ  مىڭشقا  تەمشىلىپ  تۇرۇشۇمغا،، ئۇ كىلپ قولۇمدىن  تۇتتى ، ۋە ماڭا
- ئاۋال  خالى  يەرگە بارايلى ، ئاداش  يۈر.
ئۇ  ماڭغىچە  ماڭا
-  بۇ  ئىشنى چوقۇم  شىرىن  دىگەن  پاسكىنا قىلدىغۇ، چوقۇم  شۇ  خەپ  دىدى ، ئۇ  مىنىڭ  قولتۇقۇمدىن  يۆلەپ  ماڭغاچ.
مەن  بۇنى ئاڭلاپ ھەيران  قالدىم ، بۇنى ماھىرە  قانداق  بىلۋالغاندۇر ، دىدىم  مەن  كۆڭلۈمدە ياكى  ماھىرەمۇ ......
داۋامى  بار ..............  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107097
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوسلارنىڭ توغرا چۈشنىشنى ئۈمد قىلىمەن ،سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بەزەن بىر خاتالىقلاردىن خالى ئەمەسمەن شۇڭا دوسلارنىڭ يول كۆرسىتىشنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107097
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 12:03:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ كىملىكىم  

مىنىڭ ئىسمىم رەھىمە  ,بۇيىل 21ياش ،ئالاھىدىلىكىم ،باشقۇرۇش قابىليىتىم ناھايتى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە بەك ھىسياتچان ،قىزقىشىم كىتاپ ئوقۇش، كىنو كۆرۈش  ،يۈگۈرۈش ،
- ئائىلە كىلىپ چىقىشىم بەك ئەگىر ى توقاي  ،ھاياتىممۇ شۇنۇڭغا ئوخشاش ئەگىرى توقايمىدۇ دەپ ئويلايمەن .
مىنىڭ ئىككى دادام بار بىرى ئۆز ،بىرى  ئۆگەي .
ئۆز دادام بىزنى تاشلاپ  چىقىپ كەتكەندىن  كىيىن ، ئائىلىمىز  چوڭ  بىر ئىقتىسادى كىرزىسقا دۇچ  كەلدى .چۈنكى  دادام ئاجىرشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،ئانامنى بەل پۇت  سىقىراپ ئاغىرىشى ،ساختا رىماتىزىم، بويۇن قىتىششى قاتارلىق  بىر  نەچچە كىسەل   بىلەن دوختۇرخانىغا ئەكىردىم ،ئانام بىر  گىزىتخانىدا گەرچە ئەمىلى  بولمىسىمۇ  كۆزگە كۆرۈنگن بىر مۇھەرىر ئىدى ،ئانامنڭ ئالغان  مۇئاشىمۇ ، بۇ ئايدىن  ئۇ ئايغا ئاران  يىتەتتى.  شۇنداق  بولغاچقىمۇ ئانام بەك  ئىقتىسادچىل  ئىدى،  ھەم  مىنىمۇ  شۇنداق  بولۇشقا  ئۈندەپ تۇراتتى .
ئانام دوختۇرخانىدا ساق تۆت  ئاي داۋالاندى. داۋالانغاندىمۇ ناھايتى كۆپ  پۇلغا داۋالاندى دىسەممۇ بولىدۇ، ئانامنىڭ  ئىدارىسمۇ  ئاران  يىرمىنى ئاتچوت  قىلىپ بەردى. قالغان ئون ئىككى تۈمەن پۇلنى ،ئۆينى  سىتىپ  ،  بانكىدىن قەرىز  ئىلىپ ئاران دوختۇرخانىدىن  چىقىۋالدى. ،ئانام دوختۇرخانىدىن  چىقىپلا ،بىر ئەسكى ئىجارە ئۆيىدە بەش  كۈن كۈتۈنگەندىن  كىيىن يەنە  خىزمەت  دەپ  چىقىپ كەتتى  . ئائىلىمىزنىڭ ئۇ چاغدىكى نامىرات ئەھۋالىنى ھازىر ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن .مەن  بولسام  نەچچە   كىلومىتىر  يولنى  پىيادە   بىسىپ ،مەكتەپكە  باغۇچە مىڭ  يىغلاپ  مىڭ كۈلەتتىم ،دادامنىڭ  ماشىنىسىدا بولغان  بولسا  بىردەمدە  بىرىپ  بولاتتىم  دەپ  ئويلايتىم. ئەپسۇس دادام  ئۇكامنى ئىلىپ قاياقلارغىدۇر چىقىپ  كەتتى.
مەكتەپتە  بەزى بالىلار مىنى  مازاق  قىلىشاتى. دادام يوقلۇقنى  بلىشىپ  مىنى  تخى نەچچىسى  تىللاپ ئۇرىدىغان بولۇپ  قالدى، كۈنلۈرۈم قاتتىق  ئازاپ  ئىچىدە ئۆتەتتى ،مۇئەللىمۇ مىنى  بىر  قىتىم  ،
رەھىمە  كىتاپ پۇلىنى قاچان  تۆلەيسىز  ،ھەممە بالىلار  بىرىپ بولدى  سىزلا  قالدىڭىز دەپ  سىنىپتىكى  ئوقۇغۇچىلار  ئالدىدىلا قاتتىق  سلكىپ  تىللاپ  كەتتى  .
ئانامنىڭ  ئالغان  نەچچە يۈز  يۈەن  مۇئاشنىڭ ھەر  ئايدا مۇقىم  چىقىمى  بولغاچ ،مىنىڭ كىتاپ پۇلۇمغا نۆۋەت  تەگمەيتى .مەن باشلانغۇچ  مەكتەپنى  قاتتىق  غۇربەتچىلىك ۋە  تىل  ئاھانەت  ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم .چۈنكى مۇئەللىم  ئىسمىمنى  توۋلاپ  مىنى  كۈندە باللارنىڭ ئالدىدا كىتاپ  پۇلى  قىنى   دەپ تىللايدىغان،  مەنمۇ كىتاپ  تارقاتقان كۈندىن باشلاپ تاكى  مەۋسۇم  ئاخىرى بولغۇچە  كىتاپ پۇلىنى  ئاپرىدىغان، تخى بەزىدە  تۆلەپ بولالماي قەرىز بوپ كىتەتتىم  .بۇنداق چاغلادا  مۇئەللىمنىڭ تىللىغنىغا  چىدىماي  يىغلاپ كەلسەم   ئانام مىنى باغرىغا بىسىپ  يىغلاپ كىتەتتى.  مەن  دەل  ئەنە  ئاشۇنداق  بىر  مۇرەككەپ  غۇربەتچىلىك  ئىچىدە  پۇلنى  قانداق  تاپسا  بولىىغانلىقنى   چۈشۈنۈپ  يىتىۋاتاتتىم . شۇنداق  قىلىپ  مۇشۇنداق  كۆڭۈلسۈزلۈك  بىلەن  مۇئەللىمنىڭ،
-سەندەك  ئوقوغۇچنى  ئىككىنجى كۆزۈم كۆرمىىسۇن  ،،،،دەپ  ئۇزۇتىشى  بىلەن ئاران  دىگەندە  تولۇقسىز  ئوتتۇرىغا  چىقتىم .
ئانام بىر  قىز بولغاچقا ، بوۋا  موماملار مەەنىيەت  زور   ئىنقىلابىنڭ ئاخرىقى   مەزگىللىرى  قاتتىق  زەربە  يىگەچكە ،شۇنىڭ تەسىردىن بولسا  كىرەك مۈكچىيىپ دوڭغاق بولۇپ قىلىپ ،  2002 يىلى ئارقا ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەنىدى. شۇڭا  ئانامنىڭ  بىر  شۇ  گۈلمىرە  دىگەن  يۇۋاش  دوستىدىن  باشقا ئادەم ،بۇ شامال  قۇترايدىغان پاخال بىلەن يىپىلغان ئۆيىمىزگە كەلمەيتى . مەن  پەقەت  ئاشۇ  كۈنلىرلا  تاتلىق  تۈرۈم  قاتارلىق  بالىلار  ياقتۇرىدغان  يىمەكلىكلەرنى  يىيەلەيتىم.  ھەم  ئۆيىمىزمۇ ھەپتە ئاخىرىدكى  دەم ئىلىش كۈنى  كەچتە گۈلمىرە  ھەدەم  كەلگەندىلا  خىلى  ئسسىق بىلىنەتتى .
مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يىلى  ،ئانام بىر  يۇۋاش  تەپسە  مۆرىمەيدىغان مۆمىن  بىر كىشنى ،گۈلمىرە ئاچامنىڭ تونۇشتۇرۇشى  بىلەن مىنىڭ  ماقۇللۇقۇمنى  ئىلىپ توي قىلدى. شۇندىلا    ئائىلىمىز  ياخشى كۈنگە ئىرىششىكە  باشلىدى .
ئۆگەي  دادام  مىنى  ئۆز قىزىدەك  بىلەتتى ،چىراي تۇرۇقى  ئانچە  كىلىشكەن  بولمىغنى  بىلەن قىلىق ۋە  يۈرۈش  تۇرۇشى  پاكىز  ۋە مۇلايىم  ئىدى . مەن  بۇ  ئائىلىگە،  شۇنداقلا  دادا  مىھرىنى   قايتا تاپقاندەك  بولۋاتاتتىم.   مەن تولۇق  ئوتتۇرنىڭ ئىككىنجى يىللىقىغا  چىققان  يىلى ئانامنىڭ  كونا  كىسلى يەنە قوزغۇلۇپ مىنى بەك  ساراسىمە  قىلىۋەتتى  .ئەمما ئانامغا قارايمەن  دىسەم ،دادام  قەتئى ئۇنماي.  
-رەخىمە  سىز  دەرىس  تەككارالاڭ ، مەن  با  خاتىرجەم  بولۇڭ  ،دەپ مىىنىڭ قارىشىمغا  ئۇنمايتى .ئانمغا شۇنداق  كۆيۈنەتتى  ،ئىشتىن  چۈشكەن ھامان دوختۇرخانىغا كىلەتتتى  .دادامنىڭ  دىيىشىچە دادامنىڭ  ئاتا  ئانسى دادام تۇغۇلغن يىلى بىر  قىتىم ئۆيگە ئوت  كىتىش  سەۋەبى  بىلەن كىسەل بولۇپ  شۇ  ياتقانچە قوپقلماي  ئۆلۈپ  كەتكەنىكەن. دادامنى بىر ئاچىسى  بىقىپ دادام .ئون ئىككى  ياشقا  كىرگەن يىلى مىراس  دەۋاسى  قىلىپ ئۆيدىن  ھەيدەپ  چىقىرىپ ، كارى  بولماي كوچىدا  قىقىندى  بولۇپ مىڭ  تەستە  ئوغۇرلۇقچە  چىگىرىدىن ئۆتۈپ ،1985-يىلى رۇسىيىگە چىقىپ كەتكەنىكەن  .شۇڭىمۇ دادام  رۇسچە  دەمسىز، فىرانسۇزچە  دەمسىز  ،ئىنگىلىزچە دىگەندەك تىللارنى  ئۇيغۇرچىغا ئوخشاشلا  سۆزلەيتى .2004-يىلى  يۇرتىنى  سىغىنىپ شىنجاڭغا كىلىپلا،  بىر شىركەتتىن  ئىش  تىپىپ  تۆت ئايدىن  كىيىن  ،ئانام  بىلەن توي  قىلغانىكەن  .دادام بىر  تاشقى  سودا  شىركىتىنىڭ مۇئاۋۋىن لىدىرى  ئىدى ،شۇنداق  بولغاچقىمۇ  قىلىقى  ۋە  قىياپتى  بىر  خىل بىلىنەتى . شۇنداق  قىلىپ ئانام  بۇ  قىتىم ساق  بىر يىل  دوختۇرخانىدا  ياتتى  .  دادام  ئانامنىڭ  ئۇنمىغنىغا  قارىماي ، ئانامنى  بۇندىن  كىيىن خىزمەت  قىلدۇرمايمەن  دەپ  خىزمىتىدىن  ئانامنىڭ  تەستە  ماقۇل   بولۇشى  بىلە  ئىستىپا قىلغۇزۇدى  .ئانام  مىنىڭ  ئالى  مەكتەپ  ئىمتىھاننى  بىرىپ  ئەتە  نەتىجە  چىقىدۇ  دىگەن  كۈنگە  توغۇرلاپ دوختۇرخانىدىن چىقۋالدى ،مىنىڭ مەكتەپكە  مىڭىشىمغا ئون كۈن  قالغاندا ئائىلىمىزدە  يەنە  مۇنداق  بىر پاجىئە كىلىپ  چىقتى ،بۇ پاجىئە دەل ئانام ۋە مىنى   ئۆلمەس ئىززا ئاھەنەتكە شۇنداقلا يەنە ئانامنىڭ  تۇل  مىنىڭ يىتىم بولۇشۇمغا سەۋەپچى بولدى
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن  ئەسەر ئورۇنلاشتۇرۇش  جەھەتتىن سەل ئۆزگىچىلىك قوللىنىلغان بولغاچقا   ماھىرەنىڭ نىمە سەۋەپتىن  بىلىپ قالغانلىقى ماھىرە زادى قانداق ئادەم   ،  مەۋلان بشچىلىقىدىكى بۇ  تەشكىلات  خارەكتىرنى ئالغان  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق بىدىك سودا تەشكىلات بىلەن بولغان ئالاقىسى شۇنداقلا ئەڭ مىگىزلىك بولغان سۇلتان   يەنەى رەھىمەنىڭ دادىس قانداق شەخىس  بۇلارنى يورتۇپ بىرىشتە بۇ  مەزمۇن ناھايتى  تۈرۈتكىلىك  رول  ئوينايدۇ شۇڭا بۇ مەزمۇننى قىتىش قارارىغا كەلدىم

داۋام يوللىنىدۇ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107097
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2014-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 02:28:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغان ئەسىرىم تخى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 09:53:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاخىرى يوققۇ؟!!

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105604
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 12:53:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر مەزمۇنى بەكلا قالايىمىقان،چىچىلاڭغۇمۇ قانداق ياكى مەن چۇشىنەلمىدىممۇ؟

ئارقامغا ياكى ئالدىمغا قارىغۇم يوق. چۇنكى ئارقامدا غەمكىن ئۆتمۇشۇم ، ئالدىمدا تەشۋىشلىك كەلگۇسۇم بار ! يەنىلا ئۇستىگە قاراشنى لايىق تاپتىم،چۇنكى ئۇيەردە ماڭا ھەقىقى بەخىت ۋە خۇشاللىق بىرىدىغان ئۇلۇغ رەببىم بار !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش