nurjula يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:54 PM
ماڭىمۇ بەك تېتىقسىزدەك بىلىندى، بىراق قەلىمىڭىز بىلەن ...
ئاپىرىن سىزگىمۇ قېرىندىشم . مەنمۇ مۇشۇنداق ھېس قىلغاچقا ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇنداق تېتىقسىز ئىشلارنى كۆپ ئاڭلاپ ، كۆرۈپ كەتكەچكە ، شۇ تېتىسىزلىقتىن بىزار بۇلۇپ رۇياپقا چىقارغا ئەسەر ئېدى .
تېمىنىڭ ماۋزوسىدىلا ‹ مودا › دەپ نېمە دەپ ئىسكۆپكىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ قويغىنىمنى ، شۇنداقلا تېمىنىڭ بېشىدىلا ئەسكەرتىپ تۇرمۇشتىكى ناچار خائىشلار تۈپۈيلى يېزىپ سالدىم دېگىنىمنى چۈشەنگەن مۇنبەرداشلىرىمغا رەھمەت .
مەن بۇ قىلمىش ئەتمىشلەرنى بەلكىم قاتتىق پوزىتسىيەدە تۇرۇپ قامچىلىغان بولسام ، بەلكىم لاۋزا ياكى تېتىقسىزلىق تۈسىنى ئالغان تېما بولماي ، ياخشى يېزىلغان ماقالە بولغان بۇلاتتى . ئەمما مەن بۇنداق كەيپىياتتا بىر كۈننى داۋام ئېتىشنى خالىماي ، چاخچاق تۈسى ئارقىلىق قامچىلىغانتىم . ئەسىرىمنىڭ ئەسلى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيىسى بولسا :
جەمىيەتتىكى بۇلۇپمۇ ھازىرقى بىز خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ قارغۇلارچە مودىغا ئەگىشىش قىلمىشى . تۈگۈمەس چاي ، يىغىلىش (بىزدە تۇغۇلغان كۈننى قۇتلۇقلاشنى بوۋام ماڭا ئۆگەتمەپتىكەن ) ، ھەم باشقىلارنى كۆرەلمەسلىك ، غەيۋەت قىلىش قىلمىشلىرى .
تەرەققى قىلىدۇق دەپ ئۆيىمىزگە ئىككى مېھمان كەلسە ، ئۆيدە تاماق ئېتىشتىن رېستۇرانلارغا يۈزلىنىپ كېتىش ياكى تەييارنى ئەكىرىپلا چىرايلىقچە مېھماننى يولغا سېلىش قىمىشلىرى (كۆپ ئاڭلاپ قالىمەن خوشنامنىڭ يولدىشىنىڭ خوتۇنلار ئەمدى خېمىرنىمۇ يۇغۇرۇشنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان بولدۇڭلار دېگىنىنى ).
ئاتا -ئانىلارغا داۋاملىق يۈلىنۋېلىش (‹موماي ماشىناڭ سۇدا ماڭمايدۇ بالام ، ئۆزەملا باراي› دېسە ‹ماقۇل ئاپا..› دېيىشتىن يەنە بىر مەزمۇن چىقىدۇ ، ئاتا -ئانىغا ئىشلەتمىگەن ماشىننى كىمگە ئىشلەتكۈلۈك ) ، ئانا تىلدا سۆزلەشمەسلىك ، ھەم ئەرلەرنىڭ ئەرلىك غورورىغا تاقىشىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .