مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: musilina

مىسرانىم مۇنبىرى كىتابخانىسى (1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12543
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32332
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4568 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 04:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹سالچىلار ››رومانىدىن پارچىلار

ئاپئاق خوجا مازىرىنى كارامەتچىلەر يىغىلىدىغان جاي دەپ قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا ،بۇ يەردىكى يوغان گۈمبەزنىڭ ئىچىدە ياتقان زاتنىڭ كىملىكىنى،ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئادەم ئىكەنلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى،ئۇلار ھەر يىلى ھەزرەت سەيلىسى مەزگىلىدە  بۇ يەردە بولىدىغان قىزىقچىلىقلارنى،كارامەتچىلەرنىڭ كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان ھۈنەرلىرىنى كۆرۈپ،كۆڭلىنى ئېچىش،ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە يىغىلىشاتتى.تۇخۇمنى تۇماقنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويۇپ يىراقتىن تۇرۇپلا ‹‹سۈف!››دەپ چۆجە چىقىرالايدىغان كۆز باغلامچىلار،  ئاغزىدىن ئوت پۈركۈپ ئوت ئىچىدىن كەپتەرلەرنى ئۇچۇرۇپ چىقىرالايدىغان سېھرىگەرلەر،جىرىڭلاپ تۇرىدىغان تىللارلارنى قولىغا ئېلىپلا ئەرزىمەس مىس تەڭگىگە ئايلاندۇرۇپ قويالايدىغان كارامەتچىلەر،تىك دار ئۈستىدە پۇتىغا پەتنۇس تېڭىپ،كۆزىنى باغلاپ ماڭالايدىغان دارۋازلار،كۆيىۋاتقان ئوت چەمبىرەكلەرنىڭ ئارىسىدىن موللاق ئېتىپ ئۆتەلەيدىغان سېرىكچىلەر،‹‹يىتكەن ھەرقانداق نەرسەڭنى تاپالايمەن،كەلگۈسىدە بېشىڭغا نېمە قىسمەتلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن››دەپ مەيدىسىگە ئۇرىدىغان رەمباللار،كىملەرنىڭدۇ كىشىگە ئېيتقىلى بولمايدىغان غەلىتە -غەلىتە كېسەللىرىنى كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئاجايىپ تېۋىپلار،خىلمۇ -خىل تۇمارلارنى پۈتۈپ بېرەلەيدىغان مولاملار،ئەر -ئاياللارنى بىر -بىرىگە ئامراق قىلىدىغان ،بىر -بىرىدىن ئاجرىتىۋېتەلەيدىغان ئىسسىتقۇ،سوۋۇتقۇلارنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئالدامچىلار بۇ يەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ ،ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالا -چەكمەن قىلىۋېتەتتى.

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12543
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32332
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4568 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 03:59:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹سالچىلار››رومانىدىن پارچىلار

ئاپئاق خوجا خان بولۇپ تۇرغان 16 يىلدا سوپىزىمنى دۆلەت قانۇنى قىلىپ تۇرغۇزغان،بىۋاستە قوبۇل  قىلغان مۇرىتلىرى 300مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن،ئاپئاق خوجا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پىركامىل تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئىشانلىق دەرجىسىگە يەتكەنلەرنى جاي -جايلاردىكى مازار -ماشايىخلارغا  ئەۋەتەتتىكەن.قەشقەردىكى خان خوجا مازىرىدىن يەكەندىكى ئالتۇنلۇق مازىرىغىچە بولغان ھەممە مازار،خانىقالاردا داشلار ئېسىلىپ،ئۇماچ قايناپ تۇراتتىكەن.جۇلدۇر كېپەن،تەركى دۇنيا سوپى ،ئاشق،دەرۋىشلەر مازارمۇ مازار قاتراپ ‹‹ھۇۋ››سېلىپ قورسىقىنى بېقىپ يۈرىشەتتىكەن.ئۇ دەۋرلەردە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا ھەرقانداق كىتابنى ئوقۇش مەنئى قىلىنغان.ساز چېلىش،ناخشا ئېيتىش،مەشرەپ ئويناش چەكلەنگەن.ئىتائەت قىلمىغانلار دارغا ئېسىلغان ياكى بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ھەتتا ئاۋام شائىرى مەشرەپمۇ ئۆتكۈر پىكىرلىك شېئىرلارنى يازغانلىقى ئۈچۈن يوقىلاڭ بەدناملار بىلەن قەشقەردىن قوغلانغانئىدى.ئەڭ مەسخىرىلىك يېرى شۇكى،ئاپئاق خوجا چەكلىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بۈگۈنگە كېلىپ سوپىلار ئۇنىڭ بېشىنى دەسسەپ تۇرۇپ قىلىدىغان بولدى.مازارنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلىكلەردە بەڭگىلەر قىڭغىيىپ يېتىپ نەشىسىنى تارتىپ،ئۆزىنىڭ تۈگىمەس خىياللىرىنى سۈرەتتى.بەزىلىرى ۋەدە قىلىنغان جەننەت ۋە ئۇ يەردىكى ھۆر -پەرىلەرگە يېتىش ئۈچۈن بالدۇرراق ئۆلۈپ كېتىشنى خالاپ كۈنلەپ ئاغزىغا ھېچنىمە سالمايتتى،شۇنچە ئاچ يۈرۈپمۇ ئەتىسى يەنە ئۆزىنىڭ غېرىب كولبىسىدىن تىرىك قوپقىنىغا ئۆزىمۇ ھەيران قالاتتى.قايەردىدۇر بىر يەردە قىمارۋازلار مەيدىلىرىگە مۇشلاپ تۆت ئوشۇقنى دومىلىتىشاتتى.قىمارۋازلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوغرى ئىدى.ئاۋۋال قىمارۋاز بولۇپ،ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئوغرى بولامدۇ ياكى ئاۋۋال ئوغرى بولۇپ تەر تۆكمەي تاپقان دۇنياسىنى تۈگختىش ئۈچۈن قىمارۋاز بولۇپ كېتەمدۇ ،بىلگىلى بولمايتتى.بۇ يەردە قولدىن - قولغا ئۆتۈپ پۈرلەشكەن قەغەز پۇللار،ئالتۇن زىبۇ -زىننەت،تەڭگىلەر شاراقلاپ تۆكىلەتتى.ئىت تالاشتۇرىدىغان،توخۇ سوقۇشتۇرىدىغان،قوچقار سدوقۇشتۇرىدىغانلارنىڭمۇ ئۆز مەيدانلىرى ئايرىم ئىدى.ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قايسىبىر ئۆيلەردە يەنە نەغمە -ناۋا ئەۋجگە چىقىپ ،ئىچىشۋازلىق داۋاملىشاتتى.ئۇلار ئۈچۈن ئاپئاق خۇجا دېگەننىڭ زادى قانداق ئادەملىكى قاراڭغۇ بولۇپ،قىممەتلىكى ھەر يىلى بۇ يەردە بولۇپ تۇرىدىغان ھەزرەت سەيلىسى ئىدى.
مۇرىتلىرىغا ئۇ دۇنيانىڭ جەننىتىگە يېتىش ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ بارلىق راھەت -پاراغەتلىرىدىن كېچىپ مۇساپىرچىلىقتا ياشاشنى تەرغىپ قىلغان ئاپئاق خۇجىمۇ ئۈست-ئۈستىلەپ خوتۇن ئېلىپ بۇ دۇنيانىڭ راھىتىنى زادىلا قولدىن بەرمىگەن.بىر قېتىملىق شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ باقماق ئۈچۈن ھەرقانداق ئاسىيلىق قىلمىشىدىن باش تارتماي ،ئاخىردا 170 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ ،ئاجايىپ مەدەنىيەت ياراتقان ئۇلۇغ سەئىدىيە خانلىقىنى ۋەيران قىلىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا مۇشۇ مازارنى قالدۇرۇپ ئۇ ئالەمگە كەتكەنىدى.

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 12:04:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى››دىن پارچىلار

ئاپتورى :گۈلباھار سىدىق ئابباس


‹‹ئاياللار رۇباشكىسىنىڭ جىيىكىنى كەڭ چىقىرىپ قويسا،كۆرگەن ئادەم ئەجەب رۇباشكىسىدىن كۆڭلىكى قىسقىكەن،ئىچىدىكى بىرنىمىسىنى ساڭگىلىتىپ قويماي ئوڭشاپ كىيىۋالسىچۇ دەيدۇ،ئەگەر رۇباشكىسىنىڭ جىيىكىنى كىچىككىنە

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 11:34:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ayguzal1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 12:04 AM
‹‹زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى››دىن پارچىلار

ئاپتورى : ...

ئىنكاس يېزىۋاتقاندا قولۇم تېگىپ كېتىپ،چالا پېتىپ يوللىنىپ كەتتى،تەھرىرلەي دېسەم يېڭى ئەزالارنىڭ ئىنكاسى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرىنىدىكەن،داۋامىنى ما ئىنكاسىمدا تولۇقلىۋېتەي.....


چىقىرىپ قويۇپ كىيسە،كۆرگەن ئادەم رۇباشكا ئىچىدىكى گۈزەللىككە قىزىقىدۇ....››،دېمەك قىزلىرىمىز يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلىرىنى يېپىپ،ئۆزىگە خاس نازاكىتىنى ساقلاپ قالسا،ئۇلاردىكى جەلپكارلىق تېخىمۇ كۈچەيمەسمۇ؟

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 12:39:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامانا ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى


بىز ئاياللار ھاياتلىقتا ئائىلىنى قۇرۇپ،پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەپ،جەمىيەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھوزۇر -ھالاۋەت،بەرىكەت ئاتا قىلىدىغان ھەمدە ئائىلىنى مېھر -مۇھاببەت نۇرلرى نۇرلاندۇرىدىغان مۇقەددەس ئانا.سۆيۈملۈك يار ۋە ھەيات چىرىقى ھەم مېھر -مۇھاببەت پىدائىلىقىنڭ سىمىۋولى،پاك قەلب،لاتاپەت ۋە گۈزەللىكنىڭ پەرىشتىسى.

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12543
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32332
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4568 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 11:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي قىز ،ئاگاھ بولۇڭ


ئەي قىز!قىزلىق قەدر -قىممەتنىڭ  ئېنىق شەپىسى تۇيۇقسىز يەنە پەيدا بولۇپ قالدى ۋە بارغانچە روشەنلەشمەكتە،ئۇ بەلكىم سىزگە ئوخشاش پەزىلەت غۇنچىلىرىنىڭ كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىر دەلىلى بولسا كېرەك.بۇ شەپە يەنىمۇ روشەنلىشىدۇ ۋە ۋىجدانلىق،ھايالىق قىزلارنىڭ بەخت يۇلتۇزى بولمىش چولپانغا ئوخشاش كۆكتە پارلايدۇ.ئىزتىراپ چەككۈچىلەرنىڭ غەم -قايغۇسىنى قاياقلارغىدۇ سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ ،دەپ بىلگەيسىز.

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش