مەنمۇ ئۆزۈم ئوقۇغان كىتابلار ئىچىدىن ماڭا تەسىر قىلغان جۈملىلەردىن يىزىپ قوياي :
1.بىرەر ئىشتا مۇۋاپىقيەت قازىنىشىڭىزدىن بۇرۇن ، ھەرگىزمۇ يۈز-ئابرۇيغا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەڭ ؛
2.ئەدەپ-ئەخلاق دىگەن كىچىك-كىچىك ئىشلاردىمۇ قۇربانلىق بىرىش بەدىلىگە كىلىدۇ ؛
3.رىئاللىقتىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىلەر بىلەن ھەل بولۇپ كىتىشى ناتايىن ؛
4.بۇ دۇنيادا ۋاقىت ھەممىدىن قىممەتلىك ، كۆز ھەممىدىن ئالدامچى ؛
5.سىزنىڭ تىنىڭىزدە يوشۇرنۇپ ياتقان بىر كۈچ بار ، ئۇ سىزنىڭ ئەمەلىيتىڭىز ئارقىلىق ئۇنى ئالەمگە ئاشكارىلىشىڭىزنى كۈتۈپ ياتماقتا ؛
6.ئۆتكەن كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى ، بالام ، ئۇ كۈنلىرىڭ ئەمدى كەلمەسكە كەتتى . سەن قەيسەر بولىشىڭ كىرەك ، ئەس ھۇشىڭنى يىغىشىڭ كىرەك . چۈنكى سەن يەنە بىر مەزگىل ئۇزاق مۇساپنى بىسىشىڭ كىرەك ، بۇ يولنى قانچىلىك بىسىشتىن قەتئىينەزەر، سەن ئاۋۋالقىدىنمۇ چىرايلىق مىڭىشىڭ كىرەك ؛ بالام ، ئۈمىدسىزلەنمە ، سەن ماڭىدىغان يول يەنىلا شۇنچە ئازادە ، سەن جۈرئەتلىك بولۇشۇڭ كىرەك ، جۈرئەتلىك بولۇشۇڭ كىرەك ، جۈرئەتلىك ھالدا بۇ مۇساپەڭنى مىڭىپ تۈگىتىشىڭ كىرەك . (بۇ بىر ئانىنىڭ راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈم گىرداۋىغا بىرىپ قالغان 9 ياشلىق بالىسىنى رىغبەتلەندۈرگەندە ئىيتقان سۆزى . بالىسىغا خىمىيلىك داۋالاش توختىتىلىدۇ ، بالا ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي ئاپسىدىن ئۆزىنىڭ تىنچ ئۆلگۈسى بارلىقىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاندا ئانىسى شۇنداق رىغبەتلەندۈرىدۇ ، لىكىن ئاخىرى ، يەنىلا بالىسى ئۈچۈن تىنچ ئۆلۈش يولىنى تاللايدۇ . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قلىۋاتقىنىمدا بۇ گەپلەرنىڭ خۇددى ماڭا دەۋاتقاندەك ، مىنى قانچە رىغبەتلەندۈرگىنىنى بىلمەيمەن ، ئىھتىمال ھەممە ئانىلارنىڭ مۇھەببىتى ھەممە بالىلارنى رىغبەتلەندۈرەلىسە كىرەك
)
7.بەزى ئادەملەرنىڭ دوستلىشىشى خۇددى ئىتنىڭ سۆڭەك ئىزدىشىگە ئوخشايدۇ ، پايدا چىقمىغاندا ئۇ بەرىبىر سىزنى تاشلاپ كىتىپ قالىدۇ .
8.ئادەملەر دوستلىرى بىلەن باردى-كەلدىسى ئۇزاق بولغانسىرى ، دوستلار ئارا ھىسيات ئاشكارىلىشى قانچە كۆپ بولغانسىرى شۇنچە ئاسان قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى بايقىشىدۇ .
9.مۇكەممەل ،ساغلام بولغان پىسخىك ھالەتنىڭ مەلۇم دەرىجىدە راك كىسىلى ۋە يۈرەك-مىڭە كىسەللىرىنى داۋالاشتا پايدىسى بار.
(ھەممىسىنى خەنزۇچە كىتابلاردىن ساقلىۋالغان ، مەنبەسى قايسى كىتابلار يازماپتىمەن )