مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئىپار پۇراقلىق قەبرە (مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىمىلەرنى ئۇنۇت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10702
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8105
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2014-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 06:55:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ؟  بەرناغا بەك ئىچىم ئاغرىدى   ..... ئانا دىگەنمۇ مۇشداق بۇلامدۇ دەيمەن...توۋۋا...دەۋزىخى..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 10:08:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇماق  ساقام  يىڭى  ئەسەر  باشلىغانلىقىڭنى  تەبرىكلەيمەن  

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 10:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ئەسەرمۇ ياخشى  باشلىنىپتۇ  ئىلگىرى يازغان   ئەسەرلىرىڭگە  ئوخشاش  ياخشى  يىزىپ           چىققىن   جىمۇ  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 رەھمەت ھەدە ، باكەنسە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 10:33:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tograkmalikisi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 06:00 PM
مۇشۇنداق ئىسمى بار بىر كىنو بار ئىدى.... پىلاستىنكىسى ھا ...

ئالدىنقى  قىتىمقى   ئەسەرلىرىڭىزگە قارىغاندا  دەپ  قويۇڭ  ئالدىنقى  قىتىملىق  ئەسەرلىرى بۇنىڭدىنمۇ
ياخشىغۇ  ..

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 10:52:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى يوللاندىمىكىن دىسەم ........

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1680
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 12:50:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھۇي  بۇ مۇنبەردە باھالىغۇچىلار  ناۋا پىروگگىراممىسىنىڭ باھالىغۇچىلىردىنمۇ  كۆپكەنغۇ،شۇنىڭدىن كۆرە ئۆزۆڭلا بىر يىزىپ بىىقىڭلا ، شۇنداق  ياخشى چىقىۋاتقان ھىكايىدىن قۇسۇر تىپىپ كىتىپتۇ تىخى،بەك تەكلىپ بەگۆڭلا كىلىپ كەتسە ئايرىم  دەڭلا دۆڭگە چىقىپ كانايدا تۇۋلىماي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 11:29:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

psb (8).jpg


                                      ‹‹  كۈتۈلمىگەن  ئىشلار ››

قەيسەر  ئۇزۇن  يوللارنى  بېسىپ  ئۈرۈمچىگە  يىتىپ  كەلدى ، ئۇ  ماشىنىدىن  چۈشۈپلا   بىكەتتىن  قايتىپ
  چىقتى   ،   ئەتراپ  شۇنچىلىك  ئاۋات  ،  مىغ-مىغ  كىتىپ   بارغان   كىشىلەر  ، يول  بويىدىكى  ئۈزۈلمەي   ئۆتۈۋاتقان  ماشىنىلارغا  قاراپ  بىر  ئاز  خىيالغا  چۆكۈپ  قالدى  .-‹‹ئاۋال  ،ياتاقتىن بىرنى  تىپىپ   ئورۇنلىشايچۇ ،  كىيىن  بىر  گەپ  بولار ››  قەيسەر شۇلارنى   ئويلىغاچ   يىقىن  ئەتراپتىكى  ياتاققا  قاراپ  ماڭدى..
ياتاق  ئىچى   پاكىز  ھەم  رەتلىك  سەرەمجانلاشتۇرۇلغان  ئىدى   ،  قەيسەر   كۆزلىرىنى   ئۇۋلىغىنىچە       كارۋاتقا   تاشلىنىپ  خىلى   ئۇزۇن   ئۇخلىدى  ،   ئارىدىن   ياتاق  ئىشىكىنىڭ  چىكىلىشى  بىلەن   ئۇ   كۆزلىرىنى   ئۇۋلىغىنىچە  بىرىپ   ئىشىكنى   ئاچتى   .

ئىشىك   ئالدىدا  19-20   ياشلار  چاممىسدىكى بىر  قانچە   بالىلار  تۇراتتى  ،  ئۇلار  قەيسەرنى   كۆرۈپ   بىر  ئاز   ئەجەپلەنگەندەك  باشلىرىنى  سوزۇپ  ياتاق  ئىچىگە  قاراپ   قويۇشتى  ،  قەيسەر    سوئال     نەزىرىدە   ئۇلارغا  قارىدى  .

-بۇ   ياتاقتىكى  ئابباس  ئىسىملىك  بالىلار  بار  ئىدى .....
-مەن  تىخى  بايىلا  كىردىم ....
-ھە  ،  ئۇنداقتا  كۆچۈپ  كىتىپتۇ  دە  ،  بولىدۇ  سىنى  ئاۋارە  قىلدۇق  ئاغىنە .....
-ياقەي  ....
قەيسەر  ئىشىكنى  يىپىپ  كىرىپ  كىتەيلا  دەپ تۇرىشىغا  ئۇلار  ئۇنى  يەنە گەپكە سىلىشقا  باشلىدى:
-ئۆزۈڭمۇ  يالغۇز  تۇرىدىكەنسە  ؟   يۈرە   ئايلىنىپ  كىرمەمدۇق ؟
-نىمە  ؟
قەيسەر  ھىچنىمىنى   ئاڭقىرالمىغان  ھالدا   ئۇلارنىڭ  ئۈستى  بىشىغا  قاراپ  قويدى  .
-بۇنداق  دىسەك  خاتا  چۈشەنمە   ،  بىز  ماۋۇ  ياندىكى  ياتاقنى  ئالغان  دىگىنە   ، سەنمۇ   يالغۇز     تۇرىدىكەنسەن  ،  زىرىكىپمۇ  قالىسەن ھەقاچان  ....
-ھە  ،   مەن  چاپىنىمنى  ئەچچىقىۋالاي  ....
قەيسەر  ياتاق   ئىچىگە  كىرىپ  چاپىننى  كىيىۋالغاندىن  كىيىن  ، ماڭايلى  دىگىنىچە    ئۇلارنىڭ         كەينىدىن   ئەگشىشىپ   سىرتقا   قاراپ  ماڭدى  ،   قىشىنىڭ  سوغۇق   شامىلى  يۈزگە  ئۇرۇلۇپ  تۇراتتى.قەيسەر   ئارىلاپ  -ئارىلاپ  يىنىدىكى  بالىلارغا  قاراپ  قوياتتى  . ئۇلار  بولسا  ھەر  خىل  قىززىق     پاراڭلارنى  قىلىشقىنىچە   كىتىپ  باراتتى  . بىر  ئازدىن  كىيىن   ئۇلار  بىر  ئاشخانىنىڭ     ئاشخانىنىڭ   ئالدىغا  كىلىپ  توختىدى .
ئۇلار   بىر قانچە  خىل  تاماقنى  بۇيرۇتقاندىن  كىيىن  ئۆز ئارا  پاراڭغا  چۈشتى  ،  ئارىدىن  بىرى          ئۆزىنى  تونۇشتۇرۇشقا  باشلىدى  .
-  مىنىڭ  ئىسمىم رىنات  ،  بۇ   ئاغىنەمنىڭ  ئىسمى  دىليار  ، ئادەتتە  دىليار  توڭكەي   دىيىشىپمۇ     قويىمىز  ، ھا ھا ھا   ..
-............................
-سىنىڭچۇ  ئاغىنە  ؟
-مىنىڭ   قەيسەر ..
-ھە  مۇنداق  دىگىن  ،  ئۈرۈمچىگە  نىمىگە  كەلدىڭ  ؟  قارىسام  ئوقۇغۇچىدەك  قىلىسەن .
قەيسەر  ئۆزى  چۈشەنمەيدىغان  بۇ بالىلارغا  ئارتۇق  گەپ  قىلغۇسى  كەلمىدى  بولغاي  ،   بىشىنى  چايقاپ   قويۇپ شۇنداق  دىگىنىچە  ئارتۇق  گەپ  قىلمىدى  ،  بۈگۈنكى  كەچلىك  تاماق  مۇشۇنداقلا     ئاخىرلاشتى  ، ئۇلار  بىردەم   ئايلانغاندىن   كىيىن  ياتاققا  كىرىپ  كىتشىتى  ...

ئەتىسى  سەھەردىلا  رىنات  بىلەن  دىليار   قەيسەرنىڭ  ياتىقى  يىنىغا  كىلىپ  ئىشىكنى  چىكىشىكە  باشلىدى  .   قەيسەر  كۆزىنى  ئۇۋلىغىنىچە  ئىشىكنى  ئاچتى  ،  نىمىشقىدۇر  رىنات  بىلەن  دىليارنىڭ    چىرايىدىن  بىر  خىل  جىددىيلىك  بىلىنىپ  تۇراتتى  .

-نىمە  بولدۇڭلار  ؟
-ھىچنىمە  ، سەن بىلەن   كۆرۈشۈپ  چىقايلى  دەپچۇ ...
ئۇلار   شۇنداق  دىگىنىچە   ياتاق  ئىچىگە  كىرىپ  كەتتى  ،  قەيسەرمۇ  ئارتۇق  گەپ  قىلماستىن  ياتاقنىڭ    ئىشىكىنى  ياپقىنىچە  ئۇلارنىڭ  كەينىدىن  ئەگىشىپ   ، قولىدىكى  تىزگىنەك  بىلەن  تىلۋىزۇرنى     ئۆچۈرۋەتتى  .
-ئاخشام  تىلۋىزۇرنى  قويۇپ قويۇپلا  ئۇخلاپ  قاپتىمەن  ....

-ھە  ،   ئاداش  بىز  بۈگۈن   تۇرپانغا  ماڭماقچىتۇق  ،  سەن  بۇ  ياتاقتا  يەنە  قانچە كۈن تۇرىسەن؟      
-مەنمۇ   بىلمەيمەن  ،  بۈگۈن  ياكى  ئەتىلەردىن   چىقىپ  كىتىشىم مۇمكىن ...
-ھە  ، سىنى  ئاۋارە  قىلىدىغان  بولدۇق   ئاداش  ،  ماۋۇ   ئابباس  دىگەن  بالىنىڭ   نەرسە-كىرەكلىرى    ئىدى  ، مىنىڭچە  ئۇ  ئەتە  ياكى  ئۆگۈنلەردىن   بىزنى  ئىزدەپ  كەپ  قالىدۇ  ، شۇڭا  سەن  ئىغىر    كۆرمەي   ئۇنىڭغا  تاپشۇرۇپ  بەرسەڭ  بوپتىكەن ..
-چاتاق  يوققۇ  ،   لىكىن  ئۇ كەلمىسىچۇ  ؟
-ئۇ  بۈگۈن  كەچتە  كىلىدۇ  ، بىز  بىرىپ  ماڭايلى  دىسەك  تۇرپاندا  موھىم  ئىشىمىز  چىقىپ   قالدى  دىگىنە  ، شۇڭا  سىنى  ئاۋارە  قىلىدىغان  بولدۇق  ....
قەيسەر ئۇلارنىڭ   ئامانىتى  قولىغا  ئالغاندىن   كىيىن  ئۇلارنى  ئۇزىتىپ قويۇپ  ياتاققا  قايتىپ  كىردى    يۇ   لىكىن  كۆڭلى  قانداقتۇر  بىر  خىل  شۇملۇقنى  سەزگەندەكلا  بولدى   ، ‹‹ئەگەر  ، بۇ  سومكىدىكى    ئابباس ئىسىملىكنىڭ نەرسە  -كىرەكلىرى  بولماستىن  ئاق  بولسىچۇ ؟  ،  ياق   ئۇنداقمۇ  بولماس ،           مەن  بەك   سەزگۈرلىشىپ  كەتتىممۇ  قانداق ؟››    قەيسەر  شۇلارنى   ئويلاپ  خىلى  ئۇزۇنغىچە  بىئارام     بولدى  ،  ئىچىنى  ئېچىپلا   قاراپ  باققۇسىمۇ  كەلدى  ،  بىراق  يەنىلا  جۈرئەت   قىلالمايتى  ......

قەيسەر  شۇنداق  ئىككىلىنش  ئىچىدە  خىلى  ئۇزۇن   ئولتۇردى  ،  ‹‹ ئۇلار  تىخى  تۈنۈگۈنلا  ئابباس  مۇشۇ      ياتاقتا  ئىدى  دەۋاتقانغۇ  ؟   ئابباس  بۇ  ياتاقتا  بولسا  ئۇنىڭ  نەرسە  -كىرەكلىرى  بۇ  ئىككىسىدە    نىمە  قىلىدۇ  ؟  تىخى   تۈنۈگۈن  مىنى  مىھمان  قىلدى  ، يەنە  كىلىپ  مىنىڭ  بۇ   ياتاققا    يالغۇز  كىرىپ  كەتكىنىمنى  ئۇلار  بىلىپتۇ  ،   توختا  مۇشۇ    ئىشتا  چوقۇم  بىر  گەپ  بار  ،  مەيلى    قانداقلا  بولمىسۇن  بىر  ئىچىپ  باقاي  ››،    قەيسەر  ناھايىتى  تەستە   سومكىنى   ئىچىشقا  باشلىدى  ، دەرۋەقە   سومكا  ئىچىدە  كىيىم  -كىچەكلەر  بار  ئىدى   ،  ئۇ  تىخىمۇ   ئىچكىرلەپ  قاراشقا  باشلىدى  ،     تۇيۇقسىز  قولىغا  ئۇزۇلغان  بىر  نەچچە  تال  يۇمشاق   نەرسە  قولغا  ئۇرۇلدى  ،  قەيسەر  ئىھتىيات     بىلەن  قولىغا  ئىلىپ  بۇ  نەرسىنىڭ  راستىنلا  ئاق  ئىكەنلىكىنى  جەزىملەشتۈرگەن  ئىدى  .

ئۇ   مۇشۇ  چاغقا  قەدەر  ئاق  چىكىپ  باقمىغان  بولسىمۇ ياكى  ئاقنى بىرەر  قىتىم  ئۆز  كۆزى  بىلەن     كۆرۈپ  باقمىغان  بولسىمۇ  دائىم  تىلۋىزۇرلادىن   كۆرۈپ تۇراتتى  ،  قەيسەر  بىر  ئاز  چۆچىگەندەكمۇ    بولدى   ، بىراق  يەنىلا  يەڭگىل  نەپەس  ئالدى  ، ھەم  سومكىنى  كۆتۈرۈپلا  سىرتقا  چىقماقچىمۇ  بولدى  ، بىراق  يەنە  قورقىغان  ئىدى  . ئۇ  نەرسە -كىرەكلەرنى  سومكىغا  قايتىدىن  سىلىپ   ساقچىغا  تىلفۇن  قىلماقچى   بولۇپ  سىرتقا  قاراپ  ماڭدى  ......

ياتاقنىڭ  1-ىنجى  قەۋىتىدە  ئاممىۋى  تىلفۇن  تۇراتتى  ،  ئۇ شۇ  ھامان  ساقچىغا  مەلۇم قىلىپ  ياتاق    ئىچىدە   ‹‹  ئاق››  تىپىۋالغانلىقىنى   دىگەندىن  كىيىن  تىلفۇننى  قويىۋەتتى  ،  ئۇ   توڭلاتقۇدىن  بىر  قانچە    بوتۇلكا  سوغۇق  ئىچىملىك  سىتىۋالغاندىن   كىيىن   ياتىقىغا  قاراپ  ماڭدى  .   ئۇ تۇيۇقسىزلا   ياتىقىنىڭ  ئىشىكىنىڭ  ئوچۇق  تۇرغانلىقىنى  كۆرۈپ  چۆچۈپ  كەتتى .
-ئاپلا  ، ما  كاللىنى  ،  ئىشىكنى  قۇلۇپلىمايلا  چۈشۈپ  كىتىپتىمەن   ئەمەسمۇ   ....
قەيسەر  شۇنداق  دىگەچ  ياتاق  ئىچىگە  كىرىپ   سومكىنى  قولىغا  ئىلىپ  تۇرىشىغا  بىر  قانچە  ساقچى   ياتاق  ئىچىگە  كىرىپ  كىلىشتى   .
-سىز  دىلۇ  مەلۇم  قىلغانمۇ   ؟  
-شۇنداق  ...
قەيسەر  بولغان  ئىشلارنى  بىر  قۇر  سۆزلىگەچ  سومكىنى  ساقچىلارغا  سۇندى  ،  بىراق  ئويلاپمۇ  باقمىغان    بىر  ئىشتىن بىرى  يۈز  بەردى  ،  سومكا  ئىچىدىكى  ‹‹ئاق››    يوق تۇراتتى   ،  ساقچىلار   قەيسەرنىڭ  چۈشەندۈرىشىگە  قارىماي   ئۇنى  ساقچىخانىغا  ئىلىپ  ماڭدى  .
ئۆيدىن  تىخى  يىڭىلا   ئايرىلىپ  چىققان  قەيسەرنىڭ  بىشىغا  بۇ  كۈنلەرنىڭ  كىلىشىنى  كىممۇ   ئويلاپ   باققان   بولسۇن  دەيسىز ؟   .......






******************************************************************************************       ھەي ئاكا  ،  ھەي   ئاكا  ،  قەيەرلەردە  يۈرۋاتقانسەن ؟  كەتكىنىڭگە  نەچچە  ئاي  بولدى  ،  تىخى     مۇشۇ   چاغقا  قەدەر  سەندىن ھىچ  بىر  خەۋەر  يۇق  ››   بەرنا شۇلارنى   ئويلىغاچ  مەھەللە  ئىچىگە  كىرىپ   كەلدى  .
مەھەللە  ئىچىدە  تاماكا  چىكىشىپ   ئولتۇرغان  بىر  قانچە  لۈكچەك  بەرنانىڭ  ئۈستى  -بىشىغا  قاراپ قويغاچ  بەرنانىڭ  يولىنى  تۇسۇشقا  باشلىدى  .
-پاھ  ، پاھ  ، نىمىدىگەن  ئۇماق قىز بۇ  ...
-ئۆتە  بۇ  ياققا  ....
ئۇ لۈكچەك  چىراي  يىگىتلەر  ئالدى  كەينىگە  قاراپ  قويغاچ  بەرنانىڭ  قۇلىقىدىكى  ئالتۇن  ھالقىسى  بىلەن   قولىدىكى  200   يۈەن  پۇلنى  تارتىپ   ئىلىپ  قاچتى  ،بەرنا   يىغلىغىنچە  ئۇلارنىڭ  كەينىدىن       قوغلاشقا  باشلىدى  ،  بىراق  بەرنا  ئۆزىدىن 7-8     ياش  چوڭ  كىلىدىغان بۇ  بالىلارغا  قانداقمۇ  يىتىشەلىسۇن ؟  بىچارە  قىز يىغلىغىنىچە  يولنىڭ  بويىدىلا  ئولتۇرۇپ  قالدى  ...
-ئەمدى  ماڭا  كەلمىگەن  مۇشۇ  ئىش قالدى  ..
بەرنا  ئۆز-ئۆزىگە  غۇدۇراپ  قويدى  ،  شۇ تاپتا  ئۆيىگە  قانداق  بىرىشنى  قانداق  قىلىشنى  بىلەلمەي  بىشى    قىتىۋاتقان   ئىدى   ،  ئەگەر  200  يۈەن  پۇلنىڭ  يۈتكەنلىكىنى  ئاپىسى   ئاڭلىغۇدەكلا  بولسا    بەرنا  ھەرگىز   ساق  قالمايتى  ، ئۇ  مەھەللىدە  قانچىلىك  ئۇزۇنغىچە  يىغلاپ  ئولتۇرغانلىقىنى  بىلمەيتى  ،  پۈتكۈل  ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق  قاپلىدى  ، بەرنا  ئۇھ  تارتقىنىچە  ئۆيگە  قاراپ  ماڭدى  .
ساجىدەمۇ  بەرنانى  ساقلىغىنىچە  ئىشىك   ئالدىدا  تۇراتتى  ،  ئۇ  بەرنانى  كۆرۈش  بىلەن  قولىدىكى   ئىنچىكە  تاياق  بىلەن  ئۇنىڭ   پۇت -قولىغا  نەچچىنى  ئۇرىۋەتتى  .
-مۇشۇ  چاغقىچە  نىمە  ئىش قىلدىڭ ھە ؟   ۋۇ   ، ئادەم  بولمايدىغان  ...
-مەن ....
بەرنا  كىكەچلىگىنىچە   يەرگە  قاراپ  تۇرۇۋالدى  ،  ساجىدە  بەرنانىڭ   بىلىكىدىن  تارتقىنىچە  ئۆيگە   ئىلىپ   كىردى  ، تەلىيىگە  دىلبەر  ھەدە  شۇنداقلا  رازىيەلەرمۇ  ئولتۇراتتى  ،  ساجىدە  قۇشۇمىسىنى  تۈرگەچ  ئىشىكنى  زەردە  بىلەن  ياپتى  دە   يەنە  ئادىتى  بويىچە  بەرنانى  تىللاشقا  باشلىدى  ؛

-قىز  بالا  دىگەن  مۇشۇ  چاغقىچە  كوچىدا  يۈرەمدۇ  ؟  ئادەمنى شۇنداقمۇ  ئەنسىرەتكەن  بارمۇ ؟
-كەچۈرۈڭ   ئاپا  ...
بەرنا  بىشىنى  تۆۋەن  سالغىنىچە  يىغلاشقا باشلىدى  ،  ئۇ  تۇنجى  قىتىم  ئانا  مىھرىدىن  ھۇزۇر  ئالغاندەك    ئىچ-ئىچىدىن  خوش  بۇلۇۋاتاتتى  ،گەرچە  ئۇ  ئاپىسىنىڭ  ئۇرۇشلىرىدىن  رەنجىگەن   بولسىىمۇ   ئۆزىدىن  ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى  سەزگىنىدە  بۆلەكچىلا  ھاياجانلىنىۋاتقان  ئىدى ....

-گۈلنىڭ  پۇلىچۇ  ؟
ساجىدە  شۇنداق  دىگەچ  قولىنى  سوزدى  .
-ئەسلى ھەممىنى  تولۇق  ساتقان  ئىدىم  ، بىراق  ......
-يۈتتۈرۋەتتىڭما  ؟
ساجىدە  كۆزلىرىنى  يوغان  ئاچقىنىچە  بەرناغا  ھومىيىپ  قارىدى  ، بەرنا  ھەئە  دىگىنىچە  بىشىنى   يەرگە    قىلىپ  جىممىدە  ئولتۇرۋالدى ، ئەگەر  دىلبەر  توسۇپ  قويمىغان  بولسا  بەرنا  ھەرگىزمۇ  ساق  قالمىغان   بولاتتى  ،  تەلىيىگە  ئۇ  بۈگۈن  بولسىمۇ  ئاپىسىنىڭ  تايىقىنى يىمىدى  ، لىكىن  دىلبەر   كەتكەندىن   كىيىن  ساجىدە  ئىنىقلا    تىل  ئاڭلايتى  .......

-يۈرە  بەرنا  ،  بۈگۈن  ساڭا   يىڭى  ئالغان  كىيىملىرىنى  كۆرسىتىپ  قوياي .
رازىيە  بەرناغا  شەرەت  قىلغاچ  ئۇنى  ئەكىرىپ  كەتتى   .
-بۈگۈن  بازارغا  بارغانمىتىڭ  ؟
-ھەئە  ،  بۇ  كىيىملىرىم  چىرايلىقمىكەن ؟
رازىيە  ئالغان  كىيىملىرىنى  ئاغزى-بۇرنىغا  تەگمەي  ماختاشقا باشلىدى  ،  بەرنا  بولسا  خىيالغا   پاتقىنىچە   جىممىدە  ئولتۇراتتى  ،  رازىيە  جىلە  بولغىنىچە  تۇمشۇقىنى  ئۇچلاپ  قويدى.

-نىمە  بولدۇڭ  ؟   ئاپاڭمۇ  گەپ  قىلمىدىغۇ  ؟
-ئاپام  مىنى  ئۇرۇپ  ئۆلتۈرۋەتسىمۇ  كارىم  يۇق  ، بىراق قەيسەر  ئاكامدىن  بەكلا  ئەنسىرەۋاتىمەن ،    نىمىلا   قىلماي  ئاكام  كۆز  ئالدىمغا  كىلىۋالىدۇ  ،  ئاكام  كەتكىنى نەچچە  ئاي  بولدى  ،  بىراق   خەۋەرمۇ    يوق ...
-ئاكاڭ  دىگەن  ئوغۇل   بالا  تۇرسا   ، نىمىگە  ئەنسىرەيسەن  ؟  قەيسەر  ئاكام   داداڭلارنى  تىخى   تاپالمىغان   ئوخشايدۇ  .
-ماڭا  ئەڭ  مۇھىمى  ئاكام  ئىدى  ،  مەن دادا   ئانا مىھرىگە مۇھتاج  ئەمەس  ،  ئويلاپ  باقسام    مەن    مۇشۇ  چاغقا  قەدەر  پەقەت  ئاكا  مىھرىگىلا مۇھتاجكەنمەن  ، ماڭا  دادا  ھەم  ئانا  بولغان  ئادەم  پەقەت    بىر  ئاكام  ئىدى  .
بەرنانىڭ  گىپىنى  ئىشىك  ئالدىدا  ئاڭلاپ  تۇرغان  ساجىدە بىر قىسىملا  بولۇپ قالدى  ،  مۇشۇ  چاغقىچە     ئۆزى  كىچىك  دەپ  ئويلغان بەرنانىڭ  مۇشۇنچىلىك  گەپنى  قىلالىغىنىدىن  ئۇ  خىجىل  بولۇۋاتامدۇ  ياكى    ئۆزىنىڭ  قىزىغا  ئىچ  ئاغرىتىۋاتامدۇ  ؟  ئىشقىلىپ  بىر  ھازا  خىيالغا  پىتىپ  تۇرۇپ  قالدى ..

ئەتىسى  سەھەردىلا  ساجىدە  بەرنانى  چارقىرىشقا  باشلىدى  ،  بەرنا  سائەتكە  قارىغاندا  ئاللىقاچان  6   بولۇپ   بولغان  ئىدى  ،  ‹‹ئاپلا  ،  بۇ  چاغقىچە   ناشتىلىق  تەييار  قىلاتتىمغۇ  ››  بەرنا   كىيىملىرىنى    تىزلا   ئالماشتۇرۇپ  ئاشخانا  ئۆيگە  چىقتى  ،  تاماق  تەييار  بولۇپ  بولغان  ئىدى  .

-ئاپا  ، بالدۇرراق  چارقىرىپ  قويماپسىز  ،  قارىشىپ  بىرەتتىم  ...
-تۈنۈگۈنكى  تاماق  ئىشىپ  قاپتۇ  ،  ئىسراپ  بولمىسۇن  دىدىم  ،  تامىقىڭنى  تىزرەك  يەپ  ،  مەكتىپىڭگە   ماڭ  ...
بەرنا  قۇلاقلىرىغا  ئىشەنمىگەندەك   ئاپىسىغا  يەنە بىر  قىتىم   قارىدى  ،   بۇ قىتىم  ساجىدە  تۇلىمۇ    ئەستايىدىللىق بىلەن  سۆزلەۋاتاتتى  ،  بەرنا  قاتتىق  ھاياجانلانغان  ئىدى  .
-ئاپا  ، مەن  مەكتەپكە  بارمىغىنى  نەچچە  ئاي  بولدى  ،  مۇئەللىمگە  بەرنا  ئەمدى  ئوقۇمايدۇ  دەپتىكەنسىز  ،  مەن  قانداق  قىلىمەن  ؟  
-مەكتەپتە  ئوقۇمىسىڭىزمۇ  چەتئەل  تىلىنى  ياخشى   ئۈگۈنۈڭ   ،   كىيىن   تولۇقسىزنىڭ  دىپلۇمنى  ئىلىپ   بىرىمەن  .
-دىمەك  ساياھەت  يىتەكچىسى  بولالايدىكەنمەن  دە  ..
-ئاز  گەپ  قىلىپ  تامىقىڭىزنى  تىزرەك  يەڭ  .  
بەرنا  خۇددى  چۈش  ئىچىدە  ياشاۋاتقاندەكلا  تۇيغۇغا  كىلىپ  قالغان   ئىدى  ،  ئۇ  تامىقىنى  تىزلا   يىدى   دە    ئۆيدىن  ئالدىراپ  چىقتى  ،  ئۇ  كۇرۇسنىڭ  دەرۋازىسى  يىنىغا  كەلگىندە  نادىرە  بىلەن  مەدىنە   دەرۋازا   ئالدىدا  تۇرۇشقان  ئىدى  .

-ئاپئاق  قىز  ،   ھەجەپ  تەستە  كەلدىڭىز ؟
-مىنى  ساقلاۋاتقانما ؟  مىنىڭ  كىلىدىغانلىقىمنى قانداق  بىلدىڭلار؟  
بەرنا  ھەيران  بولغان ھالدا  ئۇلارغا  قارىدى  .
-قانداق  بىلەتتۇق  ؟   ئاخشام   نادىرەنىڭ  دادىسىنى   باشلاپ  ئۆيۈڭلارغا  بارغان  ئىدۇق  ،  چوڭلار     خىلى   ئۇزۇن  پاراڭلىشىپ   ئاپىڭىزنى قايىل  قىلدى  شۇ    ،   سىز  مۇشۇ  كۇرۇسنى  پۈتتۈرۈپ بولغۇچە  سىزدىن   پۇل   ئالمايدىغان  بولدى  ....

بەرنا  خۇشاللىقىدىن   دوسىتلىرىغا  قايتىلاپ  رەھمەت  ئىيتىپ  كەتتى   ،  ئۇلار  ئۆز  ئارا  كۈلكە  چاقچاقلارنى قىلىشىپ   سىنىپ  ئىچىگە  كىرىشتى  ،  سىنىپتىكى   كونا  يىڭى  ساۋاقداشلار  بەرنانى    كۆرۈپ   بۇرۇنقىغا  ئوخشاشلا  قىزغىن  قارشى   ئالغان  ئىدى  .

-بۇ  ئۈلۈشكۈنكى گۈل  ساتقۇچى  قىز شۇغۇ  ؟  
بەرنانى  كۆرۈش  بىلەن  ئەنسەرمۇ  ئۇنى  تۇنۇۋالغان  ئىدى  .
-ھەئە  ،  ئەمدى  گۈلنى  كۇرۇسقا   ئەكىرىپ  ساتىمىز  دەيدۇ  ساڭا  .
ئەنسەرمۇ  كۈلۈپ  قويۇپ بىشىنى  تاتلاپ  قويغىنىچە   ئۆزىنىڭ  ئورنىنى بىكارلاپ  بەرگەندىن  كىيىن      كەينىدىكى  ئۇرۇنغا  كىلىپ  جايلاشتى   ،  بەرنا  يەڭگىل  ئۇھ  تارتىپ  قويغاچ  ئىنگىلىزچە  كىتاپىنى   قولىغا  ئالدى..........


داۋامى  بار




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-15 01:38 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
oygurum + 100 تاتلىق جىنتىكىم .
bojanqak + 100 umak adax
TAXNAI2 + 100 100 كوي مۇكاپات كەتتى..

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92559
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 01:16:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قىنى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 تۇرمامدۇ مانا ....

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دوسلار يا خشڭمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 01:42:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتكەن چاي ئىچكەچ  ئوقۇشنى باشلىدىم ئەمىسە

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 ھى ھى ، ماقۇل تۇزنى ئ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102567
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 249
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 02:01:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ   ماۋۇ  ساجىدە  دەيدىغان  خوتۇن  ئىنسابىغا  كىلىپ  قاپتۇغۇ  ئەمدى.  بەرنا  بىلەن  مۇشۇ   ئايال  ئوتتۇرىدىكى ئىشلار  مۇشۇ  پىتى  بولسىلا  ياخشىتى   .
ھە  راسىت  قەيسەر  قانداق  قىلار   ؟  بىچارە  بالىغا ھەجەپ  ئىچىم   ئاغرىدى  ئۇھ   
داۋامىنى  تەشنالىق  بىلەن  ساقلايمەن    ئۇماق  جىنتەك  

ئارزۇيۇم : ئۆلۈم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش