مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئىپار پۇراقلىق قەبرە (مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109846
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-9-11
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 10:17:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر بەك ياخشى يىزلىپتۇ .........بۇنى ئوقۇپ يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى .........بۇ قىزنىڭ تەغدىرى مېنىڭ بىر قوشنامنىڭ قىزىنىڭ تەغدىرىگە ئوخشاپ كىتىدىكەن .....ئۇ قىزنىڭ ئاپىسى ئاخىرى ئېغىر كىسەل بىلەن ۋاپات بولغان ...............بۇنداق ئۆز پۇشتىغىمۇ رەھمسىزلىك قىلىدىغان ئانىلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت .......ئۇنداق كىشلەرنى بەندە ئەمەس ئاللاھمۇ كەچۇرمەيدۇ ....

ھىكاينىڭ داۋامىغا قىزقىۋاتىمەن ..........

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 108 راسىت دەيسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئۆتمۈشۈڭدە خار قىلغان بىرى بولسا،كەلگۈسۇڭدە خان قىلىدىغان بىرى بولىدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 11:20:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىپار پۇراقلىق قەبرە (مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە)

                         psb (12).jpg

                                                   يىڭى  باشلانغان  ھايات
بەرنا  تامغا  يۆلەنگىنىچە  دىرىزىدىن  سىرتقا  قاراپ  تۇراتتى  ،  ‹‹جىنىم   ئاكا  ، سەن  ھازىر  قەيەرلەردە  يۈرۋاتقانسەن ؟  ،  شۇ  كۈنى  نىمە  دەپ  كەينىڭدىن  ئەگىشىپ  
ماڭمىغاندىمەن  ؟   مەن  نىمانچە   ئەخمەق  ؟ تىزرەك  قايتىپ  كەلسەڭ  بولاتتى  ››   .

-ھەي   ،  نىمە  قىلىۋاتىسەن ؟
بەرنا   مەدىنەنىڭ   كەلگىننى  كۆرۈپ   كۆزىدىكى  ياشلىرىنى  سۈرتىۋەتتى  دە ئىغىر  نەپەس  

ئالغىنىچە ‹‹ھىچنىمە  ›› دىگەن  سۆزنى  ئارانلا  قىلالىغان  ئىدى  .

-سىنى پەقەت  چۈشەنمىدىم  بەرنا  دىگىنە،ئۆيۈڭدە  نىمە  ئىشلار بولۇپ كىتىپ بارىدۇ ؟
-ھىچنىمە ئاداش ،  شۇ   ئاكامنى سىغىنىپ .....
بەرنا  شۇنداق دىگەچ   كۆزلىرىگە  لىققىدە  ياش   ئالدى  .
-بولدى ، يۈرە,مەيدانغا  چىقىپ  ئولتۇرايلى ، كەيپىياتىڭ  كۆتۈرلۈپ  قالسا ئەجەپ ئەمەس .

بەرنا ئارتۇق گەپ  قىلماستىن  مەدىنەنىڭ كەينىدىن ماڭدى  ، ئۇلار مەيدانغا چىققىنىدا  

ئەنسەر بىر  نەچچە كۈچۈكنى سۈرەتكە تارتقىنىچە تۇراتتى  .

-ۋاھ   ، كۈچۈك  ...
بەرنا  كىچىك  بالىدەك  ئويناقشىغىنىچە ئەنسەرنىڭ يىنىغا يۈگۈرۈپ  كەلدى  .
-بۇ  كۈچۈك سىنىڭما ؟
-ياقەي  ،  دوستۇمنىڭ  ...
-مەن  تىخى   سىنىڭ   ئوخشايدۇ  دەپتىمەن  .
-دوستۇم  بايىلا  سىتىۋاپتىكەن  مەنمۇ بەك  ئامراق  بوپ  قالدىم. سىزمۇ ماڭا ئوخشاش
كۈچۈككە  ئامراقكەنسىز دە  ؟
-ھەئە  ،  بەك  ئامراق  ،  ئەگەر سىنىڭ  كۈچۈكۈڭ بولغان بولسا ئۇنمىغىنىڭغا ئۇنماي  

ماڭا بىرىۋەت  دەپ  تۇرۋالاتتىم .
-سىز ياقتۇرغان  بولسىڭىزلا  بولدى، سىزنىڭ كۈچىكىڭىز بولسۇن  ..
-ۋاھ  ..راسىتما ؟
بەرنا   خۇشاللىقتىن  سەكرەۋەتتى ، ئەنسەرمۇ  كۈلۈپ  قويغىنىچە  بىشىنى لىڭىشىتىپ  قويدى  .

-قارا  ، كىچىك  بالىدەك  خوش  بولۇپ  كەتكىنىڭنى  ...
-ئەلۋەتتە، ھە  راسىت دوستۇمنىڭ  دەۋاتقانغۇ ؟
-ئۇنىڭغا  ئۆزۈم  چۈشەندۈرۈپ  قويىمەن ، ھە  راسىت  مۇشۇنداق قۇرۇق رەھمەت  بىلەنلا  
قۇتۇلماقچىما  ؟  
-ئەمسە   نىمە  قىلىپ  بىرىمەن ؟
-ھەر  كۈنى بىر  تالدىن  ئەتىرگۈل سوۋغا  قىلىسىز جۇمۇ  ..
-چاتاق  يۇق  ..

بەرنا  قولىدىكى  كۈچۈككە  ئامراقلىق  بىلەن  قاراپ  قويدى  ،  چۈشتىن  كىيىن  ئۇلارنىڭ  
دەرىسى   يوق  بولغاچمۇ  بەرنا  كۈچۈكىنى  كۆتۈرگىنىچە ئۆيىگە  كەلدى ، بىراق  ئۆي  
ئىچىدىكى  نەرسە-كىرەكلەر  سىرتقا  تاشلىنىۋەتكەن ئىدى ، بەرنا  ئۆيگە  كىرگىنىدە  ئۆي -ئىچى  
قالايمىقان  شۇنداقلا  رەتسىز  ئىدى ،ساجىدە  بولسا  پىشانىسىنى  تۇتقىنىچە  ئولتۇراتتى  .

-ئاپا  ، نىمە  بولدىڭىز  ؟
-ئۆينىڭ  ئىجارىسى  توشۇپتۇ  ،  ئۆينىڭ  ئىگىسى  نەرسە  -كىرەكلەرنى سىرتقا تاشلاۋەتتى ..
-نىمە ؟ سىزدىنمۇ   قورقمايدىغان   ئادەم بارمۇ  جاھاندا ؟
ساجىدەنىڭ   ھومىيىپ  قارىشى بىلەن بەرنا  گىپىنى  ناھايىتى  تىزلا  توختىتىۋالغاندىن  كىيىن  
ئىھتىيات  بىلەن  يەرگە  چىچىلىپ  كەتكەن نەرسىلەرنى  يۇغۇشتۇرۇشقا  باشلىدى  .

-مەن  چۈشتىن  كىيىن   ئۆي  ئىزدەيمەن ، سەن  نەرسە -كىرەكلەرنى جايىغا  سالغاچ  تۇر  .
-دادامنىمۇ   ئىلىپ  كىتەمدۇق ؟
بەرنا  سوئال  نەزىرىدە  ئاپىسىغا  قارىدى  .
-ئەكەتمىسەڭ   قانداق  قىلاتتىڭ  ؟ ئادەمنىڭ سورىقى بولمىسا بىراقلا  ......
ساجىدە  گىپىنىڭ   ئاخىرىنى  يۇتىۋەتتى  دە , ئىچكىركى  ئۆيگە  كىرىپ كەتتى  ،
بەرنا  
نەرسە- كىرەكلە يۇغۇشتۇرغاچ  بايىقى  بولغان  ئىشلارنى بىرەر قۇر  ئويلاپ چىقتى  .
كۈچۈكىنى  ھويلىغا  باغلاپ  قويغان  ئىدى  .

-ئۇف ، بۇ  كۈچۈكنى  قانداق قىلارمەن ئەمدى  ؟
بەرنا  شۇلارنى  ئويلىغاچ  تۇيۇقسىز  قولى  بىر  نەرسىگە ئۇرۇلدى ، قارىغىنىدا يوغان  

چوڭلۇقتىكى ئالبۇم  ئىدى ، ئالبۇمنى  ئاچقىنىدا  ساجىدە شۇنداقلا سالاپەتلىك بىر ئەر
5  ياشلار چاممىسدىكى بىر  ئوغۇل  بىلەن  2 ياشلار چامىسىدىكى بىر  قىز  بىللە چۈشكەن  ئائىلە  سۈرىتى  ئىدى .
-بۇ   قەيسەر  ئاكامغۇ ، بۇ  مىنىڭ كىچىك  ۋاقتىمكەن ؟ بۇ  ئۆزۈمنىڭ  دادام  ئوخشىمامدۇ؟

بەرنا  رەسىمگە  قايتىلاپ  قاراشقا  باشلىدى  ، ئۇ ئىلگىرى  قەيسەر بىلەن ئۆزىنىڭ  

كىچىك  ۋاقىتلىرىدا  چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۆرگەن دادىسىنىڭ بىرەرپارچە  سۈرىتىنىمۇ كۆرۈپ
باقمىغان  ئىدى.
ساجىدەنىڭ  چىقشى بىلەن  بەرنا  رەسىمنى دەرھال  يۇشۇرۇۋالدى  .
- ئاۋۇ   كۈچۈكنى سەن ئەكەلدىڭما ؟
- ھەئە
بەرنا تىرنىقىنى تاتلىغىنىچە  يەرگە  قاراۋالدى  .
-مۇشۇ  تاپتا  ئۆزىمىزگە پۇل  تاپالماي  يۈرۋاتسام بۇ كۈچۈكنى قانداق  باقىسەن ھە ؟   
بۈگۈن  كەچكىچە بۇنى  يوقات ، بولمايدىغان  بولسا  ...........
ساجىدە  ئىشىكنى  جاڭڭىدە  ياپقىنىچە  چىقىپ  كەتتى  ، ‹‹ توۋا ، بىر تال  كۈچۈككە نىمە  
كىتىدىغاندۇ ؟ مۇشۇمۇ بىر گەپ  بولدى دىسە ››  بەرنا غۇدۇراپ قويغىنىچە ھويلىغا قارىدى .




-ئاپا ، ئۆي  تېپىلدىمۇ  ؟
بەرنا  تىخى  يىڭىلا  ھورى چىقىپ تۇرغان  تاماقنى ئۈستەل ئۈستىگە قويغاچ ئاپىسىدىن سورىدى.
-ياق ، ئۆي  تاپالمىدىم  .
-  قانداق  قىلارمىز ئەمسە  ؟ بولمىسا  ئەتە مەدىنەلەردىن سوراپ  باقاي  ، ئۇلار تەرەپتە بوش  
ئۆي بارمىكىن ....
-ياق  ، بىزنىڭ سەھرادىكى ئۆيگە  چىقىپ كىتىمىز  .
-نىمە ؟ دىلبەر  ئاپام بىلەن بىللە تۇرامدۇق  ؟   
-بۇۋاڭ  رەھمەتلىك ئۆلۈپ  كىتىشتىن ئىلگىرى باغنىڭ كەينىدىكى  2  ئىغىز  ئۆينى ماڭا  
قالدۇرغان ئىدى ، شۇ  ئۆيدە تۇرىمىز  .
بەرن نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي جىمىپ  قالدى ، نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلى پەقەت  تارتمىغان
ئىدى  ،  ئەگەر  ئىلگىرى  ئاپىسىدىن بۇ  خەۋەرنى ئاڭلىغان  بولسا ئىھتىمال خۇشاللىقتىن سەكرەپ
كىتىشى مۇمكىن  ئىدى  ، لىكىن بىرخىل كۈچ  ئۇنى مۇشۇ شەھەردە مۇشۇ  كۇرۇستا قىلىپ  
قىلىشقا  زورلايتى .

-ئەگەر  بىز  يىزىغا  كۆچۈپ  كەتسەك  مەن كۇرۇستا  ئوقۇمامدىم ؟
-نىمە  ؟  يەنە  ئوقۇيمەن  دىمەكچىما سەن  ؟
بەرنا  نىمە  دىيىشىنى  بىلەلمەي  يەڭگىل  ئۇھ  تارتىپ  قويدى  .


ئەتىگەن  سەھەر  6 لەر  ئەتراپىدا  ئۇلار  ئۆيدىكى  نەرسە -كىرەكلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ يىزىدىكى
يېڭى  ئۆيگە  قاراپ  يولغا  چىقتى  ، بەرنانىڭ  كۆزلىرىگە ئىسىق  ياش  كىلەتتى ، خۇددى  ئەمدى
دوسىتلىرىنى  قايتا  كۆرەلمەيدىغاندەك  ،  ئەنسەرنىڭ خۇشچاقچاق  گەپلىرىنى ئەمدى  قايتا
ئاڭلىيالمايدىغاندەك تۇيغۇغا  كىلىپ  قالغان   ئىدى   ......



*************************************************************************************
قەيسەر ساقچىخانىدىن چىقىپلا  يەڭگىل  نەپەس  ئالدى ، ئۇنىڭ ساقچىخانىدا تاڭ ئاتقۇزۇپ
يۈرگىنىگە 1ئايدىن ئاشقان ئىدى  ، تەلىيىگە ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى ئاشكارلاندى ، بىراق
رىنات بىلەن  دىليار  تىخى قولغاچۈشمىگەن ئىدى  ، ئۇلارنى قەيسەردىن ئۆچ  ئالمايدۇ دەپ  

كىسىپ ئىيتقىنى  بولمايتى .  قەيسەر قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى سىزىپ  قەدەملىرىنى ئاستا
ئالغىنىچە ئاشخانىغا يىتىپ كەلدى  .
-نىمە  يەيسىز  ؟
-لەڭمەن  .
قەيسەر بىشىنى  كۆتۈرمەيلاجاۋاپ بەردى .ھەم  يىنىدىكى دەل قەيسەرنىڭ  دادىسى ئىدى.بىراق
قەيسەر بىلەن بەرنا دادىسىنىڭ ئىتراپ  قىلىشىغا ئىرىشەلەرمۇ  ؟ ‹‹ھەي ,بەرنا نىمە كۈنلەرنى
كۆرۋاتقانسەن بىچارە سىڭلىم  .›› قەيسەر  بۇلارنى ئويلىغىنىدا كۆڭلى يىرىم  بولاتتى.


-لەڭمەننى سىز  بۇيرۇتقانمۇ  ؟
مۇلازىم  قىزنىڭ   زىل  ئاۋازى قەيسەرنى چۆچىتىۋەتتى .قەيسەر ئۈستەلدىكى  
چوكىنى ئىلىپ تامىقىنى ئىشھتىھا بىلەن يىيىشكە  باشلىدى  .  
-ئۇكام  ،
قەيسەر بىشىنى كۆتۈرۈپ   قارىدى . بويلىرى  ئىگىز كەلگەن قاۋۇل ،بۇرۇتلۇق بىر كىشى قاراپ  
تۇراتتى . ئۇ ئورۇندۇقنى تارتىپ ئەكەلگەندىن كىيىن قەيسەرنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ ئولتۇردى .
قەيسەرنىڭ  ئۈستى -بىشىغا  قاراپ  قويدى .

-بىرەر  ئىش  بارما  ؟
-ھە،   قارىسام بۇ  يۇرۇتقا مۇساپىردەك قىلىسەن ، ئۆزۈڭمۇ  كىچىك  بالىكەنسەن....
-نىمە دىمەكچى  ؟
قەيسەر  قاپاقلىرىنى  تۈرگىنىچە ئۇ ئادەمگە  قارىدى  .
-ئاي-ھاي  ، بۇنداق  ئاچچىقنى  يامان  قىلمايدىغان  ،  نىمىدىگەن  توڭ  بالا  سەن  ...
قەيسەرنىڭ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇرغىنىغا قاراپ ئۇ كىشى :

- قارا  ،  بىزنىڭ بۇ ئاشخانىغا خىزمەتچى  ئىزدەپ  يۈرەتتۇق .ئىشلەمسەن؟
-نىمە  ؟
-ياتاق  يۇق  دىسەڭ ياتاق تامىقىڭ بىزدىن ، ئۆيۈم بار  دىسەڭ  مەيلى  ...
قەيسەر بىر ئاز ئويلىنىپ قالدى ، يانچۇقىدا  بارى  يوق 50  يۈەنلا پۇل قالغان ئىدى ، مۇشۇ
ئاشخانىدا ئىشلەپ بولسىمۇ  دادىسىنى ئىزدىمىسە  بولمايتى .  بىراق ئاشخانىدا ئىشلەيمەن
دەپلا دادىسىنى ئىزدەيدىغان ۋاقىتنىڭ چىقماسلىقىدىنمۇ ئەنسىرەپ  قالدى .

-بولىدۇ   ئاكا   ،  بىراق  بىر  گەپنى  سىزدىن سورىسام  بولامدۇ ؟
-قنى  سوراۋەر ...
-مەن  چىڭخەي مەسچىد  تەرەپكە بارماقچى ئىدىم  ، سەنشىخاڭزا بىلەن ئۇ يەرنىڭ ئارلىقى
قانچىلىك  كىلەر  ؟
-بەك  يىراقمۇ   ئەمەسقۇ ، نىمە  بولدى ؟
-ھە ، مىنى  شۇ ئەتراپتىكى بىرىنى ئىزدىمەكچى  ئىدىم  ...
-مىنىڭ ئۆيۈممۇ شۇ  ئەتراپتا ، كىمنى ئىزدىمەكچى  ئىدىڭ   ؟
قەيسەر يانچۇقىدىكى بىر  پارچە رەسىمنى ئىھتىيات بىلەن ئالدى دە ئاشپەزگە  سۇندى  .

-بۇ   ئادەمنى  ئىزدەپ  نىمە  قىلىسەن ؟
-بۇ   ئادەم  بىلەن  پاراڭلىشىدىغان ئىشىم  بار  ئىدى  ، تونامسىز  ؟
-بۇ ئادەم دۆڭكۆرۈكتە ئائىلە  -ئىلىكتىر  سايمانلىرىنى ساتىدۇ  ، سىنىڭ نىمەڭ بولىدۇ؟
-مىنىڭ .....مىنىڭ   ئاكام  بولىدۇ  ....
قەيسەر نىمە  دىيىشىنى بىلەلمەي ھودۇقۇپ قالدى  .

-لىكىن ھازىر بۇ   ئادەم چىڭخەي مەسچىدتە ئولتورمايدۇ .ئۇ  يەردىن  كۆچۈپ  كەتتى ...
-ئەمسە  يىڭى  ئۆيى قەيەردە ؟
- دۆڭكۆرۈك  تەرەپتە, بىز خىلى  يىقىن دوسىتلاردىن مەندىن سوراپ توغرا قىپسەن  ھا ھا ھا ..

قەيسەر  دادىسىنىڭ خەۋىرىنى  ئالالىغىنىدىن خۇش  بولغىنىچە يەڭگىل نەپەس ئالدى .
-مىنى باشلاپ ئىلىپ بارالامسىز   ئاكا  ؟
-ئەلۋەتتە ،  يۈرە  ، ماڭدۇق ئەمسە  ..
ئۇلار سىرتقا چىقىپ  كىچىك ماشىنىدىن بىرنى توسىتى .قەيسەرنىڭ دادىسىنىڭ يىنىغا
قاراپ ماڭدى . قەيسەرنىڭ  يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقاتتى ، گىلىغا بىر نەرسە قاپلىشىۋالغاندەك
دىمىقى پاتماي  كىتىپ  باراتتى  ،  كۆز  ئالدىغا نەچچە خىل ئىھتىماللىقنى كەلتۈرۈپ  بولغان
ئىدى .
شوپۇرنىڭ ‹‹يىتىپ  كەلدۇق ›› دىگەن  سۆزى بىلەن قەيسەرنىڭ پۈتكۈل بەدىنى جۇغغىدە قىلىپ
قالدى .ئۇ  ماشىنىدىن  ناھايىتى تەستە چۈشتى .ئەتراپىغا  بىر قۇر قاراپ چىقتى  ،بىراق  
كۈتۈلمىگەن قانداق  ئىشلارنىڭ بارلىقى قەيسەرگە  تازا ئايان  ئەمەس  ئىدى  ..............



داۋامى بار




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 01:46 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aliFF + 10 جاپا چەكتىڭىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 01:48:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كومپىيۇتىردىكى  مەسلىمۇ  بىلمىدىم  ،  خەتلەر  ئايرىم  -ئايرىم  چىقىۋىلىپ  بەك  ئاۋارە
قىلىۋەتتى  ،     بولمىسا   ئانچە  كۆپ  ئارلىق  تاشلىمايمەن   ئادەتتە....
تەھرىرلەش   ئۈچۈنمۇ  خىلى  ۋاقتىم  كىتىپ  قىلىۋاتىدۇ  .....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 01:49 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئانا رازى ئاللاھ رازى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55053
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3095
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 01:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھارمىغايسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tusun84857 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 11:54 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103050
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1855
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-2-1
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 04:42:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pinhar09 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 10:17 AM
ئەسەر بەك ياخشى يىزلىپتۇ .........بۇنى ئوقۇپ يۈرەكلىرىم ئې ...

پىنھار ھەدە مۇبارەك قەدىمىڭىز ئەلكۈندىم ئېشىپ مىسرانىمغىمۇ يىتىپتۇ ھە قەدەم مەرھابا ھەدە

ئۆزەمگە تەئەللۇق ئاشۇ كۇنلەرنى تاپمىغۇچە يامغۇردا قىلىشقا رازىمەنكى ھەرگىز ئۆزەمگە تەئەللۇق بولمىغان كۇنلۇكتە ۋاقىتلىق يامغۇردا پاناھلانمايمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103050
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1855
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-2-1
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 04:43:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ مەزمۇنى يۈرىكىمنى ئىزىپلا ۋەتتى دىسە

ئۆزەمگە تەئەللۇق ئاشۇ كۇنلەرنى تاپمىغۇچە يامغۇردا قىلىشقا رازىمەنكى ھەرگىز ئۆزەمگە تەئەللۇق بولمىغان كۇنلۇكتە ۋاقىتلىق يامغۇردا پاناھلانمايمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 04:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 01:48 PM
كومپىيۇتىردىكى  مەسلىمۇ  بىلمىدىم  ،  خەتلەر  ئايرىم  -ئ ...

كومپىيۇتۇرۇڭنىڭ  سېستىمىسىنى  يىڭىلاپ  باق   پايدىسى  بولۇپ  قالار

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 04:49:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئاخىرىنى مۇنداق  پەرەز  قىلدىم  . قەيسەر  چوقۇم  ئىتراپ  قىلىشقا  ئىرىشەلمەيدۇ
مىنىڭ  قارىشىمچە      رىنات  بىلەن  دىليار ئىككىسىنى  ئۆچ  ئالمايدۇ  دەپ  كېسىپ   ئېيىتقىلى  بولمايدۇ ھازىرقى  ئەھۋالدا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tatlik5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 04:49 PM  


سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5501
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 08:30:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇۋالدىم،،،،،،
غەيرەت قىلىڭ (شۇمتەك)

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106328
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2014-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 08:44:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىدىشىم مەن مەلۇم سالوننىڭ باشقۇرغۇچىسى بولىمەن مەن سىزنىڭ ئىپار پۇراقلىق قەبرە دىگەن  ئەسىرىڭىزنى سالونىىمدا يوللايدىگەن ئىدىم ئەلۋەتتە ئاپتۇرنى مەنبەنى ئەسكەرتىمەن . ماقۇل كۆرسىڭىز يوللىسام بولىدۇ.
قىرىندىشىم ماقۇل كۆرمىسىڭىز سەۋەبىنى بىلسەم بۇلامدۇ ؟

ئاتۇش(ئارتۇچ)سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
ئىزدەش نامى:TurHunaRTuQ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش