مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ahmatjan610

يالقۇن روزى قەشقەردە بىر مەيدان نادىر لىكسىيە سۆزلەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4811
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 758 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 08:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھات تۇرسۇن لېكسىيەلىرى (2)fficeffice" />
ئورنى: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
ئاۋازغا ئاساسەن خاتىرىلىگۈچى: تۇماق

دەرسنى داۋاملاشتۇرايلى ھە.
ئىنسان بىلەن ئىدىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، خېلى كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ بەزى ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىنساننى تىلغا ئېلىش ئىنتايىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىيلىققا باغلىنىشلىق نۇرغۇن ئۇقۇملار بىزگە نامەلۇم. ئىنساننىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن قىسمەتنى ئۆزى بىلمەسلىكى ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ پەقەت تۇيغۇ ھالىتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، بىلىمگە ياكى تەتقىقاتقا ئايلانماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ نەرسىلەر خۇددى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ياكى ھاياتىمىزدا مەۋجۇت ئەمەستەك بىزنىڭ ئەقلىمىزنىڭ سىرتىدا قالغان. بەزىلەر ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلغاندا بولسا، بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشكە تىرىشىش ئۇرۇنىشى چېكىدىن ئاشقانلىق ھېسابىدا داۋاملىق چەتكە قېقىلغان ۋە يوق قىلىۋېتىلگەن. شۇڭا ئىنسانىيلىق ھەققىدىكى تۈپكى بىلىملەر، باشقا ئەللەردە باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىگە ئايلىنىپ بولغان نەرسىلەر، بىزدە تېخىچىلا دۆتلۈكنى تەلۋىلەرچە قوغدۇغۇچىلارنىڭ مۇتەھەملىكى ۋە تىلغا ئالماسلىق ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى نۆلگە تەڭ قىلىش ئىستراتىگىيىسى سەۋەبىدىن يەنىلا ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان چۈشىنىكسىز نەرسە بولۇپ كېتىۋېرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى سۆزلەپ ئۆتۈپ كېتىۋەسەم بولۇۋېرىدۇ، لېكىن بەزى نەرسىلەنى سىلە چۈشەنمىسەڭلا، سۆزلىگىنىمنىڭ پايدىسى يوق.
ئىنساننىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى زادى قانداق؟ بۇ توغرىلىق ياۋروپادىمۇ ئەينى چاغدا نۇرغۇن تالاش – تارتىش بولغان. چۈنكى بۇ مەسىلە نوقۇل ئەدەبىيات مەسىلىسىدەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئەينى چاغدا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەسىگە چېتىلغان. 4- ماي ھەرىكىتى مەزگىلىدىمۇ بۇ توغرىلىق تالاش تارتىش بولغان. ئۇنىڭ ئالدىدىكى دەۋرلەردىكى ئەدەبىيات بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۈگۈلىۋالغان ئەدەبىيات يەنى بىر خىل ناھايىتى ساختا، ياسالما ياكى سۆز ئويۇنى بىلەن تولغان، ئىنسان بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ كەينىدىكى تامامەن تىل ھالىتىگە قايتقان ئەدەبىيات بولسا، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەدەبىياتتا ئەكسىچە بۇ خىل تۈگۈلىۋېلىشتىن قۇتۇلۇش خاھىشى ئەدەبىياتنى تېخىمۇ ماھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئىنسان بىلەنمۇ تىل بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن، قورالغا ئايلاندۇرىۋەتتى. مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەمىنلىكى نۇرغۇنلىغان شائىرلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. لېكىن مۇستەبىتلىك سەۋەبىدىن تىلدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇش رادىكاللىق دەپ قارىلىپ، تېمىدىكى تەكرارلىق ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلغا ئايلانغان. مەسىلەن، بىر شائىر سانسىزلىغان شائىرلار تېمىنى تەكرارلاش ئارقىلىقلا بىخەتەر بولالايدۇ، چۈنكى، ئۇنىڭغا بىر كىم زىيانكەشلىك قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئەسەر يازغانلارنىڭ ھەممىسىگە زىيانكەشلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شەرق مەدەنىيىتىگە كوللېكتىپ زىيانكەشلىك قىلىش يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەن ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن شەخسكە زىيانكەشلىك قىلىشتەك ئۇنداق قولاي ئىش بولمىغاچقا دەماللىققا پالتا چۈشكىچە كۆتەككە ئارام دېگەندەك ھېچ بولمىغاندا زىيانكەشلىككە كەتكەن ۋاقت جەريانىدا بولسىمۇ شائىرلارنىڭ جېنى ئارام تاپىدۇ. شەرقتە مۇستەبىتلەرنىڭ شېئىر يېزىشى يېڭىلىق ئەمەس. دەل ھۆكۈمرانلارنىڭ شېئىر يېزىش ھەۋىسى داۋاملىق ئەدەبىي ئىجادىيەتنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. يېزىق تۈرمىسىنىڭ چيەنلۇڭ دەۋرىدە نۇرغۇن شائىرنىڭ بېشىغا چىققانلىقى، شېئىرنىڭ چوڭ سىياسىي ۋەقە بولۇپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەلبەتتە، پادىشانىڭ ئىشىنى كىممۇ چوڭ ئىش ئەمەس دىيەلىسۇن! پادىشاھنىڭ ئىشى دۆلەتنىڭ ئىشى، پادىشاھنىڭ كەسپى دۆلەتنىڭ كەسپى. دېمەك، پادىشاھ قىلغان ئىشنى قىلىش ئەمەلىيەتتە پادىشاھ بىلەن ھوقۇققا شېرىك بولۇشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولۇپ، ھوقۇققا شېرىك بولۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىمۇ جۇڭگۇنى سورىغان ئەر خوتۇننىڭ بىرى شېئىرپەز يەنە بىرى ئارتىست بولغاچقا جۇڭگۇدا ھەر بىر رومان، ھەر بىر دراما دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپ قالغان. ئاشۇ ھۆكۈمرانلار سازسىزلىغان ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ، بەزىلىرى زورلاپ ئەسلىنىشكە مەجبۇرلىنىپ تۇرسىمۇ لېكىن، ئۇنتۇلۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغان. مەسىلەن، چيەنلۇڭنىڭكى ئۆزى ئەڭ ئاز بولغاندا 30 مىڭ پارچە شىئىر يازغان. ئۇنىڭ كاتىپلىرى جىق بولغاچقا، نەدە بولسىلا مېڭىپ كېتىۋىتىپ ئاغزىدىن بىر نەرسە چىقسىلا، تاسادىپىي قاپىيە بىلەن ۋەزىنگە چۈشۈپلا قالسا، يېنىدىكى كاتىپى شاققىدە ئۇنى خاتىرىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن چيەنلۇڭ كىتاب دېگەننى ياغدۇرۇۋەتكەن. ئۇ دۇنيادا ئەڭ جىق شىئىر يازغان ئادەمنىڭ بىرى. مېنىڭ بىلىشىمچە دۇنيادا ئۇنىڭچىلىك كۆپ شىئىر يازغان ئادەم يوققۇ دەيمەن. 30 مىڭ پارچە شىئىر دېگەن ئاز گەپمۇ؟ بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ شېئىرلىرى 43 مىڭ پارچە ئىكەن، يەنە بەزىلەر 50 مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ھېسابلاپ باقايلى: بىر ئادەم كۈنىگە بىر پارچىدىن شىئىر يازسا، يىلدا 360 پارچە بولىدۇ، ئون يىلدا 3600، دېمەك 30 مىڭ پارچە شېئىرنى كۈنىگە بىر پارچىدىن يازسا، يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتا يېزىپ بولىدىكەن. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ناھايىتى جىق ئەسەر يازغان بۇ پادىشاھنىڭ قولىدا شائىرلارنى كونترول قىلىدىغان كۈچ بولغىنى بىلەن، تىلنى كونترول قىلىدىغان كۈچ بولمىغان. ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر ئەستايىدىل مەزمۇن يوق شىئىرلىرى ئۇنىڭ ئۆزى باشقا شائىرلار ئۈچۈن پەيدا قىلغان چەكلىمىلەردىن قۇتۇلالمىغان، چۈنكى ئەركىنلىكتىن قورقىدىغان ھۆكۈمران ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ ھەتتا ئۆزىدىكى ئەركىنلىكنىمۇ باشقىلارغا ئەركىنلىك ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، ئۇلارغا ئەركىنلىكتىن ئىبارەت يامان يولنى كۆرسىتىپ قويىدۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ، بولۇپمۇ شان شەرەپ ۋە قىزغىنىش تۇيغۇسىغا ھەممىدىن بەكراق ھامىلدار ئەدەبىيات ۋە تىلدىكى ئەركىنلىك ھۆكمىرانلارنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدۇ. شۇڭا ھەممىدىن ئاۋال ئۆزىگە تىل ئىمكانىيەتلىرىنى تارايتىپ چەك بېكىتىدۇ، ئاندىن ئۆز بالىسى ھىسابلىنىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قەغەزدە خەت ھالىتىدە تۇرۇۋېرىشنى خالىمايدۇ، گەرچە سۆزنىڭ ماددىغا ئايلىنىشىنى كۈتۈش بىر خىل ئۇزاق مەزگىللىك يۇشۇرۇن پىسخىك جەريان بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئۈنۈمى يەنىلا كۆرگىلى بولىدىغان نەرسە دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ھالەتتە زاھىر بولىشىنى ئىزدەيدۇ. بۇ ئىجتىمائىي ئۈنۈم شۇكى، ھۆكۈمران ئاپتورنىڭ ئىنتايىن تايىنى يوق بۇ بالىلىرى توختىماي زورىيىشى ۋە ئەۋلاد قالدۇرىشى لازىم. ئاندىن ئۇنىڭ نەۋرىلىرى دادىسىغا ئوخشىماي قالسا ئۇنىڭغا ھارامدىن بولغاندەك تۇيۇلىدىغانلىقى ئېنىق. ھۆكمىراننى دۆلەتنىڭ دادىسى دەپ ئاتايدىغان شەرق ئەنئەنىسىدە، ھەر بىر ئادەم ھۆكمراننىڭ بالىسى بولۇپلا قالماي يەنە ھەر بىر نەرسىمۇ ئۇنىڭ نەرسىلىرىنىڭ بالىلىرىدۇر. يالغۇز ناخشا ئېيتىشنى جىنايەت ھېسابلايدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئاۋازىڭىز ئومۇمىي خورغا ئايلانمىسا سىز يوقىتىلىش تەقدىرىگە دۇچ كېلىسىز، ئومۇمىي خورغا ئايلانغاندا بولسا يوقۇتۇلغاندىن پەرقىڭىز قالمايدۇ. شۇڭا چيەنلۇڭ دېگەن بىر شائىرنىڭ بارلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدۇ. ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ پادىشالىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنى جىق تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ شىئىرلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرغان بىلەن، كېيىنكى دەۋرلەردە خەقلەر ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان،
بەزىلەر ئەدەبىيات ئىنسانلارنىڭ رېئاللىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇلارغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىسا، بەزىلەر ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىنى بەخت دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراش يەنىلا ئىنساننى ئاساس قىلىش بىلەن ئىددىيىنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل قاراشنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ، ھەرقايسى دەۋرلەردە بۇ خىل قاراشلاردىن بىرى ئۈستۈنكى ئورۇنغا ئۆتىدۇ. يەنى كىشىلەر ئۆزىنىڭ رېئاللىقىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى سېزىپ يەتكىنىدە، ھەممە نەرسىنى قورال قىلىپ پايدىلىنىشقا ئۇرىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىياتمۇ بىر خىل قورال دەپ قارىلىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە كىشىلەر رېئاللىقتىن قانائەت ھاسىل قىلىدىغان بولغاندا، ئەدەبىياتنى قورال دەپ قاراش ھەممە ئادەمگە كۈلكىلىك تۇيىلىدۇ. دېمەك ئەدەبىياتتا ئىنساننىڭ مۇھىملىقى ياكى ئىدىيىنىڭ مۇھىملىقى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە داۋاملىق ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ. ئىدىيە بىلەن ئىنساننىڭكى قايسىسى موھىم دېگەن مۇشۇ تالاش – تارتىشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۈتۈشمۇ ئوخشاشلا بىمەنە. بەزى چاغلىدا ئادەم ئىدىيەگە بويسۇنۇپ، ئىددىيىنىڭ مەھسۇلاتىغا ئايلىنىدۇ، بەزى چاغلاردا ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىددىيە ئادەملەرنىڭ مەھسۇلاتىغا ئايلىنىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بىز ئىددىيىنىڭ مەھسۇلاتىغا ئايلانغان ئىنسانلارنى ناھايىتى كۆپ كۆردۇق. يەڭلىرىگە قىزىل بەلگە تاقاپ، قوللىرىغا قىزىل تاشلىق ئۈزۈندە ئېلىپ، تەلۋىلەرچە ئومۇمىي خورغا چۈشكەن كىشىلەرنى كۆردۇق. بۇ ئادەملەر ئىنسانىيلىقىنى تامامەن يوقاتقان، ئۇلار ئادەم ئەمەس بەلكى ئىدىيەنىڭ بىر نەرسىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ھازىرقى دەۋردىمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالدىن تېخى ئىنسانىيەت قۇتۇلالىغىنى يوق. بەزىدە ئادەم ئۆزىنىڭكى شەخىسلىكىنى يوقىتىپ، پۈتۈنلەي جەمئىيەتنىڭ بىر ۋىنتىسىغا ياكى بىر چىشلىق چاقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، پۈتكۈل دۆلەتنى بىر چوڭ ماشىنا دەيدۇ ماركس، شۇنداققۇ؟ دۆلەت بىر ماشىنا بولسا، بىر ئادەمچۇ؟ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تال ۋىنتا، ئۇ ماشىنا قايانغا ماڭسا، ئۇ ۋىنتا شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ قالالمايدۇ، ئايرىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئىنساننىڭ شەخسىيىتى، ئىنساننىڭ خاسلىقى، ئىنساننىڭ ئالاھىدىلىكى دۆلەتتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر ماشىنىنىڭ ئىچىدە غايىپ بولدى، يوقالدى دېگەن گەپ. بىر دۆلەتنىڭ خەلقنى ئازاب ئوقۇبەتكە گىرىپتار قىلىۋاتقانلىقى ياكى بەخت سائادەت يارىتىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقى نۆۋەتتە ئاشۇ دۆلەتتە ئىنساننىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقى ياكى ئىددىيىنىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقى ئارقىلىق ئۆلچەنمەكتە. بىر دۆلەتتە ئىنساننىڭ ئورنى قانچىلىك تۆۋەن بولسا ئۇلارنى شۇنچىلىك ئازابتا دەپ پەرەز قىلساق بولۇۋېرىدۇ.
ھەممە ئاقىلدارنىڭ گېپى تاتلىق، تەسىرلىك، قايىل قىلارلىق. بىر بىرىگە تامامەن قارمۇ قارشى نەزىرىيىلەرنىڭ ھەر ئىككىلا خىلىنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر چۆكسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بىر بىرىدىن قېلىشمايدۇ. چۈنكى سۆزلىگۈچىلەر سىزنىڭ گۇمانلىرىڭىز ۋە سوئاللىرىڭىزنى بىر بىرلەپ ھېس قىلىپ تۇرىدۇ، چۈنكى بۇ گۇمانلارنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىمۇ ئەسلىدە بار بولۇپ، بۇ يوچۇقلارنى ئۇلار سۇ كىرمەس قىلىپ، بىر بىرلەپ ئېتىپ ماڭىدۇ. سىزنىڭ گۇمانلىنىشىڭىزغا ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرمايدۇ. ھېچكىممۇ ئۆز نەزىرىيىسىدە كىشىلەرگە بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىمەن دېمەيدۇ. ئۇنىڭ بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى سېزىلىشكە باشلىغاندا بۇ كىشىلەرنىڭ نەزەرىيىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ بولالمىغانلىقى ۋە رېئاللىقتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەل قارىغانلىقى بولۇپ تۇيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ گېپىنىڭ راست يالغانلىقى ئىسپاتلانغىچە ئۇزاق بىر مەزگىل كېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە كىشىلەر تەشۋىقات بىلەن رېئاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كىچىكلىشىنى كۈتىدۇ. ئاخىرقى ئۈمىد سۇغا چىلاشقىچە كۆز ئالدىدىكى رېئاللىق ھەرقانچە ئېچىنىشلىق بولسىمۇ ھېچكىمنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. بۇ ئالدى بىلەن كىشىلەرگە بەخت ئېلىپ كېلىشكە بولغان ۋەدىگە ئىشىنىپ كېتىشتىن بولۇپ، بۇ ۋەدە چەكسىز بەختنى ئالدىڭىزغا كېلىپلا قالغان ھالەتتە قىلىپ كۆرسەتكەچكە، ئۇنىڭغا بولغان گۇمان خۇددى ئالدىڭىزدىكى قولىڭىز يېتەيلا دەپ قالغان بەختنى يوق قىلىۋېتىشكە بارابەر بولۇپ تۇيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئالدى بىلەن بۇنداق گۇماننى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنى ئاشۇ بەختنى يوق قىلىۋېتىپ بارغان بىر كۈچ سۈپىتىدە يامان كۆرىسىز ۋە ئۇلار بىلەن ئۇزاققا داۋاملاشقان كۆرەشنى باشلىۋېتىسىز. ناھايىتى روشەنكى، دۈشمەننىڭ ھەر قانداق گەپ سۆزى دۈشمەن بولۇپ تۇيىلىدۇ. كۆز ئالدىڭىزغا كېلىپلا قالغان خىيالىي بەختنى يوق قىلىۋېتىپ بارغان ئاشۇ كىشىلەر بىلەن بولغان كۆرەش چوڭقۇرلاشقانسېرى، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىشتىكى ئەڭ ئاساسىي ئۇسۇلىڭىز ئۇلار بىلەن نەزىرىيىۋىي جەھەتتىن تىركىشىش بولۇپ، بۇ جەرياندا سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭكىنى خاتا قىلىشقا تىرىشىسىز. بۇ خىل تىرىشىش جەريانىدا سىز ئۆزىڭىز ئىشەنگەن ئاشۇ نەزىرىيە ھەققىدىكى كېيىن پەيدا بولغان يوچۇقلارنى − باشقىلار كۆرسەتكەن ۋە ئۆزىڭىز ھېس قىلغاننى − ئايىماي ئېتىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ نەزەرىيە تېخىمۇ بېيىپ، يوچۇقلار تېخىمۇ ئېتىلىپ، قايىل قىلىش كۈچى تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ چىقالماس بولىسىز.
ھەرقانداق ھۆكۈمران خەلققە بەخت سائادەت يارىتىۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ ۋە بەخت سائادەتنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزى بېكىتىپ بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى بەخت سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر توپ خەلق قۇللۇقنى بەخت سائادەت دەپ تۇنۇغان چاغدا، ئۇنى بەخت سائادەت ئەمەس دەپ بىلگۈچىلەر ئاشۇ خەلقنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلمىغان دەپ ئېيىپلىنىدۇ. بەزىدە بۇ خىل ئېيىپلاش بەك كونىراپ كەتسە، بۇ ھۆكمرانلار ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىق دەپ ئېيىپلاشقا ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەخت سائادەت بىلەن ئازاب ئوقۇبەتنىڭ چېگرىسى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى، ئاشۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ دېكتاتۇرىسى ئاستىدا قۇل بولۇۋاتقانلار ئەڭ ئالدىدا سەكرەپ قوپۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇل بولۇش ئەركىنلىكى، قەتلىئامغا ئۇچراش ئەركىنلىكىنى داۋا قىلىدۇ.
قانۇن ساھەسىدە ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ياكى نېرۋا كېسىلى بىمارلىرىغا باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى بېكىتىش ھەققىدە مۇنداق بەلگۈلىمە بار. ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ياكى نېرۋا كېسىلى بىمارلىرى بىلەن بولغان جىنسىي ئالاقە قارشى تەرەپ ئوبيېكىتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىنى ياكى نېرۋا كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنىڭ رازىلىقى ياكى تەلىپى بويىچە بولسىمۇ ئوخشاشلا باسقۇنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ياكى نېرۋا كېسىلى بىمارلىرىدا ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولمايدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئەل خەلقلىرى ئۇزاق مەزگىل نادانلىقتا قالدۇرۇش نەتىجىسىدە ئۆزلىرىنىڭ بەخت سائادەت بىلەن ئازاب ئوقۇبەتنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى سىياسىي سېھرىگەرلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان.
مۇشۇ يەردە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويايكى، مېنىڭ ئەدەبىياتنى مىللەتنىڭ سىياسى تەقدىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشۈم، ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئەدەبىيات ھەل قىلىدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئەمەس. مەن پەقەت ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولغانلىقىم، بىر سىياسىئون بولمىغانلىقىم ئۈچۈن مىللەت تەقدىرىدىكى بەزى سىياسىي ئويۇنلارنىڭ قانداق ئوينىلىنىۋاتقانلىقىنى پەقەتلا ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئىپادىسىگە قاراپ ھېس قىلالايمەن ۋە چۈشەندۈرەلەيمەن. بۇ خۇددى بىر دېھقاننىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى دېھقانچىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ئاساسەن چۈشەنگىنىگە ياكى بىر سودىگەرنىڭ سودىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە چۈشەنگىنىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر مەن بىر سىياسىئون بولغان بولسام ئىدىم، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تامامەن سىياسىي نۇقتىدىن چىقىپ چۈشەندۈرگەن بولاتتىم. بۇ سىياسى ئەدەبىياتقا بىۋاستە ئارىلاشقان كىشىلەر توپىدا ۋە دەۋردە سىياسىي تۇرمۇشنىڭ باشقا ساھەلىرىدە قانداق ئەكس ئەتكەن بولسا ئەدەبىياتتىمۇ شۇنداق ئەكس ئېتىدۇ. مەسىلەن، «داڭ داڭ داڭ، ياشا گوڭچەنداڭ» دېگەن مىسرالارنى سىياسىدىن ئايرىپ قانداقمۇ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.
ئىنساننى يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان، ئىنساننى ئۇلۇغلايدىغان، ئىنسان ئىددىيىدىن ئۇلۇغ، ئىنسان سىياسىدىن يۈكسەك دەپ قارايدىغان بىر خىل ئىددىيە ئىنسانىيەت يېڭى دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بەلگىسىدۇر. بۇ يېڭى دەۋر بىزگە تا ھازىرغىچە تېخى يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئەدەبىياتىدا 4- ماي ھەرىكىتىدىن كېيىنلا پەيدا بولغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇنداق نەزىرىيەنى كۆتۈرۈپ چىقىش ھەر قاچان خەتەرلىكتۇر. بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان پۈتكۈل دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئىنسانچىلىق ئىددىيىسىنىڭ كۆتۈرىلىپ چىققان ۋاقتى ئىنتايىن بۇرۇن. 16- ئەسىردىكى ئەدەبىيات ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە كېڭەيگەن ئاقارتىش ھەرىكىتى پەيدا بولدى. بىزگە ئۈچ يۈز يىلدىن بېرى يېتىپ كېلەلمەيۋاتقان بۇ ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي روھى ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ۋە ئىنساننىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، بۇ يىردىكى «ئىنسان» قايسىدۇر بىر رايوندىكى كىشىلەرنى ياكى تېرىسىنىڭ رەڭگى قانداقتۇر مەلۇم بىر رەڭگە مايىل كىشىلەرنى كۆرسەتكەن ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى بۇ ھەرىكەت ئۆزىنى ئىنسان دەپلا قارايدىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەدر قىممىتىنى نەزەردە تۇتقان ھەرىكەتتۇر. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ئىراسىنى ياراتقان ئاقارتىش ھەرىكىتى ياكى دۇنياۋىي جاھالەتتىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئەدەبىيات ساھەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولغان. دۇنيادا رىئالىزم، ناتۇرالىزم ياكى رومانتىزم دېگەندەك كۆپلىگەن ئەدەبىيات ئېقىملىرى بارلىققا كەلدى. مەيلى رومانتىزم بولسۇن ياكى رىئالىزم بولسۇن، ئاقارتىش ھەرىكىتىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بارلىق ئەدەبىيات ئېقىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بىر خىل ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار بىرىنچى بولۇپ ئوخشاشلا «ئىنسان» دېگەن نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەلبەتتە، چىرايلىق شوئارلارنىڭ كىم تەرىپىدىن، قانچىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بىلەن كىم تەرىپىدىن قانچىلىك ئەمەلىيلىشى ئۇ باشقا گەپ. ئەينى چاغدا ئىنساننىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى باش پىرىنسىپ قىلغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئورنىنى تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىن تۆۋەنراق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى بىزگە سىر ئەمەس، گەرچە ئۇلار بۇ خىل ئىنساننى دەپسەندە قىلىشنى دەپسەندىچىلىك دەپ ئېتىراپ قىلمىسىمۇ شۇنداقلا بۇنى ئىنسانچىلىق ئىدىيىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى دەپ چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ. تارىختا قايسى گەپنى كىم ئەڭ كۆپ تىلغا ئالسا، ئۇلادا شۇ نەرسە ئەڭ كام بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. مەسىلەن، قەيەردە خەلق ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنسا شۇ يەردە خەلقنىڭ ھالى ئەڭ ناچار. قەيەردە دېموكراتىيە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنسا شۇ يەردە دېموكراتىيە يوق. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بەزى جايلاردا بىر مەزگىل تىلغا ئېلىنىدىغان شىرىن گەپلەر ھايال ئۆتمەي ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ، يەنى ئېغىزدىكىسى ئازىيىپ، ئەمەلىيەتتىكىسى كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ شىرىن گەپلەر بەزى جايلاردا مەڭگۈ ئېغىزدىكى گەپ پېتى قېلىۋېرىدۇ، شۇنداقلا رېئاللىق بىلەن يىراقلاشقانسېرى ئېغىزدىكى تىلغا ئېلىنىش چاستوتىسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ماڭىدۇ.
ئىنساننى ئۇلۇغلاش، ئىنساننى قەدىرلەش، ئىنساننى دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش ئىددىيىۋىي ئېقىمىدا ئاساس قىلىنغىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال قىممەت بولۇپ، ئىنساننىڭ تەبىئىي ھاياتلىق تەلىپى ۋە تۈپكى ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ھەر قانداق ئىدىيەدىن ئىنسان يۇقىرى، ھەر قانداق سىياسىي تۈزۈمدىن ئىنسان يۇقىرى دەيدىغان بىر خىل ئىددىيە ناھايىتى ئېنىقكى، ئىددىيە ۋە سىياسىي ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بولغان تەبىئەت قانۇنىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى بۇرمىلاشقا تىرىشىدىغان مۇستەبىتلەرنى ئىنتايىن خاپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە تەۋە ئىنسانلارنى تەبىئىتى بۇرمىلانغان غەلىتە مەخلۇقلارغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ماشىنىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنساننى قايتا ياساپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىنسانىي تەبىئەتتىن خالى، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىدىن خالى ئۇششاق ۋېنتىلارغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئىنساننى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان بۇ خىل ئىدىيە بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھازىرغىچە تېخى تۈزۈك تەسىرىنىمۇ كۆرسەتمىدى. مەسىلەن ھېلىقى چېچىڭنى كەسمە، ۋىجدانلىق بول دېگەندەك تېمىدىكى شېئىرلار، تاماكا چېكىشكە قارشى، ھاراق ئىچىشكە قارشى يېزىلغان ئەسەرلەردىن بىز مەلۇم بىر باشقۇرغۇچىنىڭ ھەممە يەردە قولىنى شىلتىپ، ئىنسانلارنى تامامەن ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇندۇرۇشقا كۈچەۋاتقان زوراۋان لېكىن مەۋھۇم ئوبرازىنى ھېس قىلىپلا تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىنساننىڭ ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ كاللا ئىشلىتىش ھوقۇقى يوق، ئۇلارغا نېمىلەرنى قىلىش نېمىلەرنى قىلماسلىقنى سىياسىئونلار ۋە شائىرلار دەپ بېرىدۇ. شائىرلار سىياسىئونلارنىڭ مەۋھۇم كۆلەڭگسىگە ئايلانغان بۇنداق جايلاردا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۇششاق ئىشلىرىغىمۇ باشقىلار ئارىلىشىپ ھەممە نەرسىدە يول كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ كاللىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش كويىدا بولماستىن، باشقىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا نورمالسىز ۋە غەيرى ئەقلىي ھالدا خۇمار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ خىل ئۆزى بىلەن چاتىقى يوق، باشقىلارنى باشقۇرۇش خاھىشى پارىخور ئەمەلدارلار پارا ئېلىش زادىلا قولىدىن كەلمەيدىغان پۇقرالارنى يىغىۋېلىپ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە يىغىن ئاچقىنىنى ئەسلىتىدۇ. ئەڭ بىلىمسىز شائىرلار ئۆزى بىلىم ئىگىلىمەي باشقىلارنى بىلىم ئىگىلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، سانسىز قېتىم تەكرارلانغان تېما ۋە سانسىز قېتىم تەكرارلانغان مېتافورلار بىلەن تولغان بۇ شېئىرنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ باشقا بىلىم ئەمەس ئەدەبىيات ھەققىدىمۇ ئاز تولا بىلىمگە ئىگە بولمىغانلىقىنى يېتەرلىك ئىسپاتلايدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھەم مەسىلە شۇكى، پەندى نەسىھەت تەلۋىلىكىگە گىرىپتار بۇ كىشىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىش ۋە نەسىھەت ئاڭلاش خۇمارى، ئىنساننىڭ قەدر قىممىتىنى ۋە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى، ئىنساننىڭ پىكىر قىلالايدىغان، ياخشى ياماننى پەرق قىلالايدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەسىلىلىرى ھەققىدە ئويلىيالايدىغان مەخلۇق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. مەسىلەن، بىلىم ئىگىلەش ئىنساننىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىتىدۇر. سەن ئۇنى ھەر خىل يوللار بىلەن توسىمىساڭلا ئۇ نورمال ئىنسان بولسىلا بىلىم ئېلىشقا تىرىشىدۇ. ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ دۆت بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. بۇنى ھەممە ئادەمنىڭ بىر بىرىگە توختىماي تەكرارلاپ دەپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. بۇنى ئاشۇ چاقىرىقنى توختىماي تەكرارلاۋاتقانلارمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار، تەييار تېمىلارنى تەكرارلاۋېرىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن كاللا ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىمۇ كاللا ئىشلىتىشتىن ئازاد قىلىپ، ئۇلارنى ئېغىر ئەمگەكتىن قۇتۇلدۇرغان نىجادكار رولىنى ئالماقچى. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى، كىشىلەرنى چوڭقۇر مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىشتىن توسۇش. بۇنىڭ بىردىن بىر ئامالى شۇكى، چوڭقۇر مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئويلىنىشنى كىشىلەرگە زىيانلىق ۋە خەتەرلىك قىلىپ كۆرسىتىش. ئۇلار كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر مەسىلىلەر، يەنى روھىي دۇنيانىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشنىڭ بىر خىل پەن ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ مىللەت مەنىۋىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتلەرنى كىشىلەرگە يامان كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆزلىرنىڭ تەپەككۈرىدىكى نورمالسىزلىقنى ئېتىراپ قىلماسلىق ئارقىلىق ئۇنداق ئىشنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرىغا ئىچكىرلەپ كىرىشتىن قورققۇچىلار ئېنىقكى بۇ مىللەتنى مۇرەككەپ بىر خىل ئىجتىمائىي توپ ھالىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغۇچىلاردۇر. يەنى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا، مىللەتنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، كىشىلەرنى دۆت ۋە بىخۇت ھالەتتە قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زۆرۈرىيەتسىز ۋە يۈزەكى يازمىلىرىنىڭ كېرەكسىزلىكىنى باشقىلارنىڭ ھېس قىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. خىل خىلى بىلەن دېگەندەك، يۈزەكى نەرسىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ يازغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا چوقۇم ئىنتايىن يۈرەكى پىكىر قىلىدىغان كىتابخانلار توپى ۋە يەنە بۇ يۈزەكى پىكىرنى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇپ ئاساسىي ئېقىم زوراۋانلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جامائەت پىكرى كېرەك. ئۇلار پەقەت شۇلار بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ زۆرۈرىيەتسىز يازمىلىرىنى كىشىلەرگە مۇھىم ھېس قىلدۇرالايدۇ. دەۋرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋىجدانىي بار يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى، پەقەت ۋىجداننى يوقاتقان نان قېپى يازغۇچىلار تولا تەكرارلىنىپ ئەبچىقى چىقىپ كەتكەن پەندى - نەسىھەتلەرنى تەكرارلاپ جان باقىدۇ. ھورۇن قاشاڭلىق بىلەن يۈزەكى نەرسىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك روھىي دۇنيا مەسىلىسىگە سەل قارايدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ قىلىقلىرىنىڭ كەينىگە مەلۇم سىياسىي مەقسەتلەرمۇ يوشۇرۇنغان ئەلبەتتە. بولمىسا بۇ سېھرىگەرلەرنىڭ خۇددى سېھىر ئەپسۇندىن پايدىلانغاندەك كەڭ ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولىشىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەخلاق ۋە تەرتىپ بىلەن كونترول قىلىنغان مەدەنىيەتلىك ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىزگە ناھايىتى مۇقىم ۋە خاتىرجەم كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاستىدا بىنورماللىق دەرىجىسىگە يەتكەن ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ئادەتتىكى ئىش ھېسابىدا قوبۇل قىلىنغان روھىي مەھكۇملۇقنىڭ ئىنتايىن كەڭ ھالدا يوشۇرۇنۇپ ياتقىنىنى ھېس قىلغىنىمىزدا بىزنىڭ ئەنسىزلىك باسىدۇ. بىز ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلىدىغان بارلىق قىممەت قاراشلىرىدىن ئىختىيارسىز گۇمانلىنىپ قالىمىز. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تېخى بىر خىيالىي كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدىغان نىقاب ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي مەدەنىيەتنىڭ ئىنسانىيەتتىن تېخى ناھايىتى يىراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايمىز.
ئىددىيە ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قارايدىغان يازغۇچىلارنى ئىددىيىگە ئادەتتىن تاشقىرى مەپتۇن دەپ قارىساق خاتالاشقان بولۇپ چىقىمىز. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ يازمىلىرىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىددىيىسىنىمۇ تاپالمايمىز. ئەگر ئۇلار ئىددىيىگە بەك مەپتۇن بولۇپ كەتكەن بولسا ئۆزلىرىگە خاس ئىددىيىگە ئىگە بولغان بولاتتى. ئۇلاردا پەقەت پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئورتاقلاشقان بىر خىل ئىددىيە بار. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شەخىسلەرنىڭ ئۆز كاللىسىنى ئىشلىتىشى ۋە مەلۇم كۆز قاراشقا ئىگە بولىشى كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىشتۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يازغۇچى ھۆكۈمەت نېمە دە دېسە شۇنى دېيىشى ياكى بولمىسا جەمئىيەتتە خەقلەر نېمىنى يېزىشنى تەلەپ قىلسا، شۇنى يېزىشى شەرت. پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئورتاقلىشىپ كەتكەن ئىددىيەلەر ئۇلارنى بىر تەرەپتىن يېڭى تېما ھەققىدە كاللا قاتۇرۇشتىن قۇتۇلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەممە ئادەم قوبۇل قىلغان بۇنداق تېمىلار ئىنتايىن بىخەتەر. بۇ يەدە ئىنساننىڭ خاسلىقى، ماھىيىتى يوقالغان، يەنى جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ بىر خىل ماشىنىنىڭ ئىچىدە ياكى بولمىسا بىر خىل تورنىڭ ئىچىدە ئىنساننىڭكى ماھىيىتى، خاسلىقى، ھەممە نەرسە يوقالغان. ئىنساننىڭ ماھىيىتى ۋە خاسلىقىلا ئەمەس، ھەتتا يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. مەسىلەن كۆپىنچە ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ يازغان شېئىرلىرىنى بىر يەگە ئەكىلىپ، ئالدىمىزغا قويۇپ قويسا، قايسى كىمنىڭ شېئىرى، پەرق قىلالمايمىز. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئوخشاش. دېمەك بۇ يەردە ئىنساننىڭ خاسلىقى دېگەن نەرسە قەتئىيلا يوق. چۈنكى ئۇ يازغۇچى ياكى شائىر ئۆزىنىڭكى كۆز قارىشىنى، ئۆزىنىڭ ھېس – تۇيغۇسىنى يازغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ھەممىسى جەمئىيەتكە ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر خىل نەرسىلەر. بىر جەمئىيەتتە، بىر دەۋردە ئۆزىنى بىر ئاۋانگارت شائىر دەپ ئويلاپ يۈگەن ئادەم بىلەن بىر دېھقاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق بولمىسا، بىر خىل ئىددىيە، بىر خىل كۆز قاراش جەمئىيەتكە ئومۇملاشقان چاغدا، ھەممە ئادەم ئوخشاشلا ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان بولۇپ كەتكەندە، بۇ جەمئىيەتتە ئىجادىيلىقتىن قانداقمۇ سۆز ئېچىش مۇمكىن؟ پەقەت بىر جەمئىيەتتە ئىددىيە ۋە كۆزقاراش داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرغاندا، كىشىلەر ئاندىن ھەل قىلغىلى بولماي كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تاپالايدۇ. ھەممە ئادەم بىر خىل ئويلىسا، يۈز يىللاپ بىر گەپنى تەكرارلاۋەرسە، لېكىن ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا، دېمەك كىشىلەر قىيمايۋاتقان بۇ ئىددىيىنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار دېگەن سۆز. بىز ئەدەبىياتنى قورال دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نەزىرىيىسىگە قوشۇلغان بوپ تۇرۇپ، ئۇلاردىن سوراپ باقايلى: سەن ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ قورال بىلەن ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىشلار بىر ئەسىردىن بېرى ئۆزگىرىش بولماي ئۆتتى. دېمەك سېنىڭ بۇ قورالىڭ كېرەككە كەلمىدى، يەنە نىمىشقا ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالىسەن؟ بۇ سوئالىمىزغا ئۇلار قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟ بىر دېھقان ئېتىزلىققا بېرىپ ئارا بىلەن يەرنى شۈدىگەر قىلماقچى بولدى. لېكىن ئۇ ئارا بىلەن يەرنى ھەرقانچە قىلسىمۇ شۈدىگەر قىلالمىدى ياكى ئۇ ئاغدۇرغىچە ئوسىسى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ يەنىلا ئارا بىلەن يەرنى شۈدىگەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋېرىشى كېرەكمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىقكى: ياق! دېھقان ئارا بىلەن يەرنى شۈدىگەر قىلغىنى بولمىغان ھامان ئۇنى تاشلاپ قولىغا ساپان ئېلىشى، ئەگەر ساپانغا قولى قىسقا كېلىپ قالسا ھېچ بولمىغاندا قولىغا كەتمەن ئېلىشى لازىم. ئارا ئەلبەتتە كېرەكلىك نەرسە، ئېتىزنى شۈدىگەر قىلغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بۇزۇپ تاشلاشقا، چېقىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەدەبىياتنى قورال قىلىپ تۇرۇپ يەتمەكچى بولغان نىشان ھاسىل بولمىسا، ئەدەبىياتنى قويۇپ تۇرۇپ باشقا يوللار ۋە ۋاستىلار ھەققىدە ئىزدىنىش لازىم. ياكى ئەدەبىيات بىلەن ھەل قىلالماي، ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئەدەبىيات ئارقىلىق ھەل قىلىش كويىدا بولۇش ئەمەلىيەتتە بەزى ئەپچىلەملەرنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئوينىغان ئويۇنىدۇر. ئارا بىلەن يەرنى ئاغدۇرىمەن دەپلا تۇرىۋالغان دېھقان يا يەرنى ئاغدۇرالماي يا ئارا بىلەن يەر ئاغدۇرۇش پىكرىدىن يانماي تۇرىۋالسا، ناھايىتى ئېنىقكى، ئېتىزى ئاق تاشلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى يا ئەدەبىيات بىلەن ھەل قىلالماي يا ئەدەبىيات بىلەن ھەل قىلىش پىكرىدىن يانماي تۇرىۋېلىش، ئۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىشىنى داۋاملىق ئارقىغا سۈرۈش ياكى زادىلا ھەل بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشتەك پاسكىنا نىيەتنىڭ مەھسۇلىدۇر.
بىزدە داۋاملىق ئىنتايىن ئاخمىقانە گۇمانلار ۋە ھېستېرىيىلىك بىمەنە قاخشاشلار ئۇ دەۋردىن بۇ دەۋرگە تەكرارلىنىۋېرىدۇ. 80- يىللاردىكى كىيىم كېچەك مۇدىسىدىن قاخشاش ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. بىز دۇچ كەلگەن مەسىلە دوپپىنىڭلا مەسىلىسىما؟ نىمىشقا نۇرغۇن ئادەم كىيىم كېچەكتىن باشقىنىڭ گېپىنى قىلالمايدۇ؟ نىمىشقا باشقا نەرسە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدۇ؟ مەن ئەقلىمنى بىلسەم كىشىلەر، ياشلار لاباكۇ كىيىپ بۇزۇلۇپ كەتتى، دەپ قاششىغىلى تۇرۇپتىكەن، قىرىق يىلغا يېقىن كىيىم كېچەك تەلۋىلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيىسىنى ماتۇركوشاڭ قىلىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيىسىنى تېما تەكرارلىقى بىلەن پاتقاققا پاتقۇزۇش. ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر مەسىلىلەر ھەققىدە باش قاتۇرۇشتىن توسۇش. يالغاندىن مىللەتچى ۋە دىندار بولۇۋالغانلارنىڭ ئويۇنى دەل مۇشۇ! ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي دىندار بولىدىغان بولسا، دىننى ۋە ئۇنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىدىكى رولىنى تەتقىق قىلغان بولاتتى. بىز دىننى سۆيگۈچى قىياپەتكە كىرىۋالغانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمىساقمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دىن ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ بىزنىڭ تارىختا ئۆتكەن ھەرقانداق بىر دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭكىدىن يۈزەكى ۋە تېيىز ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالمايمىز. پۈتۈن ئۆمرىنى ئاللاھنى ۋە رەسۇللىللاھنى كۈيلەپ ئەسەر يېزىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئەخمەت يەسسەۋى ۋە سوپى ئاللاھيارلارنىڭ بۈگۈنكى دىندارلار تەرىپىدىن ئېيىپلىنىشىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ باقىيلىقنى نىشان قىلغان بولماستىن پەقەت بىز مەزگىللىك داۋراڭ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغۇدەك دۆت ئەمەسمىز. دىندەك ئەڭ چەكسىز ۋە ئەڭ گۈزەل روھىي تۈۋرىكىمىزنى يۈزەكىيلەشتۈرۈش، قوپاللاشتۇرۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ يەردە بىرلا نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، كاللا ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان بۇ ئەپچىلەملەرنىڭ تېپىۋالغان ئەپچىل چارىسى شۇكى، باشقىلارنىڭ يەنى تىرىكلەردىن تارتىپ ئەجدادلارغىچە، دىنىي ئېتىقادىنى ئەپلەپ سەپلەپ سۇس دەپ ئىسپاتلاش ئارقىلىق، ئۆزىنى تارىختا بولۇپ باقمىغان ساداقەتمەن كۆرسىتىش. ئەمەلىيەتتە دىن ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش، ئاللاھنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ! ئۇلار پەقەت باشتا دوپپىنىڭ بار يوقلىقى دېگەندەك ئۇششاق ئىشلاردىن باشقىغا نەزەر سالالمايدۇ ۋە بۇ ھەقتە كاللا ئىشلىتىشنى ئادەم كۆتۈرۈپ قوپالمايدىغان بەكمۇ ئېغىر ئەمگەك دەپ قاراپ توختاپ قالىدۇ.
كىيىم كىچەكنى قانداق كىيىش مەسىلىسى ھېستېرىيىسى كىشىلەردە 80- يىللارنىڭ بېشىدىكى لاباكۇ كېيىشكە قارشى تۇرۇشتىن باشلانغان. دەسلەپ ھەممە ئادەم لاباكۇنى تىللىدى، تىللىغان بىلەن بۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىپ كەتمىدى. كېيىن ھەممە ئادەم كىيىپ كەتتى، يەنىلا بۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىپ كەتمىدى. بىر مەزگىللەردە كىشىلەر بېشى يالىڭاچنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي مىللەتنىڭ خائىنىغا چىقارغان، شۇ چاغلاردا ھەممە ئادەم بېشىغا شەپكە كىيىپ يۈرگەندىمۇ بۇ مىللەت بىرقانداق بولۇپ كەتمىگەن، كېيىن ھەممە ئادەم بېشى يالىڭاچ يۈرۈپ كەتسىمۇ تەقدىرى ئۆزگىرىپ كەتمىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى كىيىم كېچەك مەسىلىسى ئەمەس. نىمىشقا بەزىلەرنىڭ مىللەتنى ئويلىسىلا كىيم كىچەك بىلەن ئىشتاننىڭ ئىچىدىكىدىن باشقا تەرەپكە ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا ھەيرانمەن. پەقەت روھى بۇرمىلانغان، جىنسىي ئەسەبىيلىككە گىرىپتار بولغان كىشىلەرلا ھەممە نەرسىنى جىنىسقا باغلىۋالىدۇ. كىيىم كىچەك مەسىلىسىدە بىۋاستە ئەكىس ئەتكىنىمۇ يەنىلا ئېچىلىپ قېلىش مەسىلىسى، ئېچىلىپ قېلىش مەسىلىسى ناھايىتى ئېنىقكى جىنسىيەت مەسىلىسى. ئەجىبا مىللەتنىڭ مەسىلىسى جىنسىي مەسىلىما؟ ئىشتاننىڭ ئىچىدىكىدىن باشقىنى ئويلىيالمايدىغان بۇرادەرلەرگە دەپ قوياي، ئىشتاننىڭ ئىچىدىن سىرتتا باشقا دۇنيا بار. ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەممىسى يۈزىنى يېپىپ يۈرگەنگە بۇ مىللەت بىر قانداق بولۇپ قالمايدۇ، ھەممە ئادەم كوچىغا يالىڭاچ چىقىۋالسىمۇ بۇ مىللەت ھالاك بولۇپ كەتمەيدۇ.
خۇددى مېڭىسىگە ئۆسمە چىقىپ قالغان كىشىگە، پۇتۇڭنىڭ تىرنىقى ئۆسۈپ كېتىپتۇ، تىرناقنى ئېلىۋەتسەڭلا ساقىيىسەن دەپ دىئاگنۇز قويۇپ، بۇ مىللەتنى قايمۇقتۇرۇش ئۇنىڭ ئۆسمە كېسىلى ھەققىدە توختىلىشتىن بىخەتەر ھەم ئاسان. بىر توپ ئەپچىلەملەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق، ئېتىقاد، تىل، قانۇن دېگەنلەرنى تىلغا ئېلىشتىن قورقىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ جېنى ئۆزىنىڭ. لېكىن مەسىلىنى بۇراپ، كىشىلەرنى كولدۇرلىتىش، كىشىلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئويلىنىشىنى يۈزەكىيلەشتۈرۈش، كىيىم كېچەك ۋە جىنسىيەت قاتارلىق ئىككىنچى ئورۇندىكى نەرسىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئاندىن بۇ تېمىلارنى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇش ۋە بۇ تېمىدىن چەتنىگەنلەرگە زەربە بېرىشنى قانداقمۇ توغرا چۈشىنىش مۇمكىن؟
ئەدەبىياتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك تۈپكى تەقدىرى. شۇڭا ئەدەبىيات مەڭگۈ ئىدىئولوگىينىڭ ئۆكتىچىسى. ئۇ ھەرقانداق ئىدىئولوگىيىدىن گۇمانلىنىدۇ ۋە ئىدىئولوگيىگە بولغان نارازىلىقنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ئىدىئولوگيىە بىلەن بىرلىشىۋالغان ئەدەبىيات ئۆلگەن ئەدەبىياتتۇر. ئىدىئولوگىيە بىلەن بىرلىشىۋالغان قانۇندا ئادالەت بولمىغاندەك، ئىدىئولوگىيە بىلەن بىرلىشىۋالغان سىياسى ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ئويۇنغا ئايلاندۇرغاندەك، ئىنسانلارنى مەلۇم سۆزلەر ۋە جۈملىلەرنىڭ ھەقىقەت ياكى ئەمەسلىكىنى سىنايدىغان تەجرىبە مەيدانىغا ئايلاندۇرغاندەك، ئۆز نۆۋىتىدە ئىدىئولوگىيە بىلەن بىرلىشىۋالغان ئەدەبىيات ئىنتايىن كۈلكىلىك ۋە كېسەل ھەزىلكەشلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ.
نۆۋەتتە دۇنيادا قانۇننىڭمۇ، سىياسىنىڭمۇ ئىدىئولوگىيىگە بويسۇنماسلىقى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقاندا، بىز ئۇيغۇرلاردا بىر قىسىم ھەزىلكەشلەرنىڭ ئەدەبىيات ئىدىئولوگىيە بوي سۇنىدىغان ئوتتۇرا ئەسىر ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرىشى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى ئازسانلىق مىللەت ئەمەس، ئەگەر خەنسۇلاردەك نوپۇسى جىق بولمىسىلا ئازسانلىق مىللەت دېيىشكە توغرا كەلسە، دۇنيادا فرانسۇزلار، گېرمانلارنىڭمۇ نوپۇسى خەنسۇلارنىڭكىدىن ئاز. ئۇيغۇرلار دۇنيادا زور تەسىرگە ئىگە خېلى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ زىمىنىدىن چوڭ بولغان بىر زىمىننىڭ ئاپتونومىيە ئىگىلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك تىلىدىن ئىبارەت ئىككى يۈز مىليۇن ئىنسان قوللىنىدىغان تىلنى قوللىنىدۇ. تېخى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئەلشىر بەۋائىينىڭ ئەسىرى ھىراتتىن ئىستامبۇلغىچە، قەشقەردىن قازانغىچە تەرجىمىسىز تارقىلاتتى. دېمەك ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يېزىش قانداقتۇر ئازسانلىق مىللەتنىڭ تىلىدا ئەسەر يېزىش ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يېزىش قانداقتۇر كىچىك بىر مىللەتنىڭ كىچىككىنە ئىشلىرىنى يېزىپ قويۇش ئەمەس. ئۇيغۇر جەمئىيى بىر نەچچە ئادەمنىڭ بىر توپ بولۇۋالغان ئاددى گوروھى ئەمەس. ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ باشقا ھەرقانداق چوڭ مىللەتلەرنىڭ جەمئىيىتىگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل قۇرۇلمىسىغا ئىگە، ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە غايەت زور بىر جەمئىيەت. لېكىن ھازىر ئۇ مەيلى باشقىلارنىڭ تىلىدا بولسۇن، مەيلى ئۆزلىرىمىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە بولسۇن داۋاملىق كىشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئاددىيلىقنى ئايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ قەرنەدىن بۇ قەرنەگىچە ئوخشاش بىر نەچچە تېمىنى تەكرارلاش، ھاياتنىڭ سىرىنى بىرەر پارچە شېئىر بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋېتىش، ئەسەرلەرگە ھەدەپ ھايات ۋە ھەقىقەتنى ماۋزۇ قىلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئاددى ۋە بالىلارچە پىكىرلىرىنى بىردىن بىر ھەقىقەت قاتارىدا قويۇۋېلىپ، داۋاملىق ھۇشيار بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپلا ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈش، بىزگە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خۇددى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئاددىي بىر گورۇپپىسىدەك، ئۇلارنىڭ ھاياتى خۇددى ماشىنىنىڭ موكىسىدەك بىرلا قېلىپتا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئايلىنىۋېرىدىغاندەك، ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە كۈزىتىش ئىنتايىن ئاساندەك خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. بىر مىللەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بىرلا خىل سۈپەت بىلەن ئاتاش ئىلگىرى غەربتە مەۋجۇت ئىدى. مەسىلەن، لوندۇنلۇقلار ھىندىستانلىقلارنى يىلان ئويناتقۇچىلار دەپ ئاتايىتتى. ھازىر بۇ خىل كېسەل غەربتە ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئۇلۇغ شەرقىمىز ۋارس بولۇپ قالدى. 90- يىللاردا ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىدە كاۋاپچى دەيىتتى، ھازىر ئاقچى دەيدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنى ئاددىيلاشتۇرىشىمىز شۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلا. ئۇيغۇرلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر دەپ قاراش، ئۇيغۇرلارنى ماختىغاندەك بىلىنگەچكە بىز قوبۇل قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى يەنىلا ئۇيغۇرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ باھا بېرىش بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقا ھەرقانداق چوڭ مىللەتلەرنىڭ جەمئىيىتىگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل قۇرۇلمىسىغا ئىگە، ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە غايەت زور بىر جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق. يەنى بۇ خىل ماختاشمۇ ماھىيەت جەھەتتىن مىللەتكە ھاقارەت قىلىشتۇر. بۇ نېمىدىن دېگەندە، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي جەھەتتە نامراتلىقىدىن. مەنىۋىي جەھەتتە نامرات كىشىلەرنىڭ كاللىسى ئىنتايىن ئاددىي بولىدۇ. كاللىسى ئاددىي كىشىلەر توپىنىڭ ھەممە ئىشى ئاددى بولىدۇ. ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيىسىنىڭ تەرتىپى مۇنداق ھالەتتە ئوينىلىدۇ: بىر ئادەم بىر پارچە قۇرۇق شۇئارنى بىمەنە ئىستىلىستىك ۋاستە بىلەن كۈچكە ئىگە قىلىپ شېئىر يازىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بىر توپ داققالچىسى توشمۇ تۇشتىن سۈرەن چوقان كۆتىرىپ ماختىشىدۇ، بۇ ماختاشلار ھەددى ھېسابسىز تەقلىدچىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاندىن بىر توپ تەقلىدچىلەر ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىنغان شېئىرلارنى تۆكۈۋېتىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىپ، ئەدەبىيات ساھەسىنىڭلا ئەمەس، باشقا ھەممە ساھەنىڭ ئاغزىدا تەكرارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون يىللاپ ئۇ تېما رادىئو تېلىۋىزىيىدىن تارتىپ، مائارىپ ساھەسىگىچە، مەكتەپلەردىن تارتىپ مەسچىتلەرگىچە ھەممە ساھەدە توختىماي تەكرارلىنىۋېرىدۇ. بۇ خىل تەكرارلىق كىشىلەردە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىش جۈرئىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە تېما مۇستەبىت ئىدىئولوگىيەگە ئايلىنىپ ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا كولدۇرلىتىدۇ. يېڭى پىكىر، يېڭى كۆز قاراش بارلىققا كەلمەيدۇ. بىر نەچچە تېمىنىڭ سانسىز تەكرارلىنىشى مىللەتنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى پاتقاققا پاتۇرۇپلا قالماي، كىشىلەرنى باشقىچىرەك پىكىر قىلىش ياكى ئىزدىنىشتىن قورقىدىغان قىلىپ قويىدۇ. بىر تېمىنىڭ سانسىز يىللار تەكرارلىنىپمۇ ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلمىغانلىقى، شۇڭا باشقىچىرەك ئويلاپ بېقىشنىڭ لازىم ياكى لازىم ئەمەسلىكى ھەققىدە ئويلانغۇچى دەرھال تەكرارلىغۇچىلار تەرىپىدىن دۈشمەن قاتارىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. پۈتۈن جەمئىيەت بىرلا ئاۋاز مەۋجۇت ئومۇمىي خورغا ئايلىنىدۇ. ئادەملەر جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ دەپ غىڭشىسا، شائىرلامۇ ئوخشاش غىڭشىيدۇ، جەمئىيەت ياخشىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ دېسە، ھەممىسى ئوخشاش ياخشىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ دەيدۇ، ئاياللارنىڭ يوتىسىدىن باشقا جايغا قارىيالمايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقىنى كۆرمەيدىغان بىر نورمالسىىز كېسەل: ئاياللا يوپكىنى قىسقا كىيىپ، چاتاق بولاۋاتىدۇ دەپ قاخشىسا، شائىرلارمۇ ئوخشاش قاخشايدۇ. دېمەك بىر مىللەت ئىنتايىن ئاددىيلىشىپ كەتكەن، تەپەككۈرى قېلىپلاشقان بولسا، ھاياتنىڭ مۇرەكككەپلىكى، سىياسىنىڭ تېز ۋە ئۆزگىرىشچانلىقىغا ماسلىشالمىسا، ئۇنى بىر زامانىۋىي مىللەت دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ ھامان تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە شاللىنىش تەقدىرىگە دۇچ كېلىدۇ.
ئەدەبىياتتا ئادەمنى تەسۋىرلەش، ئادەمنى ئىددىيەگە، كۆز قاراشقا، باشقا نەرسىگە بوي سۇندۇرۇشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق زامانىۋىي تەپەككۈردىن ئۆزى مەھرۇم قالغان تۇرۇپ يەنە مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ۋايىم يىگۈچىلەر قاتارىغا ئۆتۈۋالغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئىنسانچىلىق ئىددىيى، يەنى ئىنساننى مەركەز قىلىش نەزىرىيىسى ۋە ياكى ئاددىي ئادەملەرنىڭ رېئاللىقىغا قايتىپ كېلىش مەسىلىسى بۇرۇنقى يالغان رىئالىزىم ئەدەبىياتىدىكى بىر ئىدىيە ئۈچۈن ئەسەر توقۇپ چىقىدىغان كۆز قاراشقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدىكى ئاتالمىش رىئالىزىم مۇنداق بىر تەرتىپتىن ئىبارەتتۇر: ئالدى بىلەن مەلۇم بىر خىل ئىددىيەنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن شۇ ئىددىيەگە ئاساسەن بىر ۋەقەلىكنى توقۇپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى ئاشۇ ئىددىيىنى توۋلىغۇچى كاناي سۈپىتىدە يارىتىدۇ. ھەر بىر تەسۋىر، ھەر بىر مېتافور ۋە پىرسۇناژلار ئارقىلىق شۇ ئىددىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەك بۇ يەردە ئىددىئولوگىيە ئەسەبىيلىكى كېسەللىك ھالىتىدە بولۇپ، ئىنسان ئەرزىمەس نەرسە سۈپىتىدە غايىپ بولغان، ئىددىيە ئىنساندىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلغان. ھەقىقىي ئەدەبىياتتا ئىنسان ھەممە نەرسىدىن يۇقىرى ئورۇندا. ئىنسان زادى قانداق تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىنسان نېمە بولماقچى ۋە نىمە بولاۋاتىدۇ؟ يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئاساسلىق مۇشۇ نەرسىلەر.
يەنە شۇ نەرسىگە دىققەت قىلىش لازىمكى، ئىنساننى مەركەز قىلىش ۋە ئىنساننى ئۇلۇغلاش ئىلگىرىكى شەخسكە چوقۇنۇش ياكى شەخسنى ئۇلۇغلاش ىلەن تامامەن قارمۇ قارشى ئۇقۇمدۇر. شەخسكە چوقۇنۇشتا مەلۇم بىر شەخس مەلۇم بىر خىل قىممەتنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇ قىممەتنى ياقلىغۇچىلار ۋە ئاشۇ قىممەتنى زوراۋان ئورۇنغا ئىگە قىلغۇچىلار تەرىپىدىن چەكسىز كۆككە كۆتۈرىلىدۇ. بۇ شەخسنىڭ قۇسۇرسىز ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىش ئۇ ئىپادىلەۋاتقان قىممەتتىن گۇمانلىنىش بولۇپ تۇيىلىدۇ. يەنى ئۇنىڭمۇ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇكەممەللىكنىڭ ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپلا تاشلىسىڭىز، ئاشۇ قىممەتنىڭ ھەقدارلىرى تۇشمۇ تۇشتىن سىزنى دۈشمەن كۆرىدۇ.
مېنىڭ گىپىمنى چۈشەنمىسەڭلار سوئال سوراڭلا ھە. ھازىر مېنىڭ گېپىمنى چۈشەندىڭلارمۇ؟
جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ئىنساننىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى توغرىلىق تالاش – تارتىش قىلىش ئەلبەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەدەبىياتتا زادى راست گەپ قىلىش كېرەكمۇ، قىلماسلىق كېرەكمۇ دېگەندەك ھەتتا ئەڭ كۈلكىلىك بەزى مۇنازىرىلەرمۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل ھالدا ئېلىپ بېرىلغان، ھەتتا راست گەپ قىلىشقا قارشى تۇرۇلغان بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا ئەدەبىياتتىكى ئىنساننىڭ ئورنى ھەققىدە تالاش تارتىشنىڭ بولىشى ھەقىقەتەنمۇ كىچىك ئىش ئەمەس. ئۆتكەندە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گاۋ شىڭجيەن دېگەن بىلەن شائىر ياڭ ليەن ئىككىسىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىنى بىر كىتابتىن كۆرۈپ قالدىم. ئۇلار ئىنسانغا قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق تەلىپىنىڭ مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالغانلىقىنى مەسخىرە قىلىشقان. راست گەپ قىلىش كېرەكمۇ، قىلماسلىق كېرەكمۇ دەيدىغان بۇنداق تالاش تارتىشنىڭ مەدەنىيەتلىك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولىشىنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. لېكىن بۇ خىل ھاقارەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرغىچە مەۋجۇت. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توغرىلىقمۇ تالاش تارتىش قىلىپلا قالماستىن يەنە تېخى، ئەدەبىيات تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدۇ، رىئاللىقنىڭ ئۆزىنى يېزىپ قويسا بولمايدۇ دەيدىغان مۇتلەق ھەقىقەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ غالىپ ئىكەنلىكىنى نومۇسسىزلىق بىلەن جاكارلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ، ئەدەبىيات رىئاللىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن نەزەرىيەسىنىڭ يوشۇرۇن سەھنە سۆزى، ئەدەبىيات يەنىلام ئىددىيەگە بويسۇنىدۇ، ئىددىيە ئۈچۈن رىئاللىقنى قايتىدىن بىزەپ توقۇپ چىقىش يوللۇق، راست بولغان ئەمەلىيەتنى يازماسلىق يوللۇق دېگەن گەپ. بىز ئۇيغۇرلاردا ھازىر بۇ توغرىلىق تالاش – تارتىش يوق، چۈنكى، ئەدەبىيات تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئۇنى ئۆز پىتى يېزىپ قويسا قانداق بولىدۇ، دېگەن نەزىرىيە ئاللىقاچان قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتكە ئايلىنىپ كەتكەن گەپ. ئەڭ قىزىقارلىقى شۇكى باشقىلارنى ئاخماق قىلىش، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، ئالدامچىلىق، رېئاللىقنى بىزەپ كۆرسىتىش بىر خىل ئىجتىمائىي ئەخلاق ھېسابلىنىپ، ئەكسىچە، سەمىمىيلىك، رېئاللىققا يۈزلىنىش گۇناھ ھېسابلىنىدىغان كىشىلەر توپىدا يەنە قانداق تالاش تارتىش مەۋجۇت بولماقچىدى؟
يېقىندا بىرسى بىر رومان يېزىپتىكەن، مەلۇم نەشرىياتتىكىلەر مېنى كۆرۈپ باقساڭ دەپ بەردى. مېنىڭ چولام تەگمەيدۇ، مەن كۆرەپ بولالمايمەن، سىلەرنىڭ كۆز قارىشىڭلا قانداق؟ دەپ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باقتىم. تەھرىرنىڭ گېپى مېنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. ئۇ: ئەدەبىيات دېگەن تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدۇ ئەمەسمۇ، بۇ ئاداش تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنىلا يېزىپ قويۇپتۇ، دەيدۇ. ئۇنداق بولسا ياخشى يېزىپتىغۇ، چىقىرىڭلا بۇنداق كىتابنى،تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى يازسا ياخشى ئەمەسمۇ، بىز دەل شۇ دەرىجىگە يىتەلمەي يۈرۈۋاتىمىزغۇ ھازىرغىچە، دېدىم. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئەسەرنى ئەكىتىپ بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. بېشىدىكى بىر نەچچە ئابزاستىنلا مەلۇم بولدىكى، ئۇمۇ تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنىلا يازغان ئەسەر ئەمەس ئىدى. ئۇمۇ يەنەشۇ ئىددىيەنى نىشان قىلىپ يازغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئاز تولا رېئاللىققا يېقىن كېلىدىغان نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى يازغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىپتۇ. دېمەك نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى يېزىش دېگەن گەپنىمۇ چۈشەنمەيدىكەن.
ئوقۇغۇچىلار: ئوقۇپ چىقتىڭىزما؟
ياق، مەن ئۇنى ئۇياق – بۇياقلىرىدىن ئازراق ۋاراقلاپ بېقىپ، ئۆزەڭلا بىر تەرەپ قىلىڭلا، مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن دەپ قايتۇرۇپ بەردىم.
سىلەر تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى يېزىش دېگەننى يەنە ھازىر جۇڭگۇدا مۇدا بولۇۋاتقان 写实主义 ياكى 60- يىللاردا ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا چىققان لىتېرالزم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭلار. 90- يىللاغا كەلگەن چاغدا جۇڭگۇدا写实主义دەيدىغان يېڭى بىر ئېقىم چىقتى، رىئاللىقنى ئۆز پېتى يازىدىغانلار دېگەن گەپ. تۆتىنجى ماي ھەرىكىتى دەۋرىدە ناتۇرالىزىم دىگەننىمۇ写实主义 دەپ تەرجىمە قىپتىكەن، كېيىن ئۇ پەرقلەندۈرۈلۈپ 自然主义 دەپ تەرجىمە قىلىندى. بۇنى ئۇيغۇرچىدا نېمە دەپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئويلىنىڭلار. ئىنگلىزچە لېتىرالىزىم دەيدىكەن، بۇنىڭ مەنىسى، خەتلەشتۈرۈش، رىئاللىقنى خەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ياكى رىئاللىقتا نىمە بولسا شۇنى يېزىق شەكلىگە كىرگۈزۈپ قويۇش دېگەندەك گەپ بولسا كېرەك.
خۇلاسە شۇكى، ئىنساننى ئۇلۇغلاش ھازىرقى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ، ھازىرقى دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. ئىنساننىڭ خاسلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئىنساننىڭ ماھىيىتىگە قارشى تۇرۇش ھازىرقى جاھالەتچىلىكنىڭكى ئەڭ چوڭ بەلگىسى.
ئۆتكەندە تېلېۋىزوردا بىر خەۋەر كۆردۈم. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قىلغان چاغدا، لىۋاندىكى قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ باشلىقى ھەيرانلىق بىلەن: ئادەتتىكى ئىككى ئەسكەرنى دەپ بىر دۆلەتنىڭ بۇنچىلا ئۇرۇش قىلىپ كېتىشىنى ئويلىماپتۇق دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىردىن مۇنداق ئىككى نەرسىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ: بىرىنچىدىن، چۈنكى ئۇلانىڭ نەزىرىدە ئىنسان ئادەتتىكى ئىنسان ۋە ئالاھىدە ئىنسان دەپ ئايرىلىدۇ. ئىككى ئاددى ئەسكەر دېگەن بىر دۆلەت ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس، بىر نەچچە ئادەمنى مەلۇم بىر ئىددىيە ئۈچۈن ئەمەس، ھەتتا بىرەر جۈملە سۆز ئۈچۈن سانسىز ئادەملەرنى بوغۇزلاش ھېچقانداق ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. شۇڭا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى ئادىمىنى بوغۇزلىۋەتسە، بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىككى ئاددى ئەسكەر دېگەن نېمىتى دەپ قاراپ تۇراي دېمەستىن ئۇرۇشقا ئاتلىنىشىنى ئۇ زادىلا ئويلاپ باقمىغان. بۇنىڭدىن يەنە پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاشۇ ئىككى كىشى ئاددى ئەسكەر بولماي بىرەر چوڭ ئەمەلدار ياكى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەربابى بولغان بولسا، ئاندىن ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە قارشى ئاتلانسا بولىدۇ. دېمەك ئۇلار ئۈچۈن ئىنساننىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئەمىلى ۋە ھوقۇقى بويىچە ئۆلچىنىدۇ. بۇنىڭدىن يەنە بىز ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن داۋاملىق ئىسرائىلىيىدىن مەغلۇب بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ چۈشىنىۋالالايمىز. ئۇرۇشنى مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ئەمەس ئاشۇ ئاددىي ئەسكەرلەر قىلىدۇ. سەن ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەي، ئۇنى بىر قوۋال ياكى ئەسۋاب قاتارىدا كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنە نېمەڭگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ دۆلەر ئۈچۈن جېنىنى ئايىماسلىقىنى تەلەپ قىلىسەن؟ نەسرۇللاھنىڭ گېپى بىزگە لىن بياۋنىڭ گېپىنى ئەسلىتىدۇ. لىن بياۋ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا «ماۋ زېدوڭنىڭ بىر جۈملىسى باشقىلارنىڭ مىڭ جۈملىسىگە تەڭ» دېگەن. بۇ گەپنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى قانچىلىك دەرىجىدە يەرگە ئۇرىشىنى قويۇپ تۇرۇپ، لوگىكا جەھتتىكى بىمەنىلىكىگە قاراپ باقايلى. بىر جۈملە قانداقمۇ مىڭ جۈملىگە تەڭ بولىدۇ؟ بىز مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز، ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئىنسانلارغا بارابەر مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ ئوخشاشلا قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ تېنىدىكى جاننىڭ ئاللاھنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئىنساننىڭ جېنىنىلا ئەمەس، مۇشۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ھاياتلىقنى، ئۇ ھاياتلىق تەندىن ئاجرالغان ئاشۇ دەقىقىدىن كېيىن ھەر قانداق بىر نەرسە بىلەن ئەسلىگە كەلتۈگىلى بولمايدۇ. بىر ھاياتلىق يوقالغان ۋاقتىدا، مەسىلەن، بىر تال چىۋىننى پاققىدە ئۇرۇپلا ئۆلتۈرۈۋىتىپ، مۇشۇ دۇنيادىكى بارلىق پۇلنى ئەكىلىپ داۋالىسىمۇ ئۇ چىۋىننى ئەسلىگە كەلتۈگىلى بولمايدۇ، شۇنداققۇ؟ بىر تال پاشىنىمۇ شۇنداق. ئەلبەتتە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىنساننىڭ بىرلا قېتىم كېلىدىغان ھاياتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ھېچنەرسىگە تېگىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ شۇئار ۋە قۇرۇق ئىددىيىگە تېگىشىشنىڭ نەقەدەر ئىنسانىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك ئىدى. شۇنداق تۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن باشقا ئىنساننىڭ ھېچنەرسە ئەمەس دەپ قارىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بۇرمىلىنىشى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر پاجىئەسىدۇر. مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە، پۈتۈن جۇڭگودىكى ئادەملەنىڭ ئىددىيىسىنى ئوپ ئوخشاش قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈش چاقىرىق قىلىنغان. ھەممە ئادەمنى ئوخشاش ئويلايدىغان، ھەممە ئادەمنى ئوخشاش خىيال قىلىدىغان، ئوخشاش تەپەككۈر قىلىدىغان، ئوخشاش ھېس – تۇيغۇغا ئىگە، ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلىغان. ئەگەر ئاشۇ نىشان ئەمەلگە ئاشقان بولسا، تەبىئىتى تامامەن بۇرمىلانغان بۇ ئىنسانلار زادى قانداق ئىنسان بولغان بولاتتى؟ ناھايىتى روشەنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياكى تەبىئەتنىڭ مەھسۇلاتى بولغان ئىنسان ئەمەس بەلكى ماۋزېدۇڭ بىرلا قېلىپ بىلەن قۇيۇپ چىقىرىپ تىزىپ قويغان ھەيكەللەر بولىدۇ - دە. دېمەك مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا بىر تۈركۈم كىشىلەر ماۋزىدۇڭنى خۇداغا ئايلاندۇرۇپ، ماۋزىدۇڭغا چەكسىز بويسۇنغان، ماۋزىدۇڭنىڭ ھەممە گېپىنى ئاڭلايدىغان، ھەرىكىتى ۋە ئوي خىيالى بىر بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش غەيرىئىنسانلانى ياساپ چىقماقچى بولغان. ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاشۇنداق ئىددىيىدىكىلەر ئاز ئەمەس. مەسىلەن، بىز دائىم تورلاردىكى بەس مۇنازىرىلەردە، كىشىلەرنىڭ داۋاملىق قانداق قىلغان چاغدا گەپنى بىر يەرگە ئېلىپ كەلگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مەلۇم بىر مەسىلە توغرىلىق تالاش – تارتىش بولسا، ھەممە ئادەم بۇ تالاش تارتىشنىڭ ھەممە ئادەم قوبۇل قىلىدىغان بىر نەتىجە بىلەن تۈگىشىنى تەلەپ قىلىپ توختىماي ئىنكاس يازىدۇ. گەپ بىر يەرگە كەلمىسە، يەنى ئادەملەرنىڭ ئويلايدىغىنى بىرخىللاشمىسا خاپىلىق، جىدەل ماجرا، ئېسەنكىرەش، ۋايساش سادالىرى تورنى بىر ئالىدۇ. پىكىر ۋە ئوي خىيال قانچىلىك رەڭگارەڭ بولسا، شۇنچىلىك ياخشى ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئىنساننى ھاياتى يالغۇزلۇق ۋە غېرىپلىقتىن قېچىش جەريانىدۇر. ئىنسان نېمە ئۈچۈن يالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ دېگەندە، ئىنسان بىر خىلىقتىن تەكرارلىقتىن بىزار. مەسىلەن تۈرمىنىڭ بىر خىل جازا ھېسابلىنىشىدىكى سەۋەپ ئۇ يەردە ئىنساننىڭ تەكرارلىققا مەھكۇم بولغانلىقىدۇر. يەنى يىللاپ يىللاپ كۆرىدىغىنى ئوخشاشلا تۆت تام، يىللاپ يىللاپ كۆرىدىغىنى ئوخشاشلا بىرنەچچە كامىرداش. دېمەك، ئىنساننىڭ ماھىيىتى تەكرارلىقتىن، بىر خىللىقتىن قېچىش. بىز بۇ نۇقتىنى كۈزىتىش ئارقىلىق شۇنداق ئېيتالايمىزكى، ئىنساننىڭ ئويلايدىغىنى قانچە كۆپ بولسا، ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئوخشىمايدىغان نەرسىلەر قانچە جىق بولسا، ئىنساننىڭ ھاياتى ھاياجانلىق بولىدۇ، ئىنساننىڭ روھىيىتى بېيىپ ماڭىدۇ. ئىنساننىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئويلايدىغان بولۇپ كەتسە، ھەممە ئادەم بىر تۇتاش كونترول قىلىنىدىغان ماشىنىغا ئوخشاپ قالسا، ئىنساننىڭ ھەممىسىنىڭ خىيالى ئوخشاش بولسا، بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر چوڭ پاجىئەدۇر.
كوللېكتىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق شەخىسلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ماھىيەت جەھەتتىن كىشىلەرنى پايدىلانغاندا كوللېكتىپ ھالىتىدە كۆرۈپ، زەربە بەرگەندە شەخس ھالىتىگە چۈشۈرۈپ زەربە بېرىش ھىلىسىدۇر. مەلۇم بىر خىل ئىددىيىنى كىشىلەرنى ئالداش ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان ئىددىيىدىكىلەرنى ئاز سانلىق ھېسابلاش، ئاندىن ئازسانلىق چوقۇم چەتكە قېقىلىش دېگەن غەلىتە پىرىنسىپ بويىچە يەكلەنگەن ۋاقتىمىزدا ياكى باشقىلارنى يەكلىگەن ۋاقتىمىزدا، نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ تېنىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ تېنى بىلەن تۇتاش ئەمەسلىكىنى، دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ بىر شەخس سۈپىتىدە دۇنيادىكى ئۆزىدىن باشقا ئىنسانلارنىڭ يىغىندىسى بىلەن بىشەملەرچە سېلىشتۇرۇلغاندا ھامان ئازسانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىمايمىز. ھەر بىر ئىنسان بىردىن شەخس سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنسا ئۇ ئەلبەتتە ئازسانلىق بولىدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بىردىن ئىنساندۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ كۈلكىلىك ۋە ئەڭ ئېچىنىشلىق تراگىدىيىسى ئىنساننى تەنھا قالدۇرۇش ئاندىن بۇ تەنھالىقنى جىنايەت دەپ بېكىتىشتىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك.
ئازاب تارتىشنى شان شەرەپ بىلىشتەك غەيرىي ئىنسانىي شۇئارلارنى كۆرگەندە، سېنىڭ مېنى ئازابنى قوبۇل قىلىشقا كۈشكۈرتىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭ بار دەپ ئويلاپ باقمايدىغانلار ئەتراپىمىزدا قۇمدەك تولا. بىراۋنىڭ ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئازاب تارتىش شەرەپ دېيىشى ئۇنىڭ باشقىلارغا ئازاب ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدۇر. ئۇ تارتىنماي بىزگە مەن بەرگەن ئازابنى قوبۇل قىل دەۋاتسا، بىزنىڭ يەنە ئۇنى بەخت ئېلىپ كەلگۈچى بىلىشىمىز بەكلا قىزىق! ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى بۇرمىلاش، ئىنساننىڭ مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ ئەمەس بەلكى تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش، ئىنساننى كۆزگە ئىلماسلىق، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئىنساننى ئىددىيىلەرنىڭ تەجرىبە مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش بۈگۈنكى دەۋر جاھالەتچىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر.
كوللېكتىپنىڭ ئىنساننى يالماپ يۇتىشى داۋاملىق خەلق ئۈچۈن دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئاشۇ خەلقنىڭ سانسىزلىغان شەخسلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى تامامەن ئۇنتۇپ قېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق قەيەردە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنسا خەلق شۇ يەردە ئەڭ خار ھالەت شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى دۇنيادا بىر ئادەم ئۆزى خالىمىغان ھالدا ئۇرۇشلاغا سۆرەپ كىرىپ قاتناشتۇرىلىشى، ئۆزى بىلمەيدىغان بىر جايلارغا بېرىپ، ئۆزىگە ناتونۇش بىركىملەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ئۆزىنىڭ تېنى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر ئىددىيە ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشى مۇمكىن. يەنى دەل بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيادا، نۇرغۇن يەرلەردە كىشىلەر مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە ئېلىنماقتا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزى خالىمىغان ئۇرۇشلاغا قاتناشماقتا. بۇ خىل ئەھۋال تېنچلىق دەۋرىدىكى بىزدە مەۋجۇتمۇ ئەمەسمۇ؟
مەسىلەن بىز كىچىك ۋاقتىمىزدىن تارتىپ، «خەلق ئۈچۈن قۇربان بېرىش»، «ئىنقىلاپ قىلىشتىن قورقماسلىق، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق» تەربىيىسىدە چوڭ بولدۇق. بىزنى ياخشى ياشاشقا ئەمەس، ناچار ياشاشقا ۋە ئۆزىمىزنى قۇربان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان بۇ سېھرى ئەپسۇنلار ئۇزاق يىللار يادىلاۋېرىش تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئېڭىمىزنى ئاللىقاچان كونترول قىلىپ بولغان. بىز خۇددى ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقاد ياكى ھازىرقى زامان شەيتان دىنىنىڭ مۇراسىملىرىدىكى نەزىر سۇپىسىغا ئۆز رازىلىقى بىلەن چىقىپ پۇت قوللىرىنىڭ تۆت يەرگە يېقىلغان قوزۇققا باغلىۋېتىلىشى كۈتۈپ تۇرغان مەستخۇش كىشىدىن پەرقىمىز نېمە؟ بىز ھازىرمۇ بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزدىن تارتىپ، ئوقۇتقۇچىلارغىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارتىپ تالىپلارغىچە، ھەممە كىشىنىڭ ئاغزىدىن «خەلق» دېگەن سۆزنىڭ چۈشمەيدىغانلىقىنى ئاشۇ سېھرىي ئەپسۇندا بىھۇشلىنىشنىڭ داۋامى دەپ ئويلىماي ئىلاجىمىز يوق. ئىلگىرىكى سېھرى ئەپسۇن بىلەن ھازىرقى سېھرىي ئەپسۇننىڭ بىردىن بىر پەرقى شۇ يەردىكى، ئىلگىرى بۇ ئەپسۇننى تەڭرى ئورنىغا چىقىرىلغان بىر كىشى ئوقۇسا، ھازىر سانسىزلىغان كىشى ئوقۇيدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر مېڭىسىنىڭ يۇيىلىشىنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا بولغان بولسا، ھازىر ھەممە ئادەم بىر بىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ھەلەكچىلىكىدە. ئوتتۇرا شەرق مۇستەبىتلىرىدىن تارتىپ، يىراق شەرق مۇستەبىتلىرىگىچە، شەرىقى يېرىم شارنىڭ كۆپ قىسمىدا «خەلق» دېگەن ئابىستراكىت ئۇقۇم گاھ كالتەككە ئايلانسا ۋە بىھۇش قىلغۇچى دورىغا ئايلىنىپ زادىلا كىشىلەرنىڭ بېشىدىن نېرى كەتمەيدۇ.
كىچىك ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىمىزدە ئىنسانلارنى بىر خىللاشتۇرۇش ياكى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېكىتىلگەن قېلىپ ئەندىزىلەر يەنى ئۈلگىلەر بار ئىدى. بىز بۇ ئۈلگىلەردىن ئۈگىنىشكە شۇنداقلا ئۈگىنىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولۇشقا چاقىرىق قىلىناتتۇق. بۇ ئۈلگىلەرنىڭ ئىچىدە «لوڭمېي بىلەن يۈروڭ» دېگەن دەرسلىكتىكى كوللېكتىپنىڭ قويىنى شەخىسنىڭ جېنىدىن ئەتىۋار بىلىپ، كىيىملىرىنى سېلىپ قوينى يۆگىگەن ئىككى ئاچا سىڭىل ئەڭ تىپىك مىسالدۇر. بۇ ئۈلگىلەر سىرتقىي قىياپەتتە سانسىزلىغان چىرايلىق مېتافور ۋە ئىجتىمائىي ئاتالغۇلار بىلەن بېزىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سەللا كاللىسىنى ئىشلەتسە كىچىك بالىمۇ ئۇنىڭ تېگىدىكى مەنانى چۈشىنەلەيدۇ. چىرايلىق مېتافور ۋە ئىجتىمائىي ئاتالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلىساق بۇ تېكستنىڭ مەنىسى: ھايۋان ئادەمدىن مۇھىم، مەن ئادەمگە ئەمەس ئۇلاغقا ئېھتىياجلىق، شۇڭا ماڭا كېرەكلىك ھايۋان ئۈچۈن جېنىڭنى بېرىشىڭ لازىم، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل بەدىۋىيلەرچە پىكىرنىڭ پۈتۈن خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئۈچۈن بىر ھاقارەتتۇر. لېكىن ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل مېڭە يۇيۇش ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ياكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق كەينىگە چېكىنىش تەسىرىدىن مېڭىسى يۇيۇلۇپ تەبىئىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇ غەيرى ئىنسانلار بىزنىڭ بىر ئىنسان ۋە بىر شەخس بولىشىمىزغا بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ زوراۋانلىقىغا، ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋېلىشىغا ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر دەرھال غەزەبلىنىپ، ئۇنىڭ ئارىلىشىشىنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن بىر كوچىدىكىلا ئاددى بىر ئادەم ئۆيىڭىزگە كىرىۋېلىپ، سىزگە توختىماي بۇيرۇق چۈشۈرسە ئۇنى دەرھال ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىسىز، لېكىن ئۇ ئەبلەخ ئۇنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈپ كىتاب قىلىپ قويسا، ئاشۇ كىتابنى بازاردىن سېتىۋېلىپ ئۆزىڭىز ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كىرىسىز. ئۇ ئەگەر مەلۇم بىر توپقا ۋەكىللىق قىلسا تېخىمۇ باشقىچە بولىدۇ، سىز بۇ بىر توپ ئادەمنىڭ ياكى بىر جەمئىيەتنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئارىلىشىۋېلىشىنى كۆيۈنۈش دەپ قاراپ قوبۇل قىلىپلا قالماي يەنە ئۇنى شۇ جەمئىيەتتىن تەلەپ قىلىسىز، ئېرىشەلمىسىڭىز ئاغرىنىسىز. ئاخىرىدا ئۇلار ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدىلا كۆڭلىڭىز تىنىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ تۈپكى ئېھتىياجلىرىنى تىلغا ئېلىش ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلارغا تاماق كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىش، ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىشكە ئۇرۇنىشى، ئۆلۈشنى خالىماسلىق، ياخشى ياشاش ئىستىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى غەربنىڭ سۈيىقەستى دەپ قارىلىدۇ. غەربنىڭ سۈيىقەستى بولمىغان بولسا كىشىلەرنىڭ تاماققا ئېھتىياجى چۈشمەيدىكەن، غەربلىكلەر سىڭىپ كىرىپ چىرتمىگەن بولسا كىشىلەر ياخشى ياشاش خىيالىدا بولمايدىكەن. ئۇنداقتا ئەخلاق دېگەن زادى نېمە؟ ئىنساننىڭ تاماق ئېھتىياجىنى ئېغىزدا رەت قىلىش، مەسىلەن تاماق ئۈچۈن ياشاش ھايۋانىيلىق دېگەندەك سەلتەنەتلىك شوئارلارنى توۋلاش دائىم ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە رەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس-دە! بۇ ئەمەلىيەتتە يالغانچىلىقنى بىر خىل ئەخلاق دەپ بىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ پەقەت يۇيۇلغان مېڭىدىكى ئەسەبىيلەرچە خام خىيال ۋە يالغان سۆزلەپ ئۆزىنى خوش قىلىش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھېچكىممۇ ئۆزى دەۋاتقان ئاشۇنداق تاماق رەت قىلىنغان شارائىتتا قېلىشنى خالىمايدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن خەنسۇ ئەدەبىياتىنى سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ھازىرقى دەۋردە تەرەققىيات جەھەتتىكى پەرقنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن ئاۋالقى 30 يىلدا پۈتۈنلەي بېكىنمە ھالەتتە تۇردى. خەنسۇ ئەدەبىياتىدا بولسا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يېڭى يۆنىلىشلەر ئىچكىي ماتېرىياللار ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ تۇردى. بۇنىڭدىن ئادەتتىكى پۇقرالار بەھىرلىنەلمىگەن بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر پايدىلىنىپ تۇردى. مەسىلەن، بېي داۋ، ۋاڭ شياۋبو قاتارلىقلار ۋەكىللىق قىلغان ئاۋانگارت ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئەسلىمىلەردىن مەلۇمكى، بېي داۋ قاتارلىق شائىرلار مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىلا دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ھەم ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتقان بەزى ئەدەبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان. لېكىن ئۇيغۇر مەتبۇئاتى تا ھازىرغىچە تېخى بۇنداق ئىمتىيازغا ئېرىشكىنى يوق. دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشلەرنى تونۇشتۇرۇش داۋاملىق مەتبۇئات ساھەسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ يولسىز توسالغۇلىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. خەنسۇچىدا ئاشكارا قايتا قايتا نەشىر قىلىنىۋاتقان بەزى كىتابلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىنى كۆرۈش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان بىر تۈركۈم يەرلىك ژۇرناللار بار ئىدى. بىر نەچچە تېما توختىماي تەكرارلىناتتى. 80- يىللاردا ھەتتا بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ پىشقەدەملەرمۇ تېما تەكرارلىقى، شۇئارۋازلىق، مەدھىيىۋازلىقنى ئاشكارە تەنقىد قىلغانىدى. لېكىن مەلۇم بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بىز گويا ۋاقت تونىلىغا كىرىپ قالغاندەك بولدۇق. ھازىر ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدىن باشقا مەتبۇئاتتا نەسىھەتۋازلىق بىلەن تولغان ئەسەرلەرنى ۋە قىزىل سولچىل ئەسەرلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. مەن ئىلگىرى شۇنداق ئەسەر يازىدىغانلارنى ئاز تولا قەلەم ھەققى ئېلىپ تاماكا پۇلى قىلىشنى كۆزلەيدۇ دەپ ئويلايىتتىم، ھازىر خاتالاشقىنىمنى ھېس قىلدىم. بۇ بىر كېسەل مەدەنىيەت سىستېمېسى پەيدا قىلغان كېسەل پىسخىكىدىن بولغان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە يەنە تېما تەكرارلىق ۋە مەدھىيىچىلىكنىڭ ئەكسىدەك كۆرۈنىدىغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە يەنىلا پاش قىلىش پىپەن قىلىش ئەندىزىسىنىڭ داۋامى بولغان ھەممە ئىشنى شېئىر ئارقىلىق ھەل قىلىش قارىشى كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. ئەمەلىيەتتە شېئىردىن ئۈمىد كۈتۈش مەسىلىلەرنى ھەل قىلماستىن ئەكسىچە نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شېئىر ئارقىلىق ئۆزى ئۇچرىغان ناھەقچىلىقنى بايان قىلىشنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن شېئىرنى بۇنداق ناھەقچىلىكلەرنى يوقىتىشنىڭ ۋاستىسى دەپ ئويلاش كۈلكىلىك. ناھەقچىلىككە قارشىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قانۇن ئارقىلىق مەنپەئەتىنى قوغداش. شېئىرنى قانۇن ئارقىلىق مەنپەئەتىنى قوغداشقا زادىلا ئۈمىد قالمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراش مۇمكىن. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۈمىد قالمىسا پەقەت ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇسۇلنى قوللىنىش مۇمكىن.
ناھەقچىلىققا ئۇچرىغۇچى ئاۋال دەلىل ئىسپات پاكىتلىرى بىلەن قانۇنغا ئەرز قىلىش لازىم. كىشىلەر ئۆز مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق ئەمەس، شېئىر ئارقىلىق قوغدىماقچى بولسا، شېئىرنىمۇ پاخال قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن «دەۋېلىش» رازىمەنلىكى بىلەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نەپرىتىدىن پەيدا بولغان ئېنېرگىيىنى خورۇتۇپ، نارازىلىقنى پەسەيتىپ، ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، كۈنجۇت دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن قورقۇپ ياكى دېسەكمۇ ئاقمايدۇ دەپ، بۇنداق قانۇنسىز قىلمىشلار ئۈستىدىن ئەرز قىلماي، قاۋاقخانىلاردا دەرت تۆكۈپ ياكى شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئاشۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ يوغىنىتىدۇ.
ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ خىلمۇ خىل تەھلىكىلەرگە ئۇچرىشى ھەممە يەردە بار ئىش. لېكىن باشقا جايلاردا بىزدىكىدەك ئېغىر ئەمەس. سىزنىڭ يا دادىڭىز ئەمەس، يا ئاكىڭىز ئەمەس، سىز بىلەن ھېچقانداق تونۇشلىقى بولمىغان بىراۋ ھازىر دۇنيانىڭ سىز بىلمەيدىغان بىر جايلىرىدا تۇرۇپ، سىزگە نېمىلەرنى يېزىش نېمىلەرنى يازماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشەرەلەيدۇ ھەم سىزگە تەھدىت سالالايدۇ. مەسىلەن، سىز قەتئىي تونۇشمايدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ، نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىق ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلىيەتتە سىز بىلەن ھېچقانداق تونۇشلىقى بومىغاندىكىن، ئاڭلىمىسىڭىزمۇ بولاتتى. لېكىن بۇ دۆلەتتىن ئىبارەت غايەت زور ماشىنىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا شەخىسلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى ھامان ئەتراپىدىكى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. داۋاملىق مەجبۇرىي كۆيۈنۈش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھەم كۆيۈنۈشنى چۈشەنمىگەنلەرنى ئەدەبلەپ قويۇش ياكى ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش شەكلى بىلەن قانلىق تۈس ئالىدىغان ئىجتىمائىي مېھرىبانلىق شەخىسلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تەھدىدكە ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئىنتايىن شەخسىي بولغان بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ تەھدىدكە ئۇچرىتىدۇ. ئادەملەنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشقان قاراشلارغا شەرتسىز بويسۇنمىسا، ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە شەخسىيىتىدىن ۋاز كەچمىسە داۋاملىق دەرىجىدىن تاشقىرى كۆيۈنگۈچىلەر تەرىپىدىن ۋاپاغا جاپا قىلغۇچى دەپ ئېيىپلىنىپلا قالماي يەنە ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا بىر خىل روھىي ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىجتىمائىي زوراۋانلىقنى كۆيۈنۈش دەپ چۈشىنىش ۋە بۇ كۆيۈنۈشنى قوبۇل قىلالماسلىقتىن روھىي ئازاب تارتىش دەۋرىمىزدىكى مېڭە يۇيۇشنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان شەكلى بولۇپ، زامانىۋىي قوللۇقتىن ئىبارەتتۇر.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن خەنسۇ ئەدەبىياتىنى سېلىشتۇرغىنىمىزدا شۇ نەرسىنى بايقىيالايمىزكى، ئەدەبىي ئويغۇنۇش ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتى خەنسۇلاردىن كېيىن قالغان ئەمەس. لېكىن ئۇيغۇرلاردا بەكراق باستۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا پادىشاھنىڭ ئەمرى ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەممە ئادەم پادىشا نىمە دېسە شۇنى ئاڭلايىتتى. شۇڭا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تىلغا ئاغىدەك يازغۇچى – شائىرلامۇ چىقمىغان. شۇنىڭ بىلەن خەنسۇلاردا بىر خىل مىللىي كرىزىس تۇيغۇسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئاستا – ئاستا ئويغىنىش پەيدا بولغان. خەنسۇلاردىكى ئويغىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى، مانجۇلارنىڭ مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئۆزىنىڭ مانجۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش ئىدى. ئۇيغۇرلاردىمۇ جاھان كۆرگەن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز مىللىتىنى دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ بىر قىسمى بولۇشتىن قالغانلىقىنى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن ئايرىلىپ، ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ يېتىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن. دېمەك ئەينى چاغدىكى ئاقارتىشنىڭ مەزمۇنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش يەنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى باغلاش ئىدى. كېيىنكى دەۋرلەردە بەزىلەر تەرىپىدىن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭگوغا ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىشى دەپ ئاتالغان ئاقارتىش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە خەنسۇلارنىڭ باشقىلارغا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇش ياكى ساتقىنلىقى ئەمەس بەلكى خەنسۇلارنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى ئىدى. ئەينى چاغدا ئوردا ئەدىبلىرى بۇ ئاقارتىش ھەرىكىتىنى ئېيىپلىماقچى بولغان. لېكىن ئوردا مانجۇلارغا، ئاقارتىش خەنسۇلارغا تەۋە بولغاچقا بۇ خىل ئەيىپلەشلەر كۈلكىگە قالغان. ئەينى چاغدا چەتئەللىكلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن «قۇللار نالىسى»، روسسۇنىڭ «تۆۋىنامە» دېگەندەك ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ جۇڭگوغا تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئەمدى يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلامچىلىرىنىڭ بىرسى لياڭ چىچاۋ بولۇپ ئۇ كەڭ كۆلەمدە غەربنىڭ ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنى جۇڭگوغا تونۇشتۇرغان. كېيىن يېڭى شېئىرىيەت ئىنقىلاۋى، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئىنقىلاب، پروزا ساھەسىدىكى ئىنقىلاب، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىنقىلاب دېگەن كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شېئىرىيەت ساھەسىدە، مەدەنىيەت ساھەسىدە، پروزا ساھەسىدە پۈتۈنلەي يېڭىلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇرۇنقى ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنى ھەممىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ، پۈتۈنلەي يېڭى بىر خىل ئەدەبىياتنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان.
ئەينى چاغدىكى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەينى چاغدىكى جۇڭگونىڭكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتى، سىياسىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى بىلەن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ.
ئۇيغۇرلاردا بولسا قانلىق باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى داۋاملىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. دەسلەپكى چاغلاردا بۇ بىر خىل مىللىي ئويغۇنۇشنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە تونۇلغان بولسا، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇنىڭ ئەكسىچە سۈپەتلىنىشكە دۇچار بولغان. ھازىرقى دەۋردە بولسا يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش مېڭىسى يۇيۇلغانلار تەرىپىدىن مىللىي ساتقىنلىق دەپ چۈشەندۈرۈلمەكتە. ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەتلىرىدىن چەتلەشتۈرۈش ئەنئەنە تەرىقىسىدە قوبۇل قىلىنماقتا. ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئېتىراپ قىلىنمىغان، ئىنساننىڭ تەبىئىتى بۇرمىلانغان كىشىلەر ئارىسىدا ئىنسانىيلىق مەھسۇلى بولغان ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتىنىڭ بۇرمىلىنىشى تەبىئىي.
خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش ئويۇنىنى ئوينىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ماھىرلىق بىلەن ئوينايدىغان ئويۇنى ئۆرپ – ئادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى بىلەن ئىلىم پەن ۋە ئەدەبىيات سەنئەتنى ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشتۇر. ئۆرپ – ئادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى خۇددى مىللەتنىڭ تىلىغا ئوخشاشلا مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالىتىدۇر. ئۆرپ – ئادەت ۋە خاس تۇرمۇش شەكلىنىڭ يوقىلىشى بىر مىللەتنىڭ روھىي جەھەتتە يوقۇلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. لېكىن ئەدەبىيات سەنئەت ۋە ئىلىم پەن ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.
ئىلىم پەندىكى يېڭىلىققا قارشى تۇرغانغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسا ئىندىئانلار مەۋجۇت بولسا بولاتتى. ئۇلار ئىلىم پەندىكى يېڭىلىقنى قوبۇل قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆرپ – ئادەت ۋە تۇرمۇش شەكلىنىمۇ ساقلاپ قالالمىدى. ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغانغا يوقاپ كەتسە ياپونلار يوقاپ كەتكەن بولاتتى. ئىلىم پەندىكى يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ياپونلار يەنە ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىنىڭ بەلگۈسى بولغان ئۆرپ – ئادەتلىرىنىمۇ ساقلاپ قالالىدى. ئىنسانلاردىكى مەدەنىيەتتىكى ئورتاقلىقلىق ئەزەلدىن بار ئىش. ئىنگىلىزلار كۆپلەپ باشقا مىللەتنىڭكىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بوپ كەتمىدى. چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەتلىرىگە ئۇيغۇن بولغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىنى بېيىتتى. باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە داۋاملىق ئەنسىرەش پوزىتسىيىسىدىلا مۇئامىلە قىلىدىغانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز مەدەنىيىتىگە ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىشەنچ يوق. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىدىكى داۋاملىق شاللىنىپ قېلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بېكىنمىچىلىك ياكى قالاقلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
قالغانلىرىنى كېيىنكى سائەتلەردە سۆزلەيلى. ئەمدى بەزى گەپلەنى چۈشەنمىگەن بولساڭلا، ئاستا – ئاستا سۆزلەپ چۈشەندۈسەم بولىدۇ. مەسىلەن، ئەدەبىياتنىڭكى ماھىيىتى توغرىلىق باياتىن ناھايىتى يۈزەكى بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدىم. بەزىلىرىڭلا چۈشەندۇق دېدىڭلا. بەلكىم تازا چۈشەنمىگەن بولۇشۇڭلا مۇمكىن. ئۇنى سۆزلەپ كەلسەك، ناھايىتى گەپ جىق. مەن كېيىنكى چاغلىدا ئاستا – ئاستا سۆزلەپ بېرەي. ھازىر سىلەر سورايدىغان گەپلە بولسا سوراڭلار. ۋاقىت توشمىغاندۇ؟ توشتىما؟ بەش مىنۇت قالدىما؟ سورايدىغان سوئاللا بولسا سوراڭلا

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4811
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 758 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 08:07:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 08:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما مەزمۇنى باشقا ئايىغى چىقمايدىغان جېدەلگە بۇرىلىپ كەتمىسۇن ، يۇقارقى لېكسيەنى يوللاشتىكى مەقسەت بەزى تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى ناتىقلارغا بولغان ئىنكار قىلىش سەۋەبلىك بولدى .
يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ يۈز كويلۇق لېكىسيەسىنى چوقۇم ئاڭلاش كېرەك ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ لېكىسيەسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشى بىلەن نۇرغۇن ناتىقلىرىمىز ئا جالالىدىن ئەپەندىنىڭ يولى بويىچە خەلقىمىزگە سوۋغاتلىرىنى سۇنۇش قارارىغا كەلگەن ئوخشايدۇ ، مەن بولسا ئۆز باش ئەپەندىنىڭمۇ يۇقارقى ئىككى ناتىقىمىزغا ئوخشاش ئۆز بىلىملىرىنى كۆپچلىكلەرگە سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109700
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 702
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 08:17:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
guzal_atux يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 01:17 PM
سىزدىن سۇراپ باقسام ،سىز ياسىغان توربەتلەرمۇ  بۇ ؟؟

مەن ياسىغان توربەتلەر ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 08:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 08:11 PM
تېما مەزمۇنى باشقا ئايىغى چىقمايدىغان جېدەلگە بۇرىلىپ ...

پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى «ئۈلىۋېلىش سەنئىتى» نىڭ ئاپتۇرى شۇ بولمىسۇن يەنە؟
بىزنىڭ مۇشۇ جەڭگى-جېدەللىرىمىزنىڭ ئاخىرى قاچان چىقاركىن......ھامان بىر كۈنى غاجايدىغانغا سۆڭەك قالمىغاندا ياكى غاجاش ئۈچۈن مادار قالمىغاندا قاراپ ئولتۇرىمىز تايىنلىق....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1510 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 08:40:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kepanogrisi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 08:19 PM
پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى «ئۈلىۋېلىش سەنئىتى» نىڭ ئاپتۇر ...

پەرھات تۇرسۇن ئۆزى شۇ ..     
ئۈكەم  تۇلا قىلنى ژۇڭ قېلمەن دېمەي قېسىپ ئولتۇرڭ    بۇيەردە تېخى غاجاش چاناشلار  بولۇنمىدى  ... غاجايدىغان ۋاقىتتا خەۋەر بېرىپ قۇياي    ئالتە كېشلىك غاجىۋېلىڭ ماقۇلما ؟!                     

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 09:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudiratjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 08:40 PM
پەرھات تۇرسۇن ئۆزى شۇ ..     
ئۈكەم  تۇلا قىلنى ژۇڭ قېلمە ...

ئەسسالام قۇدرەتجان، مەن داقيانوس مۇنبەردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا يازدىم ئۇ ئىنكاسىمنى.  داقيانوس مۇنبەردىشىمىز «جېدەل» سۆزىنى تىلغا ئاپتۇ....مەنمۇ كۆز قارىشىمنى دىدىم.  يەنە كېلىپ پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىنى غاجاشلار يادىمغا يەتتى.  شۇ ۋەجىدىنمۇ  ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچىم ئاچچىق بولۇشلار كۆڭۈل ئېكرانىمدىن «لاپ» قىلىپ ئۆتتى.... ئىنكاسنى شۇ ئاچچىقچىلىقتىكى ھىسىياتتا يوللىدىم. سىز بىلەن ھىچبىر مۇناسىۋىتى يوق. تىلىڭىز بەكلا ئۆتكۈركەن. ئۆتكۈر تىل ئىشلىتىش قابىلىيىتىڭىزنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا سەرىپ قىلغايسىز. باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئارتۇقچە ئازار بىرىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kudiratjan + 10 مەقسەتنى چۈشنۈش توغرا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4811
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 758 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 09:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن يالقۇن روزى ئەپەندىلەرنىڭ جېدىلى بولسا بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنمىسۇن ، ھەر ئىككى شەخسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېتەرسىزلىك ،ئارتۇقچىلىقلىرى بار ، يۇقارقى لېكىسيە نەزىرىمدىكى ئېسل لېكىسيە بولغاچ بۇ تېمىغا يوللاندى ، ئەگەر بۇ تۈپەيلى جېدەل باشلانسا ئىنكاسمىنى ئۆچۈرۋىتشنى تەلەپ قىلىمەن .

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4811
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 758 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 09:48:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقى ئىككى لېكسىيەنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت ، تەپەككۈر لازىم بولىدۇ  . كۆپچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى پىكىرلىك يازغۇچىلارنىڭ مەتبۇئات ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق نامى كۆتۈرۈلگەن« يازغۇچىلار »بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ، «پەيلاسوپ، »،«بىردىنىبىر»، «ئەڭ » دېگەندەك مۇتلەقلەشتۈرگۈچى ھۆكۈملەرنى بۈگۈنكى چەكلىك شارائىتتا ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋىسيە قىلىش ئاساسىي مەقسەتتۇر

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:17:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
guzal_atux يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 01:20 PM
بىرسىنى كۆتۇرۇپ بىرسىنى چۇشۇرىدىغان ئىنكاس يازمىساق. ...

قېرىندىشىم مەن چۈشۈرمىدىم ھەم كۆتۈرمىدىم
كىشلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلغان كىشنىڭ ھالغا ۋاي
بۇ ھەدسنى ئاڭلىغان بولغىيتىڭىز بەلكىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش