Azizan يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 01:24 PM
سىز چۈشەنگەن بۇ ئاددىي ھەقىقەتنى نۇرغۇن كىشىلەر چۈشە ...
يىقىشلىق ئىنكاس بوپتۇ ! بىر ۋاقىتتا بىر ئاشپۇزۇلدا تاماق يەپ ئولتۇرسام بىر كىشى ئىنىم قەيەردىن سەن ؟ بۇ يات شەھەرلەردە كىشى ئۇيغۇر سىىغىنىدىكەن بىرگە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ يەيلىمۇ تاماقنى ؟ دىگەنتى ماقۇل بوپ تاماقنى بىرگە يەپ قالدۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىلسەم بۇ ئاكىمىز باغۋەنچىلىك مۇتەخەىسسىكەن تەكلىپ بىلەن مەخۇس باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىلمىدە لىكسىيە سۆزلىگى كەپتۇ . ئايلىق ئىش ھەققى 3200 يۈۋەن لىكىن بىر سائەت لىكسىيە سۆزلىسە 4000~5000 يۈۋەنگىچە ئىش ھەققى بىرىدىكەن . كىيىن ئۇنىڭ پاراڭلىرىغا قاراپ ھەقىقەتەن مۈشۈنچىلىك ئىش ھەققى بەرسىمۇ ئاز كىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . ئارىدا ماڭىمۇ ئىنىم ھەر قانچە ياخشى خىزمەت بولسىمۇ باشقىلارنىڭ كۆز-قىشىغا قاراپ ياشاش كىشىنى ئاپتىماتلاشتۇرۇپ قويدۇ . ھازىر ياش ۋاقتىڭدا چىقىمنى زىيادە قىلماي ئىمكان بار ياشانغا ۋاقتىڭدا ھۆكۈمەتكە بىقىنىپ قالدىغان ئىشقا قالما ، بىزلەر ھازىر كۆندۈرۈلگەن خامان كالىسىغا ئوخشاپ قالدۇق . ئارزۇ-ئارمان بولغان بىلەن ئەمەلىي ھەركەت قىلىش زىيادە كەم ......... ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئەمەلىي مىسال بىلەن يۈرەكلىرىمگە ئوت يىقىۋەتتى . نۇرغۇن مەسلىھەتلەرنى بەردى . ئىنشائاللاھ بىر نەچچە يىل بولدى شۇ ئىشنىڭ نىنى يەۋاتىمەن .
بالا دىگەن ھازىر بىر قوللۇق تەربىيلەيدىغان ئەرمەك جانلىق ئەمەس . مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈلمىسىدە بالىنى يەسلىدىن تارتىپ تاكى 12 يىلغىچە ھۆكۈمەت ياتاقلىق ئوقۇيدۇي دىگەن سىياسەت بىلەن ئۆزىنىڭ قىممەت-قارشىنى سىڭدۈرۈپ تەربىلەيدۇ . بالا بويغا يىتىپ گەپ ئاڭلىماس ياغاچ قۇلاق بولغاندا ئاتا-ئانىسىغا تاشلاپ بىرىدۇ . بۇ ۋاقىتتا سۈدۈك پۇراپ قالغۇدەك بولغان بالىلار گەپ ئاڭلامدۇ ؟ ئاڭلىسىمۇ مە بالام ماۋۇ 10 يۈۋەننى خەجلە ، مە بالام تامىقىڭنى يە بولمىسا سوۋۇپ قالىدۇ .....دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلارمىكىن بولمسا باشقىسى بىر گەپ جۇمۇ !