ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش چاقىرىقى
ئاتالمىش سالونلارنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكىگە، ئاپتورنىڭ ھوقۇقىغا بولغان دەخىل-تەرۇزىگە چىداپ تۇرغىلى بولماس، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم مۇشۇنداق مەنبەسى، ئاپتورى ئەسكەرتىلمىگەن يازمىلارنى كۆرگەندە بارمىقىڭىز ئاپتۇماتىك ھالدا ئوڭ بۇرجەكتىكى خەنزۇچە (پاش قىلىش) دىگەن خەتنى بېسىۋىتىپ قالسۇن، ھەم مەن قالدۇرغا ئىۋۇ بىر نەچچە چاسا خەتنى چاپلىۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ!!!
ئەگەر ئەسەر ھوقۇقى، ئەقلىي مۈلۈك دىگەنلەرنىڭ بىز ئۈچۈن ئانچە مۇنچە پايدىلىق نەرسە دەپ قارسىڭىز، قېنى بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ پاش قىلىش مەشغۇلاتى قېلىپ قويۇڭ!
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھۆكۈمىران ئەپەندى يوللاۋاتقان ئەھمەد ۋاھىدى ئاپتورلىقىدىكى«ئامېرىكىغا سەپەر» ماۋزولۇق تېما ھېچقانداق رۇخسەت-تەكەللۇپسىز مەلۇم بىر سالۇندا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ، مۇنبەرداشلارنىڭ ئۇچىرىغان ھامان پاش قېلىشىپ بېرىشىنى، پاش قىلىش مەشغۇلاتى قىلىش ئارقىلىق ئاپتۇر ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمىز،!
پاش قېلىش سەۋەبى:
著作权受侵犯
گەرچە قارىماققا بۇ ئاددى بىر ئىشتەك، بىز چىدىماسلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرىنىمىز، نۇرغۇن ئادەم، (- نىمە بوپتۇ، ياخشى نەرسە پىنھان قالمىسۇن دىگەندۇ.) دىيىشى مۇمكىن.
بىراق بۇ ئۇنچە ئاددىي ئىش ئەمەس، سىز بىر ئەسەرنى نۇرغۇن زېھنى كۈچىڭىزنى سەرىپ قېلىپ تەييارلىسىڭىز، ئىجاد قىلسىڭىز، نەتىجىدە قىلغان ئەمگىكىڭىز ئانىسىنى تۇنىمايدىغان ئەقىلسىز بالىدەك كوچا كويلاردا لاغايلاپ يۈرسە، سىز يا ئۇنى مېنىڭ دىيەلمىسىڭىز، سىناپ بېقىڭە قانداق ھېسياتتا بولىدىكەنسىزكىن!!!
ئاشۇ ياخشى ئەسەرنى پىنھان قالمىسۇن دىگۈچىلەر، نىمە ئۈچۈن ياخشى نەرسىنى ئاپىرىدە قىلغان ياخشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-18 01:24 PM