yamghur. يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:33 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەھلا
راسىت، دائىملا ئاپتورنىڭ نا ...
ۋەئەللەيكۇم-ئەسسىلام دوستۇم يامغۇر، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىزنى بۇ يەردە ئۇچۇرتۇپ خوش بولدۇم.
بىر ئەسەرنىڭ بارلىققا كەلمىكى ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە ئاپتور ئەسىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئۈمۈد قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز نامىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنىپ، ئېتىراپ قېلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ ھېچبىر يامان ئىش ئەمەس، بىنورمال كەمتەرلىكمۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس.
ئۈندىدار سالۇنلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەسلى قوللاشقا تىگىشلىك يېڭىلىق ئىدى، بىراق كىملا بولسا ئىچى پۇشۇپ سالۇن قۇرىۋىلىپ، ئۆزىدە ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق -ساپا ھازىرلىشى كېرەكلىكىنى بىلمىسە كېرەك، ھازىرچە بىزدە ئاپتورلۇق ھوقۇقىي ساندا بار ،ساناقتا يوق بىچارە بىر ھالدا، بەلكىم مۇشۇنداق قېلىپ يۈرۈپ ئانچە مۇنچە قانۇن ئېڭىمىز ئۆسۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.