مەشرەپ مەن .....
شاھ مەشرەپ غەزەللىرى
سەنەمنىڭ ئىشقىدا تىنماي يۈرۈپ ئاۋارە مەشرەپ مەن،
كۆزى ياشلىق قەددى ئىگىك،دىلى يۈزپارە مەشرەپ مەن.
*********************************
كۆڭۈلدە زەررىچە دۇنيا مىھرى بولماي مىنىڭدە،
سىنى دەپ ئىككى ئالەمدىن كىچىپ بىزارە مەشرەپ مەن.
************************************
ئىلىپ كەتسەم لەھەت ئىچرە،سۆڭەكتىن كەتمىگەي دەردىڭ
جاھاندا تاپمىدىم چارە،مەن بىناۋا بىچارە مەشرەپ مەن.
**********************************
قەددىڭنى قاي كۈنى كۆردۇم سىنىڭ ئىشقىڭدا ئاھ ئۇردۇم،
مۇھەببەت دەشتىدە يۈرگەن بولۇپ ئاۋارە مەشرەپ مەن.
********************************
مۇھەببەت جامىدىن مەي تۇتتىلەر ئىچمەسلىككە چارەم يوق،
كۆزۈمدىن قان ياشىم ئاقتى،ئۆزۈم خۇنبارە مەشرەپ مەن.
*********************************
بىشىمغا مىڭ بالا كەلسە تىلەرمەن تىنماي ئەي زاھىد،
تىلىم كەسسەڭ تۇيارىم يوق دىگەن دىبارە مەشرەپ مەن.
*******************************
خالايىقلار مىنى قوغلار يامان دەپ ھەر شەھەر بارسام،
ئەجەپ مەردۇد ئەجەپ مەھرۇم ئەجەپ سەكپارە مەشرەپ مەن.
*********************************
ئۆزۈم ئەلئارا يۈرسەم سىرىمنى ھىچ كىشى بىلمەس،
جانى-دىلىم پىدا ئەيلەپ ئەجەپ ئەييارە مەشرەپ مەن.
*********************************
مىنى دىۋانە مەشرەپكە مۇھەببەتتىن بايان ئەيلەڭ،
ناماز-روزىدىن پارىغ بولۇپ سەييارە مەشرەپ مەن.
********************************
خۇنبارە-قانلىق
دىبارە-رەخ كەبى
مەردۇد-قوغلانغان.
ئەييارە-ھىلىيگەر
*****************************
بىر تامچىدا مىڭ مەنا ...!
******
شاھ مەشرەپ غەزىلى
تا ئالەمى زاھىرگە كىلىپ مەن گۇزەر ئەتتىم،
تەرك ئەيلىدىمۇ جىمىنى قەتل نەزەر ئەتتىم.
ئەھۋالۇ-دىلىم ئىيتقىنى بىر مەھرەمى تاپماي،
زۇلمىڭنى قىرىنداش غىمىڭنى پەدەر ئەتتىم.
بىر چۈشكى چولاق،سەن سارى پەرۋاز ئىتەي دەپ،
ھىجران ئوقلىرىنى جانغا سوقۇپ بالۇ-پەر ئەتتىم.
دۈشمەنگە كى ھەرب ئەتمەك ئۈچۈن چارە تاپالماي،
دوستۇم قولىنى تۇتتىمۇ تىغى-تەبەر ئەتتىم.
غەم شامىدا قەلبىمگە گۇزەر ئەتتى خىيالىڭ،
كۆز ياش يۈرەك قانى بىلەن ماھەزەر ئەتتىم.
سەۋدايى سارى زۇلفىڭ ئۈچۈن نەچچە مەھەلدۇر،
جان كىشۋەرىنى بۇزدىمۇ زىرۇ-زەبەر ئەتتىم.
بىر مەرتىۋىدە تۇرماس ئېمىش شاھ بىلەن دەرۋىش،
بەس!جەندىنى كەيدىم ئۆزۈمنى دەربەدەر ئەتتىم.
كۆتەھنەزەر ئەل بىلمىسە دەپ خەستە بۇ مەشرەپ.
مىڭ مەنىنى بىر تامچە بىلەن مۇختەسەر ئەتتىم.
*****************************
سۆزلەر ئىزاھاتى:
گۇزار-ئۆتمەك،كەچمەك
پەدەر-ئاتا
بالۇپەر-قانات قۇيرۇق
ھەرب-ئۇرۇش،
تيغى-تەبەر-ئايپالتا
ماھەزەر-تەييارلىق قىلماق.
تەييار بولماق.
زىرۇزەبەر-ئاستىن-ئۈستۈن قىلماق.
دەربەدەر-ئۆيمۇ-ئۆي، دەرۋازىمۇ-دەرۋازا
جان كىشۋەرى-جان مەملىكىتى.
كوتەھنەزەر-نەزىرى كۆتە،كالتە پەم.
مۇختەسەر-قىسقارتماق.
****************************
شاھ مەشرەپ غەزەللىرىدىن...
ئىشىكىڭدە
......
مەن نالە قىلاي شامۇ-سەھەر داد ئىشىكىڭدە،
جانىمنى بىرەي شاھى پەرىزاد ئىشىكىڭدە.
ئۇل لالەيۇ-رەيھانۇ يەسمەن توق قىزىلگۈل،
ھەم سەرۋى پۈكۈلدى قەددى شەمشاد ئىشىكىڭدە.
*******************************
خۇبانى جاھان بولسا تىخى،يۈسۈفى كەنئان،
سۇلتانۇ ئەمىر زات بەندىياد ئىشىكىڭدە.
زۇلفىڭ سىنىڭ بۇ جانىمغا يۈز دامى بالادۇر،
جانىم قۇشى سەيد بولدى سەيياد ئىشىكىڭدە.
********************************
ئالەم بارىسى لەززىتى ھۆسنۈڭنى تىپىپدۇر،
گىريانۇ-پىغان نالەيۇ-پەرياد ئىشىكىڭدە.
سەۋدايى مۇھەببەتكە چۈشۈپمەن سىنى ئىزلەپ،
ئۆلتۈردى غىمىڭ كۆزلىرى جەللاد ئىشىكىڭدە.
*******************************
ئاشىقكىم تۆكۇبان ھىجرانۇ-غىمىم كىچە-كۈندۈز،
ۋەيرانە ۋەتەن مەنزىل ئەباد ئىشىكىڭدە.
ھۆسنى جامالىڭ ئوتى مەشرەپكە چۈشۈپتۇر،
پەرۋانە سۈپەت قويدى پەرىزاد ئىشىكىڭدە.
*********************************
خۇبان-ئالەم گۈزىلى
بەندىياد-ئەسىر بولماق.قۇللۇق بىلدۈرمەك.
دامى-توزاقى
سەيد-ئوۋ.سەيياد-ئوۋچى
ئەباد-ئاۋات
*****************************
شاھ مەشرەپ غەزەللىرىدىن پارچە---
زۇلفىنى سەۋداسىدىن كۆڭلۈم پەرىشاندۇر بۇ كۈن،
يار ۋەسلىن تاپمايىن يەر ئىلە يەكساندۇر بۇ كۈن.
خەلق ئارا كۆپ شادلىغلەر بار ئىدى مۇندىن بۇرۇن،
ھەركىشى يۈز غەم بىلە دەھر ئىچرە سەرساندۇر بۇ كۈن.
گەر ماڭا قىلسا نەزەر خۇرشىد دەرمەن ئاتىنى،
گەرچە مۇندىن ئاندە كۆرسە ماھى تاباندۇر بۇ كۈن.
بەندىدىن فەرھاد قاچتى غەم تاغىغە بېركىنىپ،
خەستە مەجنۇن ھەم كېزىپ چۆللەردە ھەيراندۇر بۇ كۈن.
ئىتلەرىغە ھەمدەم ئەتتى مەشرەبى بىچارەنى،
ئاللاھ-ئاللاھ، نە ئاجايپ لۇتف ئىھساندۇر بۇ كۈن.
*****************************
موللا بابا رەھىم مەشرەپ شېئىرىدىن پارچە---
مەلەكسەن يا بەشەر، يا ھۇرۇ غۇلمانسەن، بىلىپ بولماس،
بۇ لۇتفۇ بۇ نەزاكەت بىرلە سەندىن ئايرىلىپ بولماس.
ئەجەب بىرەھىم دىلبەرسەن، ئەجەپ شاھى سىتەمكارسەن،
چىراغى ھۆسنى رويىڭدىن كۆڭۈلنى جەم قىلىپ بولماس.
يۈزۈڭنىڭ ئابتابىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ قالدم،
فەلەككە قول ئۇزاتىپ شەمسى ئەنۋارنى ئالىپ بولماس.
يۈزۈڭ مىسلى قىزىل گۇلدۇر، كۆڭۈل چۈن بۇلبۇلى شەيدا،
بۇ گۇلنىڭ ئىشقىدىن بۇلبۇل چەمەندىن ئايرىلىپ بولماس.
كەل، ئەي مەشرەپ، ئەگەر ئاشىق بولۇپسەن، بولماغىل غاپىل،
بۇ غەفلەت ئۇيقۇسىدىن، ئەي يارانلار، ئويغانىپ بولماس.--
*****************************
ھىچكىمگە مەلۇم ئەمەس-
شاھ مەشرەپ شېئىرلىرىدىن
ھىچمىكگە مەلۇم ئەمەس ھالى پەرىشانىم مىنىڭ،
ئاسماننى قاراڭغۇ قىلدى ئاھۇ نالەم مىنىڭ.
مەن نىچۈن شاد ئەتمەيىن بۇ خەستە كۆڭلۈمنى بۈگۈن،
كەلدى ھالىمنى سوراپ ئۇ شاھۇ-جانانىم مىنىڭ.
--------------------------------
ئەي سىتەمكار كەلگىن يۇ ئەمدى شاھىد ئەتكىن مىنى.
مەۋج ئۇرسۇن كەربالا دەشتىدە بۇ قانىم مىنىڭ.
چۈن ئۈكەرىم بارمۇسەن پەلەكتىن بالامۇسەن،
بۇ پەلەكتە كۆرمىدىم ئەي كۆزى چولپانىم مىنىڭ.
-----------------------------
نازۇ-مۇھتاجلىق بىلەن كەلگىن مىنىڭ ھالمنى سورا.
تەلمۈرۈپ دائىم يولۇڭدا قاشىمنى ياشلىق مىنىڭ.
قاچانغىچە جەبرۇ-سىتەم بىلەن يۈرۈيسەن ئەي رەفىق،
چىقتى مەشرەپ ئۇشبۇ غەمدىن بۇ ئەزىز جانىم مىنىڭ.
*****************************
كۆرگىلى كەلدىم--
شاھ مەشرەپ شىېئىرلىرىدىن چەشمىلەر
---
ئىشقىڭ ئوتىغا كۆيگىنى كەلدىم،
ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرگىلى كەلدىم.
سەۋدايى زۇلفىڭ چۈشتى باشىمغا،
سەندىن سۇئاللار سورىغىلى كەلدىم.
-------------------------
دەرياغا كىردىم غەۋۋاس بولاي دەپ،
بىر گۆھەر مەقسەت ئالغىلى كەلدىم.
مىنى سورىساڭ ئەي گۈلئۇزارىم،
مەھۋى جامالىڭ كۆرگىنى كەلدىم.
--------------------------
كارۋانلار كەتتى مەنزىلگە يەتتى،
مەن ھەم باراي دەپ كەتكىنى كەلدىم.
ساقىي قەدەھنى قىلغىل تەييار،
ۋەھدەت مەيىدىن ئىچكەلى كەلدىم.
---------------------------
رەھمەت ئىشىكىنى ئاچقىن مەشرەپكە،
ئىشىقنىڭ كويىدا ئۆلگىنى كەلدىم
---
مەھۋى-ئايدەك
مۇھەممەد بابۇر -تەييارلىغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-19 11:39 PM