روھ دىگەن نىمە؟
ئىلاھىيەتشۇناسلار ۋە پەيلاسوپلار ئۇزۇندىن بۇيان بۇ قىيىن مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل تۈردە بەس مۇنازىرە قىلىپ كەلدى. ھازىرقى دەۋرىمىزدە بولسا روھ توغرىسىدىكى تەتقىقاتمۇ ئىلىم پەننىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. پىسخولوگىيە، چوڭ مىڭە تەتقىقاتى ، سۈنئى ئەقلى ئىقتىدار تەتقىقاتى قاتارلىقلار روھنى تەتقىق قىلماقتا .
كىتاپلاردا روھ دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى : نەرسىلەرگە ھايات ئاتا قىلىش ، ھاياتلىق، نەپەس ئېلىش دەپ بايان قىلىنغان.
روھ تولىمۇ سىرلىق ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ بىۋاستە بولغىنى شۇكى روھ ئىنساننىڭ چوڭ مىڭىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنداقتا چوڭ مىڭە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا روھ يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ مېنىڭچە روھنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى مەخسەتلىرىنىڭ بىرى «تەن ئۆلگەندىن كىيىن روھ يەنە ھايات تۇرالامدۇ؟» دىگەن مەسىلىدىن ئىبارەت بولسا كېرەك.
ماددى دۇنيا بىلەن روھى دۇنيانىڭ پەرقى بولسا ، ماددى دۇنيا ماددىلاردىن تەركىپ تاپقان ، روھى دۇنياغا تولۇپ تۇرغىنى بولسا ئىدىيەدۇر، ئىدىيەنىڭ خۇددى ماددىغا ئوخشاش بوشلۇقتا ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغىلى بولامدۇ؟ ، ئۇنى كىشىلەر خۇددى ماددىلارنى كۈزەتكەندەك كۈزىتەلەمدۇ؟. (بەزى كىشىلەر، چوڭ مىڭە چىلغوزا تەنچىسى روھ تۇرۇشلۇق جاي دىگەن قاراشنى قوللايدۇ). مەيلى چوڭ مىڭە ئوپىراتسىيىسى بولسۇن ۋە باشقا تەجرىبىلەر بولسۇن ھىچقايسىسى روھنى تېپىپ چىقالىغىنى يوق.
ئەپلاتون ۋە دىكارتلار روھنى ماھىيەت جەھەتتىن تەندىن ئايرىغىلى بولىدىغان يەنە بىر خىل ماددا دەپ قارىغان. ئەپلاتۇن تەن تۈرمە روھ ئۇنىڭدىكى مەھبۇس دىگەنىكەن، بۇنىڭدىن ئادەم روھ ۋە تەندىن ئىبارەت ئىككى ئايرىم مەۋجۈتلۈقتىن تۈزۈلگەن دەپ چۈشىنىمىز. ئارستوتىلنىڭ قارىشىچە ئادەم روھ بىلەن تەننىڭ بىرىكمىسى. ئۇ، تەن بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماددا بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكى دەپ قارىغان ، خۇددى ساپالنىڭ لېيى بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكىدەك، شەكىل لاينى مۇئەييەن شەكىلگە كەلتۈرىدۇ، روھ جانلىقلارنى ئادەم، ھايۋان، ئلۆسۈملۈكلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. يىقىنقى زاماندىكى بەزى پىسخولۇگلار بولسا روھنى تەرك ئەتكەن. ئۇلار روھ ئۇقۇمىنىڭ پىسخىك جەريانلارنى چۈشەندۈرۈشتە ھىچبىر رولى يوقلۇغىنى ئوتتورغا قويغان.
دىنى ئەقىدىلەردە مۇنداق قارايدۇ، ئادەم ئوخشىمىغان ئىككى نەرسىدىن تەركىپ تاپقان، ئۇ تەن ۋە روھ(جان). تەن بولسا روھنىڭ قاچىسى، قەپىزى ،يەنى تەن بولسا روھنىڭ تۈرمىسى، تەن ئۆلگەندە روھ بۇ تۈرمىدىن چىقىدۇ. بۇ بىر خىل ئىككى مەنبەچىلىك قارىشى بولۇپ روھمۇ بىر ئەمىلى مەۋجۈت بولغان مەۋجۈتلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ ئادەم تېنىنىڭ مەلۈم بىر جايىدا تۇرۇشلۇق ئورنى بار دىگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئىككى مەنبەچىلىك قارىشىنى دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى دىكارت بولۇپ ،ئىككى مەنبەچىلىك قارىشى خىرىستىيان ئەقىدىلىرىگە ، ئىدىيىلىرىگە كەڭرى قۇبۇل قىلىنغان. دىمەك تەندىن ئايرىلغان روھ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ قارىساق مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كىلىمىز ، بىر كىشى بۇ ئالەمدە ياشاۋاتقاندا ئۇنىڭ روھى بىر تۇرىدىغان جايغا ئىگە بولىدىكەن،ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن روھنىڭ تۇرىدىغان جايى يەنە باشقا بىر جايدا بولىدىكەن ، بۇنداق بولغاندا روھ چوقۇم مەلۈم شەكىل ياكى تۈزۈلۈشكە ئىگە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ شەكلى قانداق؟ ئۇ قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ ئۇ قەيەردە؟ قانداق ھەركەت قىلىدۇ؟ ياكى روھ بىز چۈشىنەلمەيدىغان تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى مەلۈم بىر بوشلۇقتا تۇرامدۇ؟ دىمەك روھتىن ئىبارەت پۈتۈنلەي ئىدىيىدىن تەشكىل تاپقان بۇ غەيرى ماددىي نەرسىگە نىسبەتەن بۇ سۇئاللار ماس كەلمەسلىكى مۈمكىن ، ياكى
پەيلاسوپلار ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىسىنى تۈرلۈك شەكىلدە مۇلاھىزە قىلىشتى، ئالايلۇق، ماتىريالىزمچىلار روھنىڭ ھالىتى ۋە رولىنى باشقا نەرسە ئەمەس دەل ماددىنىڭ ھالىتى ۋە رولى دەپ چۈشەندۇرگەن ، ئىنساننىڭ خۇلق مىجەز ۋە باشقا ئاڭ پائالىيەتلىرىنى پەقەت فىزولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگىلا تاقاپ ئىنساننى مىخانىك ھالەتتە سىرتقى تەسىرگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىدىيالىزىمچىلار بولسا ماددى دۇنيا مەۋجۈت ئەمەس، بارلىق نەرسە سەزگۈدىن ئىبارەت دەپ قارىغان .
بەزى ئالىملار ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىلىرىنى تەنقىدلىگەن، ئامرىكىلىق پاۋل داۋىس ئۆزىنىڭ «روھ ۋە جان » ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ : ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىلىرىنىڭ خاتالىغى ، ئۇنىڭ ئەمىلى بىر گەۋدىدىن(روھ)تىن پايدىلىنىپ بىر خىل ئوبىيكتنى ئەمەس بەلكى بىر خىل ئابىستىراكت ئۇقۇمنى چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىغىدا. بىر ئۇقۇمنىڭ ئەمەلىي گەۋدە ئەمەس ، بەلكى ئابىستىراكت بولىشى بۇ ئۇقۇمنى ھەقىقى ئەمەس ، خىيالىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ھەم ئۆلچىگىلى بولمايدۇ ھەم جىڭلىغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدە بىر ئورۇننى ئىگىلىمەيدۇ، ئەمما دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ مەنىسى بولىدۇ، ئۇ شۇ ئادەمنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھىسابلىنىدۇ. بەختكە قارشى دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ھەممىدىن بەكرەك چۈشىنىدۇ. ئىككى مەنبەچىلىك قارىشىنىڭ تۈپ خاتالىغى تەن بىلەن روھنى تەڭگە پۇلنىڭ ئوڭ،سول يۈزىگە ئوخشاش دەپ قارىغانلىقىدىن ئىبارەت، ئەمما بۇ ئىككىسى(روھ ۋە تەن) ئەمەلىيەتتە تامامەن ئوخشاش بولمىغان كاتىگورىيىگە مەنسۇپ . روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىكى بارلىق قالايمىقانچىلىق ۋە زىددىيەتلەر رىلېنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر خىل كاتېگورىيىنى خاتا ئايرىشتىن كېلىپ چىققان ، رىلى مۇنداق دەيدۇ:
بىر خىل مەنتىقە بويىچە ئىيتقاندا روھ مەۋجۈت؛ يەنە بىر خىل مەنتىقە بويىچە ئىيتقاندا ، تەن مەۋجۈت؛ بۇ ئىككى خىل قاراش تامامەن توغرا. لېكىن، بۇ ئىككى خىل قاراش ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەۋجۈدىيەتنى كۆرسەتمەيدۇ.
«تاش مەۋجۈت» دىيىش بىلەن «چارشەنبە مەۋجۈت» دىيىش ئوخشاشلا توغرا . لېكىن تاش بىلەن چارشەنبىنى قاتار تىزىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. بىز ئالدىنقى باپتا روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى چۈمۈلىلەر توپى بىلەن ئايرىم بىر دانە چۈمۈلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ياكى بىر روماننىڭ تەپسىلاتى بىلەن ھەرپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. روھ بىلەن تەن ئىككى مەنبەچىلىك شەيئىنىڭ ئىككى بۆلىكى ئەمەس، بەلكى دەرىجە ئايرىپ تەسۋىرلەشتىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى قاتلامدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇمدىن ئىبارەت.
كىشىلەر ھەر قانداق سىرلىق ئەمەلىي گەۋدە ياكى تەركىب سىرتتىن قوشۇلمىغان ئەھۋالدا، ئابىستىراكت، يۇقىرى دەرىجىلىك قاتلامدىكى ئۇقۇم، ئۇنىڭ ئاساسىي ھىسابلىنىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك قاتلامدىكى تۈزۈلۈشىكە ئوخشاشلا ھەقىقىي بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتسىلا، ئۇ ھالدا ، ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىسىنىڭ نۇرغۇن كونا مەسىلىلىرى تېز ۋە ئوڭاي ھەل بولىدۇ. ماددىنىڭ جانلىق ماددىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولغىنىغا ئوخشاشلا، ماددىنىڭ ئاڭغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن روھنىڭ بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
يۇقۇرقىلار بولسا پاۋل داۋىسنىڭ سۆزلىرى ، بەلكىم بۇمۇ بىر خىل روھ توغرىسىدىكى يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈش بولىشى مۈمكىن .
ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئەبەدىي ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىغىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەۋجۈدىيەتنىڭ يارىلىشى بىلەن ئىدراكنىڭ يارىلىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مەنا روھنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىغا مەلۈم تەبىر بېرەلەمدۇ؟ روھ مەڭگۈلۈك مەۋجۈتلۇقمۇ؟
بەلكىم ئىلىم پەن ساھەسىدە روھ توغرىسىدا يېڭى بايقاشلار، ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلگەندۇ. بۇ يازمىنى يېزىشتىن مەخسەت ، بىلىملىك مۇسۇلمان تورداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدە بىلىدىغانلىرى بولسا ئوتتورىغا قويسا كۆپچىلىك تورداشلار ئىسىل بىلىملەردىن ئورتاق بەھىرلەنسەك . دىنىمىزنىڭ روھ مەۋجۈدىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىدىن ھەممىمىز بىلىم ئالساق.