مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: namsiz12

روھ مەڭگۈلۈك مەۋجۈتلۇقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108984
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-8-6
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:42:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈكۈت

كوچا  چىراقلىرىدەك بولما ، كىم ئۈچۈن  يانغىنىڭ  ئىنىق  بولسۇن  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 902 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 12:06:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ شەخسى قارشىم .

  روھ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتمۇ دىگەن دىگەن مەسىلىنى مۇنازىرە قىلىشتىن ئاۋال مۇشۇ روھ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتمۇ دىگەن سۇئالنىڭ ئۆزىدىنلا تېمىنى كەشىپ قىلغۇچىىڭ قانچىلىق ھاماقەت ئىكەنلىگىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ . بۇنىڭغا بىر تالاي مىساللارنى ئىلىپ يۈرمەيمەن . مىساللارنى تولا ئالسىمۇ يەنىلا كاللىسى ردىموتلىنىشىپ كەتكەن كىىشلەر يەنىلا چۈشەنمەيدۇ .

    دۇنيادا مەڭگۈلۈك ئېنىرگىيە ۋە ھاياتى  مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالدىغان نەرسە يوق . بەزىلەر ئاللاھ بار دەيدۇ . بىراق ئاللاھ بىز تىلغا ئىلۋاتقان يەنى بىر كۆرگىلى بولدىغان ئىسپاتلانغا-ئىسپاتلانمىغان ياكى ئىسپاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ماددا ياكى  كۆرگىلى بولمايدىغان بىراق مەۋجۇتلىقىنى بىلگىلى بولدىغان روھتىن ئىبارەت ماكرو زەرچىلەر سېستمىسىغا تەۋە ئەمەس . بۇ ھەقتە ئاللاھ ئۆزىنىڭ   باشلىنىشى يوق يەنى بىراۋ تەرىپىدىن يارتىلمىغان ئەزەلدىن بار . ئاخىرلىشى يوق يەنى مەڭگۈ ئاللاھلىغى داۋام قىلدىغان ۋە دۇنيادا ھىچ بىر ئوخشىشى يوقلىغى ھەققىدە بىر مۇپەسسەل باياننى بايان قىلغان . قالدى بارلىق شەيئىلەر جۈملدىن پەرىشتىلەر . ھۈر-پەرىلەر ،جىن-ئالۋاستىلار ، يەتتە ئاسمان-زېمىن ۋە سىرتى ئىچىدىكى بارلىق شەئيىلەر مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر .
   روھ دىگەن تەرتىپسىز .شەكىلسىز بىر نەرسە بولۇپ ئۇ مۇئەييەن بىر قىلىپ يەنى قاچىغا قاچىلانغاندا ئاندىن ئۇ ئۆزى قاچىلانغان ‹‹ قاچا ›› شەكلىگە كىلىپ ئۆزى ساقلانغان قاچىغا تەۋە جانلىقنىڭ ھاياتلىق تارىخىنى ۋىدىيو شەكلىدە ساقلايدىغان بىر سىغىم ساقلاش كارتىيسىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان بىر نەرسىدۇر . جان بولسا روھ ۋە روھنى ئۆزىگە مەجبۇرلانغان ئاساستا  قوبۇل قىلغان ماددا يەنى جانلىقنىڭ ‹‹ ئېلىكتىر ›› ئىنىرگىيسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ‹‹ باتارىيە ›› دۇر . ئىنسانلار ئىشلەتكەن باتارىيەلەر مەلۇم بىر خىل شەكىلدە بولسا بىراق جاندىن ئىبارەت بۇ باتارىيە شەكلىسز ۋە ھاۋا شەكلىدە بولۇپ باتارىيە سىلىندىغان جانلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ سۇيۇقلۇق ھالىتىنى ساقلايدۇ . ئەگەردە ماددا يەنى جانلىق بىرەر ھادىسە ياكى زەخمە سەۋەپلىك پىشكەنلىككە ئۇچۇرسا تەۋىرنىش ھەركىتى ئاستىدە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدىغان جان يەنى ‹‹ ئېلىكتىر باتارىيە ›› تەۋىرنىش ھەركىتىدىن توختاپ بۇ ئالەملىك خىزمىتىنى مۇتلەق توختىدۇ . كۆپىنچىمىز بىلىمىز كۆپ ھاللاردا  تىرىك-ئۆلۈكلىگى نامەلۇم بولغان بىمارلارغا قارىتا دوختۇرلار  ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدىننى مۇجۇش. يۈرەك سوقۇش ھەركىتىنى مەجبۇرى ئىشلىتىش  . پۇت-قولىنى ھەركەتلەندۈرۈش ....قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلەيدۇ . بۇ ئىشنىڭ بارلىق ھەركەت مېخانىزىمى تەسىرى ئاخىرى بىرىپ ھىلىقى توختاپ قالغان ‹‹ باتارىيەنىڭ ئىچىدىكى ›› سۇيۇقلىقنى تەۋىتىشتىن ئىبارەتتۇر . بىراق دوختۇرلار بەك بىلىپ كىتەلەيدىغىنى ھىلىقى سىتوپ يەنى چەكلەش رايۇننىڭ ئالدىدىكى تۈنجى بىرىنجى باسقۇچتىن باشلاش خالاس . ھەممۇ مۇشۇ باسقۇچقىچە سەۋەپ قىلىش ئىمىتىيازى بىرىلگەن .  جانلىق ئۆلگەندە يەنى ئىچىىدىكى جاندىن ئىبارەت ‹‹ باتارىيە ›› يوقالغاندىن كىيىن  دوختۇرلارنىڭ ئىلىپ بارغان بارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى كار قىلمايدۇ . ئەگەر جانلىقنىڭ يەنە مەلۇم ۋاقىت ئۆمۈر كۆرۈشتىن ئىبارەت تەقدىردە بار بولسا  دوختۇرلارنىڭ ئىلىپ بارغان داۋالاش سەۋەپلىك ھىلىقى جانىدىن ئىبارەت ‹‹ باتارىيە >> نىڭ تەۋىرنىشتىن توختاپ قالاي دىگەن سۇيۇقلىغى يىتەرلىك تىزلىكتە ئۆز -ئۆزىدە ئايلىنىش ياسايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىمارغا قايتا بىر قىتىملىق ھاياتلىق سەپلىنىدۇ . بۇ خۇددى يەر شارىنىڭ مەركىزى قىسمدىكى نەچچە مىڭ سېلىسيە گىرادۇس قىزىقلىقتا قايناپ تۇرغان ماگما سۇيۇقلىغى ئايلىنشىتىن توختىسا خۇددى يەر شارىنىڭ  ھەركەت ھاياتلىغى توختىغاندەك بىر ئىش . بەزىلەر ئۆلۈپ كىتىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان بەزى بىمارلارنىڭ ساقىيىپ قالغىننى كۆرۈپ بىمارلارنى بىر ئۆلۈمدىن ئاشتى دەپمۇ قويدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس بەلىكى جاندىن ئىبارەت << باتارىيەسىنىڭ >> ئىچىدكى سۇيۇقلۇق تېخى تەۋىرنىش ھەركىتىدىن توختىمىغان ياكى باتارىيە قىپى يەنى ماددا ھىساپلانغان قاپچۇق يەنى ئەجەللىك ئەزالار زەخمە سەۋەپلىك تىتىلش . يىرىلىش ، ئىزىلىپ كىتىش سەۋەبىدىن << باتارىيە سۇيۇقلىغى >> چىقىپ كەتمىگەنلا خالاس . بۇ ھەقتە مەن بەزى ماتىرياللاردا  پەن-تېخنىكا ئالىملىرى بەزى جانلىقنى توڭلىتىپ ئاندىن قايتا ئىسىقلىق ئۆتكۈزۈپ تەجىربە ئىلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇغنىمى ئېسىمدە . بۇ دەل جاندىن ئىبارەت باتارىيە سۇيۇقلىغى بولسۇن جانلىقنىڭ زەنجىرسىمان ھەركتى بولسۇن ماس-قەدەملىك ھەركەت تەرتىپىنى ساقلاپ قىلشىتىن ئىبارەت يەنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتتا توڭلىتىپ دەل بىرلا ۋاقتىتا ئىرىتىش ئاساسىدا ئىلىپ بارغان تەتقىقات . بەلىكم كەلگۈسى دەۋىردە ھەقىقەتەن جانلىقلارنى توڭلىتىپ بەش-ئون يىلدىن كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرى ئىشقا ئىشىپ قىلىشى مۈمكىن . بۇ ھەقىتە بىز ئۇيغۇرلاردا جان تەندە ئامانەت بولسا ....دەيدىغان . دىمەك جاندىن ئىبارەت بۇ باتارىيە ئەزىرائىل تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلمەي تەندىلا بولدىكەن يۇقارقى تەتقىقاتتا غەلبە قىلىش تامامەن مۈمكىن . چۈنكى تەتقىقاتچىلار خۇددى ھامىلە سۈيۈقلىغنى يەنى ئەي-ئاياللارنىڭ ئىسپىرمىسنى پىروبىركا ئىچىدە ئېسپىرمىنىڭ ھاياتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بوۋاق ھالىتىگە كەلگۈچە سەۋەپ قىلغاندەك . جانلىقنىڭ << باتارىييە سۇيۇقلىغىنى >> ئورنىدا ئىزچىل تۇراقلىق ساقلاپ قىلشىنى سەۋەپلىرىنى بايقاپ چىقىشى مۈمكىن . جان ۋە روھنىڭ سۇيۇقلۇق ئىكەنلىگى بەزىدە پارلىندىغانلىقى ھەققىدە رىئال تۇرمۇشىمىزدە نورغۇن ئەمەلىي مىساللار بار . ھەتتا قۇرئاندىمۇ  بىزلەرنىڭ يولىمىنىز تۇتقان ئىتائەتمەن مۆئمىنلەرنىڭ جانلىرى كىچىك ئالتۇن قۇتلارغا سىلىنىپ جەننەت قۇشلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا ئىسىپ قويلىدۇ . جەننەت قۇشلىرى جەننەتنىڭ ئىچىدە خالىغان يەرلەرگە بارغاندا مۆئمۇنلەرنىڭ جانلىرى شۇ قۇشلار بىلەن بىرگە جەننەتنىڭ خالىغان جايىلىرىدا سەيلى قىلىدۇ دىيىلگەندەك بىر ئايەت بىلەن ھەرزىرتى مەريەم ئانىمىزنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلدار بولدىغان ۋاقىتتا ھەرزىرتى جىبرائىل مەريەم ئانىمىزغا فۈلىگەن .  فۈلەنگەن بۇ نەرسىمۇ دەل بىز ھازىر تالىشۋاتقان مەسىللەرنىڭ  بىرى . بىراق بۇ مۆجىزە بولغاچ شۇ بىر فۈلەش بىلەن جان ، روھ ، ماددا قاتارلىق جانلىقنى تۈزىدىغان ئەڭ ئاساسى ئۈچ نەرسە تەڭ ھازىرلانغان . لىكىن بۇ ئۈچ نەرسە ھەركەت ئىشلشتە بىر-بىرىگە بىقىنىدۇ بىراق مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشتا بىر-بىرىگە بىقىنماسلىقى مۈمكىن   مۇشۇ مۇپەسسەل بىر قانچە جۈملە ئايەتنى تەپسۇرشۇناسلار تەپسىرلىسە بەلىكم جان ۋە روھ ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ مەنادىكى بايانلار چىقىشى مۈمكىن .

     جان  بولسا سۇيۇقلۇق بۇ نەرسە نورمال ئىسىق مۇھىيتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدۇ بۇ مەۋجۇتلۇق جانلىق ئىچىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ . روھ بولسا سىغىم كارتىيسى ئىچىگە قاچىلانغان ۋىيدىيو دەپ چۈشەنسەك بىر قەدەر چۈشىنشىلىك بولىدۇ . روھ بولسا ئاللاھنىڭ جانلىقنىڭ تەقدىرىدە ئورۇنلاشتۇرغان ھەر بىر قەدەم باسقۇچلارنى ساقلاش ، خاتىرلەش  ۋە بەزى ۋاقىتلاردا  سىرىتتىن يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئىلھامى تەۋسىيە، بۇيرۇق ، ئاگاھلاندۇرۇش ،ئەرسكەرتىش ...قاتارلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۋىلىش بىلەن بىرگە چارچىغان جاندىن ئىبارەت << باتارىيەنى >> سوۋۇتۇش يەنى ئارام ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ . بۇنىڭ يىتەرلىك ئىسپاتى بولسا بەزىدە ئادەم ئۇخلاۋىتىپ چۈش كۆرۈپ قالىدۇ . چۈشىدە ماشىنا ياكى ئايرۇپىلان كۆرۈش بىلەن بىرگە ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ . بەزىدە چۈشىدە بىرەر كونۋىرسىتقا قاتنىشىپ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان چۈشلەرنى كۆرىدۇ ،ئويغانسا ئۆيدە ئانىسى ياكى ئايالى سەي قورۇۋاتقان ئۆيدىكى توڭلاتقۇ ،شامالدۇرغۇچ ، ھاۋا تەڭشۈگۈچ. تېلۋۇزۇر ، سىن قويغۇ ...قاتارلىق نەرسىلەردىن چىقىۋاتقان ئاۋاز بولغان بولىدۇ . بۇ بەزىدە روھنىڭ ئۆزىگە مەۋقەسىز ھالدا لازىملىق سانلىق-مەلۇماتلارنى ئاختۇرشتا  شۇ ئۆزىگە نونۇش قىلىنغان كوتقا ئوخشاپ كىتىدىغان ئوخشاش گۇرۇپلاردىكى ماس قەدەملىك ئاۋازلارنى ئادەمنىڭ چۈشىگە بىرىكتۇرۋەتكەنلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان بولىدۇ .  كونىلار بەزىدە بىزلەرگە قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئادەمنى سىلكىپ ياكى تۇيۇقسىز چۆچۈتۈش ئارقىلىق ئويغاتما ! ئىغىر گۇناھ دەپ قويدۇ . بۇنىڭمۇ مەلۇم بىر بەلگىلىك ئاساسى بولۇشى مۈمكىن . ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا روھ چەكلەشتىن قوتۇلۇپ ھەركەت دائىرسى زىيادە سوزلۇپ كىتىدىكەن بۇ يەردە سۆزلۇشنى بىر تەپەككۇرلىنىش دەپ چۈشەنسەك تېخىمۇ چۈشىنشىلىك بولغۇدەك . بىراۋ بۇ ۋاقىتتا ئۇخلاۋاتقان كىشنى تۇيۇقسىز ئويغاتقاندە روھ بىر مەۋقەگە يەنى بىر نۇقتىغا يىغىلىپ بولالماي  ، ئۇخلاۋاتقان كىشنىڭ مىڭىسىدە بەدەننىڭ فېزولوگىيلىك ھەركەتلىرىنى تەرتىپلىشتۈرۈش رايۇندە مەسىلە كۆرۈلدىكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇخلاۋاتقان كىشى ئۆلۈپ كىتىدىغان ياكى چۆچۈپ  كىيىنكى دەۋىرلەردە كۆرنەرلىك پاسسىپ ھالدا بەزى نېرۋا كىسىلىگە دۇچار بولۇش ئېھتىماللىغى بولدىكەن .
   دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ قۇرۇلمىسنى تەكشۈرۈشتە ، ماھىيتنى ئىنچىكلىك بىلەن تونۇپ يىتىشتە ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر توساق بار بۇنى ئېنگىلىسلار ئۆز تىلىدا سىتوپ دەپ قويدىكەن . پەن-تېخنىكا دەل مۇشۇ سىتوپقا كىلىپ ئۈسسىيدۇ . بۇنىڭدىن ھالقىش ئەسلە مۈمكىن ئەمەس . ھالقىش ئۈچۈن كەلگۈسىدە ئاتالمىش ھەممىنى ھەل قىلىدىغان پارلاق قۇياش دەپ قارلىۋاتقان پەن-تېخنىكا دىننى ساھەنىڭ ئالدىغان سالامغا كىلىدۇ . دەل بۇ ۋاقىت پەن-تېخنىكا ۋە دىن ساھەسى ئوتتۇرسىدىكى ئاتالمىش زىددىيەت ئاخىرلاشقان بىر ۋاقىت ھىساپلىنىدۇ .

    ئادەم توختاۋسىز تەپەككۇر قىلىش ،ئېزدىنىش كىرەك . چۈنكى ئادەم دۇنيادا بىردىنبىر ئەقلى ۋە ئىدىراك ئالى دەرىجىدىكى ئاڭغا ئىگە پەلقۇۋاددە بىر جانلىق . تەپەككۇر قىلىش قەلىپنى ئاچىدۇ . كەڭ كائىناتنىڭ سىرلىق قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ . بىر مەزگىل مەۋقەسىز سەيياھتەك بىرەر سىرلىق ئىشنىڭ تىگىگە يتەلمىسمۇ بىراق ھامان كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ . ھازىرقى زامان دەۋىردە ئېلكتىرلەشكەن سىمسىز سىگىنال ئەتىراپىمىزنى قاپلىغاندەك ئەمەلىيەتتىمۇ  قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان يەتتە ئاسمان ئىچىدىمۇ ئېلىكتىر  سېگىنالى مەۋجۇت . ئىشەنچىلىك دەرىجىسى %100 گە يىتىدۇ . بۇ ھەقتىمۇ قۇرئاندا ئىنىق مەلۇماتلار بار . بىراۋ پاكىزلىق ئىچىدە بىرەر غۇم ياكى پىتنە تىرىش مەقسىىتى بولمىغان ئاساستا ئىنچىكە كۈۈتۈش ، تەكرار ئېزدىنىش ، ئوخشىتىش ، ماھىيتىنى ئايرىش . بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىنىقلاش ...قاتارلىق ئامىللارنىىڭ بىرىنىمۇ تاشلاپ قويماي ئېزەنگەندە  ئادەمنىڭ مىڭىسى مەلۇم بىر ۋاقىتتا يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان ئالەم ئىچىدىكى سېگىنالغا تۇتىشىدۇ  بۇنى بىز ئالتىنجى سەزگۈنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلك باسقۇچى  دەپ قويمىز . كۆپۈنچە كىشىلەردە بۇ باسقۇچنىڭ ئەڭ تۆۋەن باسقۇچلىرى ئەمەلىي تۇرمۇشىدا كۆپ كۆرىلىدۇ . بەزىدە بىر كوچىدا كىتىۋىتىپ ئۇ كىشنى كۆرمەيمىز بىراق توساتتىن كاللىمىزغا شۇ كىشنىڭ نىگاتىپى ئاساسىدا  ھاسىل بولغان بىر چىراينىڭ بىزگە ئۇچۇراپ قالدىغانلىقىدەك بىر سىزىم ھاسىل بولىدۇ . دەل ئويلىمىغان يەردىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي دەل شۇ كىشى كوچا ماشىنىسدا ياكى پىيادە ۋە ياكى مەلۇم بىر ئىشلارنى قىلۋاتقان ھالىتىدە بىزگە ئۇچراپ قالىدۇ . بۇ ئىش قەلىپنىڭ پاكىزلىقى . تەپەككۇرنىڭ توختاۋسىز ئىلىپ بىرىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بۇ خۇددى ھەربى ئىشلاردا ھاۋاغا تارقالغان سېگىنالنىڭ چاستوتىسنى چاستوتا ئايرىش ئۈسكىنىسى ئارقلىقىق ھىلىقى سېگىنالنىڭ تەۋىرنىش چاستوتىسى دەرىجىسىنى تىپىپ چىقىپ دۈشمەن تەرەپ سېگىنالىنى تىپىپ چىققاندەك بىر ئىش . ھىچ بىر ئىش بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ . چوقۇم مەلۇم بىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ . دۇنيادا ئاساسىز ئىش ،ئاساسىسز پاراڭ كۆپ بىراق مۇشۇ ئاساسسزلار ئىچىدە مەلۇم بىر قانۇنىيەتكە بىقىندىغان بىرەر ئىشنىڭ ئازىراقلا يىپ ئۇچنى تىپىۋالساق مۇشۇ يىپ ئۇچىنىڭ كۇكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇپ توختىماي ئېزدەنسەك تولۇق %100 بولمىسمۇ ھەر ھالدا %60~%70 گىچە نەتىجىسىنى بىلىپ يىتەلەيمىز . چۈنكى ئالەم ، روھ ، جان ، ماددا .... بەلىكى ئاقار ياكى تۇراقسىز نەرسىلەردۇر . ماتېماتىكا بولسا بۇلارنىڭ ساغلاملىق يەنى ئۆمۈر ئۇزارتىش دورىسدۇر . بۇ ھەقتە پەلسەپەلچىلەر . تەھلىلچىلەر ، ئالىملار ، خىيالپەرەسلەر ..... مول ۋە ئىجابىي پىكىرلەرنى قىلشىتا ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ . بۇ مەسىلە ئەڭ ياخشى بولغان ئىز قوغلاش دىلوسى نەتىجىسىنىڭ تىزراق چىقىشى كىشنى تەققەززا قىلىدۇ . بۇ تەققازالىق كىشنى بىر بولسا ھالاكەتكە بىر بولسا تېخىمۇ بۈيۈكلىككە كۆتۈردۇ . قىنى سىزنىڭ ھالاكەتكە يۈزلەنگۈڭىز بارمۇ ياكى بۈيۈكلىككە يۈزلەنگۈڭىز بارمۇ ؟ گەپ ئۆزىڭىزنىڭ روھىيتىڭىزنى قانداق چۈشىنىشىڭىزدە !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 12:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105123
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 12:31:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزدىل يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 02:51 PM
ئىنكاس يازساڭلار يېزىڭلار يازمىساڭلار ئەگىپ ئۆتۈپ كېت ...

قىشلىق چاپان كۈتۈرۈۋاتامسىز ؟

ئالى باشقۇرغۇچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 04:20:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tughci2 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 08:11 PM

قىسىق كۆزلەرنىڭ ناخشا ئۇسۇللىرى بىلەن تازا خوشۇم يوق. بۇلارنىڭ شۇ بىر ئاۋازىنى ئاڭلىمىسا بەسەيلەردىن پەقەت  پەرىقلەندۈرگىلى بولمىغان ئۆزبىكلەرنىڭكىدىن بولسا شۇنىڭدىن يوللاپ قويۇڭلا بۇرادەر

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xatuti + 10 كۆزنى يۇمۇۋېلىپ ئاڭلى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7951
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 05:50:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مۇنازىرە قىزىپ كېتىپتۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1043
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 07:59:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
duran18 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 04:20 PM
قىسىق كۆزلەرنىڭ ناخشا ئۇسۇللىرى بىلەن تازا خوشۇم يوق. ...

قىسىق كۆز دەپ كىمنى دەۋاتىسىز؟ ئەگەر پەرقىنى ھېس قىلالمىغان بولسىڭىز سىزگە گېپىم يوق.
مەن ئۆزبىكلەرنىڭكىنى ئاڭلاپ كەتمەيمەن. لازىم بولسا ئۆزىڭىز ئىزدىۋېلىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101848
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەپ  شۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101848
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىدا جىدەل قىززىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 11:10:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
namsiz12 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 01:25 AM
ئىنسانلارنى روھ ، تەن ، جان قاتارلىق ئۈچ ئامىلدىن تە ...

بۇ مىنىڭ قارشىم، تۇغرا خاتاسىنى ئاللاھ بىلىدۇ،
بۇ ھەقتە جىق گەپ قىلىشنىمۇ خالىمايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ يەككە يىگايە ئىكەنلىگى، پۇتۇن كائىناتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىگى، چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىگى، پۇتۇن رەھمەتلەرنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكى، مەخلۇقاتلىرىغا مىھرىبان، ئادىل ئىكەنلىگى، ئالەملەرنىڭ رەببى ئىكەنلىگىگە ئىمان ئىيىتقان بەندىمەن، شىرىكتىن خالى ھالدا ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئىيىتىدىغان بەندىمەن،
سىز ھەم مىنىڭ رەببىمىزنى تۇنۇشىمىز ئۇخشىمايدۇ، سىز بۇنى باغداشتا دەپ بۇلغان، ھەم سىز بىلەن بۇ تۇغرىسىدا مۇنازرىمۇ قىلىشمايمەن،!!
ئەمما يانفۇن ئارقىلىق مۇنبەرگە رەسىم يۇللاشنى ئۇگىتىپ قۇيۇشنى خالىسىڭىز ياق دىمەيمەن، چۇىكى مەن مۇنبەرگە رەسىم يۇللاشنى ئۇقمايمەن، يانفۇن بىتى ئارقىلىق ھە!!!

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108475
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 659
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 12:43:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 12:06 PM
مىنىڭ شەخسى قارشىم .

  روھ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتمۇ دىگەن دىگە ...

  دۇنيادا مەڭگۈلۈك ئېنىرگىيە ۋە ھاياتى  مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالدىغان نەرسە يوق
يۇقۇرقى سۆزلىرىچە بولغاندا كىشى مەيلى جەننەتكە كىرسۇن ياكى دوزاققا كىرسۇن مەلۈم مۇددەتتىن كىيىن يوقىلىپ كىتىدۇ توغرىمۇ؟ جەننەت ياكى دوزاقتا مەڭگۈلۈك قالىدىغانلار يوق شۇنداقمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش