1miskal يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 12:53 PM
ناماز ئوقۇپ بوپ دىمىدە قىلىنغان سۇنىڭ خاسىيتى تۇغرىسى ...
راس دەيسىز، ماڭىمۇ مۇشۇ رەسىم تەسىر قىلغان ئىدى، چۈنكى مىنىڭمۇ ئاغىزى ئوچۇق تۇرغان قاچىدىكى سۇغا سۈفلەپ تۇرۇپ قىلغان دىمىدىنى زادىلا ئىچكۈم كەلمەيدۇ، شۇنداق كۆڭلۈم ئىلىشىدۇ، بۇنىڭغا زادىلا ئامالىم يوق، رەسۇلىمىز سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ ئۈممىتىنى سۇغا تىنىپ ئىچىشتىن توسقان، تىنىپ ئىچسەك بولمىغان يەردە، سۇغا بىۋاستە ئاغىزىمىزدىن چىققان كاربۇن چالا ئوكسىدنى سۈفلىسەك، ئۇ سۇ ھەقىقەتەنمۇ پاكىز بولماي قالىدۇ، ناماز ئوقۇپ چىققان ئادەمنىڭ ئاغىزىدا مىكرۇپ بولمايدىغان ئىش يوق، بۇ خۇددى سۇ يەتتە دومىلىسا ھالال دىگەن گەپكىلا ئوخشاپ قالدى...
شۇڭا دىمىدە قىلىپ ئىچكەندە، مىنىڭچە سوۋۇتۇلغان قايناقسۇنى ياكى زەم زەمنى پاكىز، قۇرۇق قاچىغا ئىلىپ، ئاغىزىنى ئەتكەندىن كىيىن سۈفلەش كېرەك.... بىۋاستە سوغۇق سۇنى دىمىدە قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى قاينىتىلمىغان سۇ ئىچىدە نۇرغۇن مىكرۇپ بولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولمايدۇ، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بىر قەدەر بىخەتەر، بىراق بۇنىمۇ ھەپتە ئون كۈنلەپ، ئايلاپ ساقلاپ ئىچىشكە يەنە بولمايدۇ، دىمىدە قىلغاندا ئاز قىلىپ، يېڭىلاپ ئىچىش كېرەك....
دىمىدىنڭ خاسىيىتى ھەققىدە سېستىمىلىق بىلىدىغانلارنىڭ يوللاپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!