uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 08:58 AM
تەپەككۇر ھەقىقەتەن ئىسىل . قاراشلىرىڭىز ھەقىقەتەن ...
ئىنكاسلىرىڭىز بەكلا قىزىقارلىق، كۈلمەي تۇرالمىدىم، تەپپەككۈرىڭىزمۇ ئۆزگىچە، بىرەر مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، قىلنى قىرىق يېرىپ، ئۇنى يەنە قىرىق مىڭ يېرىپ مۇلاھىزە قىلىسىز ئەمەسمۇ....دىگەنلىرىڭىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس.....
يۇقارقىلارمۇ شۇ مىنىڭ ئويلىغىنىم، سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بىر تەمسىل يەنى «ھالۋىدىن قىل ئىلغاپ، ھۆپۈپنى يۇڭدىماي يەپتۇ» دىگەنگە چۈشۈپ قالدىمۇ- نىمە؟
ئىش قىلىپ مىنىڭ باشقىلار يەپ قويغان تاماق، ئاغىزى تېگىپ قالغان يىمىش، ئىچىپ قويغان سۇ ...دىگەنلەرنى زادىلا كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ، شۇنداق كۆڭلۈم ئېلىشىدۇكىن، ھەتتا بىرەرسى بىرەر تال ئالما نەشپۇت ئاقلاپ بەرسىمۇ، قولى تىگىپ قالدى دەپ يىگۈم كەلمەيدۇ، ئەگەر يىيشىكە مەجبۇر بولۇپ قالسام، يەپ بولغۇچە كۆڭلۈم ئاينىپ، ئاغىرىپ قالغىلى تاس قالىمەن...شۇڭا ئاغىزى ئوچۇق قاچىغا سۈفلەپ قويغان دىمىدىنىمۇ زادىلا ئىچكۇم كەلمەيدۇ، ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسام، ئاغىزىمغا يېقىن ئەكىلىپ بولغۇچە بېشىپ قىيىپ تەييار بولۇپ قالىمەن، شەك دىگەن ھەجەپ يامان نىمىكەن دىسە........ بىراق ئۆزگەرتىمەن دەپلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن بەزى ئاڭسىز ئىش- ھەركەتلەرنى...
دىمىدە توغۇرلۇق بىرەر ھەدىس ئۇچىراتمىدىممۇ ياكى كۆرگەن بولساممۇ ئۇنتۇپ قالدىممۇ ئىشقىلىپ يادىمغا ئالالمىدىم.....بىلىدىغانلىرىمىز بەكلا چەكلىك، يەنىلا ئۈگۈنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ...
بىر قاچىدا تاماق يىيىش مەسلىسىگە كەلسەك، پەيغەمبىرىمىز (سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ساھابىلىرى بىلەن بىر قاچىدا تاماق يەيتتى، بىر قاچىدىن سۇ ئىچەتتى دەپ ھەدىس بار، شىرىن بۇلاقتا تەسۋىرلىنىشىچە، رەسۇللاھ تەبۇك غازىتىغا ئاتلانغاندا، قوشۇن ئېغىر سۇسىزلىنىپ، ھالسىزلانغاندا، رەسۇللاھ ئازىراق سۇ بار بىر قاچىغا قولىنى سالغان، قولىنىڭ ئارىسىدىن سۇلار ئېتىلىپ چىققان، بۇ بىر قاچا سۇدىن پۈتۈن قوشۇن سۇ ئىچىپ قانغان، ھەتتا تاھارەت ئىلىشىغىمۇ يەتكەن....دىيىلىدۇ....دىمەك، بىر قاچىدىن تاماق يىيىش، سۇ ئىچىش ئادەمنىڭ كۆڭلى تارتقان ئەھۋال ئاستىدا، شەك چۈشۈرۈش ھاجەتىسز دەپ قارىساق بولغۇدەك.
سىز دىگەندەك دىمىدە قىلىنغان سۇ، بىر قاچىدا يىيىلگەن تاماق، سۇ قاتارلىقلارغا ئىنسانلارنىڭ ئاز مىقداردىكى مىكرۇپ ۋە كاربۇن چالا ئوكىسدلىرى ئارلاشقان ئەھۋالدا، جانابى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قوغدىنىشى ئۈچۈن ياراتقان ئىممۇنىت سېستىمىسىدىكى مۇداپىئەچى قوشۇن، قان پىلازمىللىرىدىكى ھۇجۇمچى قوشۇن ۋە ئاشقازان كېسلاتاسىدىكى قىرغۇچى قوشۇنلارنىڭ كۈچلۈك زەربىىسى ئارقىسدا، دۈشمەن تەلتۆكۈس تارمار قىلىنىپ، بىخەتەر ھاياتلىق زەنجىرى شەكىللىنىپ، ئىنسانلار يەنىلا نۇرمال تۇرمۇش قاينىمىدا داۋام ئەتسە كېرەك....