مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: TashpolatRozi

تاشپولات: ئانا دىيار تەسىراتلىرى(1-2)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 12:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدە ھەقىقىي ئوقۇغاننىڭ كۈچلۈك پۇرقى باركەن مۇئەللىم . سىزنىڭ پۇختىلىڭىز ۋە ۋاقىت قارشىڭىزدىنلا ھەممىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ  .  ئەپسۇس قەشقەرگە كەلگەنلىكىزدىن خەۋەر تاپقان بولساممۇ ، سىز بىلەن كۆرشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولاممىدىم .  تولىمۇ ئەپسۇس .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44627
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15788 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 12:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 12:01 PM
سىزدە ھەقىقىي ئوقۇغاننىڭ كۈچلۈك پۇرقى باركەن مۇئەللىم ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

قەشقەرگە كەپتىكەنما ؟

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 12:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 12:10 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

قەشقەرگە كەپتىكەنما ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام  مۇز ئەپەنىدم . قەشقەرگە رامىزان  كەلگەن ئىدى .  مۇنبەر ئەزاسى قۇتتىكىن ئۇچۇر دوسلار چەمرىكىگە چىقىرىپ قويغان ئىدىلەر ، ئۆزلىرى خەۋەرسىز قەيەردە سەرگەندا بوپ يۈردىلەر ، مارالبىشىدا ئوتۇن  تىرىپ جاھان ئەيلىدىلەرمۇ ؟

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100234
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 12:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قىنى ،يىزىپ بولوپ يۇتتۇروپ قويۇپ  ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدا ئەسىرىڭىزنى ئىزدەپ يۇرمىگەنسىز.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohuwaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 02:27 PM  


ئۆچكە جاڭگال  چۇشەيدۇ ،توخۇ داڭگال..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 03:04:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت داۋامنى كۈتىمىز! ئىنگىلىز تىلنى ئۆگنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۇرلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن يېقىندىن بىرى، بىزمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنەيلى،
ئەتىگەن شىنجىن تېلىۋزىيسدە شىنجىن شەھىرى 2014-يىللىق ‹زامانىۋى،خەلقئارالىق شىنجىن شەھىرى›قۇرۇش توغرسىدا ھەرقايسى كەسپى ئىدارە خىزمەتچلىرى  ئېنگلىز تىلىدا نۇتۇق مۇسابېقسى ئۆتكۈزۈلگەنلىك فىلىمنى كۆردۇم.نۇتۇقلارنىڭ سەۋىيسى بەك يۇقىرى بولۇپ شىنجىننى چۈشنىشكە پايدىلىق ئىكەن.بىزدىمۇ ‹مەدەنىيەت بوستانى› پراگراممىسدا نۇرئەلى قاتارلىق 3نەپەر بىرىنچلىككە ئېرشكەن ئۇيغۇر بالىلارنى زىيارەت قىلپتۇ.دېمەك تىل بىلگەندە ئاندىن چەتئەلگە چىققىلى بولىدۇ،باشقا شارائىتلارمۇ بار ئەلۋەتتە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 01:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 12:10:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا دىيار تەسىراتلىرى (2)


تاشپولات روزى


ۋەتەن دېگەن بۇ سۆز تىلغا ئېلىنسا، ئادەمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىدۇ. ئەشۇ سۆز ئېيتىلىۋاتقان بەدەندە ئۆزى ھېس قىلالمايدىغان بىر خىل بەھرىلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ. ۋەتەن ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ۋەتەن ھاياتلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ مەڭگۈلۈك باھارى. شۇڭا بۇ قېتىملىق ۋەتەن سەپىرى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

k.jpg


مېنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەتەن سەپىرىمنىڭ تۇنجى بېكىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدۇر. دىيارىمىزنىڭ مەركىزىي شەھىرى ھېسابلىنىدىغان ئۈرۈمچى قوينى كەڭ شەھەر، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يەرشارى بويىچە ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھىرى. ئۈرۈمچىگە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كاتتا زىيالىلىرى، مەشھۇر شەخسلىرى، پىكىرى ئويغاق جۇشقۇن ياشلىرى جەملەنگەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئۈرۈمچى مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇرۇغان گۈزەل شەھەر، مېنىڭ شۇ تاپتا ئوغلۇم بىلەن بىللە كېتىۋاتقىنىم ئەنە شۇ گۈزەل ماكان ئۈرۈمچى. يەنە بەش سائەتتىن كېيىن ئوغلۇم ئىككىمىز ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىمىز. بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشتا ئولتۇرغىنىمىز جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بولۇپ، مەن ۋەتەننىڭ مەنزىرىسىدىن كۆپرەك ھۇزۇرلىنىۋېلىش مەقسىتىدە دېرىزە تەرەپتە ئولتۇردۇم. ئايروپىلان خادىمىنىڭ بىخەتەرلىك تەرتىپلىرىنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشى تۈگىگەندىن كېيىن، بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان كۆك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئەنە شۇ پەيتتە تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان بىر خىل خۇشاللىق پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە كەلتۈردى، چۈنكى مېنىڭ بارىدىغىنىم ئۇزاق يىلدىن بۇيان زارىقىپ كۈتكەن ئانا يۇرتۇم، كۆرۈشمەكچى بولغىنىم مېنى ئىچ – ئىچىدىن سېغىنغان ئەزىز قېرىنداشلىرىم ئىدى.

gg.jpg


مەن ئىلگىرى ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن دوستلىرىمدىن ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى تونۇشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلىغانىدىم. ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىنىڭ 14 يىلنىڭ ئالدىدىكى مەنزىرىسىدە كۆڭۈل ئېكرانىمدا بىر - بىرلەپ زاھىر قىلدىم. شۇ چاغدا مەن كۆڭلۈمدە: «ئۈرۈمچى مەيلى قانچىلىك ئۆزگىرىپ كەتسۇن، مەن ھامان يوللارنى پەرقلەندۈرەلەيمەن، بۇرۇنقى ئۈچتاش، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شامالباغ، دۆڭكۆۋرۈك، مال بازىرى، بۇلاقبېشى، ئاققۇۋۇق، بەيگە مەيدانى قاتارلىقلار بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈملۈك جايلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇ جايلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ باققان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېسىدىن ئۇزاققىچە چىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن ئۈرۈمچىدە 10 يىل تۇرغان» دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئارقىدىنلا تۆت يىل بۇرۇن ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن ئوغلۇمدىن: «قېنى دەپباققىنا، ئۈرۈمچى سېنىڭچە ئامېرىكىدىكى قايسى شەھەرگە ئوخشايدۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ تۇرۇپ كېتىپ: «ئۈرۈمچى يوللىرىدا ئادەملەر بەك كۆپ، ئېگىز بىنالار قاتمۇ - قات سېلىنغان، ئاپتوموبىللار قىستا - قىستاڭ مېڭىشىدىغان كالفورنىيە شىتاتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئەمما كوچىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكى ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق دىسنىي باغچىسى بىلەن ئوخشايدۇ» دېدى. مەن ئوغلۇم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، بىر ئايروخانقىز بىزگە تاماق ئەكەلدى، بۇ ئايروخانقىز ئۇيغۇر ئىدى. مەن ئۇ قىزدىن «بۇ تاماقلار ھالالمۇ؟ بىز يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورۇدۇم. ئۇ ماڭا: «بولىدۇ ئاكا، بۇ تاماق قاچىسىدىمۇ ‹ھالال› دەپمۇ يېزىقلىق، خاتىرجەم يەڭ» دەپ چۈشەندۈردى. بىز ئامېرىكىدىن گۇاڭجۇغا كەلگۈچە ئايروپىلاندا كۆپ تاماق يېمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن قورسىقىمىز تازا ئېچىپتىكەن، بۇ تاماقنى بالام ئىككىمىز بىردەمدىلا يەپ بولدۇق. بىز بۇ قېتىم لوس ئانجېلېس شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېلىش بېلىتىنى 2200 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئالدۇق. بۇ قېتىم بىزنىڭ بېلەتنى بۇنداق قىممەت ئېلىپ قېلىشىمىزدىكى سەۋەب، خەلقئاراغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى ئادەتتە 6-،7- ۋە 8- ئايلاردا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، بۇ ئۈچ ئايدىن باشقا چاغلاردا ئامېرىكىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا 1000 ئامېرىكا دوللىرىمۇ كەتمەيدۇ.

f.jpg


مەن ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، يەنىلا شۇ ئۈرۈمچى ھەققىدە تەگسىز خىياللارغا چۆكتۈم. مەن ئۈرۈمچىگە 1979-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنىدىم. شۇ يىلى ماتېماتىكا فاكۇلتىتىغا ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغانىدى. مەن شۇ چاغدا 79- يىللىق 2 - سىنىپقا تەقسىم قىلىندىم. بىزنىڭ سىنىپتا 31 ئوقۇغۇچى بولۇپ، 9 نەپىرى قىز ئىدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن بۇ 31 ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا نەتىجىلىرى ئۆز رايونىدا خېلى يۇقىرى ھېسابلىنىدىغانلاردىن ئىدى. مېنىڭ ماتېماتىكا نەتىجەم شۇ يىلى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بىز ئالىي مەكتەپتە ئالدى بىلەن بىر يىل خەنزۇچە ئۆگەندۇق. شۇ ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قېتىرقىنىپ ئۆگىنەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش روھى بەك يۇقىرى بولۇپ، دەرسكە كېچىكىش، دەرس ۋاقتىدا مۈگدەپ قېلىش، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك دېگەندەك ناچار قىلمىشلار ئارىمىزدا ئاساسەن يۈز بەرمەيتتى. بىز خەنزۇچىنى بەس - بەستە ئۆگەندۇق. بىزگە ئىككى خەنزۇ ئوقۇتقۇچى خەنزۇ تىلى دەرسى بېرەتتى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇرچىنى بەك ياخشى سۆزلەيتتى. ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ بىرى ئەر، يەنە بىرى ئايال بولۇپ، ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى جاڭ مۇئەللىم ئىدى. جاڭ مۇئەللىم قىزىقچى بولۇپلا قالماستىن، مەكتىپىمىز پۇتبول كوماندىسىنىڭ خالىسانە رېپىرى ئىدى. بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىشىمىزگە بەك ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىدى. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا خەنزۇچە دەرسكە ئانچە قىزىقمايتتىم. بۇنداق بولىشى خەنزۇچە سۆزلەش ماڭا بەك تەس تۇيۇلاتتى. كېچىكىمدە مېنى ئۆيدىكىلەر خەنزۇ مەكتەپكە بېرىپتىكەن، بىراق مەن «خەنزۇچە ئۆگەنمەيمەن» دەپ يىغلاپ يۈرۈپ، خەنزۇچە مەكتەپتىن ئۇيغۇر مەكتەپكە يۆتكىلىۋالغان ئىكەنمەن. مانا ئەمدى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر تىلنى ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، بۇ تىلنى بىر يىل ئىچىدە ياخشى ئۆگىنىۋېتىشكە ئىردە باغلىدىم. شۇ چاغدا بىز سەككىزىمىز بىر ياتاقتا ياتاتتۇق. ھەر كۈنى ئەتىگىنى سائەت 6 لەردە ئورنىمىزدىن تۇراتتۇق. ئورنىمىزدىن تۇرۇپ يۈز - كۆزىمىزنى يۇيۇپ بولۇپ، مەيدانغا چىقىپ چېنىقاتتۇق. چېنىقىپ بولۇپ خەنزۇچە ياتلايتۇق. ئۇ چاغدا دەرسلەر چۈشكىچىلا ئۆتىلەتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەرگىچە ئۆزىمىز ئۆگىنىش قىلاتتۇق. شۇ جەرياندا، يېقىن ئەتراپتىكى باغچىلارغا بېرىپ خەنزۇچە تېكىستلەرنى يادىلايتتۇق. مېنىڭ كۆپىرەك بارىدىغان باغچام شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن بولغان ھايۋانات باغچىسى ئىدى. كەچلىكى سىنىپتا تاپشۇرۇق ئىشلەپ دەرس تەكرارلايتتۇق. خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنىنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش بىلەنلا مەشغۇل بولاتتۇق. بىزنىڭ ئوقۇش خىراجىتىمىزنى ھەم تاماق پۇلىمىزنى مەكتەپ كۆتۈرەتتى. ھەپتە ئاخىرلىرىدا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى دوستلۇق كىنوخانىسىغا ساۋاقداشلار بىلەن توپ - توپ بولۇپ كىنو كۆرگىلى باراتتۇق. ئىشقىلىپ بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىز خېلى يامان ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ ساۋاقداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئاجايىپ ياخشى بولۇپ، كۈلكە – چاقچاق بىلەنلا ئۆتەتتۇق. بەزىدە ھەپتە ئاخىرلىرىدا ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىشىپ ياتاقلاردا ئولتۇرۇشمۇ قىلاتتۇق. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېىغا  يېڭى كەلگەندە، مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تاماقلىرى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك فاگو (قوناق ئۇنىنى پارلاندۇرۇپ پىشۇرغان موما) يەيتۇق. بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىز ياخشى بولغاچقا بۇ قوناق مومىسىمۇ بىزگە ناچار تاماق ھېسابلانمايتتى. مەن بىر يىل ئىچىدە قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق خەنزۇچىنى يامان ئەمەس ئۆگىنىۋالدىم. بىر يىللىق خەنزۇچە نەتىجەم 90 دىن يۇقىرى بولۇپ چىقتى. ئىنسان قېتىرقىنىپلا ئۆگىنىدىغان بولسا، ھەرقانداق بىلىمنى ئۆگىنەلەيدىكەن دېگەن ئاڭنى مانا شۇ خەنزۇچە ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدا چۈشىنىپ يەتكەنىدىم.

c.jpg

ئوتتۇرىدىكى مەن


بىز خەنزۇچىنى بىر يىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، يەنى 1980 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ كەسپى دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشتۇق. مەن ماتېماتىكا بىلەن فىزىكىنى ئوتتۇرا مەكتەپتە خېلى ياخشى ئۆگەنگەن ئىدىم. ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن غۇلجا شەھىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتېماتىكا ۋە فىزىكا مۇسابىقلىرىغا توققۇزتارا ناھىيىسىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىپ يامان ئەمەس نەتىجىلەرنى ئالغان ئىدىم. شۇڭلاشقىمۇ ئالىي مەكتەپتىمۇ ماتېماتىكا كەسپىدە چوقۇم ياخشى ئوقۇپ كېتىمەن دېگەن غەيرەتتە ئىدىم. كەسىپنىڭ بىرىنچى يىلى بىزگە باشلانغۇچ فۇنكسىيە، باشلانغۇچ ئالگېبرا، باشلانغۇچ گېئومېتىرىيە، ماتېماتىكا ئانالىزى، ئالىي ئالگېبرا، ئانالىتىك گېئومېتىرىيىلەرنى ئۆتتى. مەن مۇشۇ يازمىنى يېزىۋېتىپ، بۇ دەرسلەردىن ئالغان نەتىجىلىرىمنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئەكەلدۈرگەن نەتىجىلىرىمنىڭ گرافىكىدىن كۆرۈپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىلا 100 نومۇر ئاپتىم. بىزگە دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سەرخىل ئىدى. ئۇلار دەرس دېگەننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆتەتتى. ئوقۇتقۇچىلىرىم ئۆزى بىلگەن دائىرىنى تىتىۋىتەتتى دېسەم ئوشۇق كەتمەيدۇ. ئۇنداق چۈشىنىشلىك دەرس ئۆتسە مېنىڭچە چۈشىنەلمەي قالىدىغان ئوقۇغۇچىلار بەك ئاز ئۇچرايتتى. ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئەمىلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرگەچكە، دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن مەزمۇن ئاساسەن كاللىمىزدا قالاتتى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرسنى قىزىقارلىق ھەم چاقچاق ئارىلاش ئۆتكەچكە دەرسكە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسەن كۆرەلمەيتتۇق. بىر قېتىملىق دەرستە قەشقەرلىك ساۋاقدىشىم بىزنىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى، مەرھۇم رىشات ھەسەندىن: «مۇئەللىم بىز بۇلۇڭنىڭ گرادۇسى، ھاراقنىڭ گرادۇسى دەيدىكەنمىز، بۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. رىشاتكام تۇرۇپ كېتىپ: «ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئەلۋەتتە مۇناسىۋەت بار، ئەگەر سەن 60 گرادۇسلۇق ئىلى ھارىقىنى ئىچىۋالساڭ 60 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ياساپ ماڭىسەن» دەپ جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ۋاراققىدە كۈلدۈرۈۋەتتى. بۇنداق كۈلكە قايناپ تۇرغان، قىزغىنلىق پارلاپ تۇرغان كەيپىياتتا، كىممۇ ئۇخلاپ قالىدۇ دەيسىز؟ قارىغاندا مەلۇم بىر پېروفىسسورنىڭ: «سىنىپتا ھەر 20 مىنۇتتا ئوقۇغۇچىلارنى بىر قېتىم كۈلدۈرەلمىگەن ياكى ھاياجانغا سالالمىغان ئوقۇتقۇچى لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى ئەمەس» دېگەن سۆزى راست ئوخشايدۇ. مەرھۇم رىشاتكام، بىر سائەتلىك دەرسنى بىر ئۇزۇن بور ۋە قولىدىكى كىچىككىنە پىر پارچە قەغەز بىلەن ئۆتۈپ تۈگىتەتتى. مېنىڭ يەنە بىر ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىم بولسا ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇراھمان ۋەكىلى ئىدى. ئۇ ھەقىقىي سانلار نەزەرىيەسىنى بېرەتتى. بۇ دەرس بىر ئاز تەس دەپ قارىلاتتى. ئۇ تېئورېمىلارنى ئىسپاتلىغاندا، ئىسپات جەريانىنى ئېغىزىدا دېگەچ بىر تەرەپتىن ئۇنى دوسكىغا خەنزۇچە يېزىپ چىقاتتى. ئابدۇراھمانكامنىڭ خەنزۇچە خەتنى يېزىش ماھارىتىگە بىز ھەيران قالاتتۇق، چۈنكى ئۇ خەنزۇچە خەتنى ناھايىتى تېز ھالدا يۆگەپ يازاتتى. مېنىڭ «ئاغزامباي» ئىسىملىك بىر قازاق ئوقۇتقۇچىم بولۇپ، ئۇ يېقىنقى زامان ئالگېبراسىدىن دەرس بېرەتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچىمنىڭ دەرس ئۆتۈش مىتوتى ئاجايىپ سەرخىل بولۇپ، شۇ چاغدىكى دەرس ئۆتۈش مىتوتىدا داڭ چىقارغان ماتېماتىكا ئالىمى مەمەت ئابدۇللا ئاغزانبايغا باھا بېرىپ: «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسلەرنى ئاغزانبايدەك ئۆتۈشى كېرەك» دېگەنىدى. ئاغزامباي مۇئەللىم دوسكىنى بەكمۇ چىرايلىق تۇتاتتى. ئۇ خەتلەرنى دوسكىغا يوغان قىلىپ باسمىخانىدا ئۇرۇپ چىقارغان ھەرپلەردەك يازاتتى. دەرس ئۆتۈش جەريانىدا بىرمۇ ئارتۇق گەپ ئارىلىشىپ قالمايتتى. دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا قۇيۇۋېتەتتى. بىر قېتىم بىر ساۋاقدىشىم ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاۋېتىپ چۈشەنمەي قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاغزانباي مۇئەللىم «ھەي، مەن سۇ، سەن بوتۇلكا ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن دەرسنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئاڭلا» دەپ چۈشەنمىگەن يېرىنى چۈشەندۈرۈپ قويغانىدى. بىزنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مەسئۇلىيەتچان ۋە تەلەپچان ئىدى. ئۇلار كەچتىكى دەرس تەكرار ۋاقتىدا، سىنىپلارغا كېلىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەتتى. ئىشقىلىپ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا بىر خىل مېھرى - مۇھاببەت بار ئىدى. مەن ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە كۆپ دەرسلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق مېنىڭ مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمدەك دەرسنى ياخشى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى بەك ئاز ئۇچراتتىم. مېنىڭ ھازىرقى دەرس ئۆتۈش مىتوتۇم ئەنە ئاشۇ سۆيۈملۈك ئۇستازلاردىن كەلگەن ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ دەرس ئۆتۈش مىتوتى مەن ئۈچۈن ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك دەپ قارايمەن. ئۇ مىتوتلار مېنىڭ ئامېرىكادەك مائارىپى گۈللەنگەن دۆلەتتە تىك تۇرۇشۇمغا ئەڭ كۈچلۈك ئوزۇق بولدى. مەن پۈتۈن ئۆمۈرىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاشۇ مەرھۇم ئۇستازلىرىمنى مەڭگۈ ياد ئېتىمەن، ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

e.jpg

79-2 سىنىپتىكى قىزلار


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر تەييارلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كەسپكە چىقتۇق. كەسىپ باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، مېنىڭ ماتېماتىكىدىكى ئالاھىدىلىكىم گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ساۋاقداشلار مېنى سىنىپىمىزنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇ چاغلاردا بۇنداق بېرەر ۋەزىپىنى بەك چوڭ بىلەتتۇق. باشقىلارغا ئۆگىنىش تەرەپتىن ياردەم قىلىشنى مەن كىچىكىمدىن باشلاپ بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. مەن سىنىپتا دەرسنى چۈشىنەلمەي قالغان ساۋاقداشلارغا ياردەم قىلىپ تۇراتتىم. مەن دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايتتىم. بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ لېكسىيەسى بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرگە سوئالىڭىز بولسا دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىدىن سوئال سوراپ چۈشىنىۋالالايسىز. شۇڭا ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا دەرسىدە ئىمكان بار دەرس قالدۇرماسلىقى كېرەك. بىر قېتىم دەرس قالدۇرسىڭىز بەك كۆپ مەزمۇنلاردىن قۇرۇق قالىسىز. ماتېماتىكىدا دەرس قالدۇرماسلىق بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەن ھازىرمۇ دەرسنىڭ بىرىنچى كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەندە ئۇلارغا ئەگەر مۇشۇ بىر مەۋسۇملۇق دەرسىمدە بىر كۈنمۇ دەرس قالدۇرمىسىڭىز سىزنىڭ مېنىڭ دەرسىمدىن ئۆتۈشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىمەن دەيمەن، چۈنكى ئوقۇغۇچى دەرستە بولدى دېگەنلىك ئاشۇ دەرسنى ئاڭلىدى دېگەنلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن دەرس ئوتكەن ۋاقتىمدا ئوقۇغۇچىلارغا مەشىق ئىشلىتىمەن، مەشىق ئىشلىدى دېگەن گەپ ئوقۇغۇچى دەرس مەزمۇننى ئۆزلەشتۈردى دېگەن گەپ. مەن ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇش جەريانىدا بىر سائەتمۇ دەرسكە كېچىكمىگەن ۋە دەرس قالدۇرمىغان ئىدىم. ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە دەرستىن كېيىن ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى تەكرارلاش ۋە بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئىشلەش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەن ئۆتۈلگەن دەرس كىتابىنى ئوقۇغىنىمدا ھەر-بىر ئېنىقلىما، تېئورېما قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلاتتىم. كىتابتا يېزىلغان ھەر بىر جۈملىنى ئانالىز قىلىپ ئوقۇش كېرەك. ماتېماتىكىنىڭ لوگىكىلىقى بەكمۇ يۇقىرى بولغاچقا ئۆتۈلگەن مەزمۇننىڭ لوگىكىلىق چۈشەندۈرۈشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بىرەر جۈملىنى چۈشەنمەي ئۆتكۈزۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر چۈشەنمىسىڭىز ئاشۇ بەتتە ئېلىنغان مىسالنى ئوقۇڭ. جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى پەقەتلا چۈشەنمىسىڭىز ئۇ يەرگە بەلگە قويۇپ، ئوقۇتقۇچىڭىزدىن سوراڭ ياكى شۇ جۈملىنى ۋاقىتلىق ئۆتكۈزۈۋېتىپ داۋامىنى ئوقۇپ چۈشىنىڭ. سىز بىر پاراگىرافنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىلەلمىگەن چۈشەنچىلەر بولسا ئۇنى قايتا ئوقۇپ چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. مەن ماتېماتىكىدىكى بەك مۇرەككەپ چۈشەنچىلەرنى چۈشىنەلمىگەندە كىتابنى قايتا - قايتا ئوقۇيتتىم. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا ئوخشاش مەزمۇندىكى قوشۇمچە كىتابلارنى كۆپ كۆرمەيتتىم. مېنىڭچە دەرس كىتاب ئەڭ مۇھىم. ئەگەر سىز دەرسلىكتىكى ھەربىر مەزمۇننى ياخشى چۈشىنىپ كەتسىڭىز باشقا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى ۋە مىساللارنى ياخشى چۈشىنىپ كەتسىڭىزلا تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىشىڭىز تەسكە چۈشمەيدۇ. بەزى بالىلار ئۆتۈلگەن مەزمۇننى چۈشەنمىسە بېرىلگەن دەرسلىككە ئانچە ئېتىبار بەرمەي، قوشۇمچە شۇ مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئەكېلىپ چۈشىنىشكە ئىنتىلىدۇ. مەن بۇنداق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىمايمەن. ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەردىكى ھەر بىر ئوقۇمنى تېخىمۇ ياخشى بىلىش ئۈچۈن كۆپ مەشىق قىلىش كېرەك يەنى دەرسلىكتىكى بارلىق تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ چىقىش كېرەك. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا قوشۇمچە مەشىق كىتابلىرىنى كۆپ ئېلىپ ئۇلارنى ئىشلەپ باقاتتىم. مەن دەرسلىكتىكى ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ، ئىشلەش بىرئاز قىيىن دەپ بەلگە قويغان مەشىقلەرنىمۇ قالدۇرماي ئىشلەيتتىم. مەشىقنى كۆپ ئىشلىسىڭىز ئۇ سىزنىڭ ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى چۈشىنىشىڭىزگە كۆپ ياردەم قىلىدۇ. كىتابتا مەشىقلەرنىڭ بولۇشى ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. سىز مەشىقنى كۆپ ئىشلىسىڭىز سىزنىڭ ئەقلىڭىز ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇنىڭ ياخشى تەرەپكە يەنى ئەقلىڭىزنىڭ مۇكەممەللىشىگە كۆپ ياردەم بولىدۇ. بۇنداق مەشىقنى كۆپ ئىشلەش جەريانىدا سىزدە مەسىلىلەرنى تېز يېشىش تېخنىكىسى تەبىئىيلا يېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرەر مەسىلە بېرىلسە «ھە بۇ مەسىلىنى ماۋۇ يول بىلەن ئىشلىسەم بولىدىكەن» دېگەن بىر ئۇسۇل مېڭىڭىزدە دەررۇ پەيدا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مەلۇم جەريان كېتىدۇ. ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە سەۋرچان بولۇشى كېرەك، ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ماتېماتىكىنى ئۆگىنىشتە ئۆز قولىڭىز بىلەن مەسىلىلەرنى ئىشلەپ چىقارسىڭىز بولىدۇ. ماتېماتىكا ئۆگىنىش باشقا كەسىپلەرنى ئۆگىنىش بىلەن پەقەت ئوخشىمايدۇ. سىز باشقىلار ئىشلىگەن ياكى سىنلاردا سۆزلەنگەن ماتېماتىكىلىق لېكسىيىلەرنى كۆپ كۆرسىڭىزمۇ ئۇنىڭ سىزگە ئانچە چوڭ پايدىسى بولمايدۇ. ماتېماتىكا ئۆگىنىش خۇددى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشايدۇ. سىز دۇنياغا داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى كوبە براياننىڭ ئوينىغان مۇسابىقىلىرىنى ھەر كۈنى قايتا - قايتا كۆرسىڭىزمۇ سىز كوبەدەك داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بولالمايسىز. كوبەدەك بولۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى قاتتىق مەشىق قىلىشىڭىز، ۋاسكېتبول ئويناشتىكى ئەڭ مۇھىم چۈشەنچىلەرنى بىلىشىڭىز كېرەك. ماتېماتىكنى ياخشى ئۆگىنىشتە يەنە بىر دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدىغان يېرى ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى بولۇپمۇ ئۆتۈلگەن فورمۇلالارنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىش. ماتېماتىكىلىق فورمۇلىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى قوللىنىشىنى بىلسىڭىز ئۇ سىزنىڭ ماتېماتىكىغا قىزىقىشىڭىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا ئۆتۈلگەن فورمۇلىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا بەك ئېتىبار بېرەتتىم. شۇڭا دەرستىن كېيىن ئاشۇ ئۆتۈلگەن فورمۇلىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىشىنى ئويلاپلا يۈرەتتىم. ھەر كۈنى دەرسكە كېلىشتىن بۇرۇن ئۆتۈلمەكچى بولغان مەزمۇنلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىش ماتېماتىكانى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ يەنە بىر ياخشى ئۇسۇلى. مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن ئۆتۈلمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى خېلى چوڭقۇر ئوقۇپ چىقاتتىم. بۇنداق قىلسىڭىز ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتۈۋاتقان مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىڭىزگە بەك كۆپ پايدىسى بولىدۇ. مەن بۇنداق ئۆتۈلمىگەن مەزمۇنلارنى ئالدىن تەكرارلاش ئىشىنى 4 يىل زېرىكمەي داۋاملاشتۇرغان ئىدىم. خاتىرە قالدۇرۇشنىڭمۇ ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە كۆپ ياردىمى تېگىدۇ. بىراق دەرستە خاتىرە قالدۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم دېگەن چۈشەنچىلەرنى خاتىرىلىۋېلىش كېرەك. بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرسنىڭ ھەممە ۋاقتىدا خاتىرە قالدۇرىدۇ.  مەن پۈتۈن دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى نېمە سۆزلىسە شۇ پېتى ھەممىنى خاتىرىلىۋېلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار خاتىرە يېزىش بىلەنلا بولۇپ كەتسە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمەيدۇ، پىكىر بايان قىلىپ سوئال سوراشقىمۇ پايدىسى بولمايدۇ دەپ قارايمەن. مەن دەرستىن كېيىن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا ئۆگىنىش قىلىشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇشقا قىزىقاتتى. شۇڭا كۇتۇپخانىلاردىن ئورۇن ئېلىش خېلى تەسكە توختايتتى. مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم  بىرلىكتە كۇتۇپخانىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلايتتۇق. كۇتۇپخانىدا كەم دېگەندە 3 سائەت ئۆگىنىش قىلاتتۇق. مەن كەچلىكى ئاساسەن  سىنىپتا ئۆگىنىش قىلاتتىم. بىز سىنىپتا ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار توغرىلىق ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىشاتتۇق. مانا مەن بىر يىلغا بارمايلا ماتېماتىكىغا پۈتۈن زېھنىم بىلەن قىزىقىپ كەتتىم. ئۆزۈمدە شۇنداق ئىشەنچ تۇغۇلدىكى، قېنى ماتېماتىكىدىن سوئالىڭ بولسا ئەكىلە، مەن بىر جاۋاب بېرىپ باقاي دېگەن يەرگە يەتتىم. مەن تۆت يىلدا تىرىشچانلىقىمنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمىدىم. بەزى دەرسلەرنى تەتىل ۋاقتىدا ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىۋەتتىم. بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە كۆپ بوش ۋاقىتلار قالدى. مۇشۇ ۋاقىتلاردا ماتېماتىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قىسىملىرىنى ئۆزلىكىمدىن ئۆگەندىم. مانا مۇشۇنداق قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق تۆتىلا يىلى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇشنى قولدىن بەرمىدىم. مەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن يىلى رىمان گېئومېتىرىيىسىنى تاللىغان ئىدىم. مۇشۇ دەرسنى قېتىرقىنىپ ئوقۇدۇم، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ كەسىپ ئۇ چاغلاردا ئەڭ قىيىن بولغان كەسىپ ئىدى. چۈنكى بۇ كەسىپنى ئۆگىنىش ئۈچۈن گېئومېتىرىيە بىلەن ماتېماتىكا نەزەرىيىسىنى ئىنتايىن پۇختا بىلىشى شەرت ئىدى. رىمان گېئومېتىرىيىسى ئېينىشتىيىن نەزەرىيىسى بىلەن ھازىرقى ئالەم نەزەرىيەسىنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. مەن بۇ دەرسنى ئىنتايىن ياخشى ئوقۇدۇم. بۇ دەرستىن ماقالە يېزىپ ئەلا نەتىجە ئالغان ئىدىم. مېنىڭ ھازىر ئالەم توغرىسىدا خەۋەر ياكى ماقالە يېزىشىم مانا ئاشۇ ئالىي مەكتەپتىكى قىزغىنلىقىم ۋە ياخشى كۆرۈشۈمدىن بولغان بولىشى مۇمكىن. ئالىي مەكتەپتە ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىلەر سىزگە ئۆمۈرۋايەت ياردەمدە بولىدىكەن. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە قانداق يۆنىلىشكە قىزىقىشنى ياخشى تاللىۋېلىش بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. مەن مانا مۇشۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق 1984 - يىلى 7 - ئايدا ماتېماتىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانىدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى ئوقۇدى. 79 – يىللىق 2 - سىنىپتىن تۆت بالا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، بىرىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى (مېنىڭ ئايالىم) سى بولغانىدۇق. باشقا ساۋاقداشلىرىم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ بۆلۈندى. ئۇلار ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنگە كەلگۈچە، مەن ئالىي مەكتەپتىكى ئۈچ ساۋاقدىشىمدىن بەختكە قارشى ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

d.jpg

79-2 سىنىپ بىلەن 79-4 سىنىپتىكى قىزلار


مانا يۇقىرىدىكى خىياللارنى قىلىۋېتىپ ئايروپىلاننىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئايروخانقىزنىڭ ئەسكەرتمىسدىن بىلەلىدىم. ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمنى بىلىپ، باشقىچىلا خۇشال بولۇپ كەتتىم، دېرىزىدىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئاجايىپ گۈل مەنزىرلىرىنى كۆرۈپ تۇردۇم. ۋەتەننىڭ مەنزىرىسى نەقەدەر گۈزەل ھە! تاغنىڭ بەزى يەرلىرى قار بىلەن قاپلانغان بولسا، يەنە بەزى يەرلىرى يېشىل قارىغايلىق بىلەن ئورالغانىدى. ئاھ ئانا دىيار، يەنە 40 مىنۇتتىن كېيىن سەن بىلەن يۈز كۆرۈشىمەن. مەن ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىسىنى ئاسماندىن كۆزىتىپ، كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. 14 يىلدا ئۈرۈمچىنىڭ بۇنداق بەك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى، ئاشۇ ئېگىز بىنالارنىڭ قانداق قوپۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالدىم. «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەن گەپنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم. بىز ئاخىر ئۈرۈمچى ئايرودۇرومىغا ساق-سالامەت چۈشتۇق. مەن ئەزىز تۇپراق ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىگە كېلىپ قالغاندەكلا ھېس قىلدىم. ئۈرۈمچى ئايرودۇرومى  خەلقئارالىق ئايروپورتلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئايروپىلان خادىملىرى بىزنىڭ ئالتە سومكىمىزنى سومكا ئېلىش ئېغىزىدىن ئاچىقتى. سومكىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ قۇلۇپى  كۆرۈنمەيتتى. بىز ئالتە سومكىنىڭ ھەممىسىگە كىچىك قۇلۇپ سالغانىدۇق. بىز بۇ ئالتە سومكىنى ئىككى سۆرەش ھارۋىسىغا بېسىپ ئايروپىلان بىخەتەرلىك ئورنىغا ئاپىرىپ بىر سومكىنىڭ قۇلۇپىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنى كىمنىڭ ئاچقانلىقىنى سورىدۇق. ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك خادىمى بىزنىڭ بۇ سومكىلارنى يەنە بىر تەرەپتىكى ئورۇنغا ئاپىرىشىمىزنى ئاشۇلار جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سومكىلارنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ، بولغان ئىشنى ئۇلارغا دېسەك، ئۇلار « بۇ سومكىنى بىز ئاچمىدۇق، سومكاڭلارنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدە نېمىلەرنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى بىزگە دېسەڭلار بىز سىلەرگە سۈرۈشتىسىنى قىلىپ بېرەيلى» دېدى. مەن قۇلۇپى يوق سومكىنىڭ ئىچىنى ئاچتىم. سومكا ئىچىدە ئېچىۋېتىلگەن قۇلۇپ بىلەن بىر پارچە ئىنگلىزچە خەت بار ئىكەن. ئۇ خەتتە، سومكىنى لوس ئانجېلېستىكى ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئاچقانلىقى، چۈنكى سېلىنغان قۇلۇپنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان قۇلۇپ ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا قانۇنى بويىچە قۇلۇپ ئېچىش زۆرۈر بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىزنىڭ خاپا بولماسلىقىمىزنى ئۆتۈنۈپتۇ. مەن بۇ خەتنى ئوقۇپ بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم، ئۈرۈمچى ئايرودۇرومىدىكى خادىملارغا بۇ ئەھۋالنى دېۋىدىم، ئۇلارمۇ خوش بولۇپ «ئەمدى خاتىرجەم سىرتقا چىقىڭلا» دەپ بىزنى ئۇزىتىپ قويدى.

b.jpg

سولدىن ئوغلۇمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى ئىسراپىل ئەبەي


بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۈرۈمچىدىكى ئايالىمنىڭ سىڭلىسى ۋە ئۇنىڭ يولدىشىدىن باشقا مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قەدىناس ئاغىنەم ئىسراپىل ئەبەي چىقاتتى. مېنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلىقىمنى ئۇققان دوستلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈن ئايرودۇرومغا چىقىپ كۆرۈشمەكچى بولغانلىق ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولساممۇ ئۇلارغا رەھمەت دەپ، ئۇلارنىڭ ئايرودۇرومغا چىقماسلىقىنى ئۆتۈنۈپ، ئۈرۈمچىدە چوقۇم ئۇچۇرىشالايدىغانلىقىمىزنى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇرغان ئىدىم. مەن بۇ يەردە مېنىڭ ئالدىمغا چىققان دورا تەتقىقات ئالىمى دوستۇم ئىسراپىل ئەبەي توغرىلىق قىسقىچە توختىلىمەن. دوستۇم ئىسراپىل ئەبەي توققۇزتارادىكى بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە مەن بىلەن بىللە ئوقۇغان، ئۇ بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى يولدىن ئۆتۈپ بارىدىغان «ئالماقاسقۇز» دېگەن يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تىرىشچان يىگىت ئىدى. بىزنىڭ ئۆي توققۇزتارا ناھىيىسىگە 3 كىلومېتىر، ئىسراپىلنىڭ ئۆيى 8 كىلومېتىر كېلەتتى. ئۇ مېنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن سىنىپتا ئوقۇيتتى. ئۇ سىنىپىدا ئەڭ ياخشى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ ئۇنى 9 – سىنىپتىنلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرغۇزغانىدى. ئۇ ئىمتىھاندىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ شىخەنزە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدى. كېيىن ئۇ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، توڭجى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا كەسپى بىلىم ئاشۇردى، شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا نىمىس تىل سىنىپىدا ئىككى يىل ئوقۇدى. 2001-، 2002-يىللىرى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك بويىچە ماگىستىرلىق كۇرىسىدىمۇ ئوقۇدى. كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، مۇدىر دورىگەر تەتقىقاتچىسى بولدى. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس شەرىپىگە نائىل بولدى.  ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ئورنى دۆلەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى فارمۇكولوگىيە ۋە توكسىكولوگىيە 3 - تەجرىبىخانىسى GLP مەركىزىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئۇ مەسئۇل بولۇپ پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق 7 ئورۇن ھاۋالە قىلغان 25 خىل تەتقىقات تۇرىنى تاماملىدى، يەنە زۇكام كاپسۇلى، شاھتەرە تاپلىتى قاتارلىق 21 خىل مەھسۇلاتنىڭ تەتقىقاتىغا باشلامچىلىق قىلدى ۋە قاتناشتى. ئۇ تەتقىق قىلغان ئالتە تۈر پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشتى، 15 تۈر ئىلتىماس قىلىندى. ئۇ تۈرلەر زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تېبابەت تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىدى. دۆلەت  جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جۇڭيى دورىگەرلىكى «3-دەرىجىلىكتەجرىبىخانىسى» دىن ئۈچنى قۇرۇپ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجرىبە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. غەربىي شىمالدا تۇنجى دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش مەركىزى (GLP)  نى قۇرۇپ چىقتى. «ئۇيغۇر تېبابەت ئاق كېسەللىكى 1-تۈردىكى مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى» تۈرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس كېسەل تۈر قۇرۇلۇشى، مەخسۇس كېسەل تۈر تەتقىقاتىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ئىسراپىل ئادەم تەشكىللەپ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى 20 خىل كېسەللىكنىڭ داۋالاش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ خەنزۇچە تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساس تىكلىدى. ئۇ باشلامچىلىق قىلىپ دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان 83 خىل ياسالمىنىڭ تېخنىكىلىق ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن ئىككى تۈر دۆلەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن پەن - تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش بويىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە بەش پارچە ماقالىسى ئاپتونوم رايوندا تەبىئىي پەن مۇنەۋۋەر ماقالە نامىغا ئېرىشتى. 3 نەپەر ئاسپىرانت، 12 نەپەر دورىگەرلىك خادىملىرىنى تەربىيىلەشكە قاتناشتى. دوستۇم ئىسراپىل ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يۇقىرىقى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بىرەرسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يۇقىرىقى ئالىي شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئەمەس. ئىنسان قانداقلا يەردە بولىشىدىن قەتئىينەزەر تىرىشسا، ئۆزى بارماقچى بولغان يولنى توغرا تاللىسا چوقۇم مەقسەتلىرىگە يېتەلەيدۇ. بۇ يىل نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئالغان ياپونلۇق بىر ئالىم: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭ سېنىڭ ئوقۇغان مەكتىپىڭنىڭ ئالىي بولۇشى ياكى سېنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنۇڭنىڭ ئالاھىدە بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، سەن بىر تومپاي بولساڭمۇ، بەلنى قويۇپ بەرمەي ئۈزلۈكسىز تىرىشساڭ ئاجايىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيسەن» دېگەن ئىدى. مانا بۇ سۆزلەرنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى ئىسراپىل ئەبەي. مەن ياشلىرىمىزنىڭ ئىسراپىلدەك تىرىشچان ئاكىلىرىدىن ئۆگىنىپ ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشانلىرى ئۈچۈن توختىماي ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

a.jpg


ئۈرۈمچى ئايرودۇرومىنىڭ سىرتىغا چىقىپ، بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئىنى - سىڭلار ۋە ئىسراپىل بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. سالاملىرىمىز خېلى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى. ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. مەن دوستۇم ئىسراپىل ئەكەلگەن ئاپتوموبىلغا چىقتىم، ئوغلۇم ئىنى - سىڭلىرىم ئەكەلگەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا قاراپ يول ئالدۇق، چۈنكى مېنىڭ قېيناتامنىڭ ئۆيى ئاشۇ يەردە ئىدى. قېينئاتام مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلىپ ھازىر دەم ئېلىشقا چىققان، قېينئانام كورلا بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ ھازىر پېنسىيىگە چىقىۋالغان ئىدى. مەن دوستۇم ئىسراپىل بىلەن ئاپتوموبىلدا ماڭغاچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتىم. مەن ئۇنىڭدىن يول بويىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئىسمىنى سوراپ تۇردۇم. 14 يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى ئايرودۇرومى بىلەن مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئارىلىقىدىكى كۆپ يەرلەر قاقاسچىلىق ئىدى. ھازىر بۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئېگىز بىنالار بىلەن ئورىلىپ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. مەن مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يوللارنى پەقەت تونۇيالمىدىم. بىز پاراڭ بىلەن بولۇپ ھەش - پەش دېگۈچە مەنزىلىمىزگە يېتىپ كەلدۇق. ئامېرىكىدىن ئەكەلگەن ئالتە سومكىنى 3 - قەۋەتتىكى قېيناتا - قېينانىلارنىڭ ئۆيىگە خېلى تەسلىكتە ئاچىقتۇق. ئۆيگە كىرىپلا چوڭلار بىلەن قۇچاقلىشىپ قىزغان سالاملاشتۇق. قېينائانام بىزنىڭ كېلىشىمىزگە ئۈلگۈرتۈپ ئوخشىغان چۆچۈرە تەييارلاپ قويۇپتىكەن. بىز ئالدى بىلەن داستىخان ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ سىنچاي ئىچتۇق. بىر ئازدىن كېيىن چۆچۈرىمۇ تەييار بولدى. بۇنداق ئوخشىغان «ئانا دىيار چۆچۈرىسى» نى ئىچىپ ئۆزگىچە لەززەتلەندىم. 14 يىل كۆرمىگەن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، سۇنايلىنىپ ئولتۇرۇپ غىزالىنىش نېمىدىگەن ھوزۇر – ھە! دۇنيادا ۋەتەننىڭ قەدىرىگە يېتىدىغان نېمە بار دەيسىز!؟ ۋەتەننىڭ بىر ئالقان تۇپرىقىمۇ تۇتىيادۇر، ۋەتەندە ئېقىۋاتقان سۇلار گوياكى كەۋسەردۇر، تاغلىرى مىسالى جەڭگىۋار نەۋكەردۇر!

(داۋامى بار)



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 09:02:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تاشپولاتكا،مەن يازمىڭىزنى ئوقۇۋىتىپ بەك ھاياجانلاندىم!ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىڭىز تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەنىكەن،بەك تىرىشچانكەنسىز،ئىسراپىل تاغىمىزمۇ شۇنداق!ئىشلىرىڭلار تېخمۇ روناق تاپسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106651
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2014-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 10:34:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمىز ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 03:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايرۇخانقىز...بۇ ئاتالغۇدىكى ئايرۇ دىگەن ئىنگىلېز تىلىدىكى ئىپادە.قىز يەنى ئايرۇپىلان خادىمى....بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق ھاۋاخان دىسەك بولغۇدەك.

پويىز مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان قىزنى تۆمۈرخان دىسەك تاكسى ھەيدەيدىغان يىگىتلەرنى سەپەرجان....


بايانلاردىن ھەر ئىشلارنى چۈشەنگىلى بولىدىكەن.ئامېرىكا پېرىزدىنتى بارىك ھۈسەيىن ئوبامانىڭ تىرىشسىڭىزلا ھەر ئىشنى قىلىش مۇمكىن دەپ بىر كىتابى بار دەيدۇ.تاشپولات ئاكىمىزنىڭ تىل ئۆگىنىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە سىلىشتۇرۇش ئۇسلۇبىدىن كەسىپكە پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى تولۇق ھىس قىلغىلى بولىدۇ...

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش