ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تاشپولات مۇئەللىم ، مەن سىزنىڭ بارلىق يازمىلىرىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇرمېنىڭىزمەن، بۇ يازمىلىرىڭىزمۇ كۆپ ئىلھام بولىۋاتىدۇ . كەسپىم تەرجىمانلىق بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر سۆز جۈمىلىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ قاپتىمەن ، بۇ يازمىڭىزدا
«ئۈرۈمچىدىكى ئايالىمنىڭ سىڭلىسى» دېگەن سۆزنى بايقاپ قالدىم. «ئايالىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سىڭلىسى» دېسەك توغرا بولامدۇ قانداق.
ئارتۇق سۆزلەپ قالغان بولسام ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.