مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: asking

ئاباخ خۇجا ھەققىدە قايتا ئويلىنىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1603
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355818
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 07:24:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپئاق خوجا - خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەر نەۋرىسى - (مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەئىد جېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە - ئا) دېگەن خاتۇندىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا» - «ئەۋلىيا خوجام»( )، «ئاپئاق خوجا»، «ئىشان نۇر ئاللاھ»( )«ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام»( )، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخ خوجا»( ). «تورلوك ئاباخ»( ) دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «... ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ - تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن....» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ 16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدا زەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياسىتىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنە قىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجايەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارسچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 Z7 y1 s' `7 Q) j9 Q+ I5 G«ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە - يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازدۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى «مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 \% R6 v2 Y) Z! {

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ~8 R' [5 T7 Z0 V
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! |* q* e( A5 M5 j' R$ l" ~7 s- C   ئاپئاق خوجا مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋائىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; I4 q% x' e4 W1 }7 {# uدادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى (خوجا ئىشاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق، ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەتلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ _ قەشقەرىيەدە بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى _ «ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىشاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن( ). مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىشاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنىي ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن: بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 Y* [7 k  f& Q2 Q: l# V
1. ئۆزىنى «سەئىد» ئاتاپ («مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27- ئەۋلاد نەۋرىسىمەن» دەپ ئېلان قىلىپ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «ۋارىس» لىك قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ زات» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئەتراپىغا ئادەم يىغىش، مۇرىت كۆپەيتىش ۋە ئۆز يېقىنلىرى ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «... خوجام دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ...»، «ئىنسان سۈلۈككە كىرسە (خوجامغا مۇرىت بولسا دېمەكچى - ئا) ئورنى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ ۋە ئەبەدىيلىشىدۇ. مۇشۇ يول بىلەنلا خۇداغا يېقىنلىشىش مۇمكىن... »، « ... خوجام(ئاپئاق خوجىنى دېمەكچى-ئا) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىنلەرگە «پىر»، «ئۇستاز» بولۇش ئۈچۈن كەلگەن «ئەۋلىيا» دۇر... »، «پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر...»، «... بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر «ئەۋلىيا»،«پىر» غا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ...» («تەزكىرە پىر ياران» دىن) دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى  ئۆزىنىڭ تاللانغان، سۆزمەن، تەشۋىقاتچىلىقتا چېنىققان، ئەل ئىچىدە تونۇلغان مەدداھلىرى ئارقىلىق كەڭ دائىرىلەر، يىراق جايلار بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي خېلى يىللار داۋاملاشتۇرغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن قەشقەرىيەدە ناھايىتى تېزلىكتە نامى چىقىشقا باشلىغان........... بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* B8 q9 g  T# ^1 H( {
2. خۇددى«تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە كۆرستىلگەندەك: «... بۇ زات ھەر يىلى مازار - ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، قەدىم جايلارنى يوقلاپ، شەھەرلەرنى كۆرۈپ، يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئەل - خالايىققا كۆرۈنۈپ، دۇا بېرىپ، مۈشكۈللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەپ، باشلىرىنى سىلاپ، سايىۋەن بولۇپ تۇرۇش» نى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. يەنە شۇ كىتابتا: «... بۇ زات ئۈچتۇرپانغا بارغاندا خالايىق «بىز كۈتكەن سەئىد مۇشۇ ئىكەن» دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى (بايتىلى) بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئالدىلەر...» دېيىلگىنىدەك، ئاپئاق خوجا قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان شەھەر، بازارلارنى، قەدىم جايلارنى بىر نەچچە قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردىن مۇرىت توپلاپ، «ئۇلۇغ» لاردىن «دۇئا» ئېلىپ، كىشىلەرگە «دۇئا» بېرىپ تاپاۋەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇلىنى چىڭىتىپ بارغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا مىلادى 1635- يىلدىن 1677- يىلغىچە قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كوچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۈچتۇرپان، يېڭسار، سېرىققۇل، بەدەخشان (ئافغانىستان)، كەشمىر، كاسان، پەرغان، ئىلى، راجىدان (جاممۇ) قاتارلىق جايلاردا مازاركەزدىلىك، ئىشانلىق سەپىرىدە يۈرۈپ، ئىرشاتنامە تارقىتىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سوپىلىققا ئالغان. مۇرىت كۆپەيتكەن. ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام»، تۇرپاندىكى «ئەشابول كەئەب»، يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم»، ئاتۇشتىكى «سۇلتانوم»، كۇچادىكى «مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىئوللا»، خوتەن - ئىلچىدىكى «ئىمام زەينۇل ئابىدىن»، نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئىمام جەپەر سادىق»، قارىقاشتىكى «ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەسكىرى»، چىرىيىدىكى «ئىمام جەپەر تەيران»، قاغىلىقتىكى «زۇنلان»، «جەمجۇم» قاتارلىق 30 نەچچە مازارنى كېزىپ ۋە بەزىلىرىنىڭ پەخرىي شەيخلىق دەرىجىلىرىنى قوشۇمچە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپتىكى تەسىرى ئاساسىنىمۇ كېڭەيتكەن. مۇرىت، شېرىك، يارانلارنى ئاۋۇتقان. مىلادى 1669- يىلىغا كەلگەندە خۇددى «يەكەن تارىخى» 38- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «... ھىدايتۇللا ئاپئاق بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىتا ئىسمائىلخاندىن ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سېلىق ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئىسمائىلخان ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاڭلىغان خەلق خوجا ھىدايتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ، پەقەت بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچدىلا 30 مىڭغا يېقىن كىشىگە يېتىپ»، قەشقەرىيەنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنىڭ «ئىشىقيە» سۈلۈكى بىر خىل يېڭى دىنىي ئىدىيە سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- c* K2 C  `* [   مىلادى 1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن.ئاپئاق خوجا ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق - ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن.ئىككى گۇرۇھنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم، تېنچ-ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان،بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا  1671- يىلى ئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسمائىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىسمائىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسمائىلخان بۇنى سېزىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيەدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن، قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تېنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ماجرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( n: W* D% i1 H8 i( V, F4 M$ W  ئاپئاق خوجا قەشقەرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە شېرىكى بىلەن قوغلاندىلىق سەپىرىنى باشلاپ، ئاخىرى سېرىقۇل (تاشقورغان) دىكى مىڭ تىكە، كۆكتۈرك داۋىنىدىن ئافغانىستان تەۋەسىگە ئېشىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بەدەخشان شەھىرىگە بېرىۋالغان. خۇددى «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلگەندەك: «... بۇ زات بەدەخشان دىيارىدا خۇدايى مۇساپىر، خودايى ساھىل ...» بولۇپ قالغان. يەنى بەدەخشاندا ھەم تىلەپ، ھەم «دۇئا» قىلىپ يەيدىغان خۇدايى گادايلاردىن بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. مىلادى 1676- يىلغىچە بەدەخشاننى چۆرىدەپ كەشمىر، رەجىدان، ۋاخان، پەرغانە، كاسان، ئىلى، تىبەت، ھىرات قاتارلىق جايلاردا دۇئاگۇيلۇق بىلەن سوپىلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1677- يىلى كۈزدە ئۈچ ھەمراھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيە قىسمىدا شۇ چاغدا ياشىغان تورغۇۋۇت موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 27- خوپۇسى (لاماسى) شىڭ جىڭ خوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لىخاسا شەھىرىگە بېرىپ، مىڭ تەسلىكتە شۇلارنىڭ تەركىبىي ھېسابىدىن دالاي لاما 5 (ئەسلى ئىسمى دوبىدون سېرىن جامبول لاما) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. g* x6 V+ z% ~% `0 S% I" F«بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىنىڭ «سوقىچى ئارخون» دېگەن بابىدا يېزىلىشىچە: ئاپئاق خوجا دالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن - ئون چارەك سېرىق ياغ ئالغاچ كىرىپ، بۇدقا باش ئۇرغان، دۈم يېتىپ دۇئا قىلغان «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق يېزىلىدۇ: «... مەن مۇسۇلمانلار پىرقىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. ياركىند، كاشغىر مېنىڭ مۇرىت - مۇخلىسلىرىمدۇر. ھالا بىراۋ كېلىپ مەندىن سويۇپ ئېلىپ مېنى قوغلاپ چىقاردىلەر. سىزدىن تىلەيدۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز...»، «بىراھمان - بۇد شېيخى (دالاي لاما 5) ئەيتپدۇركى: <بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كىشى بارمىفى بىسىيار دىشۋاردۇر> دەپ ئىلىدىكى قالماقلار تۆرەسى (غالدان قۇنتەيجىگە دېمەكچى - ئا) گە نامە پۈتتىكى:«... ئەي! بۇشۇدىخان خوجا ئاباخ بىسىيار ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. ياركىند، كاشغىرنىڭ خوجىسى ئىكەن. بۇنىڭ يۇرتىنى ئىسماىلخان سويۇپ ئېلىپ، بۇ قوغلاپ چىقىرىپتۇر. كېرەككى ئەسكەر بۇيرۇپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسىز. ۋاللاھ ئىشى كامال بولغۇسىدۇر. نامە - تامام...»
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, H% W5 ]$ y- |0 z% L2 W  بۇ نامەنى ئالغان  ئاپئاق خوجا كۆككۈل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ قىشلاپ، 1678- يىلى باش ئەتىيازدا ئىلىغا كېلىپ، دالاي 5 نىڭ خېتىنى غالدان قۇنتەيجىگە تاپشۇرغان. بۇ چاغلاردا لىخاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما ئىبادەتخانىسى پۈتۈن ئاسىيادىكى بۇددىستلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا بولغان دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. دالايغا چوقۇناتتى، ئەمرىدىن چىقمايتتى.غالدان قۇنتەيجى مۇشۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپئاق خوجىنى كاتتا ئىززەت - ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاش (قەشقەرىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭغار» دۆلىتىنى كېڭەيتىش) تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئاپئاق خوجىمۇ قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى بەزى شېرىك، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، ئىسمائىل خاننى ئىچكى جەھەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىگەن.  ئاپئاق خوجا 1678- يىلى 6- ئايدا غالدان قۇنتەيجى قوشۇپ بەرگەن، غالداننىڭ ئوغلى سېرىن رابدان قوماندانلىق قىلىدىغان 12 مىڭ كىشىلىك جۇڭغار قوشۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىچكى جەھەتتە بىر قىسىم «ئاق تاغلىق» خوجىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قاتتىق جەڭلەر ئارقىلىق، قەشقەر ھاكىمى - ئىسمائىل خاننىڭ ئوغلى باباق سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنى تامامەن قىرىپ تاشلاپ، قەشقەرنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 8- ئايدا يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ، 40 كۈن سوقۇشۇپ ئاران دېگەندە يەكەن شەھىرىنىلا ئالغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلىشىچە: ئىسمائىلخان مۇسۇلمانلار قانلىرىنىڭ بىھۇدە، ناھەق، ئورۇنسىز ئېقىشىدىن ساقلىنىپ قېلىش، ئىشلارنى گەپ - سۆز بىلەن، مادارا، مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتىدە ئۇلارغا شەھەر دەرۋازىسىنى قارشىلىقسىز ئاچقۇزۇپ بەرگەن. لېكىن ئاپئاق خوجا كۈچلىرى شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىنلا، ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلاشقا باشلىغان. يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن قولغا چۈشكەن ھەۋەزبېك قاتارلىق 81 چوڭ ئەربابنى قاتار باغلاپ، بىر باشتىن تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى غالدان ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچلىرىغا سۈرتۈپ، قان سۈرتۈلگەن قىلىچلارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كوچىلارنى «تەكشۈرۈش»، «تىنچىتىش»، جازالاش ئىشلىرىغا قويۇۋەتكەن. بۇ خىل «تىنجىتقۇچى» قاتىللار يەكەن شەھەر ئىچىدە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئوت قويۇپ شەھەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قىرغىندىن قېچىپ شەھەر ئىچىدىكى ئالتۇن مەدرىسگە كىرىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە جىم ئولتۇرۇۋالغان مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى مەدرىسنىڭ 360 خانىلىق ھوجىرىسى ۋە پۈتۈن مەدرىسە بىناسى بىلەن قوشۇپ بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەكەن شەھەر ئىچىدە ئەنە شۇ زامانلاردىن بېرى «جىن مەدرىسە» نامى بىلەن يادلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇن - شۇ چاغلاردا ھەزرىتى ئاپئاق خوجا «ئىلتىپاتى» بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن 1000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ «جىن» لىرى (روھىناتلىرى) ساقلىنىپ تۇرغان تارىخىي ئورۇندۇر.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Kerammusic + 68
ئاۋگۇست + 11 ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 79   باھا خاتىرىسى

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ياخشىغا كۈن يوق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 12:56:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ، بۇ تارىخلارغا نىم دىگۈلۈك ئېچىنماي ئامال يوقتە ، خۇدايىم ساقلىسۇن مۇشۇنداق كىشىلەر دىن ھازىرمۇ بار دېسە ئىشەنمەيۋاتىمەن جۇمۇ، بۇرۇن خەلىقلىرىمىز راس بەك نادان ئىكەنتۇق جۇمۇ ، بىر كىتاپتا ئوقىغانىمدا ، شۇ زامانلاردا يۇرتنىڭ چوڭ چوڭلىرى خەلىقنى دىن يەنە باشقا ھەر تۈرلۈك ئىشلار بىلەن ئالدايدىكەن   ھەي

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xekil + 10 شۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 686
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 01:20:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriban يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 12:56 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 K! n* x' `: aھەي ، بۇ تارىخلارغا نىم دىگۈلۈك ئېچىنماي ئامال يوقتە ،  ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( r" k6 x' s' J! F
ھازىرمۇ بار ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 [# m. w  H$ ~! }: i2 y  g
مەخسۇس ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەربىيلەنگەن ئاباق غوجىلار جىق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107104
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 01:46:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازىزان نىڭ ئويلىغىنى توغرىدەك قىلغان بىلەن ئاشقۇن1 دەك فاكىت كەلتۈرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «مۇھەببەت، نەپرەت ئېنىق» بولمىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 q3 Q6 l" A4 A5 X1 u3 zبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( a2 u5 t( d# @$ n
مىنڭچە ئۇيغۇرلار ئاشقۇن1 دەك ئويلىسا توغرا بولىدۇ!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: {' B+ \5 N; H# t; {1 Q/ C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* B7 s3 \; N" Y2 I& `; O
ئاباقنى تىللىماي، شۇنچىلىك ھوقوقتىنمۇ كېچەيلىكمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107681
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-6-13
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 12:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ ئاپاق خوجىغا بولغان قاراشلىرى ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن، دىمەك ،ئۇ ئەينى جاھالەتلىك دەۋىرنىڭ بەلگىسى، دەۋر ئوخشىمىغان ئىكەن ئىدىيەمۇ ئوخشىماسلىقى ، پىكىرمۇ ئىلغار، كۆز قاراشمۇ ئىلغار بولۇشى كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 07:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بىر تارىخ يېزىپ قالدۇرغان كىشى .................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100016
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 10:16:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدىن خېلى كۆپ نەپ ئالدىم . يوللىغۇچىغا تەشەككۈر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14947
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 02:21:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 02:33 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 p  _/ P1 _& u# v4 J: T$ [ئاپاق خوجىنى بىمەنە تىللار بىلەن تىللاش ھەقىقەتەنمۇ  ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 c- `* e! L* E
ياخشى يەكۈنلەپسىز .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 686
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 06:04:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
umut47 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 07:40 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  D: ~6 P0 \8 x$ T' dئىشقىلىپ بىر تارىخ يېزىپ قالدۇرغان كىشى .................

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) k  R' X. t( y# Qئۇنىڭدىن    تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلانغان مۇناپىق    دىسىڭىز توغرا بولىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8451
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1570 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 11:24:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپپاق خۇجىنى توڭگۇزنىڭ بۇرنىدىن چۇشكەن مەخلۇق دەيمىز ئۇنىڭ جەسىدىنى كولاپ سۇڭكىنى ئىزىپ دالاي زىمىنىغا چېچىۋىتىش كېرەك ھۇ ھايۋاندىن تۇرەلگەن ئاپپاق خۇجا

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش