قاچان ۋىسال بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
ھەر تامچە يامغۇرنىڭ ئىسەدىشىدىن،
تىۋىشسىز يېرىلار زىمىننىڭ تىنى.
مىھىرلىك سۆھبەتتە بۇلۇت بىلەن ئاي،
ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ چاقماقنىڭ ئۈنى.
مەجنۇنتال تۈۋىدە ئولتۇرۇپ جېنىم،
ئەسلىدىم سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى.
يامغۇرلۇق يوللاردا قالغان ئىزىمىز،
مۆھۈر بوپ بېسىلغان ئىكەن يۈرەككە.
يۇلغۇنلۇق سايلاردا ئېيتقان ناخشىمىز،
ئۇھسىنار چۆللەردە ئاچچىق سۈكۈتتە،
جىگدىلىك باغلاردا بەرگەن ۋەدىلەر،
بىر ئاچچىق كۈي بولۇپ ياڭرار ئەبەتكە.
خەۋىرىڭسىز ئۇزۇن بولدى كۈنلىرىم،
سېغىنىشنىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ.
باش باھاردا ئاققان ئەگىز سۈيىدەك،
مىھرىم ھەرچاغ سەن تەرەپكە ئاقىدۇ.
ئۆتۈپ كەتتى بۇ ھاياتنىڭ باھارى،
ۋىسال قاچان بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ؟.