ark-zat يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 01:00 AM
بۇ شېئىرنى يەنىمۇ پىششىقلاش كېرەككەن، ئالدىراپ يوللىن ...
ئەمەلىيەتتە ئىككى قېتىم يازغان ئىدىم.ھەر ئىككىلىسىدىن ۋاز كېچەلمىدىم...خالىساڭلار تاللىشىپ بېرىشىڭلار ئۈچۈن يەنە بىر يېزىلىشىنىمۇ يوللاپ قوياي.
ۋىسال قاچان بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
ھەر تامچە يامغۇرنىڭ ئىسەدىشىدىن،
ھەيۋەتتە يېرىلار زېمىننىڭ تېنى.
خىيالغا چېچىمنى چىلاپ ئولتۇرۇپ،
يامغۇر دەپ تەسەۋۇر قىلىمەن سېنى.
مۇڭدىشىپ ئولتۇرار بۇلۇت بىلەن ئاي،
شىددەتلىك چېقىلىپ تۇرسىمۇ چاقماق.
مەجنۇنتال تۈۋىدە ئولتۇرۇپ جېنىم،
ئەسلىدىم مەن سېنى ئۇزاق بەك ئۇزاق.
يامغۇرلۇق يوللاردا قالغان ئىزىمىز،
ساقلىنار يۈرەكنىڭ قېتىدا پىنھان.
يۇلغۇنلۇق سايلاردا ئېيتقان ناخشىمىز،
يامغۇردەك سىڭىدۇ يۈرەككە ھامان.
يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ يامغۇردا ھەرگىز،
جىگدىلىك باغلاردا بەرگەن ۋەدىلەر.
سېغىنىش ئىشىكى چېكىلدى تەكرار،
قورقىمە ئېچىشتىن ئۇنى شۇ قەدەر.
باش باھار سۈيىدەك تىترىدى لىۋىم،
مىھرىمنى ئۇزاتتىم ساڭا خىيالەن.
قاچانمۇ كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ ۋىسال،
ئاھ جېنىم، مەن سېنى مەڭگۈ كۈتىمەن.