|
|
|
|
مېنىڭ باللىرىم باغراش كاككۇكى خىيالمىدا شاھ بولسا ۋىسال، رېئالىمدا شاھ بولدى ھىجران .
پېتىشمايدۇ تەڭلىكتە قويۇپ ،
يۈرەگىمنى قىپ بولدى ۋەيران.
خىيالىمدىن كېچەلمەيمەن ھەم ،
ۋىسال بىرلە كۆكلىگەچ يۈرەك .
باغرىم مېنىڭ بولمىسۇن لەختە،
ئۇرۇشماڭلار سىلەر قوش كېزەك.
پېتىشمىدىڭ مېنىڭ يۈركۈمگە ،
بىر-بىرىڭنىڭ بېشىغا دەسسەپ.
ھەر ئىككىڭلار مېنىڭ باللىرىم،
ۋەيران قىلما ھاياتنى قەستلەپ .
2014.10.11
ئىزلىدىم باغراش كاككۇكى خەتلىرىڭنى ۋاراقلاپ ئۇقۇپ ،
مىسرالاردىن ئىزلىدىم سېنى.
خىياللارنى ئۆلتۈرۈپ بۈگۈن،
مۇھەببەتكە كۆزلىدىم سېنى.
يۇلتۇزلارغا يامىشىپ چىقىپ،
ئاي ئۈستىدىن ئىزلىدىم سېنى.
كاككۇك بولۇپ سايراپ تۆت پەسىل،
دىلخانەمگە چىللىدىم سېنى .
شەبنەم بولۇپ چۈشتۈڭمۇ سەھەر،
ياپراقلاردىن ئىزلىدىم سېنى .
ئارلاپ يۈرۈپ گۈل باغلار ئارا،
شۇنچە گۈلدىن تاللىدىم سېنى .
دىيارى -باغراش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kakkuk11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-12 12:19 PM
|
|
|
|
|
|