مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12725|ئىنكاس: 66

ئىنىم، مېنى يەنە بىر رەت ياخشى كۆرگىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 12:08:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مېنىڭ ئاتا-ئانام بۇرۇنلا ۋاپات بولغان، مەن تېنى ئاجىز مومام بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىمەن،13كۋادرات مېتىرلىق كىچىك دۇكان بىزنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەيىمىز.لېكىن مەن ئۆزۈمنى ھېچقانچان بەختسىز ھېس قىلىپ باقمىغان، چۈنكى مەن ئۈچۈن جەننەتكە بارالمىغان ئادەمگە، دوزاخمۇ ياخشى تۇيۇلىدۇ.
  ماڭا ھەممىدىن بەك بەخت تۇيغۇسى بېرىدىغىنى مومامنىڭ ئەخلەتخانىدىن تېپىپ كەلگەن نەرسىلىرى، باشقا ئوشۇقچە پۇل خەجلەش ھاجەتسىز، تېپىۋالغان نەرسە ھەممىدىن سۆيۈملۈك. شۇڭا مېنىڭ بىر قولى يوق قورچىقىم بار،پۇتۇمغا دەل كەلمىگەن سۇلياۋ ئايىغىم بار، يەنە بىر ئۇكاممۇ بار.
  ئۇ كۈنى شامال چىقىپ، يالغۇر يېغىۋاتاتتى
  مەن دېرىزە سىرتىدىن مومامنىڭ بىرسىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم، مەن ئۇنى كۆردۈم. بۇ مەنزىرىنى كېيىن قانچە قېتىم ئەسلىگەندىمەن ھە!ئۇنىڭ كىيىمى يىرتىق، يۈزىنىڭ مەينەتلىكىدىن قاش-كۆزىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن كۆزى ناھايىتى نۇرلۇق ئىدى، بىرمۇ ئېغىز گەپ قىلمايتى، يامغۇر تامچىسى قېشىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشىۋاتاتتى،ئۇنى كۆزىنى ئۈزمەستىن ماڭا قاراپ تۇردى. توۋۋا، مەن ئۇچاغدا قىلچە ئەجەبلەنمىدىم، خۇددى ئۇنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا بۆسۈپ كىرىدىغىنىنى بىلىدىغاندەك.
  -يۈزۈڭنى يۇيغىن
  -ماقۇل
  بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم پاراڭلىشىشىمىز
  -"نەچچە كۈن بولدى، ئەخلەت دۆۋىسىدە ئۇخلاۋاتقىنى، بەك بىچارىكەن!!"، مومام بىر تەرەپتىن يۆتەلگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، "بىللە ئۆتەيلى، نېمىلا قىلمىسۇن، ئوغۇل بالىكەن".
  -سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟
  -ۋېي
  -ۋېي؟ئاۋېيما؟مەن سورىدىم
   ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ گەپ قىلمىدى.مومام تاماقنى يېنىغا تارتىپ:ئۇنىڭ فامىلىسى ۋېي، لېكىن ئىسمى يوق دېدى.
  مەن كۆز قارىچۇقۇمنى ئىككىنى ئايلاندۇرۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاراپ:ئەمسە سېنى رۇفېڭ دەپ چاقىراي، مېنىڭ ئىسمىم رۇخۇا، بەك ماسلىشىدىكەن!
  ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، مەن بەك خۇشال بولۇپ كەتتىم، چۈنكى ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغانىدى.
  كەچتە، مومام بىزنىڭ ئانچىمۇ كەڭ بولمىغان ئۆيگە پەردە تارتىپ قويدى، ئۇ پەردىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، مەن مومام بىلەن بىللە بىر تەرەپتە ياتتىم.ئۇخلاشتىن بۇرۇن، مەن پەردىنى قايرىپ رۇفېڭغا:قورقىۋاتامسەن؟ئەگەر
قورقساڭ بىز تەرەپكە ئۆتكىن!دېدىم
  ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ "قورقمايمەن" دېدى.
  مەن ھە دەپلا كەينىمگە ئۆرۈلدۈميۇ، ئۇنى قورقىتىپ قوياي دەپ، پەردىدىن بېشىمنى چىقىرىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدىم، ئۇ قورققىنىدىن تۈگىلىپلا كەتتى، تامغا يۆلىنىپ شۇنداق بىچارە قاراپ كەتتىكىن، چىرايلىق يۈزى ئاقىراپلا كەتتى.مەن ئۇنىڭ ئۇنداق قورقۇپ كېتىشىنى ئويلىمىغانىدىم، شۇھان ئۇنىڭغا بولغان ئىچ ئاغرىتىش ھېسىياتى قەلبىمنى چىرمىۋالدى.
  مومام ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، مەن ئاستاغىنە قولۇمنى ئۇ تەرەپكە ئۇزىتىپ، تۆۋەن ئاۋازدا:"قورقمىغىن، قولۇڭنى بەرگىن، مەن قولۇڭنى تۇتۇپ ئۇخلاي" دېدىم. كېىن ئۇ قولىنى بەرمىدى، كىچىك قوللىرىم بوشلۇقتا بىردەم تۇرۇپ مۇزلىغاندىن كېيىن قولۇمنى تارتىۋالاي دەپ تۇرسام، ئۇ ئاستاغىنە قولۇمدىن تارتتى. مەن بەك خۇشال بولدۇم، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىردەمدىلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.
  كېچە، بىز تونۇشقان تۇنجى ئاخشام، قولىمىزنى مۇشۇنداق تۇتۇپ ئۆتكۈزدۇق.
  ئۇ يىلى، مەن12ياش، ۋېي رۇفېڭ 11ياش ئىدى.

  مەن يېقىن ئەتراپتىكى ئەڭ چىرايلىق قىز، بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنى بەختسىز ھېس قىلماسلىقىمدىكى يەنە بىر سەۋەپ ئىدى.ئادەمنىڭ پەقەت سىرتقى قىياپىتىگىلا قاراش خاتا، لېكىن چىرايلىق كىشى تەبىئىيلا ئادەمنى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاش تېخىمۇ ئاسان، باشقىلارنى تېخىمۇ ئاسان ئۆزىگە جەلىب قىلىدۇ. مەن مانا مۇشۇنداق كوچىمىزدىكى ئوغۇللارنىڭ ئامراقلىق قىلىشىغا ئېرىشكەن.
  لېكىن چوڭ بولغانسېرى، مېنىڭ يېنىمدىكى دوستلىرىم بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلىدى. ئۇلار دۇكىنىمىزغا كېلىپ مېنى ئىزدىمەيدىغان بولدى، پەقەت قوشنا كوچىدىكى ئافۇ يەنە شۇنداق خۇشال ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ماڭا ھەرخىل رەڭلىك ئەينەك دەنزىلەرنى سوۋغا قىلدى. ئاخىرى بىر كۈنى، ئۇمۇ كەلمەس بولدى، مەنمۇ بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم.
  ئۇ كۈنى تاركوچا ئېغىزىدا رۇفېڭ ئافۇنى توسىۋالغانىدى، مەن ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا رۇفېڭنىڭ ئافۇغا:"ئەمدى ئۆيۈمگە كەلگۈچى بولما"دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.
  - "نېمە ئۈچۈن؟ھەدەڭ بۇ كوچىدىكى ئەڭ گۈزەل قىز!مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن!"ئافۇ ئاغزىغا ئاغزى تەگمەي سۆزلەيتى.
  - ھەدەمنى ئەمدى ئىزدەپ كەلگۈچى بولما!
  -"ئافېڭ، سېنىڭ بەك تەلىيىڭ بار!ئەگەر مەن سەندەك كۈندە ئۇنىڭ بىلەن ئۇخلىيالىغان بولسام، ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى...."ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىلا، رۇفېڭ ئۇنىڭغا بىر مۇش ئېتىپ يەردە ياتقۇزۇپ قويدى.
  - "ساراڭ بولدۇڭما؟"ئافۇ قۇيقا چېچى تىك تۇرغان ھالدا ئورنىدىن قوپۇپ رۇفېڭغا مۇش ئاتتى، بىردەمگىچىلا ئۇلار ئۇرۇشۇپ كەتتى. مەن ئەجەبلەنگەن ھالدا ياندا قاراپ تۇردۇم، لېكىن ئۇلارنى ئاجراتمىدىم، گەرچە ئافۇ رۇفېڭدىن چوڭ ھەم تەمبەل بولسىمۇ رۇفېڭ ئۇنىڭغا بوي بەرمەيۋاتاتتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرىۋاتاتتى. مەن ئۇ چاغدا رۇفېڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ئافۇغا مېنى ئىزدىگۈزمەيدىغانلىقىنى، ھەم بۇنى دەپ ئۇرۇشقانلىقىنى بىلمەيتىم.
  بىردەمدىلا ئافۇ يالۋۇرغىلى تۇردى، رۇفېڭنىڭ يۈزىمۇ ئىششىپ كېتىپتۇ، ئۇ يەنە بولدى قىلماي ئۇنىڭغا:ئەمدى ھەدەمنى ئىزدىگۈچى بولما، بولمىسا سېنى بىر قېتىم كۆرسەم بىر قېتىم ئۇرىمەن دەۋاتاتتى.ئافۇ ماقۇل، ماقۇل دېگۈنىچە كوچىدىن چىقىپ كەتتى، مېنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن رۇفېڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈزۈڭ ئاغرىۋاتامدۇ دەپ سورىدىم.ئۇنى مەندىن سەل ئۆزىنى تارتىپ ياق دەپ بېشىنى چايقاپ قويدى.مېنىڭ غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلدى، ئۇنىڭ نېمە دەپ مەن بىلەن كارى بولمىغىدەك، مەن ئۇنىڭدىن:نېمە ئۈچۈن ئافۇنى ئۇرىسەن؟دەپ سورىدىم. ئۇ گەپ قىلمىدى. مېنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى،"خۇ ئاكامنىڭ، ئەنزەينىڭ مېنى ئىزدەپ كەلمىگەنلىكى بىكار ئەمەسكەندە، ھەممىسى سېنىڭ قىلغان ئىشىڭدۇ!''
   ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا قاراپ دانىمۇ دانە قىلىپ"ھەدە، ساڭا پەقەت مەنلا بولسام بولمامدۇ؟" دېدى.
    مەن ئۇنىڭغا قاراپلا تۇرۇپ قالدىم.
   پەقەت رۇفېڭ بولسىلا بولامدۇ؟گەرچە ئۇ كەمسۆز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام، ئافۇ بىلەن بىللە بولغاندىن خۇشال تۇرىمەن، ھەمدە بۇ خۇشاللىق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
   ئۇ نەچچە ئايلىق پۇلىنى يىغىپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پۇرچاق تەملىك بولكا ئەكىلىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا پۇرچاق تەملىك بولكىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقمىغان، مەن ئۈچۈن بولكا يېيىشنىڭ ئۆزىمۇ ئالەمچە چوڭ ئىش، بىراق خېلى بۇرۇن ئىلگىرى، ئۆيىمىزدىكى بولكىدىن پەقەت ئىككى دانە پۇرچاق تەملىكىنى يىگەن، ئەسلى ئۇ شۇ قېتىم زەن قويۇپ بىلىۋالغانىكەن.
   ئۇ ھەركۈنى مەكتەپنىڭ ئىشىكى ئالدىدا مېنىڭ مەكتەپتىن چۈشۈشىمنى ساقلاپ تۇرىدۇ، سومكامنى ئېلىپ، ماڭا كۈنلۈك تۇتۇپ بېرىدۇ، يەنە پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مومام بەرگەن شارپىنى بوينۇمغا ئارتىپ قويىدۇ.
  ئۇ ئاغزىمغا دومسايتىپ قاچىلارنى يۇيۋاتقاندا، قېشىمغا كېلىپ، مېنى ئىتتىرۋېتىپ، ئۆزى يۇيۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرەر قاچىنى چېقىۋەتسەم، يۇقىرى ئاۋازدا مومامغا:مەن قىلدىم دەپ بوينىغا ئالىدۇ.
  مەن تۇيۇقسىز شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئورۇق، ۋىجىك رۇفېڭ ئەسلى ئىزچىل مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ كەپتۇ، خۇ ئاكام، ئەنزەي ئافۇلار يوق ۋاقتىدىمۇ، ئۇ مەڭگۈ يېنىمدا تۇرىدىكەن. مەنمۇ بۇنىڭغا بەك خۇشال.
  -"بوپتۇ، يېنىمدا پەقەت سەنلا بولغىن".مەن ئۇنىڭ يۈزىنى تۇتۇپ شۇنداق دېدىم، ئۇ خىجىل بولغان ھالدا قولۇمنى چۈشۈرۋەتتى، لېكىن كۆزىدىكى خۇشاللىقنى يوشۇرۇلمايتى.
  شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم مېنى ئىزدەپ باقمىدى، مەنمۇ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلماسلىققا كۆنۈپ قالدىم.
  ئۇ يىلى، مەن13ياش، رۇفېڭ12ياش ئىدى.

  مومام تۇيۇقسىزلا بىزدىن ئايرىلىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.
  باشتا ئۇنىڭغا زۇكام تېگىپ يۆتىلىپ يۈردى. ئۇنى دوختۇرخانىغا بار دېسەم قەتئىي ئۇنىماي تۇرىۋالدى.
  ئۇ كۈنى، رۇفېڭ ئىكككىمىز مەكتەپتىن قايتقاندا، ئۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئىكەن، ئۇ ئىنىمغا بەك ئۇزۇن قاراپ كەتتى، ئاندىن ماڭا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ قويۇپ، ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە كۆزى ئوچۇق ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى.مەن ئۇ كۈنى ئېسەدىگىنىمچە تازا يىغلىدىم، رۇفېڭ قولۇمنى چىڭ تۇتقىنىچە مەندىن بىرقەدەممۇ ئايرىلمىدى.
  كىيىن ئويلاپ باقسام، مومام بىلەن رۇفېڭ بىربىرىنى ئوبدان چۈشىنىدىكەن، موماممۇ كۆز يۇمۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنىنى بىلىپ يېتىپتۇ، ھەم بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگىمۇ كۆزى يېتىپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 12:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8677
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1982 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 02:41:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگەپتۇما ؟ ئاخىرى باردەكقۇ ؟

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1845
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 02:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق  چۈشنىكسىزلا  ؟  ،  ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە  نىمە  ؟

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 02:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بار، ئاز - ئازدىن چىقارماقچى، بەك ئېسىل ئەسەر بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15090
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 03:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مومامنىڭ دەپنە ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان تۇرمۇش بېسىمى، كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.بۇرۇن نامرات بولساقمۇ، لېكىن كىيىنىشىمىز  پۈتۈن، قورسىقىمىز توق ئىدى،13كۋادردت مېتىرلىق دۇكىنىمىزنىڭ تاپاۋاتى ۋە مومامنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىشى بىلەن مەن ۋە ئۇكام خاتىرجەم چوڭ بولاتتۇق.لېكىن مومام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن دۇكانغا قارايدىغان ئادەم يوق تاقىلىپ قالدى، مەن بىلەن رۇفېڭ بار پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ تۈگەتتۇق.
  - ئافېڭ، بىز چىقىپ ئىش تاپايلى، مەن نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كەتتىم، ئۇمۇ كەينىمدىن تەڭ ماڭدى.
  مەن قارىغۇلارچە كوچا ئىچىدە چۆگىلەپ يۈرەتتىم، ھېچقانداق يەر مەندەك ۋاقىتلىق ئىشچىنى ئالمايدىكەن.قاراڭغۇ چۈشكەندە يامغۇر يېغىپ كەتتى، ھەممە دۇكانلار ئاساسەن دېگۈدەك تاقىلىپ كەتتى، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق.مەن مومامنى ئەسلىدىم، بەلكىم مەنمۇ ئۆلۈپ كېتىدىغاندىمەن. رۇفېڭ گەپ قىلماستىن كەينىمدىن ئەگىشىپلا كېلەتتى
  - ماڭا ئەگىشىۋالما، مەن ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدىم،«ئەگىشىۋالساڭمۇ ئامال يوق،مەن خىزمەت تاپالمىدىم، بىز ئەمدى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىمىز؟قانداق قىلىمىز؟سەن دەپ باقە، قانداق قىلىمىز؟»
  ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا نېمە دېگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، يېشىم ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى.
  رۇفېڭ تۇيۇقسىز يەلكەمنى تۇتۇپ سىلكىدى:«ھەدە، مەن ئوقۇمايمەن، ئەتىدىن باشلاپ ئىشلەيمەن!ھەرگىز سېنى ئاچ قويمايمەن!»
  مەن بىر تەرەپتىن ھېتىرقىنىمچە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىرىمدە قارىدىم. قاچاندىن باشلاپ ئۇنڭ بويى مەندىن ئېشىپ كەتكەندۇ، ئورۇق، ۋىجىك ئۇ ھازىر خېلى تەمبەل يېتىلىپ قالغانىدى، يەنە ئۇنىڭغا ساقالمۇ چىقىپتۇ، مېنىڭمۇ كۆكسۈم يوغىنىشقا باشلىدى، دېمەك، ھەر ئىككىلىمىز چوڭ بولۇپتۇق، كىچىك بالىدىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇپتۇق، گەرچە ھازىر مومىمىز بولمىسىمۇ بىز چوقۇم مۇستەقىل ياشىشىمىز كېرەك.
ئۆيگە قايتىش يولىدا، رۇفېڭ مېنىڭ يېنىمدا ماڭدى، مەن قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىنىمۇ ھېس قىلمىدىم، ياشمۇ تۆكمىدىم. شۇنى ئويلايتىم، بەلكىم تار كوچىدىكى شۇ شادىمان قىزچاق ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتكەندۇ.رۇفېڭمۇ سېنىڭ يېنىڭدا تۇراي دەپ ئەگىشىپ تۇرۇۋالدىغان كىچىكلىكىنى تاشلاپتۇ. گەرچە، ئىككىمىز بىر يولدا كېتىپ بارساقمۇ، كەلگۈسى بىزنى بىلىپ بىلمەي ئىككى يولغا ئايرىپ تۇرىۋاتاتتى. شۇ پەيىتتىن باشلاپ، ئۇ مېنىڭ ئارقىمدىن يېنىمغا ئۆتۈپ مېڭىشقا باشلىدى.
  ئۇ يىلى ، مەن15ياش،ۋېي رۇفېڭ 14ياش ئىدى
ئىنىم مەكتەپتىن چىقىۋالغاندىن كېيىن بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدىن خىزمەت تاپتى، ئۇنىڭ بويى ئېگىز، ئۆزىمۇ كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنى ئاسانلا قوبۇل قىلدى. ئۇ بەك تىرىشىپ ئىشلەيتى، تاپقان پۇلى ئىككىمىزنىڭ ھايات قېلىشىغا يەتتى. مەن ئوڭۇشلۇق ھالدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتۈم.

(داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ، ئارقىسى قېنى دەۋەماڭلار، مېنىڭمۇ خىزمىتىم بار ئادەم، ۋاقىت بولسىلا تەرجىمە قىلىپ يوللاۋاتىمەن، ئېسىل ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە تەرجىمە قىلىپ سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ياقتۇرغايسىلەر)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 03:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109635
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 03:29:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94496
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 03:56:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
man bakla yaktudum

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6751
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1861 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 04:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بەك ئۇزۇن ھېكايىكەنغۇ بۇ .. 54  باپ....         قاچان  تەرجمە قىلىپ يوللاپ بولاسىز....  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87717
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 04:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنىڭ دىلشات  ، گۈلشات  دىگەن تەرجىمىسىنى ئوقۇغان  بەك تەسىرلىك    ئاخىرىدا گۈلشات ئۆلۈپ كىتىدۇ

مايمۇن بولسىمۇ سۆيگۇ نىڭ چىرايلىق
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول

ئۇيغۇرۇم سېنى سۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9555
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10221
تۆھپە نۇمۇرى: 608
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 04:47:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا خەنچىسى بولسىمۇ ئەۋەتىڭە ، قىزىقىپ قالدىم، تېكىست ھۈججىتى ياكى wordۋە ياكى pdfبولسىمۇ بولىدۇ ،ئاۋارە قىلدىم، yulghun627@sina.comياكى 1762685494@qq.com

ئەي ئۇيغۇرۇم، ئەرك ئۈچۈن دۇلدۇلدەك چاپالمىساڭمۇ ،قۇلۇلىدەك بولسىمۇ ئۆمىلەپ قوي!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش