قەلەملىرىگە بەرىكەت يار بولسۇن، ياندىشىم بىرە ئىككى شىڭگىل گەپ قاتقۇم كەلدى، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز ھەدە.
مەن قايتىمەن ئۆزۈمنى بويلاپ،
باش لىڭشىتىپ ئەركە شامالغا.
پۇشايماندا قالىدۇ دوقمۇش،
يۇلتۈز كۆكتىن كىلەر سالامغا.
ئۇنتۇلغاندا شىرىن ئەسلىمە،
مۇھاببەتمۇ قالاركەن يالغۇز.
گۈلخان بولۇپ يانغان يۈرەكمۇ،
قاتىدىكەن بولۇپ گويا مۇز.
ئاق شايىدەك ئاينىڭ نۇرىمۇ،
ئۇزاتماقچى مىنى ئۆتمۈشكە.
لېكىن كۆڭلۈم بەردىلەر ۋەدە،
ئۆتمۈشۈمدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە.
يىڭى تاڭنى كۆزلىدى كۆڭلۈم،
ئازاپلارنى چۆرۈپ بىر چەتكە.
ئۈمۈد بىلەن باقتىم قوياشقا،
يىڭى تاڭنى قىلدىم تەنتەنە .
قاملاشمىغان بولسا مازاق قىلماڭلا تۇققانلا.