مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: karluq02

رۇسىيە راستىنلا غەرپنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرالامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19960
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10614 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 01:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېركىنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن .رۇسىيەنى بەك كۈچلۈك مۆلچەرلىمەڭلا باللا...

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 02:00:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى يولۋاس ئۇرۇشسا ئوۋچىغا پايدا دەپ ،پايدىنى جۇڭگۇ ئېلىۋاتىدۇ ھازىر.

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14961
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 11:02:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،يېلىتىسىن دەۋرىدە رۇسىيە غەربكە بىرئاز مايىل بولغان ،شۇڭا يېلىتسىن چېچەن كىرزىسىدىمۇ قورال كۈچىدىن بەكرەك يۇمشاق سىياسەتكە ئەھمىيەت بېرىۋىدى ،ئاقىۋەتتە چىچەنلەر مۇستەقىل بولىۋالدى ،بۇنىڭغا قاراپ باشقا  كاۋكازدىكى ئاپتونۇم جۇمھۇريەتلەرمۇ بويۇنتاۋلىق قىلىشقا باشلىدى ،1999-يىلدىكى كوسۇۋۇ كىرزىسىدا غەرپ رۇسلارنىڭ كۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ جەنۇبىي سىلاۋىيانلارنى (سىرىبلار )تازا ئەدەبلەپ قويغاندىمۇ پارچىلنىشتىن كېيىن كۆپ ئاجىزلاپ كەتكەن رۇسىيە ھېچنىمە قىلالمىدى .
پۇتىن باشچىلقدىكى قاتتىق قوللار دۆلەت دۇماسىدا  مىللەتچىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ،دىمۇكراتچىلاردىن غالىپ كەلدى ،نەتىجىدە كۈچلۈك ھەربىي ھوجۇم  بىلەن داغىستان ،چېچەن ،ئىنگۇشلار تىنچىتىلىپ  موسكىۋانىڭ كاۋكازدىكى تولۇق غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى . ئۇرۇشتىن كېيىنكى  قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش ئارقىلىق چېچەنلەرنى باش كۆتىرەلمەس قىلۋېتىپ دۆلەت بىرلكىگە بولغان چوڭ تەھدىت  يوقتىلدى .مانا مۇشۇ نەتىجىلەر  سوۋىت پارچىلانغاندىن كېيىن ئىزچىل مەۋجۇت بولۋاتقان سىياسىي چۈشكۈنلىككە خاتىمە بېرىپ پۇتىننىڭ رۇس مىللەتچىلىرى ئارسىدىكى ئىناۋىتىنى كۆتىرىپ ئىمپىراتۇر پېتردەك  قەھرىمانغا ئايلاندى .
پۇتىن  سابىق قىزىل ئىمپىريىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارى ،يەنى ك گ ب غا باشلىق بولغان .بۇ ئادەم تىپىك دىكتاتۇرا بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنى ئۆگەنگەن شۇڭا غەربىنىڭ دىمۇكراتىيسىنى كۆزىگە سىغدۇرالمايدۇھەم ئىزچىل غەرب بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ،ئامرىكا ۋە ياۋروپانى روسىيەنىڭ بۈيۈك دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇرلاپ كېلىۋاتىدۇ .
روسىيە ھازىر 15يىل بۇرۇنقى ئاجىز ھالەتتە ئەمەس ،ئامرىكىمۇ شۇچاغدىكىدەك ھەممىگە شىلتىڭ ئاتالايدىغان كۈچلۈك ئەھۋالدا ئەمەس ،شۇڭائۇكرائىنا - قىرىم مەسلىسىدە روسىيە كوسۇۋۇ كىرزسىدەك بىچارە ھالەتتە قاراپ تۇرمىدى ،ئامرىكىمۇ ئۇچاغدىكى ئەلپازىنىڭ ئەمدى يوقلقىنى ئاشكارىلاپ قويدى .
تارىختا رۇسىيە ئىزچىل ھالدا تولىمۇ قالاق ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن ،ياۋرۇپادا سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ بىېرلىۋاتقاندا چاررۇسىيە مۇڭغۇل تاتارلارنىڭ ئاسارىتىدىن ئەمدىلا قۇتۇلغانىدى .پادىشاھ پېتر قالاق رۇسىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىرقاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ كاپىتالىزم تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى . لېكىن  چارپادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمى ۋە يانچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازى بېسىمىدا ، تاكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە رۇىسيە كاپىتالىزىمى غەرپ ئەللىرىدەك ئەركىن كاپىتازلىم يولىدا ماڭالمىدى . بۇ لار رۇسىيەنىڭ ئەركىن دىمۇكراتىيە يولىدا ماڭالماسلقىغا ،ياۋرۇپا دۆلىتى بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى .مۇستەبىت چار پادىشاھ ھاكىميىتى .كۈچى زور  يەر ئىگىسى يانچى پومچىكلارئالدىدا  نىسپەتەن ئاجىز بولغا بۇرژۇئازىيە ئىنقىلاپ قىلشقا پېتىنالمدى.بۇ شارائىتلار  رۇسىيەدە ئىشچىلار ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن لېنىن رەھبەرلكىدىكى بولشىۋىكلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى كومپارتىيە ھاكىميىتىنى مۇۋەپپىقيەتلىك قۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس ھازرلدى .
قىسقىسى رۇسىيە ئىزچىل  ئەنئەنىۋى شەرق مۇستەبىت تۈزۈمى ئەنئەنىسى  بىلەن دىمكراتىيە -لىبرالىزىم ئارىسسدا قەتئىي بىر تاللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتقان ئارىسالدى دۆلەت .ھازىر سىتالىننىڭ نۇرغۇن خۇسۇسىيتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان پۇتىن سىياسىي مۇۋەپپىقيتى ۋە رۇسىيە ئىقتسادىنى  سوۋىت پارچىلنىشتىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ ،خەلقنىڭ مايىللقىنى قولغا كەلتۈردى ،پەقەت پۇتىن ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەدبىرلەردە مۈدرۈپ كەتمەي غەربىنىڭ ئىمبارگۇسىغا تاقابىل تۇرالىسىلا ،خەلق قەلبدىكى ئوبرازىنى ساقلاپ قالالايدۇ ،كەلگۈسى نەچچە يىلدا رۇىسيە قىزىل ئىمپىريە دەۋردىكى دەرجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلىيەلمىسىمۇ ،لېكىن غەرب بىلەن قارشىلىشالايدىغان ئەڭ كۈچلۈك رەقىب بولۇپ قالىدۇ .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 09:03:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ئامىرىكا ،روسىيە ،ياپونىيە گىرمانىيەلەرنى قايسى دۆلەت ياكى رايون ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالىيالايدۇ ؟بۇ يەردە پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ .ياۋروپا روسىيەنى جازالىسا ياۋروپا قىشنى مۇزلاپ ،ماشىنىنى ئاز ھەيدەپ ئۆتكۈزۈشكە دۇچار بولىدۇ.ياكى بولمىسا ئامىرىكىنىڭ قىممەت باھالىق يىقىلغۇلىرىنى ئىلىشى كىرەك .شۇڭا بۇ يەردە روسىيەنى چەكلەش،تىزگىنلەش ئىشى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە  ئىنىق مەيدان يوق .ياۋروپادىكى گىرمانىيە روسىيىگە نىسبەتەن ئىغىزدىلا تىزگىنلەش ئىلىپ بارىدۇ .سەۋەب گىرمانىيەنىڭمۇ فىرانسىيە بىلەن ،روسىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئوخشاش زىمىن ئالاڭچىلىقى بار .ئەمدى ئەنگىلىيەگە كەلسەك .روسىيە كىرزىسى ئانچە تەسىر قىلمىسىمۇ لىكىن بەرىبىر ئامىرىكىنىڭ قىممەت باھالىق يىقىلغۇلىرىنى ئىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .ئوتتۇرا شەرق روسىيەنى تىزگىنلەشتە تىخىمۇ ھاڭۋىقىپ قالدى چۈنكى بىرتەرەپتىن روسىيە جازالاش ئۇلارغا نىفىت چىقىرىشنى كۆپلەتسىمۇ لىكىن روسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ ئامىرىكىنىڭ قولىغا تامامەن چۈشۈپ كىتىشنى خالىمايدۇ .يەنە كىلىپ ،روسىيە ھەقىقىي ھالدا جازالاشقا ئۇچرىسا سۈرىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى سەزگۈر رايونغا نىسبەتەن قوللاشنى كۈچەيتىپ ،ئامىرىكىدىن ئۆچ ئىلىشىدىن قورقىدۇ .جۇڭگۇغا نىسبەتەن روسىيەنى جازالاش روسىيەنى ئاتتىن چۈشۈرۈپ ،ئاداش-ئاداش بولالايلى ،بۇرۇنقىدەك ماڭا ۋاقىراما ھە دىۋالىدىغان پۇرسەت ،ھەم جۇڭگۇغا يەنە بىرقانچە يىل ئامىرىكا نەزىرىدىن قۇتۇلۇپ تەرەققىياتقا ئىرىشىشتىن دىرەك بىرىدۇ .جوڭگۇنىڭ قىرىم مەسىلىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ قوللىشىمۇ دەل ئامىرىكىنىڭ دىققىتىنى بىرقانچە يىل جوڭگۇدىن يىراق قىلىشتۇر .روسىيەنى چەكلەش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن يەنىلا ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچى ئامىرىكا .چۈنكى بۇ ئىشلارنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىدۇ .قۇرال ساتىدۇ .مەسلەكداشلىرىنى كۆپەيتىدۇ .چەكلەش مەغلۇپ بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ دە ئامىرىكىغا مايىل كۈچلەرباش كۆتىرىدۇ .ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامىرىكا ئەسكەرلىرى كۆپىيىدۇ .بۇ چاغدا ئامىرىكا روسىيە بىلەن جوڭگۇنى چەكلەشكە كۈچ ھەم ۋاقىت يارىتىدۇ .
          مىنىڭچە ئامىرىكا بىلەن روسىيە مۇناسىۋىتى يەنىلا كىلەر يىلنىڭ بىشىدا ياخشىلىنىپ قالىدۇ .سەۋەب ئوكرانىيەدە قىش كىلەي دەپ قالدى .روسىيە تەبىئىي گازى تەمىنلەش توختىدى .ئوكرانىيە ئىچىدىن زىدىيەتلىنىدۇ .ئامىرىكىغا نىسبەتەن قارشى كۈچ باش كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ .ئاندىن ئوكرانىيە ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلالمايدۇ .ئوكرانىيەلىكلەر دۇما تۈزۈمىنى قوبول قىلىدۇ .ئاندىن ئامىرىكا روسىيە بىلەن ئالياسكادىكى ئامىرىكا -روسىيە تالاش-تارتىشى ئارقىلىق روسىيە بىلەن جوڭگۇنى چەكلەشنى باشلايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 09:07 PM  


دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11674
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1666 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 11:50:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىلا دىگەن بىلەن روسيە يەڭگۇچى بۇلۇپ بولدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110772
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2014-10-21
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 04:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقىردا بىز تەھلىل قىلغان مەسلىلەرنى ئاقساراينىكى تازلىق خىزمەتچىلىرىمو  نەچچە مىنوت ئىچىدە تەھلىل قىپ چىقىرالايدۇ  ئامرىكا  ئۈچۈن ئويناتقىدەك پىشكا دىگەن كۆپ  خايى ئامرىكا ئوتتىرا شەرىققە قوزغىغان ئوروشلار بولسون  ياكى روسىيەنى  جازالاش بولسون   ئامرىكا ھامىنى ئاكتىپ ئوروندا  زىرەل تاتتىشى مەنچە ناتايىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 01:33:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە ھەقىقى ئۇتقان دۆلەت روسىيە ئەمەس،بەلكى  ئامېرىكا قوشما  شىتاتلىرى.چۈنكى ئامېرىكا  بۇ كىرىزىستىن پايدىلىنىپ ئۆزىىڭ ياۋروپادىكى تەسىر كۈچىنى تېىخىمۇ كۈچەيتتى،روسىيەنى ياۋروپادىن قوغلاپ چىقىرىپ،ئەنئەنىۋى رەقىبى جۇڭگوغا بېقىنىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان شىمالىي ئاسىيا دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى(روسىيەنىڭ بلوروسىيەدىن باشقا بىرمۇ ئىتتىپاقدىشىنى قويمىدى).روسىيە بولسا كىچىككىنە قىرىمغا ئېرىشتى،لېكىن بۈيۈك  ياۋروپادىن ئايرىلىپ قالدى،بولۇپمۇ 300 يىللىق ئىتتىپاقدىشى ئوكرائىنانى غەرىپنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئىتتىرىپ كىرگۈزىۋەتتى.ستېراتىگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئوكرائىنا قىرىمغا قارىغاندا روسىيە ئۈچۈن 100 ھەسسە مۇھىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرىم مەمۇر جەھەتتىنلا ئوكرائىناغا تەۋە بولسىمۇ،ئەمىلىيەتتە روسىلارنىڭ كونتىروللىقىدىكى رايون ئىدى،رۇسلارمۇ دەل قىرىمنى كوزۇر قىلىپ،ئوكرائىنانى كونتىرول قىلىپ كەلگەن،رۇسلارنىڭ ئۇنى يۈتۈۋېلىشىنىڭ ئۇنچىۋالا بەدەل تۆلەشكە ئەرزىگۈدەك ئەھمىيىتى يوق.ئەمدىلىكتە بولسا بۇ كوزۇر روسىيە ئۈچۈن سىياسى ۋە ئىقتىسادىي يۈككە ئايلىنىپ قالدى.
   بەزەن قېرىنداشلىرىمىز ئامېرىكىغا بولغان ئاداۋىتىنى ئاساس قىلىپ،پۇتىننى قەھرىمان قىلىپ كۆككە كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ.شۈبھىسىزكى، بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش.روسىيەنىڭ ئىككى ئەۋزەللىكى بار،يەنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئېنىرگىيە(نېفىت ۋە تەبىئىي گاز)،شۇنداقلا ئىككى ئاجىزلىقىمۇ بار ،يەنى تېخنىكا جەھەتتە قالاق،دىپلوماتىيە جەھەتتە يېتىم ھالەتتە.بۇ كىرىزىستە روسىيە ئۆزىنىڭ ئەۋزەللقكىنى جارى قىلدۇرش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،ئەكسىچە ئۇنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىدى،يەنى، روسىيەنىڭ قۇدرەتلىك ئارمىيىسى شەرقى ياۋرودىكى بلېروسىيەدىن باشقا بارلىق دۆلەتلەرنى غەرىپ دۇنياسىغا،يەنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ كۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزىپ قويدى،نېفىت ۋە تەبىئىي گېزى بولسا،شىددەت بىلەن باھاسى چۈشۈپ،دۆلەت مائالىيەسىنى %30 تۆۋەنلىتىۋېتىپ،دۆلەت ئىقتىسادىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.مۇشۇ يۈزلىنىش بويىچە مېڭىۋەرسە روسىيەنىڭ غەرىپ دۇنياسى بىلەن بولغان پەرقى تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىپ،رايون خاراكتىرلىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا،پۇتىن روسىيەنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى.روسلارمۇ دەل مۇشۇنداق تار مىللەتچىلەرنى قەھرىمان ھېساپلاپ باشلامچى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن،قالاق ھالەتتىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىدۇ.قارىغاندا رۇسلار بۇ تۇيۇق يولدىن يانمايدىغان ئوخشايدۇ.
  شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى،NATO (ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى قۇرغان، يەر يۈزىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي تەشكىلات)نى پەقەت روسىيىلا يوقىتالايدۇ،لېكىن ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئەمەس،ئەكسىچە ئۆزىمۇ NATO غا ئەزا بولۇش ئارقىلىق.ئويلاپ باقايلى،روسىيىگە قارشى ھەربى تەشكىلات،روسىيىدىن ئىبارەت بۇ دۈشمەن «ھەربىي»گە ئايلىنىپ كەتكەن شەرت ئاستىدا،مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا بانا تاپالامدۇ؟ھېچ بولمىغاندا روسىيەگە قارشى مەۋقەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟
   
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-31 01:35 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 01:40:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 11:50 AM
نىمىلا دىگەن بىلەن روسيە يەڭگۇچى بۇلۇپ بولدى.

دەلىللەپ بېقىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 08:31:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇسلار تارىختىن بۇيان مۇستەبىتلەرگە چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان مىللەت،شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ خاراكتىرى ستالىن،برېژنېۈ،پۇتىنغا ئوخشاش ھوقۇققا دۈم چۈشكەن مۇستەبىتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.سوتسىيالىزىمنى ۋەيران قىلغان گورباچېۈ ئەمەس بەلكى رۇسلاردىكى مۇشۇ قۇللۇق خاراكتېر.

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 11:26:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكا نىمىلا دىگەن بىلەن ئوغۇلبالداچىلىغى با .   قاراپ تۇرۇڭلا، ئېيىقنى بىر بۇلۇڭغا سولاپ تۇرۇپ تېرىسىنى سويىدۇ .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش