مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: karluq02

رۇسىيە راستىنلا غەرپنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرالامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96811
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-8-7
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 08:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بىر سوقۇشمىدى ماۋۇ روس چوشقىلىللىرى .... غەرىپ پەرىپ بىر سوقۇشۇپ كەتسە . روسىيەگە بىر ئىمبارگۇنى يوغانراق يۈرگىزىۋەتسە ... ئازراق دەسمى تىپىپ روسقا مال ئىچىقىپ سىتىپ كەتسەم ... 90- يىللىرىدەكلا سودىلار مىڭىپ كەتسە ، دەپ ئويلايدىغانلار كۆپ جۇما

ئالى باشقۇرغۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 09:07:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 08:31 PM
رۇسلار تارىختىن بۇيان مۇستەبىتلەرگە چوقۇنۇپ كېلىۋاتق ...

شەخسى ئۆچمەنلىكىڭىزگە ئاساسلىنىپلا پۇتىننى ھوقوققا دۇم چۇشكەن مۇستەبىت دىسىڭىز بۇ گەپ تازا ئاقماي قالىدۇ. ھەرنۆۋەتلىك ئامىركا زۇڭتۇڭلىرى پەقەتلا ئەسلىدىنلا بار بولغان قۇدرەتلىك ئارمىيەگە ۋە تەييار تۇرغان زور ئىقتىسادقا تايىنىپ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا پۇتىنغا قالغىنى ۋەيران بولغان تاشلاندۇق روسىيە! غۇربەتچىلىكتە قىينىلىۋاتقان نەچچە ئون مىليون بالىلار ۋەئاياللار،ئىشسىزلىق دەستىدىن ئوغرى يانچۇقچىغا ئايلانغان ياشلار.... پۇتىنغا ئىلگىركى رەھبەردىن مىراس قالغىنى مانا مۇشۇلار، شۇنداق تۇرۇقلۇق پۇتىن تەلتۆكۈس ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر دۆلەتنى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ كەلدى. مېنىڭچە ئوبامانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەييارغا ھەييار ئامىركا رەھبەرلىرىنىڭ  پۇتىن بارلىققا كەلتۈرگەن روسىيەنىڭ ئوندىن بىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلىشى ناتايىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3069 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 09:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
duran18 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 09:07 PM
شەخسى ئۆچمەنلىكىڭىزگە ئاساسلىنىپلا پۇتىننى ھوقوققا  ...

  بىر ئوبدان مىڭىۋاتقان شىركەتكە سىزنى ياكى مىنى باشلىق قىپ قويسۇن ئۇ شىركەت مىڭىۋېرىدۇ. ھەقىقى ئىگىسى لىدىر.
  ئوباما بىر باشلىق، تەكلىپنىمۇ پارلامىنت سۇنىدۇ، ھەم قارار چىقىرىدۇ.
  پوتىنغا كەلسەك راسىتلا ھىلە بىلەن دۇنيا نىفىت باھاسىنى ئۈستۈرۈپ روسيەنى قۇدرەتلىك قىلىپ چىقتى، ئەمما يەنىلا غەرىپ دۆلەتلېرى نىفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش ئۇسولى بىلەن روسيەنى ئاجىزلاتماقچى بۇلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ روسيەدە يەنىلا يادرو قۇرالى بار بولغاچقا ئاقىزلاشقان ھالەتتىمۇ چۆپ بۇپ كەتمەيدۇ.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 09:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روس چوشقىلىرى مەغلۇپ بولىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 10:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتىننىڭ بۇرۇندىنلا قىرىمنى ئېلىۋېلىش ئارقىلىق قارا دېڭىزغا ئۈتۈش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش خىيالى بار ئىدى، ئەپسۇسكى، قىرىم ئوكرانىيەنىڭ ئىدى، ئۇ ئاخىرى قىرىمنى يۇتۇۋەتتى، لېكىن، ئامېرىكالىقلار دەل پۇتىننىڭ ئاشۇ قىلىقىنى كۈتۈپ تاقىتى تاق بولغان ئىدى. چۈنكى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بۇ غەرب دۇنياسىنىڭ روسىيەنى يانباشقا ئېلىشىغا ئىسىل باناھ بولاتتى، ئامېرىكالىقلار روسىيەنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى قارار قىلىشىدىن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قىرىمدىن ئىبارەت بۇ قىلتىرىقى كۆپ بېلىقنى يۇتۇۋالسا گېلىغا سۈڭەك تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى پۇتىن ئەمەس، بەلكى، ئوباما ئۇبدان بىلەتتى. مەنچە ئامېرىكانىڭ مەقسىتى روسىيەنى يىڭىدىن دۈشمەن قىلىپ تىكلەش، بۇرۇنقى سۆۋىتنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن باشقىدىن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ سوغۇق ئۇرۇش قىلىش. بەلكىم ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى روسىيەنى قايتا بىر قېتىم پارچىلىۋېتىش بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ غاجاكىسى بولۇشىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئەڭ زور بىر مىق سۇغۇرۇۋېتىلىدۇ. قىرىم ۋەقەسى، ئۇندىن كېيىنكى بىرقاتار ئىشلار، ھەتتا، نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ تۈۋەنلىشلىرىنىڭ ھەممىسى يىڭى بىر سوغۇق ئۇرۇشنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ. كەلگۈسى، ھەتتا، ئەتە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى خۇدا بىلىدۇ، لېكىن، ئامىرىكا دىگەن بۇ دۆلەت ناھايتى قورقۇنچلۇق دۆلەتتۇر. ئۇ ئاللىكىملەرنىڭ ئەۋلىياسى، يەنە ئاللىكىملەرنىڭ نەزەرىدىكى قورقۇنچلۇق ئالۋاستىدۇر. بۇ قېتىملىق ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇشلاردا روسىيە غەربنىڭ ئىمبارگوسىدىن قوتۇلسىمۇ زىيان تارتىدۇ، ئەگەر قۇتۇلالمىسىمۇ يەنىلا زىيان تارتىدۇ. ئەكسىچە ئامىرىكانىڭ روسىيەگە قاراتقان ئىمبارگۇسى غەلبە قىلسىمۇ مەغلۇب بولسىمۇ پايدا ئالىدىغىنى يەنىلا ئامېرىكا بولۇپ قالىدۇ، ئىككى قوچقار ئۈسسۈشسە بۆرىگە ئويۇن دىگەندەك ئامىرىكا بىلەن روسىيەنىڭ جىدىلىدىن ھەقىقىي نەپ ئالىدىغىنى يەنىلا دۆلىتىمىزجوڭگۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ يەردە جوڭگۇنىڭ ئىناۋىتى بولۇپمۇ روسىيەنىڭ ئالدىدىكى ئىناۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈلۈپ قالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 12:23:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kanjahun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 08:37 PM
خاتا ،ئۇكرائىناغا قارىغاندا قىرىم مۇھىم .چۇنكى قىرىم ...

   سىزنىڭ دەۋاتقانلىرىڭىز توپ-زەمبىرەك دەۋرىگە ماس كېلىدىغان مەنتىقىلەر،ھازىر بولسا باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەۋرى،قىرىمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ھېچكىم زەمبىرەك بىلەن قوراللانغان كېمە ئېۋەرتمەيدۇ،ئۇنداق قىلىشىنىڭمۇ ئورنى يوق.قارا دېڭىزنىڭ خەرىتىسىگە قاراپ بېقىڭ،ئۇنىڭ خوجىسى تۈركىيەمۇ ياكى روسىيەمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 01:36:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
duran18 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 09:07 PM
شەخسى ئۆچمەنلىكىڭىزگە ئاساسلىنىپلا پۇتىننى ھوقوققا  ...

پۇتىننى پۇتىن قىلغان نېفىت.سوۋېت ئىتتىپاقى مۇنقەرز بولۇشنىڭ ئالدى كەينىدە(80-يىللىرىدىن 90- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە خەلقارا بازاردا نېفىت باھاسى خەلقارا نېفىت باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغانلىقتىن،تاشقى پىرۋورتى ۋە دۆلەت غەزىنىسى نېفىتكە تايىنىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە روسىيەگە ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى،ئىقتىساد چېكىندى،خەلق تۇرمۇشى قىيىنچىلىققا ئۇچراپ،ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان سىياسىي بۆھرانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.پۇتىن تەخىتكە چىقىشى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ۋە تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ،روسىيە ئىنتايىن زور نەپكە ئېرىشتى،ئىقتىساد ئىلمىدىن پەرۋايى پەلەك پۇقرالار بۇ نەتىجىلەرنى پۇتىننىڭ نەتىجىسى دەپ قاراپ ئۇنى قەھرىمانلىق ئورنىغا چىقىرىپ قويدى.ھازىر نېفىت باھاسى %30 چۈشە چۈشمەيلا،«قەھرىمان پۇتىن»تىپىرلاپ،باشقا كوزۇرى قالمىغانلىقتىن ئامالسىز ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،باشقىلارغا پوپوزا قىلغىلى تۇردى.ئەمىلىيەتتە يادرو قوراللىرى  كارغا كەلمەس ئەخلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.روسىيەگە 15 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپمۇ بىر توغرا يولغا سالالمىغان پۇتىن ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئىقتىدارلىق رەھبەر ئەمەس،پەقەت بىر قاتتىق قول رەھبەر،خۇددى كېمئېرسىن،ستالىن ۋە شاۋېسلار كەبى.ھەقىقى ئۆلمەس رەھبەر دەپ ۋاشىنگتوننى دەيمىز،8 يىل دۆلەت سوراپ،تخىتتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ تۇتقان يولى ھازىر ئامېرىكىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيانىڭ بەخىت -سائادەت يولىغا ئايلاندى.

ئالى باشقۇرغۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 11:07:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 01:36 AM
پۇتىننى پۇتىن قىلغان نېفىت.سوۋېت ئىتتىپاقى مۇنقەرز ب ...

روسىيەگە 15 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپمۇ بىر توغرا يولغا سالالمىغان پۇتىن ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئىقتىدارلىق رەھبەر ئەمەس،
----------------------------------------------------------------

ماۋۇ گەپكە قۇرت قوڭغۇزلارمۇ قوڭىدا كۈلە....  پۇتىن ئىقتىدارلىقمۇ ياكى ئىقتىدارلىق ئەمەسمۇ ھازىرقى روسىيەنىڭ ئەھۋالى بۇنىىڭغا جاۋاپ بولالايدۇ. نىفىت بولغانغىلام دۆلەت گۈلىللۈنۈپ قۇدرەتلىك بوپ كىتىدىغان ئىش بولسا ھازىرقى لىۋىيە سۈرىيە دىگەن دۆلەتلەردە نىفىت ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ. شۇلا نىمىشقا روسىيەدەك بولامممىدى؟ ئامىركىنىڭ بەخىت سائادىتى دۇنياغا ئەمەس ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قۇيرۇق شىپپاڭشىتقان دۆلەتلەرگىلا سايە تاشلىدى! پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقنى بىز تىللاۋاتقان روسىيە قوللىدىيۇ ئامىركا قوللىماي تۇرۇۋالدى. بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ ئامىركىنىڭ ئاتالمىش دىموكراتىيەسىدىكى بارەۋەرلىك ئىنسانى ھوقۇق دىگەنلەر 3-دۇنيا ئەللىرىگە مەنسۇپ ئەمەسمىكەن؟ يەنە شۇ بىز تىللاۋاتقان روسىيە ئاچارچىلىقتا قالغان سۈرىيە خەلقىگە 20مىليون دوللارلىق ھەقسىز ئاشلىق ياردىمىنى نەقلەشتۈردى. ئەمما سۆزلەڭ دىسە6چەرەك سۆزلەيدىغان  ئاۋۇ قارماتاقچۇ؟ بىر تىيىنلىك ئەمەلى ھەرىكەت قىلماي ئەتىدىن كەچكىچە قۇرۇق گەپ سېتىپ دۇنيانىڭ كۆزىنى  ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىدىن سۈرىيە مەسىلىسىگە بۇرېۋېتىپلا يۈردى. بولدىلا سىزگە مىڭ چۈشەندۈرسەممۇ چۈشىنىدىغاندەك ئەمەسسىز شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىر بىرىمىزگە دىكتاتورا يۈرگۈزۈشمەيلى. سىزمۇ ئۆز پىكرىڭىزدە قېلىڭ مەنمۇ ئۆز پىكرىمدە قالاي. ئاللاھقا ئامانەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107104
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 01:04:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەرب تاراتقۇلىرى پۇتىننىڭ زىمىنغا تويماس ئاچكۆزلىكىنى تەنقىدلىگەن، ئۇنى ھېتلىرغا ئوخشاتقان. مىنىڭچە ھەرقانداق كۆز قاراشنىڭ ھامان ئاساسى بولىدۇ!

پۇتىننىڭ قىرىمىيەنى بېسىشى روسىيەدە تارىخىي غالىبە بولغان بولسا، دۇنيادا تارىخىي خاتالىقتۇر!

ئەركىن مەھبۇس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94118
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 775 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 04:16:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا سىياسۇنلىرى

كۈلمە دۇنيا ! بىزنىڭ بۇ ھالىمىزغا قاراپ كۈلمە !  بىركۈنلەر كىلىىدۇ ، ھەمىمىزنىڭ دىنى ، تىلى،يىزىقى بىر بولغىنىدەك ، دىللىرىمىزمۇ ھەم   بىر  بۇلىدۇ           
باشقىلارنى ئۇنداق بۇنداق دەپ باھا بەرگەنلەر ، ئاۋال ئۈزىڭىزدىن مەن قانداق دەپ سۇراڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش