خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ ماڭغان راكېتا پارتلاپ كەتتى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
بۈگۈن (2014-10-29) ناسا نىڭ 1-قول باشلىقى چارلىس بولدېن (Charles Bolden) بارلىق ناسا خادىملىرىغا بىر پارچە ئېلخەت يېزىپ، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىرىلىدىغان «سىگنۇس» (Cygnus) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر راكېتا يەردىن قوزغۇلۇپ 10 سېكۇنت ئۆتكەندە پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى [1]. ھەمدە كائىناتقا ئالەم ئۇچقۇرى چىقىرىشنىڭ بىر ئىنتايىن قىيىن ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ناسا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزىدە مۇشۇنداق ھادىسىمۇ يۈز بېرىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم ھېچ قانداق ئادەم چىقىمى سادىر بولمىغانلىقى ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر خوش-خەۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
بۇ راكېتا «ئوربىت ئىلىملىرى» (Orbital Sciences) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ راكېتاسى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە (Virginia) شتاتىنىڭ ۋاللوپس ئارىلىدىن ئېتىلغان. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە بىرەر ئادەم زەخمىلەنمىگەن. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يۈكنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ يەردە ئاشلىق ياكى ئىچىملىك يېتىشمەسلىكتەك باشقا بىرەر خەۋپمۇ يۈز بەرمەيدىكەن. لېكىن، بۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن راكېتا ئېتىش ئۈسكۈنلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.
بۇ راكېتىنىڭ ئىسمى «ئانتارېس» (Antares) بولۇپ، بۇ خىلدىكى راكېتالار 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. بۇ قېتىمقىسى ئاشۇ خىلدىكى راكېتىنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، بۇرۇنقى 4 قېتىمدا بۇنداق ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىغانىكەن. بۇ قېتىمقى خەۋەرلەردە بۇ راكېتىنىڭ پارتلاپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچ قانداق مەزمۇن يوق ئىكەن (بۇ تېخى تۆنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقە بولغاچقا، ناسا دىكىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېخى تېپىپ چىقىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن).
ناسا بۇ يىل جەمئى 19 قېتىم خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يۈك چىقارغان بولۇپ، بۇ قېتىم مەغلۇپ بولغىنى 20-قېتىملىق يۈك چىقىرىش مەشغۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنى «ئانتارېس» راكېتاسىنىڭ بىر قانچە كۆرۈنىشلىرى.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Orbital’s Antares fails seconds after launch
<
http://www.nasaspaceflight.com/2 ... y-after-launch/>
1-رەسىم