Acura يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 02:32 PM
توغرا دەيسىز ئەركىن ئاكا ، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ توشۇغۇچى ...
كۆز-قاراشلىرىڭىز توغرا . بىراق ئويلاپ بىقىڭ بىر دانە راكىتغا كەم بولغاندا نەچچە ئون توننىدىن ئارتۇق كۆيۈشچانلىقى ۋە پارلىشىچانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولغان يىقىلغۇ قاچىلىنىدۇ . مۇشۇنداق ھالەتتە راكىتا پارتىلاپ كەتسە سىز ئويلاپ بىقىڭ تەكشۈرگۈدەك ساق يىرى قالامدۇ ؟
ئالەم قاتناش ئۈسكۈنلىرىنى لايھەلەش. ياشاش . سىناق قىلىش .....قاتارلىق ھەر بىر ئىش ھالقىللرىنى بىلىم سەۋىيسى ئەڭ يۇقۇرى تېخنىكا ئالىملار بىۋاستە قول سىلىپ ياسايدىغان تۇرسا . ئەنە ئەركىن ئاكىمىزمۇ ئۆزىمۇ دەپ ئۆتۈپتۇ .
ماشىنا ياكى پويىز بولسا ئىدى بۇزلۇپ قالسا بۇزۇق يىرىدىن باشقا يەرلىرى جىم تۇرغاچقا ۋە بۇزۇق يەرلىرى شۇ ھالەتتە بولغاچقا چاتاق نەدە چىقتى شۇنى تەكشۈرۈپ ئىنىق ھۆكۈم چىقارغىلى بولاتتى . بىراق پارتىلاپ چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەن راكىتا پارچىللىرىدىن مۇنداق ئاسانلا سەۋەنلىكنىڭ نەدىلىگىنى تىپىش بەشمۈشكۈل ئىش . ناسا بۇ ئىشتا چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ .
.....قايسى يىلى ئېىسمدە قالماپتۇ . رۇسچە بىر ۋىيدىيونىڭ ئېلان سۇپىسدا تولىمۇ ھەيۋەتلىك راكىتانىڭ سۈرۈتى تۇرۇپتكەن كۆرۈپ باقاي دەپ ئاچسام تىلىنى بىلمىدىم رۇس تىلى بولغاچقا . ھىلىقى راكىتا قوزغۇلۇپ 200 مىتىرچە ئۆرلىگەن بولغىيدى راكىتانىڭ ئانا تۈرۈكنىڭ ئاساسى يىقلغۇ ماتورى نورمال ھەركەت قىلىۋاتقان ، ئانا تۈۋرۈكنىڭ يۇقۇرىغا ئىنتىلىشى ئۈچۈن قوشۇمچە ياردەم كۈچ ھاسىل قىلدىغان ئانا تۈۋرۈكنىڭ قوسقىغا يانقداشقان تۆت دانە بالا راكىتانىڭ ئۈچى نورمال ئۆت ئىلىپ شىددەت بىلەن گاز پۈركەۋاتقان بىرسىىنىڭ قانداق بولدى تاڭ ئوتى ئۆچۈپ قالدى . شۇ ۋاقتىتا مەن ئاشۇ ئوتى ئۆچۈپ قالغان بالا راكىتانىڭ ئاستى قاپقاق ئەتىراپىدىكى قوشۇچنە راكىتاننىڭ يىقىلغۇ كۆيۈش بۆلۈمچىىسىدىن چىققان ئوتنىڭ يۇقۇرى تېمپۇراتۇرسىدىن قىزىزىپ پارتىلاپ كىتىدىغان بولدى دەپ خىيال قىلۋاتقان ئىدىم. تۆۋە راسىت دىگەندەك ھىلىقى بالا راكىتا نەچچە سېكىنۇتتىن كىيىن پارتىلاپ كىتىشىگە ئارقىدىن نەچچە سېكىنۇت ئۆتە-ئۆتمەي بۇ پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان كۈچ بىلەن ئانا راكىتتامۇ پارتىلاپ كىتىپ ، تېخى ئۈستۈنكى ئۈگىسى پارتىلاشقا ئۈلگۈرمەيلا تەلتۆكۈس ۋەيران بولمىغان راكىتا قويۇپ بىرىش سۇپىسىغا چۈشۈپ كىتىپ راكىتا قويۇپ بىرىش سۇپىسىدىكى خادىملارنىڭ ماشىنىللىرى ۋە نۇرغۇن خادىملارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئەسلى بۇ ۋىيدىيو يىڭى يوللانغان ئىكەن ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەي نۇر تورىدا تەرجىمە قىلىنغىننى كۆرگەندىم . ئەسلىدە روسىيەنىڭ باكنۇر راكىتا قويۇپ بىرىش بازىسىدا قويۇپ بىرىلگەن راكىتانىڭ ياردەمچى بالا راكىتا نورمال ئىشلىيەلمەي ئاسالىق راكىتانىڭ پارتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . پارتىلاشتا 70 نەچچە ماشىنا ۋە نۇرغۇن خادىملارنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-30 03:23 PM