مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilgejan

(bilgejan) يۇرت سەپىرىدىن تەسىراتلىرىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 10:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Eliyop يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 03:54 PM
ھۆرمەتلىك تۇرسۇنجان سىزنى مەدەنىيەت بوستانى پىرگىرام ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېلىيوپ، قىزىققىنىڭىزغا رەھمەت. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرسىڭىز بولىدىكەن:
http://v.youku.com/v_show/id_XODE1MjAyMzAw.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101831
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 683
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 01:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 10:57 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېلىيوپ، قىزىققىنىڭىزغا رەھمەت. ت ...


ئەسسالام ھۆرمەتلىك تۇرسۇنجان، ئىنكاسىمغا  قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ نىكاس يىزىپ كۆرسەتمە بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت. سىز كۆرسەتكەن ئادىرىسنى تىپىپ بۇسۆھبەتنى قايتىدىن بىر كۈرپ چىقىش بىلەن بىرگە سىزدىن ئىنتايىن سۈيىندىم ، ھەم بۇ كۈرنىشنى ساقلىۋالدىم . سىزنىڭ كىچىك پېئىل ئەستايىدىل چىچەن، چاققان ئىلىم سۈيەر ،يۇرۇت ۋە مىللەت سۈيەر روھىڭىز مىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. بىز ئۇيغۇرلاردىنمۇ پەن تەخنىكىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئاشۇ كۆك كۆز سىرىقچاچ ئىگىزبوي ئەجنەبىلەرنى بىسىپ چۈشكىدەك سىزدەك تالانتىلىق ئالىمىمزنىڭ چىققانلىقىدىن بەكمۇ پەخرىلىنىمەن.
رەخمەت سىزگە.  E-mail:Duldul163@163.com, samanyolino1@qq.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eliyop تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 02:46 PM  


مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7162
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 02:21:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Eliyop يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 01:24 PM
ئەسسالام ھۆرمەتلىك تۇرسۇنجان، ئىنكاسىمغا  قىممەتلىك ...

مەنمۇ نەقىل ئىنكاسىدىن بەكرەك تەسىرلەندىم...
يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي~!

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6739
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 10:28:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىش ئىچىدە ۇقۇپ چىقتىم، داۋامىنى ساقلايمىز

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13800
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 08:38:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىنىڭىزنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن.

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 10:28:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇرت سەپىرىدىن تەسىراتلىرىم (2) - بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا


دەسلەپتىكى 15 سائەتلىك ئۇزۇن يولدا بىلىنمىگەن ھاردۇقلار سىئولدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىپلا بىلىنىشكە باشلىدى. ئەمدى كۆزۈم يۇمۇلغان ۋاقىتتا كورىيەچە پاسوندا چاچلىرىنى تۈگۈپ كۆك رەڭلىك كوپتا-يوپكا كىيىۋالغان ئايروخانقىز نېمە تاماق يەيدىغانلىقىمنى سوراپ ئۇيقۇمنى بۇزدى. ئەزەلدىن ئۇيقۇمدىن ئويغاتقاننى ئۆچ كۆرىدىغان بولغاچقا بۇ خانقىزغا گەپ قىلىشمۇ خوشياقماي قالدى ۋە پەقەت بىر ئىستاكان مۇز سالغان سوغۇق سۇ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ داۋاملىق ئۇخلاشقا تىرىشتىم. شۇنداق قىلىپ قايتا ئۇخلاپ بولالماي خىياللارغا غەرق بولۇپ مۈگىدەپ ئولتۇرۇپتىمەن. شۇ ئەسنادا ئالدىنقى قېتىم 2010-يىلى بېيجىڭغا كەلگەندىكى ئىشلار يادىمدىن كەچتى. كىشىلەر ماڭا ئامېرىكىدىن جۇڭگوغا بارسىلا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ دېگەن ئىدى، ئەمما مەن ئالدىنقى قېتىم بېيجىڭغا دەسسىمەي تۇرۇپ بۇ گەپنىڭ راستلىقىنى ھېس قىلىپ بولغان. ئۇ قېتىم خەينەن ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرغان ئىدىم ھەم ئايروپىلاندىكى يېرىمدىن كۆپ يولۇچىلار جۇڭگولۇقلار ئىدى. ئايروپىلان بېيجىڭ ئايرودرومىغا قونۇپ تېخى يەردە سىيرىلىپ مېڭىۋاتقاندا ئايروپىلاننىڭ يۇقىرى تىزلىنىشتە ئاستىلاۋاتقىنىغا قارىماي ياشانغان جۇڭگولۇق بوۋاي-مومايلار ئورنىدىن تۇرىۋىلىشقا باشلىدى. ئايروپىلان خادىملىرى بۇنى كۆرۈپ پەقەت خەنزۇ تىلىدا يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى بوشاتماي ئورنىدا جىم ئولتۇرۇشى كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇۋالغان كىشىلەر ئايروپىلان توختىشى بىلەن تەڭ ئۆزلىرىگە نۆۋەت كىلىشىنى ساقلىمايلا ئالدىغان ماڭغىلى تۇردى-دە، ئايروپىلاندىن چۈشكىچە زور بىر قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەيدا قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار تۈگۈل جۇڭگونىڭ پويىزلىرىدا كۆپ قېتىم ئولتۇرۇپ ئادەتلەنگەن مېنىڭمۇ بۇ ئىش كۆزۈمگە قەتئىي سېغمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىشقاندەك ئۇ چاغدا ئورنۇم ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا ئايروپىلاندىن چۈشكىچە كەتكەن 30 مېنۇتتەك ۋاقىتتا جۇڭگولۇقلاردىكى «ئوخشىماسلىقلار»نى كۆرۈپ بىزار بولۇشقا باشلىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ بىر كىچىككىنە ئىش بىلەن جۇڭگولۇقلار مۇنداق ياكى ئۇنداق دەپ باھا بېرىش ئالدىراڭغۇلۇق بولسىمۇ، ھېچبىر يەردە كۆرمەيدىغان بىر ئىشنىڭ بېيجىڭدا يۈز بېرىشى ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىر تەساددىپىيلىق ئەمەس، بەلكى بىر مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. خىيۇستۇندىن سىئۇلغا كەلگۈچە ئولتۇرغان ئايروپىلاندا بۇنداق ئىش كۆرۈلمىدى، ئەمما سىئولدىن بېيجىڭغا ئۇچقان ئايروپىلاندا گەرچە كورىيەلىكلەر كۆپرەك بولسىمۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەستى. شۇڭا بۇ قېتىم قانداق بولار دېگەن سوئاللار بىلەن يەنە ئۇيقۇغا كەتتىم. تەلىيىمگە يارىشا، بۇ قېتىم ئايروپىلاندىكى ياشانغانلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقىمىكىن-تاڭ، ئايروپىلاندىن چۈشكىچە «قاتناش قىستاڭچىلىقى» يۈز بەرمىدى.

بىز بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان كەچ سائەت 9:00 دىن ئاشقان بولغاچقا ئايرودرومدىن يۈك-تاقنى ئىلىپ چىققۇچە ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بارغان ئىدى. بۇ قېتىم بېيجىڭدا مېنى ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بېيجىڭ شېيخى ئۇنىۋېرستېتىدىكى پىروفىسور پېڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن ئىككى ئوقۇغۇچىسى بىلەن بېيجىڭدىكى دوستۇم ئابدۇمىجىت بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئابدۇمىجىت بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. گەرچە بۇ ئىككىمىزنىڭ تۇنجى يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈشىمىز بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ قەلبىمىز ئاللىقاچان تۇتىشىپ كەتكەن بولغاچقا كۆرۈشۈپلا ناھايىتى تەبئىي رەۋىشتە دوستانە سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتۇق. مېنىڭ كىملىكىم يوقاپ كەتكەچە، ئابدۇمىجىت ئىككىمىز ئالدى بىلەن ئايرودرۇم ساقچىخانىسىنى ئىزدەپ تېپىپ كىملىك يۈتۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتىنى قانداق ئالدىغانلىقىمىزنى سورىدۇق ۋە بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان كۈنى كىلىپ بىجىرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئالدىراپ ۋاڭ فۇجىڭدىكى مېھمانخانىغا ماشىنا بىلەن يول ئالدۇق. ئابدۇمىجىت بۇ قېتىم مەن ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمىغان ئىدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ۋىزا رەسمىيىتى بىجىرىشىمگە توغرا كىلىدىغان بولغاچقا ئالدىن كىلىشىش، ۋىزا ھەققىنى تۆلەش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇ نەچچە سائەتلەپ ئىشىنى تاشلاپ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېغىر ئالماي مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئابدۇمىجىت بىلەن مەن توردىكى يازمىلىرىم ئارقىلىق تونۇشقان. ئۇ ئىزدىنىش تورىدىكى مېنىڭ يازمىلىرىمنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمىنىم بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ كەسپىي ئىجتىمائىي پەن بولسىمۇ، ئەمما مەن يازغان يازمىلاردىن بىئولوگىيەگە قاتتىق قىزىقىشى قوزغالغان ياشلارنىڭ بىرى ئىكەن. ماڭا خەت يازىدىغان نۇرغۇن ياشلار ۋە سىتۇدىنتلارغا قارىغاندا ئابدۇمىجىتنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ ئېغىزىدا دەپلا قويۇپ بولدى قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى دېگەن ئىشىنى قىلىدىغان يىگىت ئىكەن. ئۇ بىئولوگىيەگە ئىشتىياق باغلىدىم دەپلا توختاپ قالماستىن، بەلكى مەندىن ئۇ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەدىكى كىتاب-ماتىرىياللارنى سورىدى ۋە مەن بىلەن كۆرۈشكىچە بىئولوگىيەگە ئائىت تېمىلاردا ئالاقە قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇقۇملارنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپتۇ. ئۇ پات كەلگۈسىدە مۇشۇ قىزىقىشى بويىچە تىلشۇناسلىقنىڭ بىئولوگىيە بىلەن كېسىشىدىغان يېڭىدىن چىققان بىر تارماق ئىلىمى بولغان بىئو-تىلشۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بۇ تىرىشچان يىگىتنىڭ ئارزۇلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن. بېيجىڭغا كىلىپلا بۇ ئوتتۇرا-بوي، خۇشخۇيلىقىدىن بۇ ئۆمرىدە ئاچچىقلىنىپ باققان چىراي كۆرۈنمەيدىغان يېڭى كۆرۈشكەن كونا دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ خىلى روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

بۇ كۈنى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ چاڭ-توزانلىق كۆرۈنەتتى، بىز يولغا چىقىپلا يامغۇر يەنە تۆكۈشكە باشلىدى. بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ، بۇنچىۋالا مەينەت ھاۋانى كۆرمىگىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغاچقا ھاۋانىڭ تەلەتىنىڭ سەتلىكى ۋە ئېغىر دەرىجىدە گۈڭگۈرت پۇراپ تۇرۇشى مېنى خېلىلا چۆچۈتتى. شوپۇر ئۇستام ماشىنىنى ھەدەپ تىزلىتىپ يانداپ ھەيداۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ كېچىدە بىزنى مەنزىلگە تېزراق يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئويلاشقىنى ئېنىق، ئەمما مەن بۇ خىل ماشىنا ھەيدەشكە ئىددىيەمدە زادىلا تەييارلىقىم بولمىغاچقا قورقۇپ يۈرىكىم سۇ ئولتۇراتتىم. قارىسام باشقا شوپۇرلار تېخى ئۇنىڭدىنمۇ قارام ھەيدەيدىكەن. كۆزىتىشىمچە، ئۇلارغا نىسبەتەن يولنىڭ سېزىقلىرى «چوقۇم مۇشۇ سېزىق ئىچىدە ھەيدىشىڭ كېرەك ئەمەس»، بەلكى «مۇشۇ سېزىق ئىچىدە ھەيدىسىڭىز ياخشىراق» دېگەننى بىلدۈرسە كېرەك، ئىشقىلىپ كىچىككىنە بوشلۇق بولسا سېزىق-پىزىق بىلەن كارى يوق ياكى بەلگە چىراقلارنى بېرىپ ئولتۇرمايلا ماڭىۋىرىدىغان ئىشكەن... ئامېرىكىدا بۇنداق ماشىنا ھەيدەيدىغان بولسا ساقچىلار يولدىكى ماشىنىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تۇتۇپ شوپۇرلارنىڭ پىراۋىسىنى يىرىم يىل مۇسادىر قىلغان بولۇشى ئېنىق ئىدى. ئەسلىدە تېخى بېيجىڭدا ۋاقتىم چىقسا پىراۋامنى يەڭگۈشلەپ يۇرتقا بارغاندا ماشىنا ھەيدەپ يۈرەرمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇ نىيىتىمدىن يېنىۋىلىشقا 15 مېنۇتمۇ كەتمىدى... بىز تىز سۈرەتلىك تاش يولدىن چىقىپ شەھەر ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن كارامەتنى ئاندىن كۆرگىلى تۇردۇم تېخى. موتسېكلىتلار، پىيادىلەر، ۋېلىسپىتلىكلەر ئىشقىلىپ ھەممىسى ئالدىغىلا ماڭىدىغان ئىشكەن مەيلى بىخەتەر بولسۇن بولمىسۇن... ماشىنىلار ئادەمنى كۆرسە 30 مېتىر نېرىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈۋىلىشىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ئامېرىكىدا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنگەن ۋە جۇڭگودا ئەزەلدىن ماشىنا ھەيدەپ باقمىغان بولغاچقا، ئىچىمدە: «توۋا، بۇرۇنمۇ قاتناش مۇشۇنداق بولغۇيمىدى...؟» دەپ ئويلىماي تۇرالمىدىم. بۇ يەردىكى شوپۇرلارنىڭ كۆزىدە خۇددى ئۆتۈشۋاتقان ئىنسانلارنى كۆرسەتمەيدىغان سۈزگۈچ پەردە باردەك ئادەمنى كۆرگەنسېرى تېخىمۇ تىزلىتىپ دېگەندەك ھازىر سوقۇۋىتىدىغاندەك قىلىپ ھەيدەيدىكەن. شۇ كىشىلەرمۇ خۇددى ماڭا كۆرۈنمەس بىر پولات قورغانى ئۇلارنى قوغداپ تۇرغاندەك بىلىندى چۈنكى تىز سۈرئەتتە كىلىۋاتقان ماشىنىلارغا بوي بەرمەستىن ئالدىغان مېڭىشىۋىرىدىكەن. بۇ نېمانچە پىشىپ كەتكەن، «قورقماس» يۈرەكلەردۇ؟! بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئەمدى «ۋاي!!! ۋۇي....» دەپ ئولتۇرۇپ شوپۇرنى بىزار قىلىۋەتتىم بولغاي. ئىشقىلىپ بۇنداق توپ-توپ پىيادە ماڭىدىغان ئادەملەرنى كۆرمىگىلىمۇ يىللار بوپتىكەن، ئەمما ئۇلار ماڭا ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغاندەك، باشقىلارنىڭ تېخى بۇنىڭ بىلەن ئەسلا كارى يوقتەكلا بىلىنىپ بىر قىسمىلا بوپقالدىم. ئامېرىكىدا مۇنچە يىل ياشاپ بۇنداق ئىشنى قەتئىي كۆرۈپ باقمىغاچقا، تەبئىي ھالدا بۇ ئىشلار مېنى جۇڭگودىكى ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ئۈستىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلدى. ئىنسان ھاياتى، بىخەتەرلىكىنىڭ قەدىر قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى مانا مۇشۇنداق ئىشلاردا ئىپادىلىنىدىغان ئىشكەن. شۇنچە قالايمىقان ھەيدىسىمۇ ئۇنچىۋالا كۆپ قاتناش ۋەقەسى چىقمىغانلىقىغا قاراپ ئەقلىم ھەيرانۇ-ھەس بولدى. شۇ تاپتا ئامېرىكىدا نەچچە يىل ياشاپلا ئادەتتىكى ئىشلارنى مۇبالىغە قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىشىم مۇمكىن، ئەمما بۇ مېنىڭ چىن ھېسسىياتلىرىم ئىدى. بىر سائەتتەك تاكسىدا ئولتۇرۇپ كەلگۈچە كۆرگەن بۇ «چېكىدىن ئاشقان دەرىجىدە قالايمىقان قاتناش» تىن چۆچۈپ كېتىپ، ئاخىرى قاراۋىرىشكە جۈرئىتىمنى يوقىتىپ قويدۇم ۋە «مەنزىلگە ساق بارالىسام شۈكرى دەي» دېگەن خىيال بىلەن كۆزۈمنى يۇمىۋىلىپ تىت-تىت بولغان ھالدا ئولتۇردۇم. ئاخىرى مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندە بولسا، «ئۇھ...» دېدىم ۋە شۇنچىۋالا خېيىم-خەتەردىن ئامان ساقلىغان ئاللاھقا مىڭ شۈكرى-مەرتىۋىلەرنى ئېيتىپ ئاران دېگەندە مېھمانخانىغا كىلىۋالدۇق. مانا ئەمدى يۈك-تاقلارنى ياتاققا ئەكرىپ جايلىشىپمۇۋالدۇق، ئەمما ھاردۇق يەتكەن قىزىم تۇمارىس شۇ تاپقىچە ئويغىناي دېمەي تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. شۇ قورساقنىڭ ئاچلىقىدا ئابدۇمىجىت بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق ئىلىپ كىرەيلىمۇ دەپ ئىشكىنىڭ تۈۋىگە چىقىشىمىزغا، بىر نەچچە ساقچى ئىشىكنى چەكتى...

داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 10:37 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35845
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 592
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 02:59:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈزلىگەن ياخشى،بىلىملىك ،تالانىتلىق شنجاڭلىقلارنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،شنجاڭلىقلار تورى قۇرۇلدى.ھۆكۈمەت ۋە خەلق بىردەك ياخشى كۆرىدىغان كارخانىچى،سەنئەتكار،تالانىتلىق ياشلار،ساخاۋەتچىلەر،ئالىملار ھەممىسى-شنجاڭلىقلار تورىنىڭ خەنزۇچىسىدا

ئادېرس:www.xinjiangren.com

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 03:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ خۇشالمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110311
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 03:58:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە بېرىلىپ ئوقۇۋاتقانتىم ئۇ بىرقانچە ئادەم ئىشىك قاقتى............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1877
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 08:39:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش