مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilgejan

(bilgejan) يۇرت سەپىرىدىن تەسىراتلىرىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 388
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:13:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۇتىمەن

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 12:24:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېيجڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا - داۋامى



گەرچە بېيجىڭ بىلەن بىز ياشايدىغان تېكساسنىڭ كېچە-كۈندۈز ۋاقتى پۈتۈنلەي ئالمىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇ كۈندىكى ھارغۇنچىلىقتا ئېغىر ئۇخلاپ كېتىپتۇق. تاڭ سەھەردە مېھمانخانىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تۇڭگان ئاشخانىسىغا بېرىپ بولغۇچە ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ ئادەم بار يەردە مېڭىپ باقمىغان قىزىم ماشىنا، موتوسېكلىت، ۋېلىسپىت ۋە پىيادىلەر قىستىلىشىپ ماڭىدىغان بۇ قىستاڭ كوچىغا ھاڭۋىقىپ قاراپ قالدى. ئۇدۇلدىكى بېيجىڭ شېيىخى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قەدىمكى ئۇسلۇپتا سېلىنغان قىزىل ئۆگزىلىك جۇڭگوچە بىنارلىرىغا قارىغاچ، بىردەم ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ باقتى. يولدىن ئۆتۈشۋاتقانلار قىزىمنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكى ئامېرىكا كىشىلىرىدەك ئۇنىڭغا سالام قىلىپ قويمىغانلىقىدىن ياتسىراش ھېس قىلدىمۇ-تاڭ، ئۇ ماڭا چىڭ چاپلىشىپ يىقىملىق يۈزىنى مۈرەمگە قويۇۋالغان ئىدى. ئەلچىخانىدىكى ۋىزا رەسمىيتى ئۇچرىشىشىمىز سائەت 9:30 غا بېكىتىلگەن بولغاچقا، بىز بېيجىڭدىكى تۇنجى كۈننى ئالدىراشچىلىق، ئەنسىرەش ئىچىدە باشلىدۇق. بېيجىڭنىڭ تۇتۇق ھاۋاسى ئاخشام بېيجىڭ ئۈستىدە ئويلىغانلىرىمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ يەنە شۇ يېقىمسىز تەلەتى بىلەن بىزنى قارشى ئالغاندەك قىلمايتتى. ئەمما «غەربىي ماخۇا» دەپ ئاتالغان بىزگە تونۇش بولغان لەنشىياڭ تۇڭگان ئاشخانىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ئاشخانىنىڭ كالا گۆشى ئۈگرىسىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، شۆلگەيلىرىمنى ئاران كونتىرول قىلغان پىتى ئىشتىھا بىلەن ناشتىلىققا تۇتۇندۇم. «ئاھ! تونۇش تەم، تونۇش پۇراق!» دەۋەتتىم تۆت ئادەم ئاڭلىغۇدەك قىلىپ. نە زامان مۇشۇ سېغىنغان سۇيۇقئاشنى ئىچىپ باقمىغىلى؟



ئاخشام يوقلاپ كەلگەن چاقىرىلمىغان «مېھمانلار»نىڭ غۇمى كۆڭلۈمدىن تېخى يۈتمىگەچ ھاياجانلىناي دېسەممۇ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بىر قانداق ئىدى. مانا ئەمدى ئىسسىق باسقان بىر قاچا سۇيۇقئاش بىلەن پۇت-قولۇمغا باشقىچە كۈچ كىرگەندەك بولۇپ روھىممۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى. تۈنۈگۈن ئەسلى مۇشۇ ئاشخانىدىن تاماق ئەكىرگىلى ماڭاي دەپ تۇرغاندا ئىشىك چەككەنلەر بېيجىڭ ساقچىلىرى بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ كىملىكىمىز بىلەن مېھمانخانىدا تىزىملاتقان ھامان «ئەھۋال سورىغىلى» كىلىدىغان ئادىتى بار ئىكەن. ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم بېشىمغا كىلىشى بولغاچقا، بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانلارغا ئانچە ئوچۇق چىراي بولالمىدىم. ياخشى يىرى، ئۇلار مېنىڭ ئامېرىكىدىن كىلىپ بېيجىڭدا ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەيدىغان تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ ئېنگىلىزچە خەت ئوقۇيالمىسمۇ، بېېجىڭ شىيېخې ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن تەكلىپنامىسىنى ئاتايىتەن كۆرۈپ بېقىشتى.  كۆزىمىزنى ئېچىۋالايلى دەپ ئويلىغان ئېھتىماللىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەلكىم بۇ بىر رەسمىيەتتۇ دەپ ئويلاپ مەنمۇ ئۇلارغا كۆپ گەپ قىلماي تەكلىپنامىنى سۇنغان ئىدىم. كېيىن ئۇلار بىر مۇنچە كەچۈرۈم سورىغاچ ناھايىتى خۇشخۇيلۇق بىلەن چامادانلىرىمنى ئېچىپ كۆرسىتىپ قويۇشۇمنى سورىدى. بۇ تەلەپ سەل ئېشىپ كەتتى دەپ ئويلىساممۇ، يەنىلا ماسلاشماي بولمايتتى. ئۇلارمۇ ھە ماۋۇ چامداندىكىلىرى كىتابكەن، ھە؟ ئاۋۇ چامانداندا كېيىم باركەن، يەنە بىرسىدە شەخسىي بۇيۇملار بار ئىكەن دېيىشىپ چاماداننىڭ ئېغىزىنى تولۇقمۇ ئېچىپ بولالماستا بىر مۇنچە رەھمەتلەر بىلەن كەينىگە يانغان بولۇشتى. ئەمما بۇ ئىشتىن كەيپىم ئۇچۇپ تاماققىمۇ مەيلىم بارماي ئابدۇمىجىتقا خوش دەپ قويۇپ ئاشخانىنىڭ ئورنىنى بىلىۋىلىپلا ئۇخلاپ قالغان ئىدۇق.

جۇغراپىيىلىك ئورۇن ھەممە ئىشلارغا تەسىر قىلامدىكىن دەيمەن. ھەممە ئىشنى شۇنچىلىك ئىنچىكە، ئەتراپلىق قىلىدىغان ئامېرىكىدىكى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى گەرچە ئامېرىكىلىقلار باشقۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار تور بېتىدە ياكى ئۇچرىشىشقا كىلىشكەن ۋاقىتتا ئەلچىخانىغا بارغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تولۇق يازمىغانىكەن. نەتىجىدە بىز بىر مۇنچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئەلچىخانا ئىشىكى ئالدىغا كەلسەك ئىشىك باقار ئەلچىخانىدا سومكا ساقلايدىغان ئورۇن يوقلۇقىنى ئېيتىپ يولنىڭ قارشىسىدىكى سومكا ساقلاش ئورنىغا سومكىلارنى قويۇپ قويۇپ كىلىشىمىزنى دېدى. بوپتۇ دەپ كوچىدىن ئۆتمەكچى بولدۇم، يۇ- ئەمما يېقىندا قىزىل چىراق بولمىغاچقا باشقا ئادەملەر بىمالال ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كوچىدىن كېسىپ ئۆتۈش ماڭا شۇنچىلىك تەسكە توختىدى... بىر قەدەم ئالدىمغا ماڭىمەنۇ دەھشەت بىلەن كىلىۋاتقان ماشىنىدىن قورقۇپ دەرھال كەينىمگە يانىمەن، يەنە تەمتىرەپ بىر نەچچە قەدەم مېڭىشىمغا ئۇ تەرەپتىن يەنە بىر مۇنچە قاتناش كەلگەن، ئەمما ھېچقايسىسى ئامېرىكىدىكىدەك پىيادىلەر ئۈچۈن توختاش تۈگۈل سوقۇۋەتمەي ھەيدەي دېگەن ئاڭمۇ كاللىسىنىڭ بۇ بۇرجەكلىرىدە بولسىمۇ بارلىقىدىن كۈچلۈك گۇمان قىلاتتىم. ئايالىم بىلەن ساقلاپ تۇرماقچى بولغان قىزىم بىر نېمىلەرنى دەپ مېنى كۆرسىتپ كۈلەتتى، مېنى زاڭلىق قىلمىغان مۇشۇ قالغان ئەمدى؟ كوچىدىن بىمالال ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كەينىگە قايرىلىپ ماڭا ھەيرانلىقتا قارىغان كۆزلىرى بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا ھەيران بولغان كۆزلىرىم ئۇچراشقاندا مەن بىلىنەر-بىلىنمەس مەسخىرىنى سەزمىگەن يەردە ئەمەستىم. ئاخىرى 3 مېنۇتتەك گاڭگىراشتىن كېيىن باتۇرلۇق بىلەن يولنى كېسىپ ئۆتتۈم ۋە سومكامدىكى مۇھىم نەرسىلىرىم ساق تۇرارمۇ-تۇرماسمۇ دەپ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي دېگۈدەك ئامالسىز سومكىنى ساقلاشقا بېرىپ ئاران دېگەندە ئۆچرەتكە يېڭى باشتىن قىستالدۇق. ئاخىرى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئىچىگە كىرەي دېگەندە يەنە بىر ئاۋارىچىلىققا يولۇقتۇق.

داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 12:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77008
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-3-6
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 12:11:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ھەقىقەتەن بەك قايىل.

بۇ  مۇنبەر بەك ياخشىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106508
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 12:11:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىزقىپ ئوقىۋتسام تۇگەپ كەتتېغۇ
تېنىڭىزغا سالامەتلىك ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 02:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېيجڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا - داۋامى

Us-passport.jpg


بالا كۆتۈرۋالغاننىڭ ئىناۋىتىنى ئامېرىكىدا دائىم كۆرۈپ ۋە ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا كۆپ ئويلاشمايلا قىزىمنى ئەلچىخانىغا بىللە ئېلىپ بارغان ئىدۇق. بىرەر ئىشىكتىن كىرىشكە توغرا كەلگەندە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ (ياشانغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر ۋاقىت بالا كۆتۈرۋالغان كىشىگە ئالدىراپ ئىشىك ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىسىز. مېتروغا ئولتۇرغاندا گەرچە بىرەر يەرگە «بالا كۆتۈرۋالغانلارغا ئورۇن بېرىڭ» دەپ يېزىپ قويمىسىمۇ، كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا كىچىك بالىسى بارلارغا ئورۇن بېرىشىدۇ. ئىشقىلىپ ئامېرىكىدا بالا كۆتۈرۋالغاننىڭ ئىناۋىتى خېلى چوڭ. ئاخىرى ئەلچىخانا ئالدىدىكى قاتاردىن ئۆتۈپ ئەلچىخانا ئىشكىدىن كىرىشىمىزگە يەنە بىر جۇڭگولۇق ئەلچىخانا خادىمى ئالدىمىزنى توستى.

-ئىچىگە بالا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.

-بالام يىغلىمايدۇ، بىز بالىمىزنى باشقا جايدا قويۇپ قويالمايمىز، بىزنى كىرگۈزۋىتىڭلار-دېدىم تىكلىشىپ.

-بولمايدۇ، بالىنى بىرەر تۇغقان ياكى دوستلىرىڭلارنىڭ يېنىدا قويۇپ كىلىڭلار.

-بىز تۈنۈگۈن كېچە ئامېرىكىدىن بېيجىڭغا چۈشتۇق، بۇ يەردە بالىمىزغا قاراپ تۇرىدىغان بىزنىڭ نە تۇغقىنىمىز نە دوستىمىز يوق.

-ئۇنداق بولسا، بېرىڭلار تېشىدا بالا بىلەن ساقلاپ تۇرۇپ يەنە بىرىڭلار ئاۋۋال كىرىپ تۇرۇڭلار.

شۇ تەرىقىدە ئەلچىخانا خادىمى بىلەن سۆزلىمىگىلى ئۇزۇن بولغان خەنزۇ تىلىدا خېلى بىردەم تاكاللىشىپ قالدىم. ھەر ھالدا شۇنچە يىل خەنزۇچە سۆزلەپ باقمايمۇ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىمدىن ئىچىمدە خۇرسەن بولۇپ قالدىم. ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىنى كۆرۈپ، مەن بىر ئامال ئويلاشقا تىرىشتىم. شۇ ئەسنادا مەن دەرھال بىر دۆلەتنىڭ چەتئەلدىكى ئەلچىخانىسى شۇ دۆلەتنىڭ زېمىنىغا ئوخشاش بولىدۇ، دېگەن گەپنى يادىمغا ئالدىم-دە، گەرچە بۇنىڭ راست شۇنداق ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، بىر ئۇرۇنۇپ كۆرەي دېدىم. ۋىزا ئۇچرىشىشىغا تىزىملاتقاندا ئەر-ئايال ئىككەيلەن بىللە تىزىملاتقان بولغاچقا، مەنچە ئىككىمىز تەڭ كىرسەك ئەڭ ياخشى بولاتتى چۈنكى بىرىمىزنىڭ تەساددىپىي ۋىزا ئالالماي قىلىشىمىز ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سەپىرىمىزنىڭ كۈن-تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتەتتى.

-قىزىم ئامېرىكا پۇقراسى، مانا بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا پاسپورتى دېگەچ قىزىمنىڭ قېنىق كۆك تاشلىق پاسپورتىنى دېرىزە ئىچىدە تۇرۇپ ئىش بىجىرىۋاتقان خادىمغا سۇندۇم.

مانا، قىزىمنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ دەرھال تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قولغا ئالدى ۋە بىر دەمدىن كېيىن ئاتايىتەن ئۆزى تېشىغا چىقىپ بىزنى ئىچىگە باشلاپ كىردى. شۇنداق قىلىپ قىزىمنىڭ ئامېرىكا پاسپورتى ھالقىلىق ۋاقىتتا ئوبدانلا ئەسقېتىپ قالدى. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋىزا ئوفىتسىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان زالغا كىرسەك خېلى ئۇزۇن ئۆچرەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ 2009-يىلى تۇنجى قېتىم ئەلچىخانىغا كىلىپ 3 سائەتتىن ئارتۇق ساقلاشقا مەجبۇر قىلغان ئۇزۇن ئۆچرەتتىن كۆپ قىسقا ئىدى. كىرىپلا ئايالىم ئىككىمىزنىڭ پاسپورت ۋە باشقا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۋەتكەچ بارماق ئىزىمىزنى ئالدۇرغاندىن كېيىن بىر چەتتە قىزىمنى ئويناتقاچ تۇردۇق. بۇ يەردىمۇ جۇڭگولۇق خادىملار ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ كۆزنەكتە ھۆججەتلەر بىر قۇر تەكشۈرۈلگەندىن كېينلا ئاندىن رەسمىي ئامېرىكىلىق ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن سۆزلەشكىلى ئۆچرەت كۈتىدىغان ئىشكەن. ئەلچىخانىغا كەلگەنلەر ئىچىدە ئالىي مەكتەپ يېشىدىكى ياشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىر ئېغىز ئېنگىلىز تىلى ئۇقمايدىغان بىر مۇنچە ياشانغان ئاتا-ئانىلار ۋە ساياھەت ۋىزىسى ئالغىلى كەلگەن توپ-توپ ئۆمەكلەرمۇ بار ئىدى. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن بىر خىل جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى، ئەمما ئايالىم ئىككىمىز بولساق بىر چەتتە خىيالى قىزىم بىلەن ئويناپ ئولتۇردۇق. قىزىمنىڭ پات-پات چىقىۋاتقان جاراڭلىق كۈلكىسىنى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى بولغاي، ئۇنى شۈكلەي دېسەممۇ ئەمما ئۆزەمچە بۇنداق سەبىي ۋە ساپ كۈلكىنىڭ كىشىلەرنىڭ كەيپىياتدىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىشكە ياردىمى بولىدىغۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەردىم. مۇشۇنداق تاتلىق بالا بىلەن تۇرسا كىشى قانداقمۇ خۇشال تۇرمىسۇن؟ بىر كەم بولغاندا تونۇش بىر ئاۋاز دېققىتىمنى تارتتى:

-ئاكا سىزنى دەيدۇ.

بۇ كۈتۈلمىگەن يېقىملىق ئۇيغۇرچە ئاۋازنى ئەلچىخانىدا ئاڭلاپ كۆڭلۈم ۋىللىدە يورۇپ كەتتى.

-رەھمەت ئېنىم! دېگەچ ئالدىراپ دېرىزە ئالدىغا باردىم ۋە پاسپورتلارنى ياندۇرۇپ ئالدىم. ئەمدى ۋىزا ئوفىتسىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان قاتاردا تۇرۇشۇم كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى. كەينىمگە يېنىپ ھېلىقى ئۇيغۇر ئۇكىمىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىپ كۆرۈشتۈم. ئامېرىكا ئەلچىخانىسدا بۇرۇن بىرەر قېتىممۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇچرىتىپ باقمىغاچقا بۇ راستىنلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش بولدى. بوي پاكارراق كەلگەن، بۇغداي ئۆڭلۈك، قاپقارا قېنىق چاچلىق بۇ يىگىتنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىماسى ۋە دېيىشكەن گەپلەر ھېلىھەم ئېسىمدە شۇ پىتى تۇرۇپتۇ. بۇ يىگىت بۇ يىل ياز ئەمدى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكىدا ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئويى بار ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بوستوندا تونۇشلىرى بارلىقى ۋە شۇ شەھەردىكى بىر تىل مەكتىپىدە ئوقۇماقچى ئىكەنلىكىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى. مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا قىسقىغىنە تونۇشتۇرۇپ تېلېفۇن نومۇرۇمنى قالدۇردۇم ۋە ئامېرىكىغا كىلىپ قالسا مېنى ئىزدىشىنى تاپىلىدىم. ئاخىرىدا ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ ئۇنىڭ بۈگۈنكى ۋىزا ئىلتىماسى ۋە كېيىنكى ئوقۇشىغا ئامەت تىلەپ ئۆچرەتنى ئىزدەپ كېتىپ قالدىم. ئىچىم بىر خىل تاتلىققىنە ھېسلارغا چۆمدى چۈنكى مەن ئۇ ئېنىمنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەينى يىللىرى مەندە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق ۋە ھاياجاننى سەزدىم ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىچىمدە دۇئا قىلدىم.

قىزىمنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئەمدى بىز قاتاردا ئۆچرەتتە تۇرماي، ياندىكى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقلاشقا تەكلىپ قىلىندۇق ۋە كۆپ ساقلىماي كۆزنەكتە ئىش بىجىرىۋاتقان بىرىنچى كىشى يېنىشى بىلەنلا ۋىزا ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىندۇق. بۇ ئىلتىپاتلاردىن خۇرسەن بولدۇم ھەم ئىچىمدە «ئامېرىكىلىق بالىسى بولسىمۇ خېلى پايدىسى بارمۇ نېمە؟» دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ ئوتتۇرا ياش بىر ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىق ئەر خادىمنىڭ ئالدىغا باردىم. ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىغاچ ئايالىم، ئىككىمىزنىڭ پاسپورتىنى ئۇنىڭغا سۇنسام، ئۇمۇ ماڭا تەبەسسۇم بىلەن سالام قايتۇردى ۋە پاسپورتلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ قىزىمنىڭ پاسپورتىنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا قىزىمنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، پەقەت بىز بىلەن بىللە كەلگەنلىكىنى ئېيتسام، ئۇ قىزىمغا قول پۇلاڭلىتىپ ئەركىلىتىپ گەپ سورىغان بولدى. دېمەك، بۇنداق ئىللىق مۇئامىلە ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئىدى. مەندىن سورىغان سوئال شۇ ئۈچلا:

-ئامېرىكىدا قەيەردە، نېمە خىزمەت قىلىسىز؟

-بۇ قېتىم جۇڭگوغا نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز؟

-بېيجىڭ شېيىخې مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەكلىپ خېتىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ بۇ قېتىملىق ئىلمىي دوكلاتىڭىزنىڭ تېمىسىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟

شۇنداق قىلىپ، 3 مېنۇتنىڭ ئىچىدە بۇ خۇشخۇي ۋىزا ئەمەلدارىنىڭ «ئۆتتۈڭلار. خەيرىلىك كۈنلەر!» دەپ كۈلۈمسىرەپ ئۇزىتىشى بىلەن بۇ يەردىكى ئىشىمىز تۈگىگەن بولدى. شۇ خۇشال كەيىپىاتتا بېيجىڭنى بىر چىڭدىغۇمىز بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار ۋە ئالاقلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ساقلاشقا بېرىلگەن سومكىلارنى ئېلىپلا دەرھال ۋاڭفۇجىڭدىكى مېھمانخانىغا قايتتۇق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 02:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105280
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 07:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي .... مۇشۇ دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ئىشلىرىنى دىسە ئادەم ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرسا بۇلىدۇ دەيمەن  ، ئاجەيىپتە لىكىن ...


ئامرىكىلىقلارغا قايىلدە مەن ، كىچىك سىڭلىمىزنىڭ ئامرىكا گىرەجدانى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپلا ئىشلارنى دەرھال بىجىرىپ بەرگىنلىكىدىن ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا قانچىلىك كۈيىنىدىغانلىقىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس ، دۆلەت دىگەن شۇنداق بولمامدۇ ،

مەن تېخى سىزنىمۇ ۋە تاشپۇلات ئاكىمىز ۋە ئەركىن سىدىق ئاكىمىز قاتارلىق ھەممىڭلارنى ئامرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۈتۈپ كەتتىغۇ دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەسلى ئۇنداق ئىسى ئەمەسكەندە ...

رەھمەت سىزگە ، داۋامىغا تەشنامىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78281
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2640
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-4-2
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 08:00:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئاپىرىن!   

ئادەم بولساڭ ئادەمدەك ياشا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111451
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 10:29:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇدۇم، داۋامى يەنە بادۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108389
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-7-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 11:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈن ئۇ يەردە بىر كۈن بۇ يەردە يۈرۈپ شۇنداق كۆپ شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىز. سىز ئۈچۈن خۇش بولدۇق.   

تىرىك دىسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق، ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە باھانە يوق. كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش كۈندە غەم. دەردىم ئېيىتسام دەرتكە دەرمان دانا يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13300
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8568
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 12:17:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا ئىنتىزارمىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش