|
|
|
|
دىلىم باغراش كاككۇكى
چىرمىۋالدىڭ خىياللىرىمنى ،
نىگار سەنچۈن دىلىم يېرىلدى.
ئوزۇق بولسۇن دىلىم شىرنىسى،
مېھمان بولغىن ئىشكىم ئېچىلدى.
باغرىم بېسىپ قانمىدىم ئۇزاق ،
تۇت قولۇمنى رىشتەم چېتىلدى.
بەختىم قۇشى قاقماقتا قانات ،
مىسكىن قەلبىم دارغا ئېسىلدى .
كىرەلمەيدۇ دىلىمغا بىراۋ ،
‹سەن› ماركىلىق تامغا بېسىلدى.
تاللاپ سېنى ئېيتتىم شۈكۈرلەر،
بىر دانەم بول دىلىم يېپىلدى .
2014.11.14
گۈزەل دىيار --باغراش خىياللىرىم باغراش كاككۇكى خىياللىرىم يېمەيدۇ تولغاق ،
لىرىكاڭغا يانداش قېتىلغان .
خىياللىرىم يورغا تۇلپاردۇر ،
كەلگۈسۈممۇ سەنگە چېتىلغان.
خىياللىرىم سەھەركى شەبنەم،
چاڭقاق دىلغا سۇ بوپ چېچىلغان.
خىياللىرىم پۇرايدۇ ئەمبەر ،
غۇنچە گۈلۈم مەندە ئېچىلغان .
خىياللىرىم مۇقەددەس قەدەم ،
بىر جۈپ ئاياق سەبداش بېسىلغان.
خىياللىرىم ئۈزۈك پادىشاھ ،
زەينەپ سەنگە ئوق بوپ ئېتىلغان. مەن بىر يۇلتۇز
باغراش كاككۇكى ماڭدىم ئۇزاق
كىرىپ كەتتىم تۈننىڭ قوينىغا،
تۈنمۇ مېنى ئۆز قوينىغا ئالدى
بارا-بارا ئايلانماقتىمەن
تۈننىڭ بىر قىسمىغا.
تۈن قوينىدىن
تاشلىدىم نەزەر يىراقتىكى يارغا،
بارالمايمەن يېنىغا ئۇچۇپ
ئايلىنىپ قالدىم
كۆزىتىشكە كۆنگەن بىر يۇلتۇزغا.
|
|
|
|
|
|