بىر ئوغرىغا خىتاب
باغراش كاككۇكى !
ئوغۇرلىدىڭ قەلبىمنى پۈتۈن،
ئەللەيلىتىپ شادلىق قوينىدا .
يالغۇز قويما قەلبىڭنى تاڭغىن،
كېلەچەكنىڭ بىر جۈپ قولىدا.
ئوغۇرلىساڭ كۆمۈپ قوي مېنى،
مۇنبەت بولغان تۇپراقلىرىڭغا .
ئوزۇق بولسا قەلبىڭ تامچىسى،
ئۈششۈك تەگمەس ياپراقلىرىمغا.
بىخ سۈرىمەن كۆكلەيمەن ئېگىز،
ھاياتلىققا بولساڭ باغۋىنىم .
باغرىم باساي ئاپتاپتىن توسۇپ ،
ئوغۇرلاندى سەنگە بارلىقىم .
2014.11.20