WIJDAN..? يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 04:36 PM
ئاكىسى بولغاندىكىن ئۇكىسى يول قويسا ، ئۇكىسى بولغاندى ...
ئاكا-ئۇكا ئاچا-سىڭىل ......بىر تۇغقان قېرىنداشلار، بىر دادا بىر ئانىدىن تۇغۇلۇپ بىر ئەمچەكنى تەڭ ئىمىپ، ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە كونا ئۆيلەردە بىللە ئويناپ، ماز يوتقان كۆرپىلەردە بىر -بىرىمىزگە گىرە سىلىشىپ ئۇخلۇشۇپ، بىر زاغرىنى تاپساق سوغاق سۇغا چىلاپ تەڭ يەپ، ئۇكام دەپ كىچگىدە يۈدۈپ يۈرۈپ بىقىپ،ئاكام دەپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ ......بىر -بىرىمىگە قىيىشالمايدىغان قىرىنداشلار ، ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قولىمىزغا ئازراق پۇل مال كرىۋىدى، گەردىنىمىز قىتىپ، باغرىمىز قىتىپ،،،،،،،، ئىشقىلىپ ھەممە يەرلىرىمىز قىتىپ تىرىمىزگە پاتماي، ئىشتانغا پاتماي، شۇ ئۆيلىرىمىزگە پاتماي، يولغا پاتماي يۇرىمىز، كۆپلىرىمىز بۇرۇنقى كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق، نەسىھەتلەر قۇلاققا كىرمىدى ياكى تىڭشىمىدۇق، ياكى تىڭشىساقمۇ ئەمەل قىلمىدۇق ـ......بولسا ھەر ئىككىيلەن چىرايلىقچە كىلىشسە ياخشى بولاركەنـدەۋالىشىپ قالسا بىر مۇنچە چىقىم، بىر مۇنچە خاپىلىق، ھەممەيلەننىڭ
ئۆلگىچە ئىچىدىن چىقمايدۇ بۇ ئاچچىق،
ھەي، ئىككى ئىت ياكى بىر نەچچە ئىت بىللە يۈرىيدىكەن بىر-بىرىنىڭ ئىغىز بۇرۇنلىرىنى يالىشىپ،، ئەمما ئارىغا بىرتال سۆڭەك چۈشكەن ھامانلا بىر -بىرىنى ىڭ باش كۆزىنى قان قىلىدىكەن تالىشىپ،،،،،،،،،،، بىزلەر ئادەم ئىدۇق بەزىللىرىمىز نىمىگە ئوخشاپ قىلىۋاتقاندۇق،،،،،،، دەپ قالىمەن.