1.ئالەمنىڭ كېڭىيىشى.
ــــــــــــــــــــــــــــــ
تارتىش كۈچى بىر پۆتۆن ئالەمگە ئورۇنلۇق بولسا ئالەم ئەسلا كېڭەيمەسلىكى لازىم ئىدى .تارتىش كۈچى پەقەت ئالەمنىڭ تارىيىشىغىلا يول قوياتتى.نىيوتۇن زامانىسىدا ئالەمنىڭ كېڭىيىشى ۋە تارىيىشى ھەققىدە تەسەۋۋۇر يوق ئىدى.ھېچ بولمىغاندا نىيوتۇندا بۇنداق تەسەۋۋۇر يوق ئىدى .شۇڭا نىيوتۇن تۇرغۇن ئالەم مودىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان .نىيوتۇن ئالەمدىكى جىسىملارنىڭ مۇناسىۋىتىن تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ كۈچ مۇۋازىنەتلىك ھالەتتە مۇقىم تۇتۇپ تۇرىدۇ دەپ قارىغان ،ئېينىشتېيىنمۇ شۇنداق قارىغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئالەم مودىلىمۇ تۇرغۇن ئالەم مودىلى ئىدى.
ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغى بايقالغاندىن كىيىن ھەر ئىككى مودىل خىرىسقا ئۇچرىدى.تارتىش كۈچى ئىدىيىسى بۇ كېڭىيىۋاتقان ئالەمنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمىگەنلىگى ئۈچۈن "
قاراڭغۇ ئىنىرگىيە"ئېلىپ كىرىلدى.ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ قاراڭغۇ ئىنىرگىيە ئالەمنى كېڭەيتىۋاتقان سەۋەپ ئىكەن.لىكىن گىراۋىتوندىنمۇ ،قاراڭغۇ ئىنىرگىيەدىنمۇ ھازىرغىچە ئەسەر يوق.ئۇلار تېپىلسۇنمۇ دەيلى،شۇنداق بىر زەررىچىلەر ،شۇنداق بىر ئىنىرگىيە بارمۇ دەيلى ،لىكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە كېلىشتۆرگۆسىز زىدىيەت بار.قارائىنىرگىيە ھەرقانداق بىر جىسىمنىڭ مەۋجۈت بولىشىغا ،ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاشتىن ئىلگىرىكى "يىغىنچاق"ھالىتىگە كېلىشىگە يول قويماسلىغى كىرەك.گىراۋىتون بولسا ئالەمنىڭ كېڭىيىشكە ئەسلا يول قويماسلىغى كىرەك.مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىغىدىكى ،نەزەريە فىزىكىسىدىكى كېلىشتۆرگىسىز زىدىيەتلىك مەنزىرە.
مەن 29-41-تىئورمىلارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق،گىراۋىتون ۋەتارتىش كۈچىدىن؛"قاراڭغۇ ئىنىرگىيە"نىڭ ئالەمنى كېڭەيتىش پەرىزىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بۇ زىدىيەتلەردىن قۇتۇلۇپ ،ئالەمنى زىدىيەتسىز چۈشەندۆرۆپ بېرەلەيمىز،دەپ قارايمەن.
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-31-1.html
مۇنداق بىر ئاددى مۇلاھىزىنى قىلىپ باقايلى:
يەرشارىدىكى جىسىملارنى نىيوتۇن ئالمىلىرىنىڭ يېغىندىسى دەپ پەرەز قىلايلى.ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يەرشارىدىن تولۇق ئېلىپ تاشلىساق يەرشارى مەۋجۈت بولماي قالىدۇ.ئاتالمىش«تارتىش كۈچى»دىنمۇ ئەسەر قالمايدۇ.بۇنىڭدىن بىز مۇبادا «تارتىش كۈچى»مەۋجۈت بولسا جىسىم ئۇزىدە بولىدىغانلىغىنى پەرەز قىلالايمىز.لىكىن ھازىرغىچە كەلگەن فىزىكا يەككە جىسىم ئۇزىدە مۇشۇنداق بىر كۈچنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى يوق.بۇ بىر مەسىلە.ماسسا بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق خارەكتىرىدىن قارىغاندا ئەسلى ئۇنى ماسسغا ئىگە بولغان ھەرقانداق يەككە جىسىم ئۇزىدە ساقلانغان بولىدۇ،دەپ قارىلىشى كىرەك ئىدى.ئەپسۇس،بۇنداق چۈشەنچە يوق.
بىر پۈتۈن ئالەمنى غايەت چوڭ بىرلا جىسىم دەپ قارىساق،ئونىڭغا «تارتىش كۈچى»نى ئادەتتىكى ئوسۇلدا تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئونىڭ بىلەن تارتىش كۈچى ئوزۇتۇدىغان،گىراۋىتون ئالماشتۇرىدىغان يەنە بىر ئالەم مەۋجۈت ئەمەس.دىمەك بۇ ھالدا بۇ «تارتىش كۈچى»بار بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكى كۈچ بولۇپ قالىدۇ.بۇ يەنە بىر مەسىلە.مەيلى قانداقلا قارىمايلى ،«تارتىش كۈچى»ئىدىيىسى تەنقىتكە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-34-1.html
يەنە بىر تەكلىپ :بىز«ئېغىرلىق كۈچى»دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتمەي،بېۋاستىلا«ماسسا كۈچى»دەپ ئاتىساق تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۆك بولۇدۇ.بۇ كىيىنكى ئىشلار .
«تارتىش كۈچى ماسسىسى»بىلەن «ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا»تەڭ قىممەتلىك دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا بىرلا ماھىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ئاتالغۇنى سۆرەپ يۆرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
بۇنداق سوئاللاردىن نەچچە مىڭلاپ ئوتتۇرىغا قويغىلى ۋە ئۇلارغا جاۋاپ بەرگىلى بولىدۇ.لىكىن بۇ تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە ئالاقىدار يادىرولۇق مەسىلە ئەمەس.
ئەڭ يادىرولۇق مەسىلە، ئالما ئۇزىنىڭ ماسسىغا ئىگە ئىكەنلىگى ،ئېغىرلىقنىڭ ماسسىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى ئېكەنلىگى،ھەركەت مىقدارىنىڭ ماسسىغا تەئەللۇق مىقدار ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئۈچ نۇقتا.
مەن يۇقۇرقى قەۋەتلەردە ئېغىرلىق كۈچ يۆنىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەقسىملىنىشى،ئۆزگىرىشى ،ئېغىرلىقنى تارتىشتىكى تىخنىكلىق چەكلىملەرۋە ئۇسۇللار ھەققىدە يېتەرلىك توختۇلۇپ بولغان.شۇلارغا قايتا قاراپ بېقىڭ.
ئالما مەيلى قەيەردە بولسۇن ئۇزىنىڭ ھەركەت مىقدارى ۋە مۇئەييەن ھەركەت شەكلىنى ئىپادىلىشى كېرەك.ئاي شارىغا تاشلىغان ئالمىڭىز ئاي شارىدا ئۇزىنىڭ ھەركەت مىقدارى ۋە مۇئەييەن ھەركەت شەكلىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيەتكە ئىگە بولىۋىرىدۇ.
ئېغىرلىق كېمىيىپ كېتىش مەسىلىسدە مەن قاراشلىرىمنى يۇقۇردا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇتكەن.ئالمىنىڭ ئېغىرلىق كۈچ يونىلىشى نۇرغۇنلىغان تارماق تەركىپلەرگە ئېگە.شۇلارنىڭ يېغىندىسى يەنىلا تۇراقلىق بولىدۇ.لىكىن بىزنىڭ ئۇنى تارتىپ چىقالايدىغان تارازىمىز يوق.بۇ پەقەت تىخنىكا مەسىلىسى.ئالمىنىڭ ماسسىسى كېمەيمىگەن ئېكەن ،ئۇنىڭ ئېغىرلىغىمۇ كېمەيمەيدۇ.
يەنە چۈشەنمەسلىكلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ.
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-38-1.html
ھەركەت مىقدارى مۇئەييەن جىسىمنىڭ ماسسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ھەركەت يۆنىلىشى ۋە ھەركەت شەكلى ئوخشاشلا جىسىم ئۇزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسى جىسىم«ئۇزىدىكى نەرسە».بۇنداق قاراش ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ماھىيىتىگە _ «ئەسلىدىكى ھالەت»كە بېرىپ چېتىلىدۇ.زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش(سىپىن)ۋە ئوربىتىلىق ھەركىتىنىڭ تارىخى مەنبەلىرىنى ئىزقوغلاپ تەكشۈرسەك،بۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ قوياش سېستىمىسى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرىلا مەۋجۈت ئىكەنلىگىنى بايقايمىز.بۇ ھالدا،پىلانىتلار نىڭ نۇۋەتتىكى ھەركەت شەكلىنى تارتىش كۈچى بەلگىلىگەن دىيىش بەكمۇ بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالىدۇ.
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-40-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-19 09:08 PM