مەن بىر تەجىربە قىلدىم يانتۇ قويۇلغان تۆمۇر تاختايدا ئالتۇننى ئوتتا ئىرىتتىم ۋە ئوتنى ئاستا-ئاستا ئۈستىگە قاراپ يۆتكىدىم ئىرىگەن ئالتۇنمۇ ئوتنىڭ كەىنىدىن ئۈستىگە قاراپ ماڭدى بۇ تاتىىش كۈچىمۇ ؟
ـــــــــــــــــــــــــــــــ
مېنىڭچە بۇ تارتىش كۈچى ئەمەس.ئوتنىڭ چۇرىسىدە ھاۋانىڭ زىچلىغى تۆۋەنلەپ،نىسبى مەنىدە ۋاكىئوم ھالەتكە كېلىدۇ.ئالتۇن ئېرىتمىسى ھاۋازىچلىقى يۇقۇرى جايدىن زىچلىق تۆۋەن بولغان نىسبى ۋاكىئوم ھالەتتىكى جايغا قاراپ ئاقتى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.سىزچە مۇشۇنداق قاراشقا بولارمۇ؟.
تۇمۆر تاختاينىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى قانچە گىرادۇس كېلەر؟.بۇ تەجىربىڭىز باشقا بىرنۇقتىدىن ئەھمىيەتكە ئېگىدەك قىلىدۇ.
ـــــــــــــــــــــــــ
45گىرادۇس بىلگەنلىرڭىز بولسا دەپ بىرىڭ مەنمۇ ئىشتىن سىرىت قۇياشنى كۈزتىمەن ۋە كۆرگەنلىرىمنى خاتىرلەپ كىلۋاتىمەن.
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-50-1.html
ـــــــــــــــــــــــــ
ياخشى.مەن سىزدىن بىر قانچە تەپسىلاتلارنى سورىۋالاي:
1.ئالتۇن ئېرىتمىسى قانچىلىك يەرگىچە يانتۇ تەكشىلىكتە ئوتنى ئەگىشىپ ئىگىزگە ئۇرلەپ ماڭدى؟تەخمىنەن قانچە سانتىمىتىر يەرگىچە؟.
2.ئوت ئۆچۈرىۋىتىلگەندىن كىيىن ئالتۇن ئېرىتمىسى كەلگەن يېرىدە تۇرۇپ قالدىمۇ ياكى يانتۇ تەكشىلىك بويلاپ تۇۋەنگە -يەرگە چۈشۈپ كەتتىمۇ؟.
ھازىرچە مۇشۇ ئىككى سوئالغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئەسلەپ بېقىپ ،ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
ــــــــــــــــــــ
ئالتۇننىڭ ئىغىرلىقى 10گىرام
ئوتنىى ئۆچۈرمەي ئۈستىگە ئىلىپ ماڭسام مىڭىۋىردىغان ئوخشايدۇ، مەنغۇ 4-5سانتامىتىردا توختۇدۇم .ئوتنى تاتسام شۇھامان پەسكە ئىقىپ چۈپكەتتى، يەنە دىقەت قىلدىغان ئشلا بامۇ مەن بىلۋالاي.
ــــــــــــــــــــــ
بەك ياخشى بولدى.بۇ تەجىربىنى قوغۇشۇندىمۇ ئىشلىگىلى بۇلىدۇغۇ دەيمەن.سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.سىز مۇشۇ تەجىربە ئارقىلىق مىنىڭچە تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە پايدىلىق نەتىجىنى ئەمەس ئەكسىچە زىيانلىق نەتىجىنى كۆزىتىپسىز.بۇ تەجىربىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولىشى مۆمكىن.خۇسۇسەن، مەن بۇ تېمىدا تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىدىيىگە نىسبەتەن پايدىلىق.سىزگە رەھمەت.
سىز تۇمۆر تاختىنى تېخىمۇ تىك قىلىپ سىناپ بېقىڭ.قانچىلىك تىكلىككىچە بۇ ھالەت تەكرارلىنىدىكىن؟!.
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-52-1.html
يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئالتۇن ئېرىتمىسىنىڭ يۇقۇرىغا ئۆرلىشىگە يول قويمايدىغان كۈچ.بۇ كۈچنى يېڭىپ ئالتۇن ئېرىتمىسىنى يانتۇ تەكشىلىكتە يۇقۇرىغا ئىلگىرلىتىۋاتقان ھەرگىز تارتىش كۈچى ئەمەس.ئۇنداقتا ئۇ زادى قايسى كۈچ.بۇ يەردە پەقەت ھاۋانىڭ بېسىم پەرقى بار دەپلا پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.بۇ تەجىربىدىن كەلتۆرۆپ چىقىرىشقا بولىدىغان ئىككى خىللا يەكۈن بار:
1.ماددىلار زىچلىق يۇقۇرى جايدىن زىچلىق تۆۋەن جايغا يۆتكىلىشكە مايىل بولىدۇ.
2.ھاۋا بىسىمى ماددىنى زىچلىق تۆۋەن تەرەپكە «ئىتتىرىدۇ».
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-52-1.html
بۇ بالىنىڭ تەجىربىسى مىنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇرۇپ قويدى.......
10گىرام ئېغىرلىقتىكى نەرسە 45 گىرادۇس يانتۇ تەكشىلىكىتىن ئوتنى ئەگىشىپ يۇقۇرىغا ئۆرلەپ ماڭسا "بولدى بەس!"دىمىگەن "تارتىش كۈچى"گە ھەيرانمەن!.
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-53-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-19 09:43 PM