boraogli يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 08:00 PM
يۈگرەپ چىقسام تالاغا زادى نىمە غەلۋە دەپ،
ئالتە كادىر ...
راسىت ،تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر ئاغىنلەردىن ئاڭلىساممۇ ،تىترىمەي مانچە يۈزمىڭ ،مانچە مىليون ئاجرىتىپ دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي مەسلىلرىنى ھەل قىللايدىغان ئىدارە-ئورۇنلارنى چۈشكەن كادرلارنى ھەممسى ۋاي دەپ ياخشى گېپىنى قىلدىكەن ، ئەمدى ئارا كۈندە ئالتە قېتىم يېغىن ئېچىپ تەشۋىقات قىلشتىن باشقا ئەمەلىي مەسلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان «نامرات »ئىدارىلەردىن چۈشكەن كادىرلارنى دېھقانلار قېتىغىمۇ ئالمايدىكەن .ئامال قانچە ؟«ئاخۇنۇمغا مەسە ياخشى ،ھەممە ئادەمگە بەرسە ياخشى » دەپتكەن ،قۇرۇق گەپ قۇلاققا خۇش ياقمايدۇ -دە ئەلۋەتتە !
لېكىن راستىنى ئېيىتقاندا ،مۇشۇ يېزا باشلىقىدىن كىچىك ئەترەت باشلقىغىچە بولغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا ئەمەلىي مەسلىلەرنى ھەل قىللايدىغان تەدبىر ،ساپا ۋە ياخشى خىزمەت ئىستلى بولغان بولسا ،تۆۋەندە بۇنچە كۆپ زىدىيەتلەر پەيدا بولمىغان بولاتتى ،ھۆكۈمىتمىزمۇ 200مىڭ كادىرنىڭ خزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ تۆۋەنگە چۈشۈشىدىن پەيدا بولىدىغان ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ نورمال خزمەت پۇنكىسيىسى زور تەسرگە ئۇچراپ كېلىپ چىقىدغان ئىقتىسادىي -ئىجتىمائىي زىيانلارغا ئامالسىز چىداپ بۇ زور ئەلنى مايىل قىلىش خزمىتىنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولمايتى .
دېمىسىمۇ ھەممە كادىر ئۆز خىزمىتنى ياخشى ئادا قىلسا جەمئىيەت نورمال ئايلىندۇ ،شۇتاپتا قانچىلىغان ئالىم -فىروپىسورلار زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىللايدىغان تەتقىقات -پىلانلىرىنى توختۇتۇشقا مەجبۇر بولۇپ ،كەنتلەردە ئاددىي بىر كەنىت كادىرى تامامەن ھۆددسىدىن چىقىپ كېتەلەيدىغان خزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشقا مەجبۇر ،بۇنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مۇھىم سىتراتىگىيلىك پىلانلىرىغا ئەلۋەتتە پاسسسسىپ تەسىرى بولماي قالامتى ؟