ehrami يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 10:30 PM
ئاپىسى بىلەن چوڭ قىزى بەكلا سۈنئىي... مەن شۇنداق ھېس قى ...
بۇنچىلىك نۇقسانلاردىن خالى بولمىقى تەس. بۇندىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر كىنو لىرىدا سۈنئىيلىك ، دورامچىلىق بەك چېنىپ قالاتتى ، مەسىلەن «غەرىبى دىيار ئۇسۇل مەستانىلىرى» «مەمەت ھەققىدە پاراڭ» «غىرىپ سەنەم» دىگەندەك بەك نۇرغۇن كىنولار بار.
تېخى ئۇ كىنولار شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە دىكى رېژىسورلار ئىشلىگەن كىنولار. ئادەتتىكى ئەخلەت كىنولارغا سىلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس
مەن ئويلايمەن ئۆتكەندە كۆپ قىسىملىق «ئانارخان» فىلىمى قويۇلغاندا نۇرغۇنلىغان تورداشلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپى -ئادىتىگە ماس ئەمەس، دىگەندەك نۇرغۇنلىغان نارازىلىق ئىنكاسلارنى يوللىغانتى بۇنىڭ ئىچىدە بۇ كىنو دا باش رولغا چىققان بىر نەچچە ئارتىسلارنى تىلغا ئېلىپ (بۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان چولپانلار ئىدى، ئەمدى بۇ «ئانارخان»دا رول ئېلىپ پەگاھ قا چۈشۈپ قالدى، ئەگەر ئامال قىلىپ مۇشۇ سەۋەنلىكنى يۇيۇۋەتمىسە چولپان دىگەن نامى چوكانغا ئوزگىرىپ پىشانىسىگە مەڭگۈ مىخلىنىدۇ ) دىگەندەك ئىنكاسلار بولغان ئىدى ،
بەلكىم مۇشۇ سەۋەنلىكىنى «بۇ ئائىلىگە قاراڭ »ئارقىلىق يۇماقچى
بۇ مېنىڭ شەخسى كۆزقارىشىم،